akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6471|ئىنكاس: 46

«تەڭرىتاغ پۇتبول تورى» قۇرۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاغىنىلەر !
      پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلغىلىمۇ 2يىل بولاي دىدى . مىنىڭ پۇتبول كۇلۇبىغا ئەزا بولغىنىمغىمۇ بىريىرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ . تور دۇنياسىدا مۇنبەر ئويناشنىمۇ مۇشۇ پۇتبول كۇلۇبىدىن باشلىغان ھەم پۇتبول كۇلۇبىغا تىزىملاتقان كۈنىدىن تارتىپ كۈندە تورغا چىقساملا مۈنبەر ئارلاش ئادىتى شەكىللەنگدى . مۇشۇ جەرياندا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكىنىنى كۆرۈپ كەلدىم دىسەممۇ بولىدۇ . گەپنىڭ قىسقىسى  پۇتبول كۇلۇبى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر توربىكەت ئىچىدە پۇتبول مەستانىلەرنىڭ پۇتبول ئىشتىياقىنى قاندۇرىدىغان سەينانى بىزگە ھازىرلاپ بەردى .  
      ئەسلى گەپكە كەلسەم ئۆتكەن يىلى يازدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىگە ۋەكىل بولالايدىغان مۇكەممەل بىر پۇتبول تورى بولسىكەن دىگەن خياللار كاللامدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، ئەمما ئۇ ۋاقلاردا لايىق تىخنىكا يوق تۇرۇپ قالغان .  كىيىن كۇلۇبىمىزدىكى تور تىخنىكىسى  ساۋادى بار بولغان شاپۇر بىلەن تونۇشۇپ سىتودېنىتلار كۇلۇبىنى ھەمكارلىشىپ قورغاندىن كىيىن ئازتولا تىخنىك ئىگەللىدىم ھەمدە ئىلگىركى خيالىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلاپ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ خىيالىمدىكى «تەڭرىتاغ پۇتبول تورى»نى قۇرۇشنى باشلىۋەتتۇق . ئەسلىدە يېڭى يىلدىن بۇرۇنلا ئىلان قىلىش پىلانىمىز بار ئىدى ، ئەمما ئارلىقتىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئىش تا بۈگۈنگىچە سوزۇلۇپ قالدى .  
        بىراقلا ئىلاننىڭ مىغىزىنى دىمەي نىمە قۇرۇق گەپ قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قىلىشىڭلار مومكىن ، لىكىن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسىگە ئۇچراپ قالماي دەپ ئەسكەرتىپ قويغۇم كەپ قالدى.يېقىندىن بۇيان توربىكەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرسەممۇ putbol.cn كومپىيوتىرىمنىڭ ئالدىدا داۋاملىق ئوچۇق ، ئىشلەپ ھارسىم تىما ۋى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، قول بىكار ئەمەس ئانچە ئىنكاس يوق خالاس .  مەيلى مەن ئۆزۈم باشقا بىر تور بىكەت قۇراي - قۇرماي مەن بۇرۇن دىگەندەك  putbol.cn مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن ، مەن رونالدو سارىڭىمۇ ھەر ۋاقىت  putbol.cn  دا بار .... شاپۇرمۇ ھەم ئوخشاش!
كونىلاردە كارۋاننىڭ يولى بىر رىزقى باشقا دەپتىكەن،ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى باشقا دىگەندەك ھىكمەتلىك سۆزلىرىمىزمۇ بار.
ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى ئوخشاشلا مەستانىلەرغا ئەڭ ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاش ،بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللىككە يۈزلەنسە بىز شۇنىڭدىن خۇشال.
بەزى باشقىچە ئويلاپ قىلىشلارنىڭ  ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يۇقارقى ئىزاھاتنى بىرىپ قويۇيماي كۆڭلۈم زادى ئۇنمىدى .

ئەمدى  نەق گەپكە كەلسەك :

--------
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم كەڭ پۇتبول خۇمار قېرىنداشلار .
      ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەزەلدىن سەنئەت ۋە تەنتەربىيەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن خەلىق . تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق باشقا تۈلەرنى بىسىپ چۈشىدۇ ،ئەينى يىللاردا ئاتۇش ئىكساقتا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر كوماندىسىدىن ھازىرقى شىنجاڭ تەنتەربىيە كوماندىسىغىچە ياشلىرىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى توختاپ قالغىنى يوق.
بۇرۇن پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمىزنى توپىلىق مەيدانلاردا توپ تىپىش ،ياكى ئۇزۇن يوللارنى بىسىپ نەق مەيدانغا بىرىپ مۇسابىقە كۆرۈش ئارقىلىق باساتتۇق .
       پەن -تەخنىكا ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تىلىۋېزور ۋە توردىن پايدىلىنىپ چەتئەللەردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنى بىۋاستە كۆرۈش،مۇسابىقە خەۋەرلىرىگە يىقىندىن دىققەت قىلىش كەڭ پۇتبول خۇمار دوسلارنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلاندى .
ئۇيغۇر تور تەخنىكسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ خېلى كۆپ پۇتبول تور بىكەتلىرى قۇرۇلدى، ئۇلارئاساسلىقى مۇنبەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ مەستانىلەرنى پۇتبول توغرىلىق ئازادە پاراڭلىشىش مۇھىتىغا ئىگە قىلدى.
       بىز بۇ قىتىم يۇقارقى بىر قىسىم توربىكەتلەرنى ئۆزىمىزگەئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ مەزمۇن جەھەتتىن بىرقەدەرمۇكەممەل بولغان پۇتبول توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق.مەقسىتىمىز دوسلارنىڭ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ماتېريالنى ئىزدەپ تاپالايدىغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىش .



ھازىر تور بىكىتىمىزدە يوللىنىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار

1. خەۋەرلەر : شىنجاڭ ۋە مەملىكەت ئىچى ھەمدە خەلىقئارادىكى ئەڭ يېڭى پۇتبول خەۋەرلىرى
      بىز بۇ سەھىپدە كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئەڭ تىز سۈرئەتتە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ۋە ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقىنى ئاساس ،دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقى ۋە باشقا مۇسابىقىلەرنى قوشۇمچە قىلپ تۇرۇپ تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يوللاشقا تىرىشىمىز،بۇ ئارقىلىق كەڭ مەستانىلەرنى ئۆز يىزىقىمىزدا ھەرخىل پۇتبول خەۋەرلىرىدىن ۋاقتى -ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىمىز.

2. پۇتبول فىلىملىرى : پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ،مۇسابىقە جەۋھەرلىرى ،چولپانلار نادىر كۆرۈنۈشلىرى،ھەپتىلىك نادىر پىروگراممىلار
      بۇ سەھىپە ئارقىلىق مۇسابىقە بىرىلگەن ۋاقىتتا خىزمەت ،ئۈگۈنۈش ۋە باشقا سەۋەپلەردىن مۇسابىقىنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرەلمەي قالغان دوسلارنىڭ كىيىن بىكار ۋاقتىدا كۆرۈشى ئۈچۈن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقلەر تاللاپ چىقىرىلىدۇ ،بارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ جەۋھىرى يوللىنىدۇ ،ئۇنىڭدىن سىرت چولپانلارنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى،ۋە باشقا پۇتبول فىلىملىرى ھەپتىلىك پۇتبول پىروگراممىلىرى ۋاقتى -ۋاقتىدا يوللىنىپ مەستانىلەرنىڭ يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىمىز.

3.پۇتبول قامۇسى :  كوماندا ۋە پۇتبولچىلارنىڭ ئارخىپى
      بۇ سەھىپىدە پۇتبول كوماندىلىرى ۋە پۇتبول چولپانلىرىنىڭ تەپسىلى ئارخىپى يىزىلىدۇ ، بۇنىڭغا بىز بىر قەدەر كۆپ كۈچ سەررىپ قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز،مەقسىتىمىز ئۇيغۇر يىزىقىدىكى مۇكەممەل پۇتبول سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەزكۇر سەھىپىگە ھەقلىق يازغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىمىز بار . مەزكۇر سەھىپىدىن تارىختىكى چولپانلاردىن تارتىپ ھازىرقى پۇتبولچىلارغىچە ،كوماندىلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق ئارخىپى يوللىنىدۇ .

  4. سۈرەت مەركىزى :  كوماندا ۋە توپ چولپانلارنىڭ نادىر سۈرەت- رەسىم ، ۋە ئەڭ يېڭى مۇسابىقىلەرنىڭ نادىر سۈرەتلىرى .
       مەزكۇر سەھىپىدىكى سۈرەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بارلىق سۈرەتلەرئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقىغا يوللىنىدۇ ،نەچچە ۋاقىتتىن كىيىن يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالالەتلىك قىلىمىز .

5. چۈشۈرۈش مەركىزى :  كومپىيوتىرتەگلىكى يانفۇن تەگلىكى ، ھەرخل پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار.
       بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلارئاساسلىقى ھەرقايسى كۇلۇپ ۋە چولپانلارنىڭ كومپىيۇتېر ۋە تېلفۇن تەگلىكلىرى ،ئۇنىڭدىن باشقا پۇتبول چولپانلىرى ۋە كۇلۇپلار تونۇشتۇرۇلغان نادىر ئىلىكتىرونلۇق ژورناللار،ئۇنىڭدىن باشقا پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ .
        بىز بۇ سەھىپىگ تەڭرىتاغ پۇتبول تورى تور ژورنىلى دىگەن نامدا پۇتبول ژورنىلى ئىشلىمەكتى ، بۇ ژورنال ئايدا بىر چىقىدۇ،ۋاقتىمىزغا قاراپ پەسىللىك ياكى يېرىم يىللىق ئالاھدە سان قوشىشىمىزمومكىن ،ئاساسلىق مەزمۇنى شۇ بىرئايلىق ھەرقايسى بىرلەشمىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش ،قوشۇمچە مۇناسىۋەتلىك نادىر يازمىلار ،كۇلۇپلار ۋە چولپانلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش ،بۇنىڭ شەكلىنى داۋاملىق مۇكەمممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز، سىز بۇ ژورنال ئارقىلىق بىر ئايلىق ھەرقايسى بىرلەشمىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن سىرت باشقا نادىر ماقالىلىلەردىن ھوزۇرلىنالايسىز .

6. پۇتبول ئويۇنى : WE ، pes، FIFA ئويۇنلار چۈشۈرۈش ۋە چۈشەندۈرۈلۈشلىرى  ،يانفۇن پۇتبول ئويۇنلىرى ۋە باشقا پۇتبول ئويۇنلىرى
    بۇ سەھىپىدە ئەڭ يىڭى پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى ،قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش جەريانى ۋە ئويۇن جەريانىدىكى تەخنىكىلىق جەريانلار قىسقا ،مىغىزلىق قىلىپ يوللىنىدۇ.

  7. پۇتبول لاتارىيىسى : پۇتبول لاتارىيىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ۋە لاتارىيە بىلىملىرى .
    لاتارىيە ئويناش ياخشى ئىش ئەمەس،ئەمما 4-8يۈەنگىچە پۇل  خەجلەپ لاتارىيە ئىلىپ قويغاننىڭ ئانچە زىينىمۇ يوق ،پۇل خەجلىگەندىن كىيىن مۇسابىقىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرۈشكە ئىنتىلىسىز، خەۋەرلىرىگە يىقىندىن دىققەت قىلىسىز ،بىر مەزگىل مۇشۇنداق داۋاملاشقاندىن كىيىن كوماندىلارغا بولغان چۈشەنڭىز ئاشسا سىزگە مۇكاپات چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، بىز بۇ سەھىپىدە ھەر نۆۋەتلىك لاتارىيە ئۇچۇرلىرى ۋە بىر قىسىم تەھلىللەرنى يوللايمىز ، لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن سىز مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىز ناتايىن.

8. مەستانىلەر مۇنبىرى : ئاساسلقى مۇنبەر
     يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھازىر بىر قىسىم پۇتبول مۇنبەرلىرى بارلىققا كەلدى ،تەرەققىياتىمۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇنبەر قۇرۇشىمىز ئارتۇقچە  ئىش  بولىشى مومكىن .
      لىكىن بىزنىڭ مۇنبەرنى قوشۇپ قويۇشتىكى مەقسىتىمىز ،بىر تور بىكەت بولغان ئىكەن مۇقىم ئابونىتلىرى بولىدۇ ،ئەلۋەتتە ئورتاق قىززىقىش،ئورتاق ھەۋەسنى دەپ بىر بىكەتكە جەم بولغان تورداشلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئويلايدۇ ،ئۇنىڭدىن سىرت بىز بىر قىسىم ئىلگىرى ئوينىلىپ بولغان نادىر مۇسابىقىلەر ھەم ھازىر ئوينىلىۋاتقان مۇسابىقىلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى ۋە ئۇسۇلىنى مۇنبەرگە يوللايمىز يۇقارقى ئىھتىياجنى چىقىش قىلىپ مۇنبەر قوشۇپ قويۇلدى .

9.مەستانىلەر كۇلۇبى
    بۇ قسىمى بىر بىلوگ سىستىمسى ،ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ،يازما يوللاش،سۈرەت چىقىرىش،دوسىت قوشۇش ،توپ قۇرۇش قاتارلىقلار.
ئىقتىدارلىرى مەكتەپ تورىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ ، سىز بۇ كۇلۇپقا مۇنبەردىكى ئەزالىق نامىڭىزبىلەن كىرسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا ئىرىشىسىز . بۇيەردە ئۆزىڭىز بىلەن پىكىرداش دوسلارنى تاپالايسىز، قىززىقىشىڭلارئوخشاشلار توپ قۇرۇش ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرالايسىلەر،پۇتبول توغرىلىق ئويلىغانلىرىڭىزنى كۈندىلىك خاتىرە قىسمى ئارقىلىق ساقلاپ قويالايسىز .
ئۆزىڭىز ياقتۇرغان نادىر سۈرەتلەرنى ساقلىۋالايسىز ، يەنى بىۋاستە كومپىيۇتېردىكى سۈرەتلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ .باشقا جايدىن ئۇللانما قىلىش ھاجەتسىز .

بىز تەڭرىتاغ پۇتبول تورىنى ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ئىككى خىل يزىقتا ياساشنى پىلانىلىغان ،ھازىر ئۇيغۇرچە قىسمىنىڭ مەستانىلەر مۇنبىرى ۋە مەستانىلەر كۇلۇبىدىن باشقا قىسىملىرى ئىشقا چۈشتى.
بىز يۇقارقى ئىككى قىسىمنى ۋە خەنزۇچە قىسمى كىلەر ھەپتە تولۇق پۈتىدۇ.

    بىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ، كەم قالغان ياكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك جايلار بولسا دوسلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

    مەقسىدىمىز بىرلا. پۇتبول خۇمار دوسلار ئۈچۈن مۇكەممەل تور مۇھىتى ھازىرلاش.

بىكىتىمىزنىڭ بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز سىلەرنىڭ تەنقىدى-تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار ئاستىدا مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭغۇسى !

بىكەت ئادىرسى :http://www.xjgoal.com/uyghur
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە قۇرلۇپتىمۇ بىزنىڭ مۇنبەبى سىنا دەك بوپ كەمىگەن دىكىن 1-2بولسا يىتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرمەيدىغۇ     ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلمىدىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى  خاتا تور بەتتىن بىرنى قۇرۇۋالدىڭلىمۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-16 18:27:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوفـــــــى !
  مارافۇنچە  خىزمەت ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ يەڭگىللەشتى .... بۇدا شوربۇلاققا چوقۇم بارىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:29:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:تەڭرىتاغ پۇتبول تورى قۇرۇلدى

ئەسلى مۇشۇمۇنبەر بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تىغىمۇ مۇكەممەل بولغان پۇتبول مۇنبىر قىلغان بولساڭلار تىغمۇ ياخش بولغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
ئىشىلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشۇنى ئۇمۇت قىلمەن.ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۇچۇن ھەممىز تىرىشايلى!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر  ئا  تورنىڭ  ھەققىنى  تۆلەڭلا  欠费   بولدىمۇ  ئېچىلمايدا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر پۇتبول مۇنبىردىن 6 سى بولدى ! تىرىشىڭلا يەنە 4نى قۇرساڭلا 10 بولدۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىپ زىيارەت قىلىپ باقاي دېسەم ئېچىلمىدى .....مۇشۇنداق مۇنبەرلەرننىڭ كۆپىرەك قۇرۇلۇپ پۇتبول توغىرىسىدىكى يېڭى يېڭى خياللارنىڭ پەيدا بۇلۇپ ئۇيغۇر پۇتبول مۇنبەرچىلىكىنىڭ ئاۋۇ خەنلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كىتىشىنى ئۇمۇد قىلمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-16 18:36:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئەمەس ئۇنۋىرسال پۇتبول تورى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 05:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش