akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4244|ئىنكاس: 18

ئەڭ كەسكىن رىقابەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەممە يەرنىڭ غوجىسى بار . ئىشەنمەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۆيۈڭلەردە داداڭلار ئۆينىڭ غوجىسى. مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى غوجا ھېساپلىنىدۇ. دىيىشىڭىز مۇمكىن ماڭا ھېچكىم غوجى ئەمەس دەپ،خاتالىشىپسىز، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز غوجا. . گەپكىلا كەلسەك ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى سورۇنى دەل ياۋروپاغا غوجا سايلايدىغان رىقابەت سورۇنى(بۇ يەردە پۇتبول سەھنىسى كۆزدە تۇتىلىدۇ).
    ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، بۇ سورۇن  ياۋروپا كۇلۇپلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچ سىنىشىش سورۇنى ھېسابلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ غوجىلىق ئورنىنى دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋروپا لوڭقسى....بەلگىلىگەن بولسا ياۋروپادىكى كۇلۇپلارنىڭ غوجىسىنى دەل ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بەلگىلەيدۇ. يېقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇ لوڭقىنىڭ ئەڭ ئالقىشلىق مېھمانلىرى، ئىتالىيە،ئىسپانىيە،ئېنگىلاند كۇلۇپلىرى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.مىسال ئېلىپ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئاخىرىغا بارغان ئىككى كوماندىلارنى ئەسلەپ كۆرەيلى:
00/01پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا بەيرىن مىيۇنخىن ۋالۈنسىيە
01/02پەسللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا مادىرىت لىۋىركوسىن
02/03پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا مىلان يۇۋىنتۇس
03/04پەسىللىك ئۈزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا بورتو موناگو
04/05پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا لىۋىرپول مىلان
05/06پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا بارسىلونا ئارسىنال
06/07پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا مىلان لىۋىرپول
07/08پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنى تالاشقۇچى ئىككى كوماندا مانچىستىر چېلسى
      يېقىنقى سەككىز يىللىق ئۇچرىشىشقا نەزەر تاشلىغاندا يۇقىرىدا دىيىلىپ ئۆتكەندەك ئىتالىيە،ئىسپانىيە،ئېنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ بۇ ئورۇنغا ئىنتىلىشى ھەمدە تالىشىشى ئەڭ كەسكىن دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. ئۇنداقتا بۇ يەردە نىمە دىمەكچى؟ كۆپ قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزى ياقتۇرغان بىرلەشمىنى باشقىسىغا تەڭ قىلمايدۇ .ھەممەيلەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئەمما شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى تەڭ قىلماسلىقنى  قارىغۇلارچە تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىگە كۆتۈرۋېلىش مىنىڭچە ئۆزىنى توپ مەستانىسى ھېساپلايدىغانلارنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەلۋەتتە توپ مەستانىلىرىنىڭ قىززىقىش تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، گۆدەك مەزگىلدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن تۇراقسىز بۇلۇپ، بۇلار ئارىسىدا  يۇقاردىكى سېلىشتۇرۇپ تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى قاراپ باقساق ئىتالىيە كۇلۇپلىرى بىلەن ئېنگىلانىد كۇلۇبلىرىنى سېلىشتۇرۇش بىر قەدەر ئەۋجە ئالغان. بۇلار ئارىسىدىكى تالىشىشمۇ بىر قەدەر كەسكىن كىلىشتۈرۈش تەس.بۇنىڭ مىسالى:

يۇقارقى رەسىم دەل 2007-يىلى 4-ئاينىڭ4-كۈنىدىكى رىم ئۆز مەيدانىدا ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر كوماندىسىنى 2-1نەتىجە بىلەن يەڭگەندە ،مانچىستىر توپ مەستانىلىرى بىلەن ئىتالىيە تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ زىدىيەتلىشىشى بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا 18نەپەر مانچىستىر توپ مەستانىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
يەنە:

    2007-يىلى 5-ئاينىڭ23-كۈنى ، چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىۋىرپول بىلەن مىلان ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىم دەل ئىككى تەرەپ توپ مەستانىلىرىنىڭ جودا ئوينىشى.
   ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنىڭ بۇ تەخىتنى تالىشىشى ئەنە شۇنداق قالايمىقانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىمۇ  ئىتالىيە بىرلەشمىسى بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنى سېلىشتۇرىشى بىر قەدەر ئىغىر.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئىككى بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى تۇتۇشىشلىرى بىر قەدەر كەسكىن. يېقىنقى تۆت يىلدىكى مۇسابىقىنى كۆزەتسەك ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىن لىۋىرپول بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن مىلاننىڭ بۇ لوڭقىنى تالىشىشى 2 قېتىم يۈز بەردى.نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى بىر قېتىمدىن لوڭقا كۆتۈردى. ئەمما ئىككى بىرلەشمە ھېچ قاچان بىر بىرىگە تەن بېرىپ باققان ئەمەس. يىراقنى قويايلى،بۇ يىلدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسى بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ تۇتۇشىشى مۇددەتتىن بۇرۇن كەلگەن بۇلۇپ، بۇ يىل ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بۇ ئىككى بىرلەشمىنىڭ قاتتىق كۈچ سىنىشىشى بۇلۇپ قالىدۇ. قارايدىغان بولساق 16كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ بۇلۇنغاندا،كوماندىلرنىڭ تۇتۇشۇش تەرتىبىگە چەك تاشلاندى،نەتىجە كىشىنى قورقۇتقۇدەك دەرىجىدە بۇلۇپ چىقتى. يەنى: يۇۋىنتۇس بىلەن چېسلى ، مانچىستىر بىلەن ئېنتىر،رىم بىلەن ئارسىنال .مانا بۇ تىپىك بولغان ئىككى بىرلەشمە سەركىلىرىنىڭ يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىشىدىن دېرەك بەردى. ھەر يىلى مۇسابىقىدىن ئاۋاللا تارتىلدىغان چەكنىڭ زادى قانداق بۇلىنىدىغانلىقى مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارلىنىپ قالىدىغان ئىش مەۋجۇت، بۇ يىلمۇ توردا تارقالغان پاراڭلارنىڭ مەلۇم قىسىمى ئەمەليەتتە ئىسپاتلاندى.ئۇنداقتا  پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ئىككى بىرلەشمىنىڭ يۈزمۇ-يۈز تۇتىشىشىدا قانداق ئويۇن چىقىدىغاننى كۆرۈش ئۈچۈن قەستەن ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھېچ كىم ئېنىق ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى بىرلەشمىدىكى سەركەردىلەرنىڭ بالدۇرلا بۇنداق تۇتۇشۇپ قېلىشى بىزلەرگە ئەڭ كەسكىن مۇسابىقىلەردىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. ئەمما قايسى تەرەپ شاللانسۇن، مەيلى توپ مەستانىلىرىغا بولغان زەربە بولسۇن ياكى كوماندىغان بولغان زەربە بولسۇن تەسىرى خېلى چوڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە شاللانغان ئىكەن جودا ئوينايدىغانلارمۇ بوش قالمايدۇ.دىمەك مەيداندا توپچىلار توپ ئوينىسا،مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا مەيدان سىرىتىدا مەستانىلەر جودا ئوينايدۇ دىگەن گەپ. ئىلگىرى ئىتالىيە بىرلەشمىسى "كىچىك دۇنيا لوڭقىسى"دەپ ئاتىلاتتى. كىيىن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرىتى تىزلىشىپ كۆپ قىسىم توپ مەستانىلىرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە قاراتتى. ھازىر ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلارنىڭ مۇسابىقە رېتىمىنىڭ تىزلىكى ، ئەزالارنىڭ بەدەن سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرلىقى بىلەن توپ مەستانىلىرىنى ئېسىل مۇسابىقىلەردىن بەھرلەندۈرمەكتە. كۆپ يىللىق جىمجىتلىقتىن كىيىن بۇ يىل ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەينى ۋاقىتتىكى"كىچىك دۇنيا لوڭقىسى" دەۋرىگە يېقىنلاشتى. ئېنتىر ئۆزىگە ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە "تەلۋە"دەپ نامى چىققان مورىنىونى ئەكىلىش بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ كۈچ سىنىشىش دەرىجىسى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.باشقا كوماندىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى بۇ يىلقى ئۇزغۇنلار لوڭقىسى 8كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى بۇ مۇسابىقىلەر ئىككى بىرلەشمىنىڭ بىۋاستە پۇت تېپىشىشى.

ئالدىنقىسى 08-يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ غالىبىيەتچىسى ،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنى،دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ ساھىبى،بۇلارنى باشلاپ مېڭىۋاتقىنى بولسا تېرنىرلىق ساھەسىدە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېساپلىنىدىغان ،قۇۋلۇق بىلەن ئەقىل پاراسەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تەجىربىلىك تېرنىر.08دىكى ھەممە لوڭقا ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. كىيىنكىسى بولسا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەختىنى بېسىپ ياتقان ھۆكۈمران.ئۇدا نەچچە يىل ئىتالىيىدە ھېچكىمنى ئاخىرغىچە كۈلۈشكە رۇخسەت قىلمىغان خەلىقئارا چولپانلار كۆپ، ئۇرۇندۇقنىڭ سۈپىتىمۇ خەلىقئارا بويىچە ياخشى ھەم مول بولغان كوماندا ، بۇلارنى باشلاپ مىڭىۋاتقىنى بولسا"بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش"نىڭ تىپىك مەسئۇلى بۇلۇپ،ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن تالانتلىق تېرنىر،ھەم قاراملىقتا ئۇچىغا چىققان "تەلۋە" بۇ ئىككى كوماندىنى مۇنداقلا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئىككى بىرلەشمىدىكى سەركىلەرنىڭ تۇتۇشىشى. ھازىرقى ئەھۋالنى سېلىشتۇرغاندا مانچىستىر كوماندا كەيپىياتى جەھەتتە ئېنتىردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ قېتىمدىكى مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندا ئۈچۈن ئېغىر سىناق ھېساپلىنىدۇ.


ئالدىنقىسى ئىتالىيىدە مەيدىسىدە بىردىنبىر ئىككى يۇلتۇز بار ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا. "تىلفۇن سەتچىلىكى"دىن كىيىن دەرىجە تۆۋەنلىتىلگەن بۇ كوماندا ئىنتايىن تىزلا ئۆز ئەسلىگە كىلىۋالدى. بۇ يىل ئۇلار چىمپىيۇن بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى قارىلۋاتقان ئېنتىرنى قوغلۇشۇپلا مېڭىۋاتىدۇ، بۇ يىلدىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى ھالەتتە. كىيىنكىسى بولسا ئالدىنقى يىلدىكى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ ئىككىنجىسى.خەلىقارالىق چولپانلار بىر قەدەر كۆپ يىغىلغان. چېلسىنىڭ ھازىرقى تېرنىرى دەل بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ پارلاق ۋاقتىدىكى سىكولارى.

ئالدىنقى يىلدىكى بىرلەشمىنىڭ ئىككىنجىسى. تەجىربىسى مول ئالدىنقى يىلى مادىرىتنى ئۇتۇشى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇ "مۇمكىن بولمايدىغان"ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. گەرچە بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىسىمۇ لىكىن ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ھالىتىدىن باھا بەرگەندە،رىم ھەرگىزمۇ بوش چاغلاشقا بولىدىغان كوماندا ئەمەس.
  كىيىنكىسى بولسا ۋېنگىردەك تەجىربىلىك تېرنىرنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ياۋروپا مەيدانلىرىنى زىلزىلگە سېلىۋېتقان بىر توپ ياشلىق قېنى ئۇرغۇپ تۇرغانلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندا. ئۇلارنىڭ بىرلەشمىدىكى ياكى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ھەر قانداق كۇلۇبنى ئەنسىرەتمەي تۇرالمايدۇ.
  ئومۇمەن، ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ياۋروپا كۇلۇپلىرىنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سورۇنى. مەيلى ئۇ نەدىن كەلگەن بولسۇن سەۋىيىسى قانچىلىك بولسۇن توپ مەستانىلىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە بەھىرلىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھەر قايسى بىرلەشمىلەرنىڭ دۇنيادىكى دەرىجىسى پەقەت سىز ۋە بىزگە ئوخشاش مەستانىلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىسىدا تاللىنىدۇ،ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغانغا ئوخشاش، مەيلى قايسى بىرلەشمە يۇقىرى ئورۇنغا تىزىلسۇن ياكى بولمىسۇن ،ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى ئۇچرىشىشى ئەڭ كەسكىن بولىدىغانلىقىغا ئېشىنىمز!ئەلۋەتتە،رىقابەت بولمىسا ئىلگىرلەش بولمايدۇ! قېنى بۇ يىل كىم ياۋروپانىڭ غوجىسى بۇلالايدىكىن؟ھەممىمىز تەشنالىق ئىچىدە شۇ مىنۇتلارنى كۈتمەكتىمىز!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 10:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ قىزيدىغىنى يەنىلا ئىنتىر بىلەن مانچىستىر، مورئىنۇ بىلەن فۇگۇسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 11:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىر بىلەن مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاتمەن . شۇ مۇسابىقىگە ئاتاپلا بانكىدا 4 مىليون پۇل ساقلاپ قويدۇم ............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 11:43:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستىر بىلەن ئىنتېر بۇ ئىككى كوماندا مېنىڭ 2- قىزىقىدىغان كۇلۇبلىرىم. بۇ ئىككىسىگە ئالدىرىپ بىر نەرسە دېيىش ئاقىلىنىلىق ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 12:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىر  بىلەن مانچىستىر    يۇۋۇنتۇس بىلەن چېلسى   لېۋېرپول بىلەن مادرىت كىم كۆرمەي تۇرالايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 13:16:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىنگىلانت بىرلەشمىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ جىڭى بوپتۇ...قىنى كۆرۈپ باقايلى...كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 13:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھەممىسى تازا قىززىيدىغان ،ئالدىراپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدىغان مۇسابىقىلەردەك تۇرىدۇ جۇما!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 15:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋۇنتۇس ،چىسلىي جىڭى مىنىڭچە ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيوننى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 16:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھەممسى بىرسى بىرسىگە يول قويماي كىلىۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 17:42:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر بىلەن ئىتتىرنىڭ مۇسابىقىسى دەھشەت قىززىيدىغاندەك تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-24 19:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى 米兰抢手 نىڭ 2009-01-24 15:42 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
يوۋۇنتۇس ،چىسلىي جىڭى مىنىڭچە ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيوننى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ.
قېنى ئاتۇش بالىسى، ما يەردە بىرسى چېلسىنى چېسلى دىۋاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-25 11:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى ياۋرۇپا ئوزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ تىخىمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقى ئىنىقتە........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش