akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2963|ئىنكاس: 21

ئارسىنال مەستانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   3- ئاينىڭ 13- كۈنى خەۋىرى
  ئارسىنال مەستانىلىرى رىمدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، توپ مەستانىلىرى ئەگەر ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەھۋالى مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، مۇسابىقىنىڭ سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولالماستىن سىرت يەنە توپ مەستانىلىرى بىخەتەرلىكىنىڭمۇ بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا، ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسى باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جەريانىدا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامانلىق ساقلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنى تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇكى《كۈندىلىك پوچتا گېزىتى》نىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى قىسمەن  ئارسىنال  مەستانىلىرى مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى سائەتچە مەيداندا قالغان، سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن غەلىبىنى تەبرىكلەش، ئۇنىڭدىن سىرت ئەڭ ئاساسلىقى مەيدان سىرتىدىكى رىم مەستانىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىكەن، دېمىسىمۇ دەل مۇشۇ ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە سىرتتىكى بىر قىسىم  ئارسىنال  مەستانىلىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
  مۇسابىقىدىن كېيىن، رىم مەستانىسى بىر  ئارسىنال  مەستانىسىنى ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن زەخملەندۈردى، يەنە بىر مەستانە بولسا مەيداندا ئوپچە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، يۈزى زەخملىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ پەقەت شۇ كۈندىكى كىچىككىنە مىساللار خالاس. شۇ كۈنى رىمدا نۇرغۇن  ئارسىنال  مەستانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەممىدىن كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغىنى- بىر توپ رىم پۇتبول لۈكچەكلىرى  ئارسىنال  مەستانىلىرى ئولتۇرغان مەخسۇس ماشىنىغا چىقىۋېلىپ ئۇلارنى زەخملەندۈرگەن، تەلىيىگە ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
  5- ئاينىڭ 27- كۈنى رىم ئولىمپىك توپ مەيدانىدا بۇيىلقى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، كەينى- كەينىدىن يۈز بەرگەن توپ مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقى ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنىمۇ رىمنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئېلىپ بارالىشىغا قارىتا شۈبھىلەندۈرۈپ قويدى، بىر ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسى باياناتچىسى :《بىز كۆپ خىل مانىۋېر ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق شۇنداقلا ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ساقچى دائىرىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك، بىزنىڭ ھازىرقى ئادەم كۈچىمىز يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تېخىمۇ كۆپلىگەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج 》دېدى.
  بۇ باياناتچى يەنە:《گەرچە يارىلانغانلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى كىشىنى ساراسىمىگە سالىدۇ، بىز يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئالاقىدار تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلمىسا، مەستانىلارنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىلا كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ، بۇ ئىشلار ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ》دېدى.
  مۇسابىقىدىن كېيىنلا مەيداندىن ئايرىلغان  ئارسىنال  مەستانىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، مەيداندا قالغان مەستانىلار تەلەيلىك ھېسابلىنىدۇ،  ئارسىنال  نۇقتا توپ ئارقىلىق رىمنى ئۇتىۋالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئارسىنال مەستانىلىرى مەيداندا قېلىپ تەنتەنىگە چۆمۈلگەنىدى، بۇ تەنتەنە ئىككى سائەتچە داۋاملاشتى، بۇ ئىككى سائەتتە مەيدان سىرتىدىكى  ئارسىنال  مەستانىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ئەمەلىي مىساللار مەستانىلارغا ئەگەر مەيدان سىرتىدا يوشۇرۇش ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بايقالغاندا، مۇسابىقىدىن كېيىن دەرھال مەيداندىن ئايرىلماي بىراز ۋاقىت مەيداندا تۇرۇشنىڭمۇ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
  مىرىس مەستانىسى ماك ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:《بىر ماشىنا بىزنىڭ مەستانىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، شوپۇر ئۇلارغا يولنى توسماسلىقنى ئىشارەت قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ پەقەتلا كارى بولمىدى، ئۇلار ئاپتوبۇسنىڭ ئىككى يېنىدىن بىزگە ھاراق بوتۇلكىلىرىنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى، ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى شوپۇر دېرىزىنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى، ئۇلار يەنە ئوت يېقىپ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە قارىتىپ تاشلىدى، پارتلىغاننى ئاز دەپ يەنە پىچاقلىرىنى چىقىرىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى》دېدى.
  ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنلا ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە رىم 3:1 نەتىجە بىلەن چىلسىنى ئۇتقاندىن كېيىنمۇ مەستانىلار ئارا توقۇنۇش يۇز بەرگەن، شۇ چاغدا تۆت مەستانە يارىلانغان. كەينى- كەينىدىن يۈز بەرگەن بۇ ئىككى قېتىملىق مەستانىلار قالايمىقانچىلىقى ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويدى، ھازىر ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى بولغانلىقى مۇقىملىنىپ بولدى.
ئۇلىنىش ئادرېسى: http://news.8bo.com/news.asp?id=447857
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاسېننا مەستانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بۇنداق ئىشلار  بەك  تولا  يۈزبېرىدىغان  بولىۋالدى،  يۇقىرىدىكىلەرمۇ  بۇنداق  ئىشلارغا  بەكرەك  ئەھمىيەت  بەرسە  بولاتتى.  بولمىسا  بىزلەرگەمۇ  شۇمۇسابىقىلەرنى  بېرىپ  كۆرۆش  توغرا  كېلىپ  قالسا  بىزگىمۇ  شۇنداق  ئىشلار  ئۇچۇرمىسۇن  يەنە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا بۇ تەرجىمە رەسمى جانىلق چىقىپتۇ!!!!!!رەخمەت سىزگە مۇنبىرىمىزنىڭ قىز لۇكچىكى!بۇندىن كىين مۇشۇنداق ياخشى تەرجىمە ئەسەرلىرنى يىزىپ تۇراسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا   تىما  يېزىشتا  ئوغوللاردىنمۇ  ياخشى  يازىسىزكەن ھە!  رەھمەت سىزگە  بۇنىڭدىن  كېيىن  كۆپرەك  تىمىلارنى  يوللاپ  تۇرارسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىزنىڭ خانمۇ تىما يازالايدىكەن ھە
         ياخشى يىزىپسىز!
     تىما يىزىشى مىنى دوراپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار مۇسابىقە داۋامىدكى بىر نۇقتا توپنىڭ قۇيالماي قېلىپ، ئايغىدا نۇقتا توپتا ئۇترۇپ قويغىنغا چىدماي قىپتۇ ،بۇنىڭدىن كىينكى مۇسابىقلەر ئۇنداق بولماس ئەمدە رىم شاللانغان دىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىم  مەستانىلىرى    شۇنداق   قوزغىلاڭ  كۆتۈرۈشكە  ئامراق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پۇتبول لۇكچەكلىرى چاتاق چىقىرىپتۇدە .....

        ما مۇنبەردىكى لۇكچەكلەر جىم تۇرسا تاماشىبىنلار ئۇرۇشقاندەك ئىش بوپتۇ .    
  ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى .


    سىزنى ئۇستاز تۇتساق بولغۇدەك جىمۇ ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 19:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا  ئۇستىا تەرجمان كەن ماۋۇخان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-13 20:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 - قەۋەتتىكى سەركەردە نىڭ 2009-03-13 19:47 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ۋا بۇ تەرجىمە رەسمى جانىلق چىقىپتۇ!!!!!!رەخمەت سىزگە مۇنبىرىمىزنىڭ قىز لۇكچىكى!بۇندىن كىين مۇشۇنداق ياخشى تەرجىمە ئەسەرلىرنى يىزىپ تۇراسىز
قىز لۈكچەك؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-13 20:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 - قەۋەتتىكى sahra9 نىڭ 2009-03-13 19:59 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
راسلا  ئۇستىا تەرجمان كەن ماۋۇخان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-13 20:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇلارمۇ مەستانىمۇ ؟ مەستانە دىگەن بىزدەك يۇۋاش بولمامدۇ ؟ ئاڭ سەۋىيە يوق بىر نىمىكەنغۇ بۇ ؟

لىكىن ئۆتكەنكى مانچىستىر بىلەن ئىنتىرنىڭ جېڭىدىكى ئاچچىقىمدا ئالدىمغا سەيسارنى ئەكىلىپ بەرگەن بولسا مەنمۇ شۇ ئاچچىقىمدا بىر نىمە قىلىۋىتەتتىم     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 12:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش