akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5164|ئىنكاس: 23

ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر ۋە چېمپىيونلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. 1960– يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باشقۇچتىكى مۇسابىقىسى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن رەئىسى خېئېنرى.دېراۋنىڭ ياۋروپا پۇتبول ئىشلىرىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سابىق سپۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشپ قالىدۇ، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەتتە مىنۇت قالغاندا نېدىرنىچنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ غەلبە قىلىپ تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولغان
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: ياشىن (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ۋېسېنت (ئىسپانىيە)، فونتايىن (فرانسىيە) 5 توپ
چېمپىيون: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى
فونتايىن


2. 1964– يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق داڭلىق كوماندىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى. ئۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقە تۈزۈمى سەل ئالاھىدە ئىدى، 8/1 ھەل قىلغۇچ ۋە 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا ئىككى قېتىم تۇتۇشۇش تۈزۈمىنى قوللاندى
ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى يېڭىپ تۇنجى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ساھىبخان كوماندا بوپ قالدى
بۇ نۆۋەتلىكتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: سۇيارېس (ئىسپانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ئوراي.مادسون (دانىيە) 7 توپ
چېمپىيون: ئىسپانىيە
سۇيارېس


3. 1968– يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تارىخى مەنىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى. بۇ قېتىم «ياۋروپا دۆلەتلىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى» رەسمىي ھالدا «ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» گە ئۆزگەرتىلدى. مۇسابىقە تۈزۈمىمۇ ئۆزگەرتىلدى، كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بىۋاستە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى، تۇنجى قېتىم «ئۇرۇقلۇق كوماندا» (种子队)تۈزۈمى ئىشلىتىلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار 8 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەربىر گۇرۇپپىغا بىردىن «ئۇرۇقلۇق كوماندا» ئورۇنلاشتۇرۇلدى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا 4/1 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ قائىدە ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە
ئىتالىيە كوماندىسى بۇقېتىم بىردىنبىر چېمپىيونلۇقىنى ئالدى (ئۇنىڭدىن كېيىن چېمپىيون بوپ باقمىدى)
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: فاچېدى (ئىتالىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: دېزاجىچ (يۇگۇسلاۋىيە)، مۇزامىچ (يۇگۇسلاۋىيە) 3 توپ
چېمپىيون: ئىتالىيە
فاچېدى


4. 1972– يىلى بېلگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇيىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە كوماندىسى ياۋروپا مەيدانىدىكى قەھرىمان ئاتالدى. بۇ قېتىملىق لوڭقىنى پۇتبول چولپانلىرى توپلىشىپ كەتكەن گېرمانىيە كوماندىسى ئالدى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0:3 نەتىجە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى يەڭدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى بولسا ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر ئۇدا تۆت قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ باشقۇچقا كىرگەن كوماندا بوپ قالدى. گېرمانىيە ھۇجۇمچىسى گەيد.موللېر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولدى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: گەيد.موللېر (غەربىي گېرمانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: گەيد.موللېر 5 توپ  (غەربىي گېرمانىيە)
چېمپىيون: غەربىي گېرمانىيە
موللېر


5. 1976– يىلى يۇگۇسلاۋىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىمغا كەلگۈچە ھېچقانداق كوماندا ئۇدا چېمپىيون بولالمىغان، ھەم ئىككى قېتىم چېمپىيون بولغان كوماندىمۇ يوق ئىدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېخوسلوۋاكىيە كوماندىسى غەربىي گېرمانىيىنىڭ ئۇدا چېمپىيون بولۇش خىيالىنى يوق قىلدى
نۇقتا توپ جېڭىدە چېخوسلوۋاكىيە كوماندىسى ئالدىنقى 4 توپنىڭ ھەممىنى كىرگۈزگەن، لېكىن گېرمانىيە كوماندىسنىڭ 4- قېتىم تەپكەن ماھىرى خېنىس تەپكەن توپ ۋاراتارنىڭ لىمىغا تەگكەن ئىدى. چېخوسلوۋاكىيە كوماندىسىنىڭ 5- ماھىرى پارىئېنكا ئەڭ ئاخىرقى توپنى كىرگۈزدى، چېخوسلوۋاكىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: نېھودا (چېخوسلوۋاكىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: دىئات.موللېر (غەربىي گېرمانىيە) 4 توپ
چېمپىيون: چېخوسلوۋاكىيە
دىئات.موللېر


6. 1980– يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىم مۇسابىقە قائىدىسى ئۆزگەرتىلدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن تاللىنىپ چىققان 8 كوماندا يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپىدىن 1- چىققان ئىككى كوماندا بىۋاستە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ، 2-چىققان كوماندىلار 3-، 4-لىكنى تالىشىدۇ
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى تۇتۇشتى، ئاخىرىدا گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولۇپ ئىككىنچى قېتىم لوڭقا كۆتۈردى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون چېخوسلوۋاكىيە كوماندىسى يەنە شۇ نۇقتا توپ جېڭىدە ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 3- بولدى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: شۇستېر (غەربىي گېرمانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ئارفوس (غەربىي گېرمانىيە) 3توپ
چېمپىيون: غەربىي گېرمانىيە
ئارفوس


7. 1984– يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

فرانسىيىدە بۇ مۇسابىقە ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىم ئۇلار لوڭقىنى ئۆز دۆلىتىدە ئېلىپ قالدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پلاتىنى، گىرېچىن، دىگانا ۋە لۇئىس.فېرناندېز قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن فرانسىيە كوماندىسى تەلىيى كېلىپ ھەل قىلغۇچا كىرگەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى 0:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى
ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولغان پلاتىنى 9 توپ كىرگۈزۈپ فرانسىينىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: پلاتىنى(فرانسىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: پلاتىنى (فرانسىيە) 9 توپ
چېمپىيون: فرانسىيە
پلاتىنى


8. 1988– يىلى ئىتتىپاقداش گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىملىقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى ھەم مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۇللىت ۋان باستېننىڭ تاشلىغان توپىنى كاللا بىلەن كىرگۈزۈپ بىر نومۇر ئالدى، كېيىن ۋان باستېن ئىنتايىن كىچىك بۇلۇڭدىن ئۇرغان توپىغا (بۇنى ھەممىمىز كۆرگەنغۇ دەيمەن) ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار سادايېفمۇ ئامال قىلالمىدى، گوللاندىيە كوماندىسى ۋاراتارى يەنە قارشى تەرەپنىڭ بىر نۇقتا توپىنىمۇ توسۇۋەتتى
شۇ چاغدا گوللاندىيە كوماندىسىدا گۇللىت، رېجكارد، ۋان باستېن قاتارلىق ئۇلۇغ چولپانلار بار ئىدى. ۋان باستېن 5 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولدى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: ۋان باستېن (گوللاندىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ۋان باستېن (گوللاندىيە)
چېمپىيون: گوللاندىيە
ۋان باستېن


9. 1992– يىلى شېۋىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇقېتىم دانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى. ئەينى ۋاقىتتا دانىيە كوماندىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىنىڭ ئورنىغا قاتناشقان ئىدى، ئاخىرىغا كېلىپ لوڭقىغا ئېرىشتى
دانىيە كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا گېرمانىيىنى يەڭدى. ئۇلار كوماندا يادروسى لاۋدېرۇپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كىچىك لاۋدېرۇپ ۋە شۇمېچېل باشچىلىقىدا بۇ مۆجىزىنى ياراتتى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: ۋېرفۇرت(دانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: بېرگكامپ (گوللاندىيە)، لارسون، بۇرولىن (شۋېتسىيە)، لىدېر (گېرمانىيە)  3 توپ
چېمپىيون: دانىيە
بېرگكامپ


10. 1996– يىلى ئېنىگلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

1996- يىلى پۇتبول «ئائىلىسى» ئېنىگلاندقا قايتتى، لېكىن لوڭقىنى ئالغىنى ئېنىگلاند بولماستىن بەلكى گېرمانىيە كوماندىسى بولدى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تۇنجى قېتىم «ئالتۇن توپ» ئارقىلىق يېڭىش- يېڭىلىشنى بەلگىلىدى، بۇ يېڭى تۈزۈم تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىدە قوللىنىلدى. گېرمانىيە كوماندىسى بىئېرخوفنىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن چېمپىيون بولدى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: سامېل (گېرمانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ئالان.شىرېر (ئېنىگلاند)
چېمپىيون: گېرمانىيە
شىرېر


11. 2000– يىلى گوللاندىيە/بېلگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

گوللاندىيە بىلەن بېلگىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مۆجىزىگە تولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى، نۇقتا توپ جېڭىدە گوللاندىيە كوماندىسى 4 نۇقتا توپنى ئۇرالماي ئىتالىيە تەرىپىدىن شاللىنىلدى.
ترېزىگۇت ئەڭ ئاخىرقى قەھرىمان بولدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم «ئالتۇن توپ» كۆرۈلدى، تۇنجى قېتىم «دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى» نامى بىلەن ئۇلاپلا ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن كوماندا بارلىققا كەلدى، ئۇ دەل فرانسىيە كوماندىسى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: زىدانى (فرانسىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: كىلۇيۋېرت (گوللاندىيە)، مىلۇشېۋىچ (يۇگۇسلاۋىيە) 6 توپ
چېمپىيون: فرانسىيە
كىلۇيۋېرت


12. 2004– يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ بىرقېتىملىق رىۋايەتلىك «ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى» بولدى، سەۋەبى پەقەت گېرىتسىيە كوماندىسى. شاللاش باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە گېرىتسىيە كوماندىسىنىڭ قاتتىق مۇداپىئە ھەم پولاتتەك ھۇجۇملىرى پۇتبول مەستانىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ مۆجىزىنى ياراتقۇچى بولسا گېرمانىيىلىك تېرنىر رېخاگېر
رېخاگېرنىڭ كوماندىسى شاللاش باسقۇچىدىكى 3 مەيدان مۇسابىكىدە 0:1 نەتىجە بىلەنلا غەلىبە قىلدى، ھەم شاللاش باسقۇچىدا توپ كەتكۈزمىگەن تۇنجى كوماندىغا ئايلاندى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: زاگلاجىس (گېرىتسىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: باروس (چېخ) 5 توپ
چېمپىيون: گېرىتسىيە
باروس


13. 2008– يىلى ئاۋىستىرىيە/ شېۋىتسارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

بۇ قېتىم ئېنىگلاند كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى توپ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى، لېكىن باشقا كۈچلۈك كوماندىلار يۇقىرى سەۋىيىلىك ماھارەتلىرى ئارقىلىق مەستانىلەرگە ئېسىل مۇسابىقىلەرنى سوۋغا قىلدى، بۇ قېتىم ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دەپ قارالغان كوماندىلار بالدۇرلا شاللىنىپ كەتتى، چېمپىيون بولۇش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان گوللاندىيە كوماندىسىمۇ روسىيە تەرىپىدىن شاللاندى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قىزىغان بىر قېتىملىق «ياۋروپا لوڭقىسى» مۇسابىقىسى دېيىشكە بولىدۇ
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى توررېسنىڭ بىر توپى بىلەن گېرمانىيىنى مەغلۇب قىلىپ 34 يىل بۇرۇنقى چېمپىيونلۇق تەختىگە قايتا چىقتى
بۇ نۆۋەتلىكتە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر: خاۋېي (ئىسپانىيە)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: ۋېللا (ئىسپانىيە)
چېمپىيون: ئىسپانىيە
خاۋېي


ۋېللا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
ئېرپان + 15 تىرىشىڭ
شەمشاد + 5 نادىر يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 12:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2008-يىلللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، گوللاندىينى چېمپىيون بولامدىكىن دېسەم.........ئويلىمىغان يەردىن، ما روسلار ئىشنى بۇزۇپ قويدى.  
2004-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رۇنىنىي4توپ ئۇرغانغۇ دەيمەن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 12:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ............... ئۆتكەن يىلى تۈركىيەمۇ خىلى يىقىنلىشىپ قالغانتى بۇ لۇڭقىغا.....  بۇلارمۇ 44يىللىق چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۋالدى،كىلەر قىتىم ئىتالىيەمۇ رىئاللىققا ئايلاندۇرالارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 12:47:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە ئەمدى قاندا بولاركى؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 13:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ گوللاندىيەنى چىمپىيون بولامدىكىن دىگەنتىم....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 13:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيەمۇ يىڭىلىق ياراتقا بىر كوماندا بولۇپ قالدى.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 13:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆڭلۈمدە گوللاندىيە كوماندىسى چوقۇم بىرىنچى بولىدۇ دەپ ئويلىغان لېكىن ئۇلارنىڭ تەلىيى تازا ئوڭدىن كەلمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 14:34:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2004.يىلدىكى  ياۋرۇپا  لۇڭقىسى  مۇسابىقىسىنى تارىختكى ئەڭ  ماز  تايىنى يۇق  قاملاشمىغان  مۇسابىقىمىكىن دەپ  ئۇيلايمەن

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 15:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسىدا گوللاندىيە ئىتاليەگە 5 نۇقتا توپنى كىرگۇزەلمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 17:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىم تۇركىيە كوماندىسى ئۇزنى تونۇتۇپ قويدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 19:33:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە يىقنىدا بۇ لوڭقىغا قول سوزالماسمكى...!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-2-10 21:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى usa نىڭ 2009-02-10 14:34 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
2004.يىلدىكى  ياۋرۇپا  لۇڭقىسى  مۇسابىقىسىنى تارىختكى ئەڭ  ماز  تايىنى يۇق  قاملاشمىغان  مۇسابىقىمىكىن دەپ  ئۇيلايمەن

ئىنگىلاند بولمىغاچقىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش