ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 65 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبول ھەركىتىنىڭ جەلىبكارلىقى ھازىر پۆتكۈل پۇتبول سۆيەر دوسلارنىڭ قىزغىن تىرىشىش نەتىجىسىدە رايۇنىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۇمۇميۆزلۈك قاپلىدى. بۇ خىل ئىشتىياق تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەندىكى يۇرتىمىز قارىقاش تۇپرىقىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپتى.
بۇ قىتىملىق قارىقاشتىكى ئۆتكۈزۈلگەن ( ئۇچار يۇلتۇز لوڭقىسى) نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى . يۇرتىمىز دىكى ئەكبەر، ئابدۇراخمان، مۇتەللىپ، قاتارلىق دوسلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇشۇ مۇسابىقىگە ئىشتىراك ئەتكەن 15 كوماندىدىكى ئەزىز دوسلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ناھايتى ئاددىي لىكىن تۇلىمۇ قىزغىنلىق ئىچىدە باشلاندى.
بۇ مۇسابىقىگە، ئىشتىراك ئەتكەن قارىقاش ۋە خوتەن ناھىيسىدىكى پوتبولچى ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسىدىكى پۇتبولنى قىزغىن سۈيىدىغان پاكىزە روھى ئاددىي بولسىمۇ يەنىلا خەلىقىمىزنىڭ پۇتبولنى قىزغىن سۈيىدىغان ئەنئەنىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى. نەتىجىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن رايۇندىكى ئاممىنىڭ ، بۇلۇپمۇ بالىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ كۈرىدىغان ئۇبىكتىغا ئايلاندى.
بۇ مۇسابىقىدىكى شارائىت شۇنچىلىك ئاددىي، مەيدانلار كىچىك، باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۇلۇق مۇكەممەلىشەلمىگەن، قوللايدىغان بىرەر چوڭ ئۇرۇن ياكى شەخىس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ روياپقا چىقىشى بىزنىڭ پەرزەنىتىلىرىمىزنىڭ شارائىت بىلەن ھىسابلاشمايدىغان ، پەقەت تىرىشچانلىقىغا تايىنىدىغان، پۇتبولنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىدىغان ھەقىقى بىر تۇنۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.
جەمىيىتىمىزدىكى مۇشۇنداق بىخ ھالىتىدىكى قىزغىنلىقنى پۇتبول يۇلىدىكى بىر زور تىرىشچانلىق دەپ قارىساق ھەرگىزمۇ ئاشۇر ۋەتكەن بولمايمىز.
مىسالغا ئالىدىغان بولساق رايۇنىمىزدا نۇرغۇن پۇل تېپىۋاتقان، نىمىنىڭ ھەقىقى ھايات مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن مەنىۋى ساۋاتسىز قالاق بايلارنىڭ ياكى ئۇرۇنلارنىڭ مۇشۇنداق پەرزەنىتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا پىسەنىت قىلماسلىقىنى ئىنتايىن نۇمۇس شەرمەندە ئەھۋال دىسەك يۇقارقىدەك بالىلارنىڭ ئېلىپ بىرىۋاتقان پائالىيتىنى ھەقىقى شەرەپ دىسەك بۇلىدۇ.
شۇنىڭ بارلىق پۇتبول سۈيەر ئەزمەتلىرىمىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە پۈتكۈل قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىىگە ئاددىي بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەجىرىنى سىڭدۈرۈشىنى ئۆمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: داۋامى مۇشۇ مۇسابىقىىگە قاتناشقان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن سۆرەتلىك يوللىنىدۇ. |
|