ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5184 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2008-يىلى رونالدو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مول - ھۇسۇللۇق ھەم خاسىيەتلىك بىر يىل ئىدى. قارايدىغان بولساق ئۆتكەن يىلدىكى ئىنگىلاد بىرلەشمىسى ھەم ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا رونالدونىڭ تۆھپىسى كۆرىنەرلىك بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىل ئاخىردىكى تارقىتىلدىغان ، نۇرغۇن توپچىلار ئېرىششىنى ئارزۇ قىلدىغان ،ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ھەم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ سايلىنىپ ئىنگىلاد بىرلەشمىسى ھەم پۇتۇن دۇنيادا ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلپ قويدى. ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مانچىستىر يېقىنقى 40 نەچچە يىللىق تارىخىدىكى 4-شەخىس بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئۇ 2008-يىلى بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن ئىسسىق - سوغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى، بولۇپمۇ ياۋروپا لوڭقسىى مۇسابىقىسىدە ئۇ پورتىگالىيە كوماندىسىنى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئەممە ئۇ يەنىلا بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق پۇتۇن دۇنيادىكى توپ مەستانىلرنى رازى قىلغان ئىدى. مۇشۇ بىر يىل ئۇ يەنە قانداق ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى، بىز تۆۋندىكىلەرگە دىققەت قىلايلى.....
1-ئاي
1-ئاينىڭ 1- كۈنى ،ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى رونالدو ئۈچۈن 45مىليون باھا قويدى، لېكىن رونالدو بولسا بۇ باھا ئالدىدا ئارسالدا قالغان ئىدى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. مادىرىت كوماندىسىمۇ يەنىلا ئۈمۈدىنى ئۈزمەي، 50مىليون باھا قويدى. لېكىن بۇ تەكلىپكە مانچېستىر كوماندىسى ئاددىلا قىلىپ «NO» دەپلا جاۋاپ بەردى.
1-ئاينىڭ9-كۈنى ، ئىنگىلاد بىرلەشمىسى 12-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەرلارنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، رونالدو 12-ئايلىق مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى. شۇنداقلا ئۇدا ئىككى قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى .
1-ئاينىڭ12-كۈنى، ئىنگىلا بىرلەشمىسى22-ئايلانما مۇسابىقسى مانچېستىر كوماندىسى بىلەن نېۋكاستىل كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ،رونالدو ئۆزىنىڭ مانچېستىر كوماندىسى تارىخدىكى تۇنجى قېتىم قالپاق ئويۇننىى ئوينىدى.
1-ئاينىڭ28-كۈنى ، ئىنگىلاد پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىىسى 4-ئايلانما مۇسابىقىسى، مانچېستىر كوماندىسى بىلەن توتىنھام كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، تاق ئايلىق ئۇرغان توپ سانى 7 گە يەتكۈزدى، ھەمدە مۇشۇ مۇسابىقدىكى ئىككى توپ بىلەن 25توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدىكى 23توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسىنى يېڭىلىدى . شۇنداقلا كانتوننانىڭ پۇتۇن پەسىلدىكى 25توپ رىكورتىنى بۇزۇشقا ئازلا قالغان ئىدى.
2-ئاي
2-ئاينىڭ2-كۈنى، ۋېنگېر مۇخپىرلارغا : «رونالدو ئەسلى بۇرۇن ئارسىنالنىڭ كىيمىنى كىيىشكە ئاز قالغان ئىدى دېدى. سەۋەبى نەچچە مىليوننىڭ ئىشى بىلەن ئارسىنال كوماندىسى رونالدونى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدى»
2-ئاينىڭ3-كۈنى، «دۇنياخەۋەرلەر گېزىتى» مانچېستر كوماندىسى بىلەن رونالدونىڭ 44مىليونلۇق باھا بىلەن يەنە 4 يىللىق توختام تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. رونالدونىڭ يىللىق مائاشى 14مىليون قىلىپ بېكىتىلدى. توختام مۇددىتى 2014-يىلغىچە ئۇزارتتى. بۇنداق قىلشى ئارقىلىق مانچېستىر كوماندسىى رونالدونى تۇتۇپ قالماقچى بولدى.
2-ئاينىڭ5-كۈنى، رونالدو ئۆزىنىڭ 23ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئىتالىيە بىلەن پورتىگالىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇق مۇسابىقسىدە ئۆتكۈزدى، لېكىن پورتىگالىيە كوماندىسى 3:1 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتتى.
2-ئاينىڭ8-كۈنى ، ئىنگىلاد بىرلەشمىسى 2-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، رونالدو بۇ باھالاشتىنمۇ قۇرۇق قالمىدى.
2-ئاينىڭ14-كۈنى،يەنى ئاشىق-مەشۇقلا كۈنى، رونالدو مەشىق مەيدانىغا تېلفۇن ئەكىرىپ، قىز دوستىنىڭ 4تال قىسقا ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلغان، بۇ ئىش تېرنېر فۇرگېسىن تەرپىدىن 8مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان.
3-ئاي
3-ئاينىڭ5-كۈنى ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقسى 16\1 تاللاش مۇسابىقسىدە، مانچېستىر كوماندىسى رونالدونىڭ 1 توپىغا تايىنىپ، ئومۇمى نەتىجە 2:1بىلەن ،فىرانسىيە بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونى لىيون كوماندىسىنى شاللاپ 8نىڭ ئىچىگە كىردى. رونالدونىڭ جەمىي كىرگۈزگەن توپى 30 قا يەتتى. شۇنداقلا مانچېستىر كوماندىسنى، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ 96-98يىلغىچە چېمپىيونلۇق لوڭقسى مۇسابىسقىدە ،ئۆز مەيدانىدا ئۇدا 10مەيدان غەلبە قىلىش رېكورتىغا يېتىشۋالغان ئىدى.
3-ئاينىڭ 12-كۈنى، رونالدونىڭ باشقىلار تەرپىدىن مەيداندا ئارقا-ئارقىدىن قائىدىگە خىلاپ ھەركىتىگە ئۇچۇرشىغا قارىتا، ساندېلا ئىپادە بىلدۇرۈپ، «مانچېستىرنىڭ ھەر قانداق 7نومۇرى ، بېسىتتىن ئۆگۈنىشى لازىم، بېسىتقا ئوخشاش ئۆتكۈر كۆزلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قائىدىسىز ھەركەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك، رونالدومۇ بېستنى ئۈلگە قىلىش زۆرۆر ، ھەرگىزمۇ ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ ،ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە بارماسلىقى لازىم، چۈنكى ئۇ يەردىمۇ قائىدىسزلىق خېلىلا ئېغىر»دېدى.
3-ئاينىڭ20-كۈنى، مانچېستىر كوماندىسى رونالدونىڭ كىرگۈزگەن ئىككى توپىغا تايىنىپ بولتون كوماندىسنى 0:2يەڭدى، شۇنىڭ بىلەن رونالدونىڭ مۇشۇ پەسىلدىكى ئۇرغان توپ سانى 33كە يەتكۈزدى، ھەمدە بېسىتنىڭ 67\68-مۇسابىقە پەسلىدىكى 32توپ كىرگۈزۈشتەك رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
4-ئاي
4-ئاينىڭ2-كۈنى، گوللاندىيە پۇتپول چولپىنى كىرۇيىف كۆپچىلىككە رونالدونى ماختاپ،«رونالدونىڭ ھازىرقى تۆھپىسى، بېسىتنىڭ مانچېستىرغا قوشقان تۆھپىسىدىنمۇ ئېشپ كەتتى دېدى»
4-ئاينىڭ12-كۈنى، ئنگىلاد بىرلەشمىسى 3-ئايلىق مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاشتا، رونالدو بىلەن تېرنېر فۇرگېسىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
4-ئاينىڭ13-كۈنى، ئىنگىلاد بىرلەشمىسى34-ئايلانما مۇسابىقسى ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقدە رونالدو ھۇجۇم قوزغان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مانچېستىر كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ ئويناش تارىخىدا ئۇدا 7مەيدان مۇسابىقدە 8توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى.
4-ئاينىڭ28-كۈنى، ئەنگىلىيە كەسپى پۇتبولچىلا بىرلەشمىسى ، 2008-يىللىق مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلەن قىلدى، رونالدو ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ھېنرىدىن كېيىنكى ئۇدا 2 قېتم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چولپان ھېساپلىناتتى. ئۇ يەنە PFAتوپ مەستانىلرى باھالاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ھەمدە PFAنىڭ باھالاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئىدى.
5-ئاي
5-ئاينىڭ2-كۈنى، رونالدو ئىنگىلاد پۇتپول مۇخپىرلىرى بىرلەشمىسى تەرپىدىن «ئىنگىلاد يىل ھالقىسىدىكى ھەم مۇنەۋۋەر پۇتبولچى »بولۇپ باھالاندى.
5-ئاينىڭ11-كۈنى، ئىنگىلاد بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقسىدا رونالدو ھەم مانچېستىر كوماندىسى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدا10-قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى .رونالدو 34مەيدان مۇسابىقدە31 توپ كىرگۈزۈپ، ئالەن شىئېرنىڭ ھەرقايسى رېكورتىغا يېتىشۋالدى. ھەمدە ئىنگىلاد بىرلەشمىسنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن سالاھىتىگە ئېرىشتى.
5-ئاينىڭ12-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى رونالدوغا 100مىليون دوللار باھا قويۇپ، قولغا چۈشۈرۈشكە تىرىشتى.
5-ئاينىڭ13-كۈنى،رونالدو كۇلۇبنىڭ باھالىشى ئاستىدا ،يىل ھالقسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىربولۇپ 3 مۇكاپاتنى ئالدى، پۇتپۇل مەستنىلىرىنىڭ باھالىشىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ھەم توپچىلار باھالىشىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى.
5-ئاينىڭ21-كۈنى، موسكىۋانىڭ يامغۇرلۇق كېچىسىدە، مانچېستىر كوماندىسى بىلەن چېلسى كومانىدىسى ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى ئوينىدى، رونالدونىڭ كاللا توپى بىلەن ، لەمپاردىنىڭ بىر توپى بۇ ئىككى كوماندىنى نوقتا توپ جېڭىدە باشلاپ ئەكىردى. چېلسى كوماندىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتا توپى ۋاندېرسار تەرپىدىن توسۋېلىنىپ، مانچېستىر كوماندىسى ئاخىرى «يوغان قۇلاقلىق لوڭقى»نى ئېگىز كۆتۈردى. رونالدو چېمپىيونلۇق مۇسابقىسىدە 8 توپ ئۇرۇپ مۇنەۋۋەر مەرەەن بولۇپ باھالاندى.
5-ئاينىڭ23-كۈنى رونالدو بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مانچېسىتىر كوماندىسىدىن كەتمەيدىغانلىقىن ئېلان قىلدى.
6-ئاي
6-ئاينىڭ1-كۈنى، پورتىگالىيە دۆلەت باشلىقى فۇسېنگا ، شىنخۇا ئاگېنتلىغىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، جوڭگونىڭ ۋېنچۇەندىكى يەرتەۋرەشكە مالىيە ھەم ئادەم كۈچى جەھەتتە ياردەم قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رونالدومۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە كۆڭلىنىمۇ بىلدۈردى.
6-ئاينىڭ9-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى رونالدوغا 120مىليون باھا قويدى....لېكىن مانچېستىر تەرەپ يەنىلا بۇ باھانى رەت قىلدى.
6-ئاينىڭ11-كۈنى، رونالدو چېخ كوماندىسىغا بىر توپ كىرگۈزدى، بۇ توپ ئۇنىڭ ياۋروپا لوڭقسى مۇسابقىسىدىكى تۇنجى توپى ھەم بىرلا ئىدى. رونالدونىڭ پورتىگالىيدىكى رولىمۇ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ھامدە پورتىگالىيە كوماندىسى 4نىڭ ئىچىگە كىرەلمەي شاللىنىپ كەتتى.
7-ئاي
7-ئاينىڭ7-كۈنى، ئۇ ئوڭ پۇتىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇردى، ھەم ئوپىراتسىيە ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى.
8-ئاي
8-ئاينىڭ5-كۈنى، فۇگېسىن مۇخپىرلارنى كۈتۋېلىش يىغىنىدا «خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسنىڭ ئويۇنى ئاخىرلاشتى، رونالدو يەنىلا كوماندىدا قېلىپ قالدۇ»دېدى.
8-ئاينىڭ9-كۈنى ،رونالدو پۇتۇنلەي ئەسلىگە كېلىپ، كۇلۇبنىڭ مەشىقىگە قاتناشتى.
8-ئاينىڭ29-كۈنى، ياۋروپا پۇتبولچىلا بىرلەشمىىسى موناگې شەھىرىدە، ئالدىنقى پەسىللىك مۇنەۋۋەرلەرنى باھلاش ئۆتكۈزدى، رونالدو ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ھەم ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالاندى.
9-ئاي
9-ئاينىڭ13-كۈنى، رونالدو «ياۋروپا تەنتەربىيە گېزىتى بىرلەشمىسى»نىڭ باھالىشىدا ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھەمدە ئالدىنقى پەسىلدىكى 31توپى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالاندى.
9-ئاينىڭ18-كۈندىكى مانچېستىر كوماندىسى بىلەن بىلىيالىيار كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقسدە رونالدو تۇنجى مەيدانغا چىقتى.
9-ئاينىڭ24-كۈندىكى مانچېستىر كوماندىسى بىلەن مىدېرسىبورىگ كوماندىسى ئوتتۇرسدىكى مۇسابىقدە ئۇ 08\09 مۇسابىقە پەسىلدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى.
10-ئاي
10-ئاينىڭ14-كۈنى، ئىتالىينىڭ «رىم گېزىتى»نىڭ تەشكىللىشى ھەمدە تېرنېر، توپچى ھەم باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى ئارقىسىدا ،رونالدو باشقا پۇتبولچىلارنى بېسىپ چۇشۇپ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى.
10-ئاينىڭ19-كۈنى،« فىرانسىيە پۇتبول ژورنىلى» 50نەپەر ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسىنى ئېلان قىلدى. رونالدونىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ئىدى.
10-ئاينىڭ24-كۈنى. ئامرىكىنىڭ ASKMEN.COM تورى باھلاپ چىققان، ئەڭ تەسىىر دائىرىسى چوڭ ئەرلەرنى باھالاشتا رونالدو9-ئورۇندا تىزىلغان.
10-ئاينىڭ27-كۈنى، خەلىئارا پۇتبولچىلا بىرلەشمىسىى، 08\09يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرنى باھالاشتا، رونالدو كاكا قاتارلىق چولپانلارنى يېڭىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ھەمدە 11كىشلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنىڭ ئىچىگە كىردى.
11-ئاي
11-ئاينىڭ 1-كۈنى، رونالدو «كوماندا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، «مەن يالغان يىقىلىش ئۇستىسى بولسام، ئۇنداقتا دۇنيادىكى بارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ ھەممسى ماڭا ئوخشاشللا داڭلىق يىقىلىش ئۇستىسى »دېدى.
11-ئاينىڭ3-كۈنى، رونالدو مانچېستىر كوماندىسى بىلەن يېڭى توختام ئىمزالاپ، مائاشىنى 15 مىليونغا ئۆستۈردى. بۇ مائاش ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يوقۇرى مائاش ھېساپلىناتتى.
11-ئاينىڭ4-كۈنى، ئىنگىلادنىڭ بۇرۇنقى رىۋايەتلىك مەرگىنى گالى-لايىنكېر ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ باھالىشىدىكى ئىنگىلادبىرلەشمىسى تارىخدىكى 11كىشلىك سەپ شەكلنى ئېلان قىلدى، رونالدو بۇ 11كىشلىك سەپ شەكلىگە كىرىدى.
11-ئاينىڭ13-كۈنى، زىدانى مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ«رونالدونىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ،.ئۇنىڭ ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەن شەخسەن ئۇنىڭغا ئامەت تىلەيمەن »دېدى.
11-ئاينىڭ15-كۈنى مانچېستىر كوماندىسى بىلەن سىتوك شەھرى كوماندىسى ئوتتۇرسدىكى مۇسابىقىدە رونالدو 2 ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مانچېستىردىكى كىرگۈزگەن توپ سانىنى 100ھەم 101 گە يەتكۈزدى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىنگىلاد بىرلەشمىسى15-ئايلانما مۇسابىقسدىكى مانچېستىر دېربىسدە رونالدو قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى.
12-ئاي
12-ئاينىڭ2-كۈنى، رونالدو ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|