akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5433|ئىنكاس: 29

پۇتبۇل خاتا قىلدىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەتتە مەن پۇتبولنىڭ نەقەدەر سىھىرلىك ،جەلىبكارلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىمەن. چۈنكى بۇ ھەركەتتە ئادەم تەسۋېرلىگۈسىز دەرجىدىكى بىر خىل مەنىۋى ۋە ماددىۋى ئۇزۇق بار.
بۇنداق دىسەم ھايۋانلىقنىڭ پەردىسىنى تارتىۋالغان ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى ئۇيغۇر ئاتالغان پەسكەش ، ئەخلاقسىز ، دۆتلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئادەملىرى پۇتبولنى يىگىلى بۇلامدۇ؟ ياكى ئۇچچى، بۇچچى دەپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىكىنى دەرھال ئىسپاتلىشى ئىنىق.
لىكىن مەن شۇنچىلىك مەغرۇر ھالدا ھاقارەت ياغدۇرۋاتىمەنكى مىليۇن نۇپۇسقا ، مىللەت نامىغا، چوڭ رايۇنغا ئىگە ياشاپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش بۇ توپنىڭ بۇ ھەركەتكە تۇتقان مۇئامىلىسى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ.
بۇ نىمە سەۋەبتىن دەپ سۇرالسا ئىنتايىن بىمەنە جاۋابنى نۇمۇس قىلماي بىرىدۇ. ئاددىيسى ئەقەللى تەرىپىنىمۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا بورمىلايدۇ. بىزنىڭ جەمىئىتىمىزدە شۇنچىلىك ئېچىرقاپ كەتكەن پەسكەش قىلىقلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن يۇقۇركى ،بۇنداق ئىشلار چېۋىن گەندىگە ياماشقاندەك ئىنتايىن ئاۋات.
تۈۋەندىكى ئەمىليەتكە قاراپ بېقىڭ.
مەلۇم بىر سەنئەتچى ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ دىگەن ئىلاننى كۆرگەن ئالى مەكتەپ ساھىبجامالى دەرھاللا ئۆزىنىڭ راس يالغان بىر قانچە مۇھەببىتىگە تېلىفۇن قىلىپ. بىلەت ئىشىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا پۇتبولنىڭ گىپى چىقسا سىزنىڭچە بۇ ساھىبجامال قانداق تەسىراتقا كىلەر؟
ئۆرۈمچى شەھىرىنىڭ بىرەر دىباسىنىڭ ياكى قاۋىقىنىڭ خەۋىرىنى ئۇققان بىر زەيىبانە ئۇيغۇر سىتۇدىنىتى تاكى شۇ كۆن كەلگىچە ئۇخلىماي كۆۈن سانايدۇ. ھەتتا يىقىن تۇنۇش بىلىشلىرىگە ۋەز ئېيتىپ قاتتىق ئاۋارە بۇلۇپ كىتىدۇ. تېخى ئەمدىلا تىزىنى يۆگىگەن نامىرات بىر پەسكەش ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى شۇ دىبانىڭ ئىشىدا دەرىسلەرمۇ كاللىسىغا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭغا ماس قىزلارچۇ؟ ئۇلار كىيىم كىچەك غېمى بىلەن شۇ ئۇيۇننىڭ خەۋىرىنى ئويلاپ ساراڭ بۇلۇپ قالغىلى ئازلا قالىدۇ. سىزنىڭچە يۇقۇرقى سۆزلەر مەن ئويلىغان ئويدۇرمىمۇ؟

سىز ئۇرۇمچىنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ بېقىڭ. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك، مىللەتلەر كۇچىسى، جەنۇبى قۇۋۇق، ئات بەيگىسى مەيدانى، 6-جى داۋان، تىببى ئۇنۋېرسىت ئەتراپىلىرى، بۇلۇپمۇ تەڭرى تاغ رايۇنى قاتارلىق غوللۇق يەرلەرگە نەزەر سېلىپ بىقىڭ. بىزنىڭ بالىلار ئالدىراش نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ.؟ ئادەملەرچۇ؟ ھەم بۇ رايۇندا قانداق ئۇرۇنلار كۆپ؟ شۇنچىلىك ئەستائىدىل قېزىڭ . بۇ يەرلەردە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئۇرۇن ياكى مۇئەسسە ئۇچىرىتالامسىز؟ ئەجىبا مۇشۇ رايۇنلاردا بىزنىڭ ئادەملىرىمىز نەچچە يۈز مىڭدىن ئاشىدىغۇ؟.

دائىملا پۇل تاپتى. تەرەققى قىلدى،. ئۇنداق سودىگەر ، مۇنداق سودىگەر،، ئۇنداق شىركەت ، مۇنداق شىركەت،، دىگەن ئەقىلسىز پۇل تاپقان سودىگەرلەر بۇ تۈر توغىرىسىدا نىمە ئىش قىلالىدى. مۇشۇ يەردە ھەر نىمە بولسا يۈسۈپ ئىمىن ئىسىملىك بىر ئوغلانىمىز چىقىپ قاپتىكەن، شۇ كىشىلا ئاددىيغىنە پائالىيەتلىرى بىلەن ئازىراق باشلاپ بەرگەن. بۇ روھ ئەجەپ ھازىرقى ئادەملەرگە قەتئى تەسىر قىلماي قىلىۋاتىدۇ. ھە دىسىلا تېلىۋىزورنى ئېچىپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى داملاپ تاس قالىدۇ. تېلىۋىزىيەگە ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ نامىنى قۇيىۋەتكىلى. ئەجىبا ئۇلار شۇنچىلىك كاتتىلىقىنى ئويلىغان يەردە كاتتىلىقىنى تېىخىمۇ ئەمىليەتكە باغلاپ تۇرىدىغان خەلىقىنى ،ھەم خەلىق پۇتبول ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىغۇ؟ مەن بۇنداق دىسەم ئىخلاس قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كىچىككىنە قىلغان ئىش ئىزلىرى بەزى زەيىبانىلارغا تىگىشى مۇمكىن. ئازىراق بولسىمۇ بۇ قىلغاننى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.. بىراق شۇلا كۇپايىمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا تۆردىكى كاتتا نام ئالغان قاپاق ، نۇمۇسسىز  ئەبلەخلەرچۇ؟ ئازىراق پۇلغا ئىشىنىپ ئۆزىنىڭ قىز ئاياللىرىغا پەسكەشلىك قىلىۋاتقان مۇناپىق ئوغىرىلارچۇ؟ ھەم مۇشۇنداق ئىشقا ماسلىشىۋاتقان قىلىقسىز سۇلامچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ناكەس پاسماقلارچۇ؟ ئۇلار پۇتبول دىگەننى چۈشىنەمدۇ؟

يەنە ئەل ئارىسىدا ناخشا توۋلاپ چولپانلىقنى قوغلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كۆيچى پەرزەنىتلىرى ، كۈيچىلىكنى يوغان بىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلىقى ھەقىقى جاسارەت ۋە ساغلاملىق بېغىشلايدىغان جەڭگىۋار كۆچكە ئىگە بۇ ئىشتا نىمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئاددىسى بىزنىڭ خەلىقىمىزدىن باشقا نەشىريات ئىقتىدارى بولغان ھەر قانداق قەۋىم بۇ تۆرگە ناھايتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. بىزنىڭ تاراتقۇمىزچۇ؟ نۇمۇس قىلماي ناۋا دەيدىغان دەبدەبىلىك پىروگىراممىلارنى تەستىقلاپ ئاڭلىتىپ دائىم  ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كۈي تارىتىدۇ. ھەم بۇنى تاراتقۇغا مەسئۇل قاپاق تاراتقۇ مەسئۇللىرى، نازارەتچىلىرى ئىپتىخارلانغان ھالدا  تەستىقلاپ ھەممە قاناللاردا چىقىراپ ، غېلجىڭلاپ، دائىم ئاڭلىتىدۇ. ئەجىبا ئەركەك تۈرلەردىن بولغان پۇتبول تۈرىنى ئويلاشمايدۇ، ئىزدەنمەيدۇ، ماغدۇرسىز ھالدا تەستىقلايدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ شەرمەندىلەر قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەخسۇس سەھىپىسى بولغان دۇنيادا پۇتبول سەھىپىلىرىنى بىرەر قېتىم ئېزىپ -تېزىپ كۈرۈپ سالمامدىغاندۇ؟ ياكى نىرۋېسى دۇنيا ۋەزىيتىدە ئازىراق ھەر كەتلەنمەمدىغاندۇ؟
ھە دىسىلا ئىلغار -مەدىنيەتكە باشتىن ئاخىرى ۋەكىللىك قىلىش دىگەن ئاڭ بۇ يەردە ئازىراق كۆچىنى كەرسەتمەمدىغاندۇ؟ ياۋۇرپادا 30-ئايلانمىغا يىقىنلىشىپ قالغان سەلتەنەتلىك ،ئىلغار مەدىنيەت پۇرىقى ،سېسىق بۇرنىغا پۇرىمامدىغاندۇ؟  كور كۆزىگە قادالمامدىغاندۇ؟
ئەجىبا مەن يۇقۇردا ئاشۇرۋەتتىممۇ؟
دائىملا ژورنالنى ۋاراقلىساق قۇرۇق سەپسەتىدە داۋراڭ سېلىپ ئابىروي تونىغا ئۇرنىۋالغان ناكەسلەرنىڭ دەبدەسىنى كۈرىمىز. لىكىن شۇ ناكەسلەر بىرەر قىتىممۇ بۇ قىززىق تۈردە ئەگەشكۈچى بۇلىدىغان ئادەملىرىگە بىرەر ئېغىز سۆزلەپ قويمايدۇ. بۇ قانداق قېلىق؟ھەم بۇ تۈردە بىرەرمۇ نەشىرى ئەبكارىمىز يوققۇ؟

ئادەملىرىمىزگە بەزى راس ئىشلار ئىنتايىن بىمەنە تۇيىلىدۇ. تەرەققىيات ۋە يۆكسەكلىك ئاللىقاچان بىزدىن يىراق نوقتىدا .بۇنى ئازىراق تەپەككۇرغا ئىگە ئادەملەر چۈشىنىپ يىتىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ ئۇيىمىز بولسىچۇ؟
بىز ھەممە ئىشتا يوتقان ئىچىدىكى پىتتەك ئىسسىقتا ھەركەتلىنىپ چېقىشنى ئادەت قىلساق شەرەپ بىلىمىزكى زىمىستاندىن  يالتايمايدىغان جەسۇرلۇقنى يات بىلىمىز. دەۋىرىدە ھەممە تۈر تەخىرسىز . شۇنداقكەن بىزنىڭ بۇ پۇتبول تۈرىچۇ؟
مۇشۇ يەردە مەن مۇنبىرىمىز ئەزاسى شەمشاد يوللىغان  ( يەكشەنبە توپ ئوينىدۇق ) دىگەن تىمىسىدىكى ئەمىليەتتىن ئازىراق قىستۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ. .
يەنى : يەكشەنبە توپ ئوينىدۇق. شۇنداق ئوينىدۇق، 13 ئادەم توپ ئوينىدۇق، ئۈچ سائەت ئوينىدۇق..... سىز بارمىدىڭىزما؟ ئىشىڭىز چىقىپ قالدىما؟ چۈشەندۇق..
دىگەن سۆزى بىلەن باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ ئۆرۇمچى دىگەن كاتتا ئۇيغۇر مەركىزىدە ئېلىپ بىرىلىدىغان يىغىلىش ئىدى. باشقىسىنى دىمەي قۇياي بۇ بالىلار ئەجەپ توپ ئوينايدىغان يەرنى تاپالماي ئاتايىن مۇنبەردە ئىلان چىقىرىپ توپ ئوينىۋالىدىغان سەۋەب بىلەن چاقىرىق چىقارغانمىدى؟.
سىز بىر كۈندىكى ئۈچ سائەت ۋاقىتنى ئەتىۋار بىلسىڭىز بۇ بالىلار بۇ ۋاقىتنى ئەتىۋار بىلمەيدىغان كالۋامۇ؟ قېنى ئۇرۇمچىدە سېسىپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتلىق زەئىپلەر؟ سىز دىيىشىڭىز مۇمكىن. مۇنبەردە قاقشىماق ئاسان دەپ . لىكىن مەن  قەتئى قاقشاۋاتامايمەن. مەن ناھايتى بەخىتلىك.
چۈنكى مەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 99  پىرسەنىت ئادەم بىلمەيدىغان ئىنتايىن چەتتىكى بىر سەھرادا يېشى 13 كە توشمىغان سەبىلەر بىلەن  بەھۇزۇر قۇملۇق تۇپا ئۆستىدە سائەتلەپ پۇتبول ئوينايمەن. ئاددىسى سىز مەن تۇرىدىغان سەھرانى دەپ بەرسەممۇ بىلەلمەيسىز. خەرىتىدىنمۇ تاپالمايسىز. بىراق ئۇرمچى دىگەن نامنى يەنى  ئۇلۇقمەركىزى شەھەرنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بارمۇ؟ يەنە بىر ئىش مەن توپ ئوينايدىغان گۇرۇپىدىمۇ مۇقۇم 20 نەپەر كىچىك ئەزىمەتلىرىم بار . بىراق بىر ھەپتە ئىلان بىرىلگەن ئۇقتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغانلارچۇ؟ پەقەت 13 نەپەر . ئەگەر شۇ 13 ئادەممۇ چىقمىغان بولسا نىمىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن.؟
ئەمدى بۇ تىمىدىكى ئاخىرقى سۆزگە قۇلاق سېلىڭ.
سورۇنىمزدا قالغان يەتتەيلەن يەنە مۇشۇ مەسلىنى ئويلاشقاندەك بولدۇق. بۇ بالىلار توپ ئىشىدا سۆزلەڭلار دىسە ئاغىزى -ئاغىزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. نىمە ئۆچۈن ئەمىليىتىدە ئىپادىلمەيدۇ؟ شۇ ئاچىىقىمىزدا بۇ ھەپتىدىن باشلاپ توپ ئويناشنى توختاتتۇق.
دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
سىزمۇ شۇنداق بۇلۇشىنى ئۆمىد قىلامتىڭىز؟ سىز شۇنچىلىك ئەھۋالىڭىزغا توردا مۇنبەر كۈرۈپ  پۇتبولغا قىزىقىمەن. پۇتبولغا ئىشتىراك قىلىمەن . مەنمۇ بارىمەن، ئاقىلاي ، كۆكىلەي دەپ يۈرگىچە ئاستا ئۆزىڭىزگە ئېچىنغان پېتى يۇشۇرۇنلا تىكىۋەتسىڭىز شەرەپلىك ئەمەسمىدى.؟
بەرىبىر ئادەملەرگە نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىش ئارتۇقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىراق مەن بۇ يەردە پۇتبولنى ئەمىلى ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ بۇنىڭ تەنتەنىسىنى ئىزدەۋاتقان دوسلىرىمغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇر جەمىئىتىدە پۇتبول خاتا قىلدىمۇ؟
بۇنداق دىسەم بەزىلەر ھىسياتىڭىزنى بەك قۇيىۋەتمەڭ. پۇتبول ئۇيغۇرغا ئەمەس پۈتۈن ئادەملەرگە ھەر گىز يامان قىلىدىغان نەرسە ئەمەس...
شۇ ۋەجىدىن ئاخىرىدا مەن يۇقارقى دوسلىرىمىزنىڭ بەك ئۆمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكىنى پۇتبولنى تاشلىماسلىقىنى ، تېخىمۇ تىرىشىشىنى سۇرايمەن. بىزنىڭ بۇ تۈرىمىز چۇقۇم يۆكسىلىدۇ. بۇ ھەقىقەت بۇلۇشقا تىگىشلىك مەسىلە. شۇڭلاشقا ھەممەيلەن مۇشۇ ئىشتا كاللىمىزنى سىلكىۋەتسەك..
مەنبە:
ئىكىن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +110 يىغىش سەۋەبى
wolfcry + 10 توغرا دەيسىز
www.putbol.cn + 50 يۈرەكتىكى سۆ ..
baggio + 50 نادىر يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 10:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان سۆزلەر قىلىنىپتۇ، مىنىڭ پۇتبول كۈرۈش (مەيلى تىلىۋېزوردىكى مۇسابىقە بولسۇن، ياكى ئەمەلى مۇسابىقىلەر بولسۇن) جەھەتتىكى ئىشتىياقىم ئەتراپىمدىكى كۆپ كىشىلەرگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ، ھەتتا ساراڭ دەپمۇ قارايدۇ. پۇتبولنى بىز چۈشەنمىدىقمۇ ياكى ئۇلار چۈشەنمىدىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 10:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، قېنىكىن تاڭ شۇ بارىمانەي كىلىمەنەي دىگەن نوچىلار ،،،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 10:46:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇسلان ئىسىمگە كىلىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 12:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇلبالىدەكلا گەپ قىلىپسىز،  ما تېمىنى خۇددى ئۆزەم يازغاندەكلا ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 12:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ خۇددى ئۆزەمنىڭ كۆڭلۈمدىكى دىيەلمەيۋاتقان گەپلىرىمنى دەۋالغاندەك بولدۇم...

  ئۆتكەندە فىرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىنەمنىڭ دەپ بىرىشىچە،فىرانسىيىدە ئەگەر سىزنىڭ پۇتبولغا ئازراقلام قىزغىنلىقىڭىز بولسا ھەرخىل شارائىتلارنىڭ سىز گە ھازىرلىنىپ بىرىلىدىغانلىقى،ھەتتا پۇتبول مەيدانلىرىغا كىچىدە كىلىپ توپ ئوينايمەن دىسىڭىزمۇ سىز بىر ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ سىز رازى بولغىچە مۇلازىمەت قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالغانتىم،يەنە كىلىپ پۇتبول مەيدانلىرىنى ئۇچراتماق ئۇنچە تەس ئەمەس...
يۇقۇرقى شارائىتلارنى گەرچە بىزنىڭكىگە سىلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ،لىكىن قىزغىنلىقىمىزنى تامامەن ئۈستۈن ئورۇنغا قويساق بولىدۇ.بىز يەكشەنبە بىرىپ توپ ئويناۋاتقان جاينى بىرىپ توپ ئويناۋاتقان بۇرادەرلىرىمىز بۈلىدۇ،ئۇيەرنى ئاساسەن ئەخلەتخانا دىسەك بولىدۇ،ھەم ئارلىقىمۇ ھىچقايسىمىزغا يىقىن كەلمەيدۇ،شۇنداق بولسىمۇ شارائىتنى ئەلا بىلىپ ئويناپ كىلىۋاتىمىز،لىكىن بۇ پائالىيىتىمىزنىڭمۇ مۇنبەردىكى بەزى بۇرادەرلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ،پائالىيەت ئەھۋالىمىزنىڭ بۇنچە تىز سۇسلاپ كىتىدىغىنىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.يۇقىرىدا تىما ئىگىسى ئىيىتقاندەك ئويۇن تاما شا ،كەيىپ-ساپاغا شۇنداق بىرىلىپ كىتىپتۇقكى،100سوملاپ،200سوملاپ پۇل خەجلەپ ئويۇن-تاماشا ئويناپ كەيىپ قىلىشقا رازىمىزكى، بىر 10-20سوم خەجلەپ ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغان تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشمايمىز...

  زەئىپلىك بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 12:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئاتۇشتىكىلەرگە مۇشۇ بىر ئىزچىلار شىركىتى بوپ قاپتىكەن. قالغان باي كارخانچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئاتۇشتا لىكىن ئۇلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن كەببەغەللارنى يۇلەپ دىگەندەك شۇ!
  ئىزچىلار شىركىتى ھەر يىلى دائىم  چوڭ مۇسابىقلەرنى ئۇتكۇزۇپ تۇردى. چەت ئەللەرنىڭ كومانسىدىنى تەكلىپ قىلىپ شىنجاڭدىكى كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە سىلىپ ئۇتكۇزگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ قىزىتىپ تۇردى.
        شىنجاڭ بويۇنچە ئىسىمدە باسى 2-چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۇزۇپ بەردى.  ئاتۇشتىكى تەنتەربىيە مەيداننى سىتىۋىلىپ خىلى چوڭ ئۆزگىرىش قىلدى!
           ئۇلار ھەر يىللى خىلى چوڭ تەنتەربىيە  مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۇزۇپ خىلى كۈچ چىقىرۋاتىدۇ.(ئۇتكەن يىلى يازدا شىنجاڭ بويۇنچە چىلىش مۇسابىقىسىنى ئاتۇشتا ئۆتكۇزدى!)
        بۇلار بۇرۇن شىركىتى خىلى راۋاج تاپقان ھازىر   دىگەندەك ياخشى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ يەنە  ھەر يىلى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى بىر يىلمۇ تاشلاپ قويغىنى يوق!
   مەن بۇلاردىن خېلى رازى! ئانچە چوڭ شىركەت ئەمەس تۇرۇقلۇق خېلى ئىشلارنى قىلدى! سالغان مەبلەغلىرىمۇ ئاز ئەمەس!
    ئىزچىلار شىركىتىگە رەھمەت!(مۇشۇ بانادا كۇڭلۇمنى بۇلدىرۋالاي!)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 14:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇغۇل باللا~~~~~~~~~سىز راس دەيسىز مەن مۇنبەرەە يىڭى ئەزا لىكىن مۇشۇ 2-ئايدا قەشقەردەبىرئاي زەپەر،ھەسرەت قاتارلىق مۇنبەرداشلىرمىزنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن4قىتىم يىغلىپ توپ ئوينىدۇق بۇ يىغلىشتاباللار نىمە دىگەن جىق يىغلىغان،ھەم شۇنداق قىزىغان،شۇ چاغلاردا زەپەر ماڭا شوربۇلاقتىكى مەيدانىڭ1سائەتلىكى80يۇئەن لىكىن ەھمىمىز تەڭ چىقىرىپ تولەيمىز دىگەندە مەن كوڭلۇمدەمۇشۇ باللارغائپىرىن ئوقىغان ئىدىم،ھەم مەسلىكىم كەلگەن.
قەشقەردىكى بىرقىتىملىق يىغلىشنى زەپەر مۇنبەرگە يولغاندا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ ھەرخىل كوزقاراشلىرى بولغان،توپا مەيداندا ئوينىدىڭلارما،ۋارتاريوق 2قىشنى ۋارتار قىلىپ ئوينىدىڭلارما دىگەندەك مەن شۇ ئىنكاسلارنى كورۇپلا بۇلارنىڭ پەقەت مۇنبەردە ۋاقىراشنىلا بىلدىغان لىكىن ئوزى توپ ئويناشنى خالىمايدىغان باللاركەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئەگەر قەشقەردە يەنە مۇشۇنداق يىغلىپ توپ ئوينايمىز دەپ مۇنبەرگە ئىلان چىقارساق قەشقەردە يەنە بۇرۇنقىدەك جىق باللانىڭ يىغلىپ چىقشغا كوزۇم يىتىدۇ،لىكىن بىزدە ئۇرۇمچىدىكدەك پۇل تولسەكمۇ ئوينىيالايدىغان مەيدان بىزدەيوق.لىكىن بىزدە پۇتبۇلغا بولغان قىزقىش ھەم ھىرسىمەنلىك بار خۇدا بۇيرساھەسرەت ئاغىنىمزنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى تۇگىگەندە بىز قەشقەردە يىغلىپ توپ ئويناش پالىيتىمىزنى قايتاباشلىۋالىمىز دىگەن ئويدا بولۇۋاتىمەن.
بوسامۇشۇ مەركىزى شەر ئۇرۇمچىدىكى مۇنبەر ئەلىگەتەۋسىيەقىلدىغىنىم مۇشۇنداق ئەمىيەتلىك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرساڭلا،ئۇزۇلۇپ قالمسادىگەن ئۇمۇتتە مەن!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 15:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى  ياخشى   يېزىلغان   تېما   بوپتۇ.  توغرا   دەيسىز   مەنمۇ   گەرچە   پۇتبولنى   ئۇزۇن  يىل  تېپەلمىگەن   بولساممۇ  (بەزى  ئىشلار   تۈپەيلى)   پۇتبولغا   بولغان   قىززىقىشىم   ناھايىتى   يۇقىرى.  شۇنىڭ   ئۈچۈنمۇ  مەن   ھەرقانداق   مۇسابىقە   بولسا   قويماي   كۆرىمەن.  ۋە   مەھەللە  كۆيلاردىمۇ   ئانچە  مۇنچە   توپ   ئويناپ   تۇرىمەن.  بالىلار  بىلەن.   مەن   مۇشۇ   مۇنبەرنى   بىلگەندىن   تارتىپ   تا  مۇشۇ  كۆنگىچە   مۇنبەر گە   ھەركۈنى  دېگۈدەك   كىرىپ   تۇرۋاتىمەن.   ۋە  ھەركۈنى  يېڭى  يېڭى   خەۋەرلەرنى   كۆرۆپ   تۇرغاندىن   باشقا   پۇتبولغا   ئائىت  نۇرغۇن  بىلىملەرنى  چۈشىنىپ  تۇرۋاتىمەن.  بىراق   بەزى   ۋاقىتلاردا   مېنىڭ   بەزى   ئاغىنىلىرىم   مېنىڭ   مۇشۇنداق    كومپىيوتور   ئالدىدا  ئولتورۋالغىنىمنى  كۆرسە   سوزلەپ   كېتىدۇ.   مەن   كومپىيوتورنىڭ   ئالدىدا   نىمىشقا   ئولتورىمەن.  مۇشۇ   مۇنبەردىن   تىما  كۆرۆش   يىڭى   خەۋەرلەردىن   خەۋەردار   بولوش  ئۈچۈن   ئەمەسما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 18:25:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 - قەۋەتتىكى ئاتۇش نىڭ 2009-03-17 12:41 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
           ئاتۇشتىكىلەرگە مۇشۇ بىر ئىزچىلار شىركىتى بوپ قاپتىكەن. قالغان باي كارخانچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئاتۇشتا لىكىن ئۇلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن كەببەغەللارنى يۇلەپ دىگەندەك شۇ!
  ئىزچىلار شىركىتى ھەر يىلى دائىم  چوڭ مۇسابىقلەرنى ئۇتكۇزۇپ تۇردى. چەت ئەللەرنىڭ كومانسىدىنى تەكلىپ قىلىپ شىنجاڭدىكى كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە سىلىپ ئۇتكۇزگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ قىزىتىپ تۇردى.
        شىنجاڭ بويۇنچە ئىسىمدە باسى 2-چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۇزۇپ بەردى.  ئاتۇشتىكى تەنتەربىيە مەيداننى سىتىۋىلىپ خىلى چوڭ ئۆزگىرىش قىلدى!
           ئۇلار ھەر يىللى خىلى چوڭ تەنتەربىيە  مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۇزۇپ خىلى كۈچ چىقىرۋاتىدۇ.(ئۇتكەن يىلى يازدا شىنجاڭ بويۇنچە چىلىش مۇسابىقىسىنى ئاتۇشتا ئۆتكۇزدى!)
        بۇلار بۇرۇن شىركىتى خىلى راۋاج تاپقان ھازىر   دىگەندەك ياخشى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ يەنە  ھەر يىلى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى بىر يىلمۇ تاشلاپ قويغىنى يوق!
.......
نەدىن ئاڭلىۋاغان سەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 19:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول مۇنبىرىدىكى مەن بىردىنبىر ئاخىرغىچە ئوقۇشقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن تىتىقسىز جەۋھەر تېمىكەن مۇنۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-17 19:35:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11 - قەۋەتتىكى ballack16 نىڭ 2009-03-17 19:16 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
پۇتبول مۇنبىرىدىكى مەن بىردىنبىر ئاخىرغىچە ئوقۇشقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن تىتىقسىز جەۋھەر تېمىكەن مۇنۇ .
رەھمەت. سىزنىڭ بەرگەن باھايىڭىزغا. مۇنداق گەپ قىلغۇچە قۇلىڭىزغا پىچاقتىن بىرنى ئېلىپ تىما ئىگىسى مەن بولغاندىن كىيىن دەرھال بىر قانچە يىرىمگە تىقىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ تىمىنى جەۋھەرلىگەن باشقۇرغۇچىغا تىقىسىڭىز بولمامدۇ؟ سىز  قانچىلىك دەرجىدىكى پەس گەپلەرنى قىلالايسىز. بۇ مۇنبەرگە تىما يوللىمىساممۇ مەن ھېچنىمە بۇلۇپ قالمايمەنغۇ؟
سىز نىمە ئۆچۈن تېتىقسىز تەرىپىنى بىلىپسىز بالىلارغا قايىل قىلارلىق ئوتتۇرغا قويمايسىز.؟ مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەنگە تويغۇزىدىغان نىيتىڭىز بولسا ئۇنى دەڭ. مەن بۇنىڭدىن ۋاز كىچىشىم ئىنتايىن ئاسان...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش