ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7660 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1.ئىبرايىموۋىچ--800تۈمەن فونىتسىتىرلىڭ--- مەيلى دۆلەت كوماندىسى ۋە باشقا كۇلۇب تىرنىرلىرى ۋە ياكى پۇتبولچىلار بولسۇن ئالدىغان مۇئاشى ھەممىدىن يۇقىرى ھىسابلىنىدۇ.يەنى(1200تۈمەن ياۋرۇ) ئىنتىر رەئىسى مولادى ئۆزى ياقتۇرۇپ سىتۋىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بۇ شىۋىتسىيەلىك مولادىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىققان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويچە ئۇنى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق پۇتبولچى قىلىغان،مولادىمۇ بۇنىڭغا بەكلا ئىشندىغان بولۇپ ئۆتكەن يىلى10-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان توختامنى 2013-يىلىغىچە ئۇزارتىپ ئۇنىڭ مۇئاشىنى باشقا پۇتبولچىلاردىن ئاشۇرۇپ بىرش ۋەدىسنى بەرگەن.
2.مورىنئو--700تۈمەن فونىتسىترلىڭ-- ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىر ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا بۇ بىرلەشمىدىمۇ ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىر بولۇپ قالدى. بۇ تەلۋە تىرنىرنىڭ ئالدىغان پۇلى ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىرلار رەت تەرتىپىنىڭ ئىككىنجى ئورنىدا تۇردىغان مىلان تىرنىرى ئەنچىلودىنىڭ ئالدىغان پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ. گەرچە ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ تىرنىرلارغا بىرىدىغان پۇلى باشقا بىرلەشمىلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولسىمۇ لىكىن ھىچقانداق بىر كوماندا تىرنىر ئۈچۈن بۇنداق كۆپ پۇل خەجلىيەلمەيدۇ ئەلۋەتتە. ئىتالىيە ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسدىكى تىرنىرلارنىڭ مۇئاشىدا غايەت زور پەرىق بار بولۇپ مۇرىنئونىڭ مۇئاشى لىۋونو تىرنىرى ئوۋشى مۇئاشىنىڭ 40ھەسسىگە توغرا كىلىدۇ.
3.مىسسي-- 660تۈمەن فونىتسىتىرلىڭ--مارادونا،رومارىئو،سىتونۋىچكوف،رونالدىنئو قاتارلىقلار ئەينى چاغدا بارىسلونانىڭ پادىشاھلىرى دىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بارىسلونادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.ھازىر بارىسلونا مىسسينىڭ زور كۈچ چىقىرشى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ كىلۋاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كۇلۇبلار بۇ چولپانغا ئىرىشش ئۈچۈن توختىماي سۆزلەپ ئۇنىڭغا بىردىغان پۇلنى بارغانسىرى ئاشۇرۇپ كىلۋاتىدۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇرۇن نۇرغۇن ماھىرلارنى تۇتۇپ قالالمىغان بارىسلونا كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن مىسسينى تۇتۇپ قالدى. بارىسلونا تەرەپ ئۇنىڭغا بىردىغان مۇكاپاتنى تىخمۇ كۆپەيتكەن بولۇپ بارىسلونا ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق لۇڭقسىدا ياخشى نەتىجە بىلەن گۇرۇپتىن چىقسا 100تۈمەن ياۋرۇ، بىرلەشمەمۇسابىقىلەرنىڭ %60پىرسەنتىنى ئوينىيالىسا 100تۈمەن ياۋرۇ ، بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ياۋرۇپا ئۇزغۇنى بولۇپ قالسا 250تۈمەن ياۋرۇ بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئىيتقان، ئەگەر مىسسي يۇقارقى مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسنى ئىلىپ قالسا ئۇنىڭ مۇئاشى 1250تۈمەن ياۋرۇ بولۇپ ئىبرايىموچىتىن ئىشىپ كىتىدۇ ھەم دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ.
4.كاكا--600تۈمەن فونىتسىتىرلىڭ-- ئىلگىرى مىلان تەرەپ كاكانىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ 900تۈمەن ياۋرۇ قىلىپ ئىنتىر ھۇجۇمچىسى ئىبرايىموۋىچ بىلەن ئوخشاش قىلغان ئىدى،كىيىن ئىنتىر تەرەپ ئىبرايىموۋىچنىڭ مۇئاشىغا 300تۈمەننى قوشۇپ 1200تۈمەن ياۋرۇ قىلدى،كىيىن مىلان تەرەپ كاكا بىلەن توختامنى ئۇزارتقاندا ئۇنىڭ بىرىنجى يىلدىكى مۇئاشىنىڭ 900تۈمەن ياۋرۇ بولىدىغانلىقىنى كىيىنكى ھەريىلى 100تۈمەندىن قوشۇلۇپ 2013-يىلى1300تۈمەن بولىدىغان قىلىپ توختاملاشتى.بۇنداق بولغاندا كاكا 5يىلدا كوماندىدىن 5500تۈمەن ياۋرۇ مۇئاش ئالىدىغان بولۇپ ئىتالىيە باج قانۇنى بويچە ھەريىلى 1.1تۈمەندىن باج تۆلەپ ماڭىدىكەن.2013-يىلدىن كىيىن بۇنداق يۇقىرى سوممىلىق مۇئاشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرالماسلىق 30ياشتى ئاشقان كاكانىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدىكەن.
5.كاپىيرو--600تۈمەن فونىتسىتىرلىڭ--دۆلەت كوماندىسى تىرنىرغا قارىغاندا كۇلۇب تىرنىرلىرنىڭ مۇئاشى يۇقىرى بولۇپ كىلۋاتقان ھادىسە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق. كۇلۇبلار ياۋرۇپادىكى چوڭراق بىرەر مۇسابىقىدە 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپلا قالسا ئۇ كۇلۇب تىرنىرنىڭ ئالىدىغان مۇئاشىنەچچە مىڭ تۈمەن مۇكاپات قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، بۇنداق مۇسابىقىلەر ھەريىلى داۋاملاشتۇرلىدۇ، لىكىن دۆلەت كوماندىسى تىرنىرلىرنىڭ بۇنداق مۇكاپاتقا ئىرىشمىكى خىلىلا تەس. بۇ نۇقتىنى بىلىپ يەتكەن ئىنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىتالىيەلىك كاپىيرونى دۆلەت كوماندىسغا تىرنىرلىققا تەكلىپ قىلغاندا ئۇنىڭ مۇئاشىنى 600تۈمەن فونىتسىتىرلىق قىلىپ بىكىتىپ ئىنگىلاند كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىر بولۇپ قالدى ئۇنىڭ ئالدىغان مۇئاشى ئىنگىلاندتىكى ھەرقانداق زەردار كۇلۇب تىرنىرلىرنىكىدىنمۇ كۆپ يۇقىرى.كاپىيرو ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى تىرنىرلىق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ شۇ چاغدا 130تۈمەن فونىتسىتىرلىڭلىق باھا بىلەن ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىر بولۇپ قالغان،2002-يىلىغا كەلگەندە خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى ئۇنىڭ مۇئاشىنى 500تۈمەن فونىتسىترلىڭ قىلىپ كاپىيرونىڭ مۇئاشىنى تىخمۇ ئۆستۈرۈپ بەرگەن،كىيىن ئىنگىلاند كوماندىسى ئۇنىڭ مۇئاشىنى تىخمۇ ئۆستۈرپ دۆلەت كوماندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق تىرنىر قىلغان. كاپىرونىڭ مۇكاپاتىمۇ خىلى كۆپ بولۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئىنگىلاند كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتسا 43تۈمەن فونىتسىتىرلىڭ،بىر توپ ئۇرسا 5000فونىتسىترلىڭ بىرىدىغان بولۇپ كىلەشكەن.
داۋامى بىلەن رەسىملەر ئەتە يوللىنىلىدۇ.
ئىلان چەككەچ كۆرۈڭلار. |
|