akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5954|ئىنكاس: 37

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇتبول ھەركىتى ئىنتايىن تەرەققى قىلىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە ،پۆتۈن دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە تۇتقان پۇزىتسىيەسى ۋە ئاكتىپچانلىقى ناھايتى تىز سۆرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. ئىلگىرى پۇتبولنى بىر تەنھەرىكەت سۆپىتىدە قوللىنىپ پۇتبول ئۇيۇنىنى مەلۇم تۆرگە قاراتقان بولسا ، بۇ ئۇيۇننىڭ خارەكتىرى  ھازىر شۇ ئۇيۇن ئويناۋاتقان ئادەملەر تۇپىنىڭ بىۋاستە ھەر ساھە خارەكتىرىنى ئىپادە قىلىدىغان .ئۇنىڭدىن ھەممە پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان ئونۋېرسال خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەن، غورورئىپادىىنىدىغان بىر خىل ئونۋېرسال تەنھەرىكەتكە ئايلاندى.
شۇنداقكەن بۇ پۇتبول تۈرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان بىر تەنھەرىكەت دەپ ئاتىساق ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
ھەممىمىز ئويلاپ كۈرىدىغان بولساق  بىزنىڭ پۇتبول ئۇيۇنىنى ناھايتى چوڭ بىلىدىغانىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش ئېڭىمىز قانداقتۇر ئەمدىلەتتىن يىتىلگەن ئىش بولماستىن ،ئاۋۋۋال قىنىمىزغا سىڭگەن جۇشقۇنلۇق ۋە يىڭىلمەس روھ بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇد بۇلۇپ كىلىۋاتقان تەبىئى ئامىل ئىكەنلىكىنى ھەر بىر قىرىندىشىمىز چۈشىنىدۇ.
شۇنداقكەن ئەمىلى نەتىجە بىلەن پۇتبولدىكى تەرەققىياتنى كۈرۈشنى ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن خالايمىز. نىمىشقىكىن بىزنىڭ بۇ ئىنتىلىشىمىز بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىمىز قەتئى ماسلاشمايۋاتىدۇ. خۇددى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايۋاتىدۇ.
مەن ئاۋۋال پۇتبولنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ۋە بۇ پۇتبول ئۇيۇنىنى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ھەۋەسكار بۇلۇش سۆپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى مۇنبىرىمىزدىكى بۇ ئىشقا ئىشتىراك ئەتكەن ئەزىز قىرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىۋاتىدۇ.
پۇتبول ھەركىتىنى قانداق يۇسۇندا قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقى خۇشاللىق بىلەن مەمنۇنىيەتنى كۈرۈش قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى بولغاچقا پىكىر ئارقىلىق يۇچۇقلارنى ۋە ئارتۇقچىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشمۇ بىزنىڭ بىر كىشىلىك بۇرىچىمىزدۇر..
شۇنىڭ ئۆچۈن تۈۋەندىكى قارىشىم بۇيىنچە ئاھىيە تۈزۈپ باقتىم.
1-پۇتبول ھەركىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت برىپ  قاپلاش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتۈرۈۈش. ئە ڭ ئاۋۋال بارلىق ياشلارنىڭ ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تۆھپىكارلارنىڭ بۇ ئۇيۇنغا بولغان قىزىقىشىنى كۆچەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىش. توغرا بىزىڭ تەشۋىق ۋاستىلىرىمىز يىقىنىقى يىللاردىن بۇيان خېلى كۈرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن بىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملىرىمىزىڭ بۇ ھەرىكەتىتىن خەۋەردار بۇلىشى تۇلىمۇ تۆۋەن ئۇرۇندا بۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ جەھەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا قەشقەر ۋېلايىتى بىلەن غولجىنىڭ نەتىجىسى خېلى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ. يىقىنىقى يىللاردىن  بىرى ئاقسۇنىڭ نەتىجىسىمۇ بىر قەدىر ياخشى بۇلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بۇ تۆرگە ئەھمىيەت بىرىشى ئادەمنى قەتئىي رازى قىلالمايدۇ.
مەلۇم بىرسى بىلەن بىكار گەپ سېتىپ خىيالىي تۇيغۇنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتشىگە رازىكى ، ئۆز تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مەنىگە تولدۇرىدىغان پۇتبول ھەركىتىگە قىزىقىشى يوق دىيەرلىك. مەسىلەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق ، ياۋۇرپادىكى بىرلەشمىلەردە يەنى ئىتالىيە. ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىرلەشمىلەردە قىززىيدىغان پۇتبولغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭ ئىشتىراك ئەتكەن ياش سىتۇدىنىتلارنىڭ نۇرغۇنلىقىنى بايقايمىز. توغرا بۇ گەپ چىققاندا ئارىمىزدىكى بالىلار ئۇلار نەدە بىز نەدە دىيىشى مۇمكىن.
دىمىسىمۇ غايەت زور پەرىق بار، تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. لىكىن پۇل كەتمەيدىغان مەنىۋى پەرىققە نەزەر سالىدىغان بولساق . ئۇلار بۇ ئۇيۇننى پەقەت تەنھەركەت قاتارىدا ئەمەس . غورور قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ. لىكىن بىزچۇ؟ بىز تېخى ئۇنى چۈشىنىپمۇ يىتەلمەيۋاتىمىز. بىزنىڭ خەنلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇلارنىڭ نەتىجىسى شۇنداق ئادەمنى شۆركۈندىرىسىمۇ لىكىن تەشۋىقى ئامىللاردا بىر ئاماللارنى قىلىپ يەنە شۇلارغا مەدەت بىرىدۇ. شۇنداقكەن پۇتبول سىياسىيغا ياتىدىغان جىنايەت ئەمەس .بۇنى ھەممەيلەن تۇنۇپ يەتسەك. ئۇنىڭدىكى سىھرى كۈچنى، ساغلاملىقىنى مەنىۋىيتىمىزگە ئۇزۇق قىلىپ، تەشۋىق قىلساق ئاۋۋال خەلىق ئىچىدە بۇ تۈرنىڭ ناھايتى مۇھىم تۈر ئىكەنلىكىنى ھەممىسى چۈشىنىپ يىتىدىغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللەنسە، ئۇنىڭدىن كىيىن ياش ئۆسمۈرلىرىمىزدىمۇ تەۋرىنىش بۇلىدۇ.
2- پۇتبول ھەركىتنىڭ يىتىمسىراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇتبول ھەركىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىپادىسى ئۇمۇمىيەتكە يۈزلىنىشتۇر.بۇ  قانداقتۇر پەقەت تەنھەركەتچىنىڭ ھەم مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭلا قىلىدىغان ئىشى دەيدىغان خاتا قاراشتىن قەتئىي ساقلىنىش كىرەك. پۇتبول ئۇيۇنى ھەممىزنىڭ ئۇيۇنى . ئۇنىڭدىكى جەسۇرلىرىمىز بىزنىڭ جەسۇرلىرىمىز، بۇنىڭدا بىزنىڭ باتۇر، قەيسىرانا روھىمىز بار دىگەن ئاڭنى يىتلدۈرۈش كىرەك. مەن مۇشۇ يەردە مۇنداق بىر نەچچە خىل قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن. بىزنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسى قاتلامدىكى پۇتبول ھەركىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق. بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى  مائارىپ ئۇل مۇئەسسە ئىشلىرى ئىككى ئاساسەن باھانىسىدا ياخشىلاندى. ئەمدى بىز پۇتبول ھەركىتنىڭ بىخ سۆرىدىغان مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق . بەزى مەكتەپلەردە 6يىل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇپمۇ پۇتبولنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقماي چىقىپ كىتىدىغان  ئەھۋاللار ناھايتى كۆپ.
بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىمۇ يەنىلا بىزنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقىمىز سەۋەبمۇ ياكى ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە پۇتبول تۇپىنىڭ بولمىغانلىقى ياكى سىياسەت چەكلىمىلكى سەۋەبىمۇ. ؟ ياكى پۇتبۇل ھەركىتى قانات يايدۇرىدىغان مەيداننىڭ بولماسلىق سەۋەبىمۇ؟
مەن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ، لىكىن تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار سەۋەب بارلىقىنى ھىس قىلدىم .
بۇنىڭ بۇنداق بۇلىشىدا تەنتەربىيە دەرىسىگە قىستۇرما كىرگۈزۈلۈپ قۇيۇلغان پۇتبول چۈشەنچىسنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى سەۋەبچىلىرى  بىزنىڭ مەشھۇر مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش بۇرىچىنى ئۆز ئۆستىگە ئالغان مائارىپ تەتىقاتچىلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى. ئۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنى ھەقمىدۇر ھەق دەپ ئىجىرا قىلىدىغان تۆۋەندىكى  جۈيجاڭلىق، مۇدىرلىق، سېكىتارلىق ۋەزىپىسى تەگكەن پارتىيەنىڭ داڭلىق مائارىپ رەھبەرلىرىدۇر،
بۇنىڭ ئىجىراچىلىرى تۈۋەندىكى نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتتىن ساراڭ بۇلۇپ كەتكەن بىچارە ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزدۇر. يەنى مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇشنىڭ ئۆنۈمىنى ، خەنزۇتىلى ئۇقۇتۇشىنىڭ ئۆنۈمىنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويغان بۇلىدۇ. شۇنداقكەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بىسىم سالغان ئىشنى تۇتۇپ ياخشى بۇلىدىغان كەيپىياتننى يارىتىش ئېڭى شەكىللىنىپ قالغان. شۇنداقكەن  ئۇلار نۇرغۇنلىغان توپلارنى ناھايتى چىرايلىق، رەتلىك، يىپ-يىڭى پېتى ئامباردا نەچچە يىللاپ ساقلايدۇ. بىرەر قىتىم بالىلارنىڭ زوقلىنىپ توپ تېپىشىگە يول قويمايدۇ.
يەنە بىر ئادەمنى ئۆمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش . پۇتبول ئوينىسا ئۇيانغا بىرىلىپ كىتىپ ياراملىق ئادەم بۇلالمايدۇ. دىگەن قۇرۇق سەپسەتە ھۆكۈم سۈرۈش بۇلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ توپ ئوينىشى قارشى ئىلىنىش تۆگۈل چەكلىنىدۇ.
يۇقارقىدەك ئۇبىكتىپ سەۋەپ بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى زاۋاللىقا يۆزلەندۈرۋاتىدۇ.شۇ سەۋەبلىك  بىز سىجىل يۈكسىلىشنى تاپالمىدۇق. ھەمدە ئاممىنىڭ ئىددىيىسىدىكى بۈيۈك كۈچكە سەل قارىدۇق.
شۇنىڭ ئۆچۈن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم  بۇ يەردە بىز بىر كىشىلىك بولسىمۇ ئۇمۇيەتكە يۈزلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك. كىچىكىدىن سىجىل تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرسەك بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزىڭ ئىستىقبالى بۇلىدۇ.
3-پۇتبول ھەركىتى قوللاشتىن مەھرۇم بۇلۇپ قىلىش ئامىلى بىزنىڭ بۇ تۈردىكى يەنە بىر ئۆتكۈزگەن چوڭ خاتالىقىمىزدۇر. قوللاش مەسىلىسى ھازىرقى دەۋىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇلۇپ بۇ ھەرىكەتنى ئاددىي ئادەمدىن تارتىپ نۇپۇزلۇق كىشىلەرگىچە قوللاش ناھايتى سۇس.
مەسىلەن بىزنىڭ خەلىقىمىز تەنھەركەتنى ئەلا بىلىدۇ.بۇنىڭ تىپىك مىسالى بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرقىسىم رايۇنلاردا مىللىي چېلىشىش ھەركىتىنى ئۆزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈش . مەن بىر قىتىم خوتەننىڭ قارىقاش  ناھىيسىدە بىرقىتىملىق مىللىي چېلىشىش ھەركىتىنى كۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. بۇ يەرگە كەلگەن چېلىشچىلارنى قوللايدىغان ئادەملەر قانداقتۇر بىر قىسىم كىشىلەر بولماستىن بەلكى يۇرىت ئىچىدىكى ئاددىي پۇقرادىن تارتىپ نۇپۇزلۇق يۈزلۈك ئادەملەر يىغىلغانئىدى.
بىر قىتىملىق چېلىشىىش مۇسابىقىسىدە ناھايتى ياخشى چېلىشقان بىر چېلىش ماھىرىمىزغا مەدەت يۈزىسىدىن بەرگەن چاۋاكتىن سرىت تەرەپ تەرەپلەرىدىن نەق پۇل يېغىپ كەتكىنى بۇلۇپ ئۇلار ئاپىرىن بىلەن بۇ ماھىرغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدى. گۈلدۇراس ئالقىش ئىچىدە بۇ ماھىرغا يىغىلغان پۇل 1000مىڭ يۈئەندىن ئىشىپ كەتتى. قاراڭ بۇ بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ تەنھەركەتنى باتۇرنى چوڭ بىلگىنى ئەمەسمۇ؟
لىكىن پۇتبول ھەركىتىچۇ؟
توغرا پۇتبول ھەركىتىنىڭ چىقىمى ۋە ھازىرلايدىغان شارائىتى بىر قەدەر زور مەبلەخنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ مەبلەخلا بىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرالماسلىققا سەۋەب ھازىرلىغىنىمۇ؟ بۇنداق چىقىمنى كۆتۈرگىدەك ئىقتىساد بىزدە ھازىر ئەمەسمۇ؟ دىگەن سۇئاللار بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئۆرتىشى مۇمكىن .
لىكىن مەن ئويلايمەن بىزنىڭ مىللىي ئادەملىرىمىز ئارىسىدا ئەگەر پۇتبول ھەركىتىنىڭ ھەقىقى قەدىر قىممىتىنى چۈشىنىش، توغرا يۇسۇندا ئەمىلەشسە بىزنىڭ   بۇ جەھەتتە ئۇچىرغان مادددىۋى يەنى ئىقتىساد قىمممىتنى چىقىرىشنى جان دەپ بىلىدىغان نۇرغۇن كاتتا ئوغلانلىرىمىز بار .
بىزدە ئىقتىساد يوق ئەمەس .بەلكى بىزدە كېمى ھەقىقى يۇسۇندىكى پۇتبول ھەركىتىگە بەرگەن مىھرىمىزنىڭ كەملىكىدە ۋە قوللىماسلىقىمىزدا.
بۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى قىزىپ چىقىرالمىغىنىزدا ئىپادىلىنىدۇ.
شۇڭلاشقا قوللاش مەسىلىسى ھازىرغىچە بۇ ھەركەتنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قۇيىۋاتىدۇ.
4- پۇتبول ھەركىتىنىڭ كەسىپلىشەلمەسلىكى. بۇ مەسىلە بىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىنى تەرەققى قىلدۇرشتا ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى . لىكىن بىزنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر  خەلىقىمىز ئارىسىدا پۇتبول كەسىپلىشەلمىدى. ئاددىيسى بىر ناخشىچى بولغان ئادەمچىلىكمۇ كەسپى يۇلىنى تاپالمىدى.
پۇتبولنى شۇنچە ياخشى كۆرسىمۇ بىزنىڭ شۇنچە كەڭرى زىمىنغا ئىگە شۇنچە بايلىققا ئىگە ئاتالمىش شىنجاڭ دىگەن ماكانىمىزدا ھەقىقى يۇسۇندا كەسىپلەشكەن بىرەر پۇتبول ئۇرۇنلىرىنىڭ ، كۇلۇپلىرىنىڭ بولماسلىقى . بىزنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ پۇتبول ھەركىتىدىن يالتىيىشقا سەۋەب بولدى.
مەن ھازىر مۇنداقچە ئۇيۇم بىلەن پەرەز قىلسام بىزنىڭ شىنجاڭدا قىسقىسى . خوتەن ، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، كورلا. تۇرپان، ئۆرۇمچى. غولجا ، قۇمۇل قاتارلىق ئاساسلىق رايۇنلىرىمىزدا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 10دىن 15كىچە نوقتىلىق كۆلەملەشكەن، كۇلۇبنى قۇرۇشقا تامامەن مۇمكىن بۇلاتتى. ھەم شىنجاڭ ئىچىدىمۇ بىرلەشمە مۇسابىقىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ . پۇتبول ھەركىتىنىڭ سىھرى كۈچىنى جۇلالاندۇرغىلى بۇلاتتى.
يەنە بىر مەسىلە مەن يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن رايۇنلاردىكى بەزى رايۇنلاردا بىر ئەمەس 2دىن 3كىچە كۇلۇپ قۇرۇشمۇ تامامەن مۇمكىن.
مۇشۇنداق كەسپىي ئۇرۇندىن سىز بىلەن مەن ئويلىنىپ باقاي شىنجاڭنىڭ قايسى يىرىدە تىزىمگە ئالدۇرۇلغان تەسىرى كۆچكە ئىگە بىرەر كۇلۇپ بار؟
بەزىلەر دىيىشى مۇكىن شىنجاڭدىمۇ ئىخلاس شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر پۇتبولنى تاشلىمىدىغۇ دەپ . بۇمۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش. لىكىن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى . كۇلۇپ ئەمەس بىر نەچچە بالىلارنى يېغىۋېلىپ پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەش بولدى. بۇ قانداقمۇ كەسپىي پۇتبول ھەركىتى بولسۇن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىرەر شەخىسمۇ قورىقماي چىقىپ مەخسۇس تۆر بۇيىنچە بۇ ھەركەتنى قازمايۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن  بزنىڭ خەلىقىمىز ئىچىدە بۇ ھەرىكەتنى ئۆز بالىلرىنىڭ باتۇرلىقىدىن ئەمەس بەلكى چەتتىكى داڭلىق چولپان ئاتالغانلاردىن كۆرۈش مودا بۇلىۋاتىدۇ.
مەركىزى ئاسىيادىكى بىر دۆلەتنى ھەممىمىز بىلىپ كەتتۇق . يەنى بۇ دۆلەت بىزگە بىر قەدەر يىقىن بولغان ئۆزبىكىستان دۆلىتى بۇلۇپ. ئۆزبىكىستاندىكى پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنى خېلى قايىل قىلىدۇ. شۇنىڭ سەۋەبى نىمە ئۆچۈن . شۇ دۆلەت گەرچە نامىرات بولسىمۇ پۇتبولنىڭ كەسىپلىشىىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . مەسىلەن بۇنىڭغا قۇرغۇچىلار كۇلۇبى مىسال بۇلالايدۇ.
تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە دۇنيادىكى پۇتبولنى ۋايىغا يەتكۈزىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا كەسىپلىشىش، كۇلۇبلىشىش ئەڭ مۇھىم ئۇرۇننى تۇتقان.
بىزنىڭ بۇ رايۇنىمىزدا بولسا بۇنداق ئويمۇ يىتىلمىدى. ھېچكىم بۇئىشنى قىلىشنى خالىمىدى. بىز يەنىلا بۇرنىمىز ئۇچچىدىكى چۆپنى خالاپشىتىپ تارتىشنى ئەۋزەل بىلدۇق. بىز كۆرىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى دەۋالغان . شىنجاڭ لاتارىيە پۇتبول كوماندىسمۇ كەسپىي ئۇرۇندىن خېلى يىراق . مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق مەسىلىلەر بىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىنى ياخشى ئېلىپ بارالماسلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۆچۈن مەن ھەممە پۇتبو سۆيەر دوسلاردىن بىركىشىك بولسىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالللرىنىڭ يۇقىلىشىغا كۆچ چىقىرىشنى ئۆمىد قىلىمەنئ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
شەمشاد + 10
ئېرپان + 10 بارىكاللا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 16:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يىزىپسىز جۇمۇ ،قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 16:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىمىز توغرىسىدىكى ئىزدىنىش

تېمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم،،،ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ.. رەھمەت سىزگە....

ئەمدى تېمىغا كەلسەم، توغرا سىز ئويلىغان ھەم بىزنى ئۆكۈندۈردىغان بىرقانچە مەسىللەر مەۋجۇت، بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ پۇتبولچىلىقىمزنى تەرىققىي قىلدۇرمىز دەيدىكەنمىز  چوقۇم  تەشۋىق قىلىشىمىز  ھەم كەڭ خەلىق ئاممىسغا يۈزلەندۇرشىمىز كېرەك. ھەرقايسى جايلاردا مۇشۇ قەشقەر ۋىلايىتگە ئوخشاش يىلدا ئىككى -ئۈچ قېتىم چوڭ كىچىك  مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ بەرسە، بىزنىڭ پۇتبولچىلىقىمىز ئۈچۈن بىر ئىلگىرلەش بولاتتى. ئەڭ مۇھىمى بەزى كارخانچىلار مۇشۇ پۇتبولچىلىقىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ سېستىمىلىق مەشىق بازىسى قۇرۇپ بەرسە، مەشىق بازىسىغا چەتئەلدىكى بىرەر تېرنېرنى  تەكلىپ قىلىپ ئەكەلسە ھېچ بولمىغاندا شىنجاڭدىكى بىرەر تېرنېرنى تەكلىپ قىلسىمۇ بولاتتى.
ھازىر قارايدىغان بولساق ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭ توپ ئوينايدىغان مەيدىنى شۇنداق ياخشى، لېكىن ئىچىگە كىرىپ توپ ئوينىماق ناھايىتى مۈشكۈل. خۇددى كۆرگەزمىگە ئېلىپ قويغاندەك..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:05:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!  
سىز  بىلەن  بىز  ئۇنى- بۇنى دىگەن بىلەن بۇ ئىشنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە ئىلاجسىزمىز!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئۇزۇندىن ئويلىنىپ كىلىۋاتقىان بىر ئويۇم بار ئىدى ،كۇلكۇلۇك بولسا كەچۇرۋىتەرىسلەر،بىز ياۋرۇپادىكى 球探لەر   بىلەن ئالاقىلىشپ بىزنىڭ بالىلارنى تونۇشتۇرساق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر تىل قابىلىتى يۇقىررق بىرەسى ئۇيغۇر توپچىلىقى توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازسا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە قىلىپ غۇرۇرىغا تەككۇدەك تۆت بەش ئىغىز گەپ قىلىپ يازسا مەن ئۇنى باستۇرۇپ كوچا-كوچىلاردا تارقىتىمەن ھەم باشىقىلارمۇ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن شۇنداق قىلساق كىچىك تىن تارتىپ چوڭغىچە كەمبەغەلدىن تارتىپ بايغىچە ئۇقىدۇ بۇيەردە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرۇپ بىرەر ئىشنى قىلالمايمىز. شۇ پەقەت..............................................................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:26:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 - قەۋەتتىكى 法布雷加斯 نىڭ 2009-01-22 17:18 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئەگەر تىل قابىلىتى يۇقىررق بىرەسى ئۇيغۇر توپچىلىقى توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازسا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە قىلىپ غۇرۇرىغا تەككۇدەك تۆت بەش ئىغىز گەپ قىلىپ يازسا مەن ئۇنى باستۇرۇپ كوچا-كوچىلاردا تارقىتىمەن ھەم باشىقىلارمۇ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن شۇنداق قىلساق كىچىك تىن تارتىپ چوڭغىچە كەمبەغەلدىن تارتىپ بايغىچە ئۇقىدۇ بۇيەردە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرۇپ بىرەر ئىشنى قىلالمايمىز. شۇ پەقەت..............................................................


شۇنداق قىلىڭ،،،،،،،،ئاندىن بىلىپ قالىسىز نەگە باردىغىنىڭىزنى،،،،،،،،،

بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇ ئىشنى كۆتەرمەيدۇ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيا قانۇنغا ياتمىسا ئەمسە بۇيەدە قۇرۇق خىيال قىلىپ بىزنىڭ پۇتبۇلچىىلىرىمىز خامان تۇنىلىدۇ دەپ خام خىيال قىلىپ ئۆتەۋىرىمىز شۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-1-22 17:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم  فابىرىگاس  ئارىسىنال مەستانىسى . سىز ھەقىقەتەن كۆڭلىڭىزدىكىنى ئۇچۇق دەيدىكەنسىز. مەنمۇ سىزدەك. ھېچ بولمىسا ئۆزۈم ئەتراپىدىكى گىپىم ئۆتىدىغان بالىلارنى مەجبۇرى ئەكىلىپ بۇ پۇتبول توغىرىسىدىكى قاراشلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ ، قاقشىپ سۆزلەپ بىر ئاماللار بىلەن پۇتبول مەيدانىغا ئەكىرىپ توپ ئوينىتىمەن.  ئۇلارمۇ ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى ياخشىلىنىپ كەتتى.
لىكىن بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى بۇ ئوت شۇنداق پارىتلاپ بىر كۆيدۈرىدىكى . بىز چۇقۇم ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭمۇ پۇتبولدىكى نەتىجىلىرىنى كۆرەلەيمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 - قەۋەتتىكى 法布雷加斯 نىڭ 2009-01-22 17:18 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
.............................................غۇرۇرىغا تەككۇدەك تۆت بەش ئىغىز گەپ قىلىپ يازسا ..................................


مانا ماۋۇنى كىمگە قارىتىپ ئېيتقان ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 - قەۋەتتىكى 法布雷加斯 نىڭ 2009-01-22 17:18 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئەگەر تىل قابىلىتى يۇقىررق بىرەسى ئۇيغۇر توپچىلىقى توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازسا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە قىلىپ غۇرۇرىغا تەككۇدەك تۆت بەش ئىغىز گەپ قىلىپ يازسا مەن ئۇنى باستۇرۇپ كوچا-كوچىلاردا تارقىتىمەن ھەم باشىقىلارمۇ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن شۇنداق قىلساق كىچىك تىن تارتىپ چوڭغىچە كەمبەغەلدىن تارتىپ بايغىچە ئۇقىدۇ بۇيەردە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرۇپ بىرەر ئىشنى قىلالمايمىز. شۇ پەقەت..............................................................

بۇ ئىشنى قىلدۇقما ئەتىسلا مۇنبەر تاقىلىدۇ، نىجات بارار يىرىغا بارىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-22 17:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 - قەۋەتتىكى ئېرپان نىڭ 2009-01-22 17:32 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :



مانا ماۋۇنى كىمگە قارىتىپ ئېيتقان ؟؟؟
سىز بەك چوڭقۇر ئيلاپ كىتىپسىز مەن ئۇنى پۇلى بار  بايلارغا قارتىپ يەنە توپ ئوينىسا دەرىسىنى ياخشى ئىلىپ بارالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانلارغا قارتىپ دىگەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش