ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 9 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدىغان «ۋېيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» بۇ ئاينىڭ 27-كۈنى باشلىندۇ ، بۇ يىل بۇ مۇسابىقىنىڭ 2-يىلى بولۇپ مۇسابىقىگە كورىيە ، ئىران ، ئاۋسترالىيە ، ئۆزبىكىستان ،جۇڭگو قاتارلىق دۆلەت كوماندىلىرى ۋە شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ پۇتبول مەكتىۋى كوماندىلىرى قاتنىشىدۇ ، بۇ مۇسابىقە ھازىرچە ئاسىيا رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلدىغان سەۋيىەسى ئەڭ يۇقرى بولغان ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئىكەن ، كېينچە جۇڭگونىڭ «تۇلۇن لوڭقىسى» تالىشى مۇسابىقىسى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
ئەمدى بۇ مۇسابىقىگە نىمە ئۈچۈن نەزەر سالىمىز ؟ ئارىمىزدىن كۆپ ساندىكى دوستلار ھەتتا «تۇلۇن لوڭقىسى» تالىشىش مۇسابىقىسىگىمۇ ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ ، بىراق بۇ ۋېيفاڭ تەكلىپ مۇسابىقىسى ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ھازىر 20دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق پۇتبول ماھىرلىرى بار ، ئۇلار 13،14،15،17 ياشلىق كوماندىلاردا ئويناۋاتىدۇ ، سەل چوڭلىرىدىن پەرھات ئىلگىرى دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان ، كىچىكلىرىدىن 13 ياشلىق كوماندىنىڭ (بەلكىم بۇ يىل 15 ياش ، ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) كوماندىنىڭ ئاتامانى ناھايىتى يۇقرى باھاغا ئېرىشكەن.
ئۆتكەن يىلى ۋېيفاڭ لوڭقىسى 15 ۋە 13 ياشلىقلار ئىككى تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ، بۇ ئىككىلى لوڭقىنى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى ئالغان ، 15 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر ئەزالاردىن سادام ۋە ئابىلجان گىرمانىيە بايرىن ياشلار كوماندىسى ۋە ئاۋىسترالىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلغان ۋە ھەر بىرى ئىككىدىن توپ كىرگۈزۈپ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەزالار قاتارىدا بىرىنجى ئورۇندا بولغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سادام شۇ كوماندىنىڭ ئاتامانى 10- نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيگەن. بۇ ئىككىسىدىن باشقا يەنە ئابلاجان ۋە دىلشات قاتارلىقلارمۇ مۇسابىقىدە بىردىن توپ ئۇرغان .
مەن ئۆتكەن يىلى تېلۋىزوردىن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرگەن شۇنداقلار ئابىلجان ۋە ساداملارنىڭ سالغان توپلىرىنىمۇ كۆرگەن ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنوتلار ، چۈنكى كوماندىدىكى ئىككى ئۇيغۇر بالا شۇ كوماندىنىڭ روھى دىسەكمۇ بولىدۇ ، ئوتتۇر مەيداندىكى سادام ۋە ئالدى مەيداندىكى ھۇجۇمچى ئابىلجان مەيلى تەشكىللەش ياكى تېخنىكا ۋە ياكى سۈرەت جەھەتتە بولسۇن باشقا ئەزالاردىن ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى...
بۇ يىلقى مۇسابىقە 27-چىسلا باشلىندۇ ، 27-چىسلا ئەتىگەن سائەت 9:30 دا ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مۇسابىقىسىنى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى نەق مەيداندىن كۆرسىتىدۇ ، تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، باشقا مۇسابىقىلەرنى بولۇپمۇ لۇنىڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرسىتىش كۆرسەتمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ، ئەگەر ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىسە چوقۇم نەق مەيداندىن كۆرسىتىدۇ ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ياكى شىندۇڭ سۈنئىي ھەمرا قانىلىدا كۆرسىتىشى مۇمكىن ، تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى توردىن ياكى تېلۋىزوردىن ۋاقتىدا مۇنبەرگە يوللاپ تورىشىنى سورايمەن ، مەنمۇ بۇ ھەقتىكى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|