ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1912 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنجاڭ پۇتبۇل تارىخى ھەققىدە سۆز ئىچلسلا كىشلەر پۇتبۇل ماكانى - ئاتۇش شەھىرى ئۇستۇن ئاتۇش يىزىسى ئىكساق كەنتى دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسىنى تىلغا ئالىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سەركىسى -33 يىلىنى پۇتبۇل مەيداندىدا ئۇتكۇزگەن دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى يۇسۇپ غۇپۇرنىڭ نامىمۇ تەڭلا ئوتتۇرىغا چۇشىدۇ ،
دىمىسمۇ ئۇنىڭ پۇتبۇل ئۇچۇنلا يارالغاندەك بەدەن قۇرلىشى چاققان ھەركەتلىرى ، مەيدان ئۇرنلاشتۇرۇشىتىكى تەدبىرى ، ۋارتارغا تۇپ كىرگۇزۇش تىخنىكىسى ، مۇداپىىئە تەشكلەشتىكى <<تۇمۇر قالغان>> لىقى ھەرقانداق پۇتبۇل ھەۋاسكارنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ ،
يۇسۇپ غۇپۇر 1934-يىلى ئاتۇش شەھىرى ئۇستۇن ئاتۇش يىزىسنىڭ ئىككساق كەنتىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ بۇدەل دىيارىمىزدا پۇتبۇل ھەركىتى تازا راۋاج تاپقان مەزگىلى ئىدى ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسى <<ھۇسەينىيە>> مەكتىپىگە قوشنا كىلەتتى مەكتەپنىڭ <<توپخانا>>دەپ ئاتىلىدىغان پۇتبۇل مەيدانى ھەركۇنى ئىلىپ بىرىلىدىغان چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەر ئۇچۇن قىزىپ كىتەتتى ،بۇمۇھىت يۇسۇپ غۇپۇرنىڭ سەبئى قەلىبىگە پۇتبۇلغا بولغان ھەۋەس ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ پۇتبۇل ماھىرى بۇلۇپ يتىىشپ چىقىشغا كۇچلۇك ئاساس سالدى ،
يۇسۇپ غۇپۇر مەكتەپكە كىرگەندىن كيىن ئۇزۇن ئۇتمەيلا مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلنىپ قالدى ،1949-يىلى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتگۇزگەندىن كيىن بىر تەرەپتىن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا بىر تەرەپتىن ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسنىڭ پىشقەدەم ئەزالىرى ئىمىنياز تۇرسۇن ئابلەت سەلەي ئابدۇراخمان يۇسۇپ قاتارلىقلارنى ئوستاز تۇتۇپ ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداپ مەشق قلىىشتەك قەيسرانە روھىنى ۋە ئۇلارنىڭ پۇتبۇل ئويناشىتىكى يۇقىرى ماھارىتىنى ئۇگۇنۇپ تىزلا پۇتبۇل ماھىرى بۇلۇپ يتىشىپ چىقىتى ، ھەمدە ئۇ 1953-يىل 8-ئايدا ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ئەڭ كىچك ئەزاسى سۇپىتدە خەلق ئازادلىق ئارمىيسنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق جەنۇبى شىنجاڭ مىللى ئاتلىق قسىم پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قتىم يۇرۇت ئاتلاپ ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىگە قاتىنششى بولىسمۇ ،لىكىن ئۇپىشقەدەم ماھىرلار بىلەن ماسلىشىپ ئويناپ ئۇز رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇپ دىھقانلار كوماندىسنىڭ ئىككە قارشى توت نەتىجە بىلەن ئوتۇپ چىقىشىغا كورنەرلىك توھپە قوشتى ،
1954-يىلى 9- ئايدا ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسى تەكلىپ بويىچە قەشقەر دارئىلمۇئەللىمىندەئۇتكۇزۇلگەن پۇتبۇل مۇسابىقىسدە قەشقەر دارئىلمۇئەللىمن كوماندىسنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ ئاتلىق قسىم پۇتبۇل كوماندىسىنى ئىككىگە قارشى ئۇچ نەتىجە بىلەن ئۇتتى، يۇسۇپ غۇپۇر بۇ ئىككى قتىملىق مۇسابىقىدە ئىككى تۇپ كىرگۇزۇپ تاماشبنلارنىڭ قىزغىن ئالىقىشغا مۇيەسسەر بولدى ،
55-يىلى9-ئايدا ئىككساق پۇتبۇل كوماندسىى قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئۇتكۇزۇلگەن دوسلۇق مۇسابىقىسدە بىرگە قارشى ئۇچ نەتىجە بىلەن 1956-يىلى 6-ئايدا ئۇرۇمچى شەھىرى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتى پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئۇتكۇزۇلگەن مۇسابىقىدە بىرگە قارىشى ئىككى نەتىجە بىلەن قەشقەر ئۇرۇمچى كوماندىلىرىنى يىڭىپ يەنە بىرقىتم غەلبە مارشىنى ياڭراتتى ، يۇسۇپ غۇپۇر بولسا بۇ ئىككى قىتملىق مۇسابىقىدە گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلىدرۇپ ئۇزنىڭ ماھارىتىنى يەنە بىر قىتم نامايەن قىلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ناھىيە (ئىلگىرى ئاتۇش شەھىرى ناھىيە ئىدى) ۋە يىزا رەھبەرلىرى يۇسۇپ غۇپۇرنى ئىككساق دىھقانلار كوماندىسنىڭ مۇئاۋىن كاپتانلىقىغا تەينلىدى ،بۇنىڭ يۇسۇپ غۇپۇر كوماندا ئەزالىرىنى مەشقلەندۇرۇش ، ئەزالارنىڭ بەدەن سۇپىتىنى تەكشۇرۇش ئىشلىرىنى ئۇسىتگە ئىلىپ كوماندا ئەزالىرىدىكى يىتەرسىزلىكەرنى ،يەنى ئەزالارنىڭ يۇگۇرۇش سۇرئىىتى ئاستا بۇلۇش، ئۇز ئارا پاس بىرىشنىڭ تەكىشى بولماسىلىقى ، ھۇجۇمدا ماسلىشالماسىلق ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلالماسلىقتەك ئاجىز ھالىقلارنى بار كۇچى بىلەن تۇزۇتۇپ كوماندا ئەزالرىنىڭ ئۇزگىچە بولغان جۇشقۇن كەيپياتىنى ياراتتى .
1956-يىلى ئۇكتەبىردە ئۇرۇمچىدە دولتىمىز قۇرۇلغانلىقنىڭ يەتتە يىللىقى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ بويىچە كولىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۇتكۇزۇلگەندە ، يۇسۇپ غۇپۇر ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسىنى يىتەكلەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تەييارلىق مۇسابىقىسدە بىرنچىلىكىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ بويىچە كوللكتىپ ئىككىنچىلىكىنى قولغا كەلتۇردى ھەمدە ئاپتۇنۇمرايۇن رەھبەرلىرنىڭ قىزغىن ئالىقىشغا مۇيەسسەر بولدى ،ۋاڭ جىن سەيپىدىن ئەزىز ، سەيپۇللايۇف ياسىن خۇدابەردى مۇھەممەت ئىمن ئىمنۇف قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشغا ئىرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسى شۇ قىتملىق مۇسابىقىدە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تەنتەربىيە سىپدىكى << ئاۋانگارت كوماندا>> ،ئىمنجان تۇرسۇن ياخشى تەشكىللىگۇچى ، يۇسۇپ غۇپۇرئىلغار يىتەكچى ماھىر ھۇجۇمچى دىگەن شەرەپلەرگە نائىل بولدى ، شۇ قىتملىق مۇسابىقىدىن كيىن ئاتۇش ناھىيلىك پارتكوم ، خەلق ھوكۇمىتى يۇسۇپ غۇپۇرنى ئىككساق دىھقانلار كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن كاپتانى، ۋە باش مەشقاۋۇلىقىغا ئۇستۇردى، شۇنىڭىدن كيىن يۇسۇپ غۇپۇر دىھقانلار كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن بارلىقنى بىغىشلاپ ھاردىم - تالدىم دىمەي ئىشلەپ ياشىلق باھارىنى تەنەتەربىيە مەيدانىدا ئۇتكۇزدى، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە كوماندىمۇ تەدرىجى كوچىيپ ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كوچلۇك كوماندىغا ئايلاندى، 1958-يىلى 10-ئايدا جەنۇبى شىنجاڭ بويىچە ئۇتكۇزۇلگەن پۇتبۇل مۇسابىقىسدە ئىككساق دىھقانلار كوماندىسى 18مەيدان تۇپ ئويناپ 18مەيدان مۇسابىقىدە 29توپ كىرگۇزۇپ كوللىكتىپ بىرنچىلىككە ئىرىشىتى ،يۇسۇپ غۇپۇر 11 تۇپ كىرگۇزۇپ <<ماھىر ھۇجۇمچى >> بۇلۇپ تەقدىرلەندى،ھەم شۇيىلى بىيجىڭدا چاقىرىلغان2- قىتىملىق ياش ئىلغار شەخسلەر ئۇچىرشىش يىقىنغا قاتناشتى
1960-يىلىغا كەلگەندە ئىككىساق دىھقانلار كوماندىسنىڭ ئەزالىرىدىن ياشانغانلىرى مەيداندىن چىكىنشكە مەجبۇر بولدى ، بۇ ھال يۇسۇپ غۇپۇرغا بىسىم ئىلىپ كەلدى ، چۇنكى چىكنگەنلەرنىڭ ئورننى تولدۇرمىسا ، بۇنىڭ ئۇچۇن بىر تۇركۇم ياشلارنى قۇبۇل قىلىپ ئۇلارنى تەربىيلەپ يتشتۇرمىسە بولمايتى ، ئۇنىڭ ئۇسىتگە يۇسۇپ غۇپۇرنى ئاتۇش ناھىيلىك ئىتاپق كومتېتى ئىشقا ئۇرنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغاندى ، ئەمما ئۇنىڭ پۇتۇن ئۇمىدى دىھقانلار كوماندسىنىڭ ئەتىسدە ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن يۇسۇپ غۇپۇر خىزمەتتن ۋاز كىچىپ پۇتبۇلغا قىزىقىدىغان بىر تۇركۇم ياشلارنى قۇبۇل قىلىپ ئۇلارنى كىچە - كۇندۇز تەربىيلەپ ئۇزۇلۇپ قىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغان كوماندىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۇردى ،مەدىنيەت ئىنقلابىنىڭ تەسىرىدە بۇزغۇنچىلىقا ئۇچۇرغان مەيدان ۋارتارلارنى قايتدىن قۇراشتۇرۇپ ئامال بۇلىمغاندا بىكار ئىتىز يوللاردا مەشىق ئىلىپ باردى ، كەنتلەر ئارا مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ ماھارىتىنى ئۇستۇردى، توپ ئىلىش ئىمكانىيتى بولىمىغان ئەھۋالدا ئائىلىسدىكى ئاشلىق -تۇلۇكىنى سىتىپ توپ سىتۋالدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر مەزگىل ئۇزۇلۇپ قالغان ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسىنى مۇسابىقىە مەيدانغا قايتا چىقىرىپ،1973-يىل7-ئاينىڭ 14-كۇنى ئاتۇش مەيداندىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتىتنىڭ پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىسمۇ، ئىككساق دىھقانلار كوماندسىنىڭ روھىيى دونياسى قايتىدىن نامايەن قىلىدى ،1976-يىلى8- ئايدا شىنجاڭ بويىچە ئاتۇشتا ئۇتكۇزۇلگەن پۇتبۇل مۇسابقىسدە يۇسۇپ غۇپۇر باشچىلىقىدىكى ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسى14 مەيدان مۇسابىقىە ئويناپ شىنجاڭ بويچە كوللىكتىپ 3-لىكىنى قولغا كەلتۇردى،يۇسۇپ غۇپۇر مۇسابىقە تەشكىلى كوممتىى تەرپىدىن << ئولگىلىك ھۇجۇمچى>>مۇكاپاتىغا ئىرشىتى ،
قىسقىسى يۇسۇپ غۇپۇر ئىككساق دىھقانلار پۇتبۇل كوماندىسى ئۇچۇن جان كويدۇرۇپ ھەم كوماندىنڭ ئاساسلىق ئەزاسى ھەم كوماندا يىتەكچىسى ، باش مەشقاۋۇل بۇلۇپ ئىشلەپ ، 30 نەچچە يىل توپ ئويندى ، تۇت قاراردا كوماندىغا 70 نەچچە ياشىنى تەربىيلەپ يىتشتۇردى، 33يىللق پۇتبۇل ھاياتىدا ئۇ 113 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنشىپ 88 تۇپ كىرگۇزدى، بۇ جەرياندا 28 قتىم ئىغىر ھەم ينىڭ يارلانغان بولىسمۇ توپ ئويناش ئىرادىسىدىن زادىلا بۇششىپ قالىمدى ئۇ ھازىر ياشىنىپ قالغان بولىسمۇ يەنىلا ئىككساقتىكى پۇتبۇل ھەۋاسكارلىرىنى تەربىليەشكە پۇتۇن كوچى بىلەن توھپە قوشىتى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|