akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4996|ئىنكاس: 21

ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تارخدىكى سىرلىق ھۇجۇمچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەريىلى 9-ئايىدا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى باشلىنىدۇ. 1991 -يىلىدىن باشىلاپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تۇنجى قىتىم كىچىك گۇرۇپىلار بويىچە مۇسابقىلىشىش تۇزۇمى يولىغا قويۇلۇپ بىر يىلدىن كىيىن بۇ مۇسابقىنىڭ ئسىمى رەسىمى يوسۇنىدا «ئۇزغۇنلۇقىنى تالشش بىرلەشىمە مۇسابىقىسى »دەپ ئۆزگەرتىلىدى.بۇنىداق ئۆزگەرتىش گەرچە زەردارلارغا بىسىم ،ئاجىزلارغا پۇرسەت ئىلىپ كەلىسمۇ يەنە بىر مەندىن ئيتىقانىدا كىچىك گۇرۇپ مۇسابقىسىدە تىلۋىزيەدىن نەق مەيىدان تارقىتىش،بىلەت كىرىمى ۋە يارۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشىمىسى تەرپدىن كىردىغا غايات زور كىرىمى نۇرغۇن كومانىدىلار ئىقتسادىنى كۇچىلەندۇردىغان بىر ياخشى پۇرسەت بوپ قالدى ۋە شۇنىڭدن كىيىن ياۋرۇپالقىلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم خەۋەرلارنىڭ بىرسىگە ئايلىنىش بىلەن بىرۋاقىتتا ھەممە ئادەمىنىڭ قىزغىن قوللشىغا ئىرشىتى. ئۇنىداقىتا كوماندىلارنىڭ بۇ تەمناتىلاردىن بەھىرىمان بولۇشدىكى ئالدىنقى شەرتى نىمە؟ بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شەك -شۆبھىسىزكى ئەلۋەتتە رەقىبىدن بىر توپ ئارتۇق كىرگۇزۇش كىرەك مۇشۇ جەريانىدا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسدا مەيىلى سىز ھۇجۇمىچى بۇلۇڭ ياكى ۋارتا بولۇڭ ئەگەر سىز توپ ئۇرۇپ كوماندىنى ئۇزغۇن قىلالسىڭزلا سىز ئەڭ زور شەرەپ قۇچىقان بولسز..؟ ئۇنىداق بولسا بىز مۇشۇ ھۇجۇمىچلار توغۇرسىدىكى ھىكايمىزگە نەزەر تاشىلاپ باقايىلى..........
چىملقىدىكى ئىغىز زەمبىرەك---------- رونالد كېمەن Ronald Koeman
1963-يىلى3-ئاينىڭ 21-كۇنى گوللاندىيەدە تۇغۇلىغان


دۆلەت كوماندىسى ئۇچۇن 78مەيدان مۇسابقىگە چىقىپ 14توپ، كەسپى بىرلەشمىلەردە 533مەيدان مۇسابقىگە چىقىپ 193 توپ،ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىدا 52مەيدان مۇسابقىگە چىقىپ 12 توپ ئۇرغان ئىگىزلىكى 1.85 ، ئىغىرلقى 84 كىلوگىرام كىلدىغان كىېمەن بولسا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى تارخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىكىدۇر. كامالەتىكە يەتىكەن ئىختىيارى توپ ماھارتى ۋە كۇچلۇك يىراقىدىن توپ ئۇرۇش تخنكىسى ئۇنىڭ مەيدانىدا نۇمۇرغا ئىرشدىكى ۋە كوماندىنى قۇتقۇزۇشدىكى ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ توپىنىڭ تىزلكى ۋە بىسىمى ئۇنى كشىلەر «چىملقدىكى ئىغىز زەمبىرەك»ئاتلشدىكى مۇھىم سەۋەپ ئىدى.
1988-يىلى كىېمەن تۇنجى قىتىم ئەينخوۋىن كوماندىسدا ئۇزغۇنلۇق لڭقىسىغا تىزملىتىپ بىر يىلدىن كىيىن بارسلوناغا يۆتكىلىپ «چولپانىلار كوماندىسى»دىكى كۇنىلرىنى باشىلايدۇ. 7يىللق قىزىل-كۆك كيىم تارخىدا ئۇ نۇرغۇن قىتىم كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نادىرنىڭ ئىچىدىكى نادىرلىدىن بىرى بولغان توپى بولسا 92-يىلى 5-ئايىنىڭ 20-كۇنىدىكى ۋىنسۇبىلى پۇتبۇل مەيىدانىكى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قلىغۇچ مۇسابقىسدا كىرگۇزگەن توپى بۇلۇپ ئەيىنى ۋاقىتتدىكى سانپدورىيا بىلەن بولغان مۇسابقىدە 90 مىنۇت 0:0 تەڭلىشىپ قوشۇپ بىرلگەن ۋاقىت مۇسابقىسىنى باشىلاپ 9-مىنۇتىغا كەلىگەنىدە بارسلونا چەكىلەنگەن رايۇن ئىچىدە بىر ئختىيارى توپ ئۇرۇش پۇرستىگە ئىرىشىدۇ، بۇ توپىنى ئەيىنى ۋاقىدىكى بۇ «تەڭداشسز ئالەم كىمسى»دىكى چەتئەللىك 3 چولپان چىرايلىق ھەمكارلشىدۇ. يەنى سىتويچىكوف توپىنى يەڭگىل ھالىدا ئادىغا ئىتتىردۇ ،ھىدلادلوف توپىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخردا كىېمەن توپىنى 120 كىلومتىر ھەر سائەتىلىك تىزلىك بىلەن ۋارتاغا ئۇرۇپ نوككانپۇنىڭ ئۇزغۇنلۇق چۇشىنى رىئاللىقا ئايىلاندۇردۇ.

ئوتتۇرا بىك توپ ئۇرۇپ ئۇزغۇن قىلىش------------ باسىل بولى Baslie Boli
باسىل بولى 1967-يىلى1-ئاينىڭ 2-كۇنى فىرانسيەدە تۇغۇلىغان


1992-1993 يللق مۇسابقىە پەسلىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە كىرشدىن بۇرۇن acمىلەن كوماندىسى 10 مەيىدان تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۇرۇپ پەقەت 1 توپ كەتكۇزۇپ قويىدۇ.93-يىلى مىيۇنىخن شەھىرى ئولىمىك مەيىدانىدا مارسىل بىلەن acمىلەن ئوتتۇرسىدا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. مۇسابقە باشلىنىپ 44 مىنۇت بولغانىدا مارسىل ھۇجۇمچىسى ئابىراد بىلى باشلىغان بۇلۇڭ توپىنى مارسىل ئوتتۇرا بىكى بولى كاللا بىلەن ئۇسۇپ كىرگۇزۇپ كوماندىنى ئۇستۇنلۇككە ئىگە قىلىدۇ . كىيىنكى مەيىدانىدا گەرچە مىلەن ئوموميۇزلۇك ھۇجۇم قىلىغان بولسىمۇ بولى باشچلقىدىكىمارسىل بىكىلىرى دەھشەتىلىك ھۇجۇمىلارنى تارمار قىلىپ فىرانسىيە كوماندىلىرنىڭ ئۇزغۇنلۇق تارخىدا تۇنجى قىتىم ئۇزغۇن قىلىدۇ ۋە داڭقى پۇتۇن فىرانىسيەگە پۇر كىتىدۇ. شۇۋاقىتتا مارسلىنىڭ بلىگىيلىك باش تېرنىر ئاللقاچان 71ياش 231كۇنلۇك بوپقالىغان بولۇپ ئۇزغۇنلۇق تارخدىكى ئەڭ قىرى ئۇزغۇن تېىرنىر بوپ قالىدۇ. لىكىن بۇ مەيىدان مۇسابقىدىكى ئەڭ ئچىنشلىق ئىش بولسا بۇ تارخى داڭلىق شەخس بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتىلىك بوپ قالدۇ . يەنى مۇسابقە جەريانىدا بولى فەن باستىڭىنىڭ پۇتىنى قاتتىق يارلاندۇرۇپ بۇ گوللاندىيلىك قىلچۋازىنىڭ پۇتبولچىلق ھاياتىغا خاتىمە بىرشىگە سەۋەپچى بوپ قالدى.
مىلەن ئۇچارگۇلى ----------------ساۋىچىۋىچ Dejan Savicevic
دىيان ساۋىچىۋىچ 1966-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۇنى سابىق سۆۋىت ئىتتپاقىدا تۇغۇلىغان.


91-يىلى بۇخارسىت قىزىل يۇلتۇز كوماندسى تۇنجى قىتىم ئۇزغۇن بولغاندىن كىين ھەرقايسى زەردارلار بۇ كوماندىنىڭ ئەزالرىنى بىرنى قويىماي يۆتىكەن كىتىدۇ ،لىكىن بۇلارنىڭ ئارسدىن پەقەت ساۋىچىۋچلا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىككىنجى قىتىم كۆتۇرۇش شەرپىگە نايىل بولغان «قىزل يۇلتۇز» بوپ قالىدۇ.
94-يىلى 5-ئايىنىڭ 28-كۇنى ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ ھەل قلىغۇچ مۇسابقىسى ھۇجۇم سىپى ئەڭ كۇچلۇك ۋە مۇداپىيە ئىستھىكامى ئەڭ قاتتىق بولغان ئىككى كومانىدا ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ.بارسلونا كوماندىسىى 11 مەيىدان مۇسابقىدە 26 توپ ئۇرغان بولسا ، مىلەن كوماندىسى 6 مەيىدان ئۇتۇش 5 مەيىدان تەڭلىشىپ پەقەت ئىككىلا توپ كەتكۇزىدۇ .مۇسابقە باشىلاپ ئۇزۇن ئۆتىمەي ساۋىچىۋچىنىڭ كامالەتىكە يەتىكەن ئوتتۇرامەيىدان كونتىرول قىلىشى ۋە ئەجەللىك پاسىلارنى بىرشى بىلەن بارسلونا پۇتۇنىلەي پاسسىپ ئورۇنىغا چۇشۇپ قالدۇ يىرم مەيىدان مۇسابىقە ئاخرلاشىقانىدا مىلەن ئاللبۇرۇن 2توپ ئورۇپ قىلچىنى قىندىن سۇغۇرۇپ ئۇزغۇنلۇق ھەيۋىسنى كۆرستىشىكە تەييارلانىغان ئىدى . لىكىن بارسسلونا قىلچە بوشاشىماي كىيىنكى مەيداننى ئويناش ئۇچۇن كاللا قاتۇرۇىدۇ . كىينكى مەيىدان باشلىنىپ يەنە ساۋىچىۋچ بۇ قىندىن سۇغۇرلىغان قىلچىنى بارسلوننىڭ نەق يۇركىگە تىقىدۇ . يەنى كىيىنكى مەيىدان باشلىنىپ 3 مىنۇتتدىن كىيىن ساۋىىچىۋىچ ئوي تەرەپدىن ياي شەكىدە بىر توپىنى بارسلونا قاپقاقچىسى سۇبسالىنىڭ بىشىدن ئۆتكۇزۇپ ئۇرۇپ چىمپىيۇنلۇق تارخدىكى دۇنياۋى توپىنى مەيىدانىغا كەلتۇرۇىدۇ . ئۇزاق ئۆتىمەي مىلەن ھۇجۇمچسى دىسەيىلى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئومومى نۇمۇرىدا بارسلونانى 4:0 يىڭىپ شەكسىز ئۇزغۇن بولىدۇ.شۇنىڭدن كىيىن ساۋىچىۋچىنىڭ نامى مىلانىلقىلارنىڭ مەڭگۇ ئسىدىن چىقمايدىغان بىر قەھىرىمانىغا ئايىلىندۇ .
1999-يىلى مىلاننىڭ 100 يللق تەبىركلەش پائالىيىتىدە ساۋىچىۋچىنىڭ شۇقىتىملىق بارسلونا بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسى مىلاننىڭ 100 يلىدىن بۇيانقى ئەڭ نادىر بىر مەيىدان مۇسابقىە دەپ قارالىغان بولسا ساۋىچىىۋىنىڭ شۇ ياي شەكىللك توپ 100 يلىدن بۇيانقى ئەڭ ئسىىل كىرگەن توپ بولۇپ باھالىنىدۇ.

ئۆسمۇر ھۇجۇمچىنىڭ پارتلىشى--------- پاتىرىك كىلۇيىۋىت ------------- Patrick Kluivert
پاترىك كىلۇيىۋت 1976-يىلى 7-ئايىنىڭ 1-كۇنى گوللانىدىيەدە تۇغۇلىغان .

94-95 يىللق مۇسابقە پەسلىدە ئوتتۇرىچە يىشى 24 ياش ئاجاكىس كومانىدسى بىر تۇركۇم ياشلىق كۇچ قۇۋۋتى ئۇرغۇپ تۇرغان شىدۇرۇف، دەيۋىس ،لىتىما قاتارلقىلاردىن تەشكىللەنىگەن ھۇجۇم قىلىشدىكى تىزلكى ،توپ كونتىرول قىلشىدكى يۇكىسەك ماھارتى ۋە ماسىلىس ئىقتىدار ئالاھىدە ياخشى بولغان ھۇجۇم سىپى، كومانىدا باشلقى بىلۇد، رپىرد ئاكا-ئۇكىلار ھەم مىلاندىن قايىتىپ كەلىگەن لىجكارد قاتارلىق مول تەجىربىگە ئىگە داڭلىق چولپانىلارنى باشىلاپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى سەپىرنى باشىلايدۇ.ھەم شۇيىلى ئۇزغۇن بولۇپ پۇتۇن ياۋرۇپانى زىلزلىگە سالىدۇ.
گۇرۇپ مۇسابقىسىدە 4مەيىدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭىلەشكەن ئاجاكس كوماندىسى <بۇنىڭ ئىچىدە ساھپخانا ۋە مىھمان مەيىدانىدا مىلەننى قوش ئۇتىدۇ>4كۇچلۇككە كىرىش ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە كىرش مۇسابقىسدا ئايىرم -ئايىرم كىرودىيەنىڭ سپلىتخد ۋە بايرىننى ئاسانىلا بىر تەرەپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ ماسبقىگە كىرىدۇ . 1995-يىلى 5-ئايىنىڭ 24-كۇنى ئىنسىت نافىئر مەيىدانىدا ئۇدا 3 قىتىم چىمپىيۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسگە كىرگەن ھەم گۇرۇپ مۇسابقىسىدا مىھمان ۋە ساھىبخانا مەيىدانىلا قوش ئۇتىقان مىلان كوماندىسى بىلەن ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسى ئويىنايدۇ .مۇسابقىە باشىلاپ مىلەن كوماندىسى گۇرۇپ مۇسابقىسدىكى پۇتۇن تەرجىربە ساۋاقىلارنى يەككۇنىلەپ ئاجاكىس كومانسدنىڭ ئاجىزلقىلىرنى تىپىپ ئاجاكىسنىڭ ھۇجۇم قىلىشغا پۇرسەت بەرمەيىدۇ ، ئۇنىڭدن باشىقا مىلەننىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىىدكى مول تەجربىسى ۋە توپ كونتىرول قلىش جەھەتتىكى ئۇستۇنلكى بىلەن بۇ ياشىلار كوماندسىغا پۇرسەت بەرمەيىدۇ .53-ۋە 68-مىنۇتتا باش تېرنىر فەنجاد كانۇ ۋە كىلۇيىۋتىنى ئايرىم -ئايىرىم ھالىدا شىدۇررۇف ۋە فنىلاندىيىلك «مۇز خەنجەر» لىتىما بىلەن ئالماشتۇرۇىدۇ . 84-مىنۇتتا لىجكاردىنىڭ ياردەمچى پسىنى 18ياش 321كۇنلۇك بولغان كىلۇيىۋىت ۋارتاغا كىرگۇرۇپ پۇتۇن مەيىداندىكى بىردىنىبىر توپ ئۇرغۇچى بوپ قالىدۇ ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقدىسىكى ئەڭ كچىك توپ ئۇرۇغۇچى ھەم 18ياش 293كۇنلۇك كانۇ ئۇزغۇنلۇق تارخدىكى ئەڭ كىچىك ئۇزغۇن ئىگىسى بوپ قالىدۇ .

ئۇرۇش ئىلاھى ------------راھۇل كونزالىس Raul Gonzalez
راھۇل كونزالىس 1977-يىلى 6ئايىنىڭ 27-كۇىنى تۇغۇلىغان .

1995-يىلى 10-ئايىنىڭ 18-كۇىنى مادىرد ساھىپخانا 6:1 يۇقرىدى نۇمۇر پەرىق بىلەن فىلونزىۋشنى ئۇتىدۇ .مۇسابقىدە ئەمدىلا 18ياشىقا كىرگەن راھۇل ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى تارخدىكى ئەڭ كىچىك قالپاق كەيگۇچى بوپ قالىدۇ.2005-يىلى 9ئايىنىڭ 21-كۇىنى گۇرۇپ مۇسابقىسىنىڭ 2-ئايىلانىما مۇسابقىسىدە مادىرد 2:1 ئولىمپىكياس كومانسدنى ئۇتدۇ. مۇسابقە باشىلاپ 9مىنۇت بولغانىدا راھۇل بىكخامىنىڭ ئوڭدىن تاشىلىغان توپىنى كاللا بىلەن كىرگۇرۇپ ئۇزغۇنلۇق تارخدىكى 50-توپىنى ئۇرۇىدۇ ھەم بۇرۇنقى سدفانىيردىن ئشپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى تارخدىكى ھەققى «ئۇرۇش ئىلاھى»غا ئايلىندۇ . 2005-يىلى10-ئايىنىڭ 18-كۇنى يەنى ئۇزغۇنلۇق تارخدىكى 10يىلدىن كىيىن ماىدرد 4:1 لوسىنبوگ كوماندسىنى ئۇتۇپ ئۇزغۇنلۇق مۇسابقسىدىكى 100-مەيىدان مۇسابقىسدە 51-توپىنى ئۇرۇىدۇ . 2008-يىلى 3-ئايىنىڭ6-كۇىنى راھۇل يەنە رىمىنىڭ ئشىگىنى قىىقىپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تارخىردىكى 63-توپىنى ئۇرۇپ ئىنزاگى بىلەن تەڭ ئورۇنىغا چىقىدۇ .
[color=#ff0000]ئالۋاستى مەيىداننىڭ ئاخرلشىشى------ئىلىۋىر بولىچ Eiveir Bolic
ئەيۋىر بولچ 1971يىلى10-ئايىنىڭ 10-كۇىنى قارتاغدا تۇغۇلىغان.

-يىلى مانچستىر بىرلەشمىسى 10:0 ئانىداراچىت كوماندىسنى ساراڭىلارچە ئۇتۇپ ،شۇنىڭدن كىيىن 40 يىل لاۋتىلافۇ نۇرغۇن كۇچلۇك ،ئاجىز كومانىدلار بىلەن جەڭ قىلىپ ساھپخانا مەيىدانىدا يڭىلىمەسلىكتەك رىكورتىنى يارتىدۇ.
1995-يىلى ياۋرۇپا ئىتتپاقلىق لوڭقىسى مۇسابقىسىدە ئەيىنى ۋاقتتىكى پولات ئىستىھكام شۇمچىر جگىس باشلىغان بۇلۇڭ توپىنى ئۇسۇپ كىرگۇزۇپ 2:2 روسىيەنىڭ فورجاگىلاس كوماندسى بىلەن تەڭلىشىپ «قىزىل ئالۋاستى»تەسلىكىتە ياۋرۇپا 3 چوڭ جڭدىكى ساھپخانا مەيدانىدا ئۇتتۇرماسلقىدەك نەتجنى يارتىدۇ . بىريىلىدىن كىيىن بىر قىزىل ئۇۋنىڭ پولات ئىستھىكامى يىمىرلىدۇ . 1996-يىلى 10-ئايىنىڭ 30-كۇىنى ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابقىسى 4-ئايىلانمىسىدا فەنەر باغىچا كوماندىسى بۇ پولات ئىستھكىامىنى پاچاقىلاپ تاشىلايدۇ .مۇسابقىە باشىلاپ 78-مىنىۇت بولىغانىدا فەنەرباغىچا ھۇجۇمچىسى بولىچ قىزىل قوشۇن قاپقاقچسى شۇمچرنىڭ ئشىكىنى قىىقپ نۇمۇرغا ئىرشىدۇ ھەم مۇسابقىدە غەنەرباغچىنى غەلىبىگە ئىرشتۇرۇىدۇ .مۇسابقىدىن كىين مانچستىرنىڭ بىر يۇقىرى دەرجىلك ئەمەلىدارى مۇخپرلارغا سۆز قىلىپ « بۇ رىكورىت ھامان بىركۇىنى بۇزىلاتتى ،لىكىن بۇگۇنىكىدەك ئەمەس بەلكى دۇنيادىكى زەردارلاردىن بولغان مادىر،بارسلونا ،مىلەن قاتارلقىلار تەرپىدىن» دەپ ئۆزىنىڭ شۇۋاقدىكى غەزپىنى ئىپادىلەيدۇ.غەلىبدىن كىين نەچچە مىڭىلىغان تۇركىيە توپ مەستانىلىرى كوچىلارغا چىقىپ غەلىبە شاتلىقىغا چۆمىدۇ ، تۇكىيە دۆلەتلىك منستىر فەنەرباغىچا كومانسىغا تىلگىرامما يوللاپ«سىلەرنىڭ غەلىبەڭىلار پۇتۇن مەملىكەت خەلقىنى خۇشال قىلدى »دەيىدۇ.شۇنىڭدن كىيىن تۇركىيە توپ مەستانلىرى ياۋرۇپادا ئۆز ئورننى تاپىدۇ.


<بولچنىڭ رەھسىمىنى تاپالىماي تۇركىيە توپ مەستانسىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويدۇم، بۇ تارخى شەخسىلەر بۇرۇنقىلار بولغاچىقا رەسىمىنى تاپىماق سەل تەسىكەن..>
سەھىپىمىزنى ۋاقىت مۇناسۋتى ۋە بوشلۇق مۇناسۋىتى بىلەن بۇگۇن مۇشۇيەردە ئاياغلاشتۇراي..
كىيىنكى قىسملىرى داۋاملىق ھۇزۇراڭىلاردا بولىدۇ...
كىيىنكى قىسمىدا تۇنۇشتۇرلىدىغان داڭلىق شەخلسىلەر، كىرسپو، لىدوڭدو، زىدانى.....
قىزقساڭىلا كىينكى قىسىمىنى كۆرۇشىنى ئۇتمىغايسىللەر...!

ساياھەتچى ھۇجۇمچى--------------------- خىرنەن كىرسپو Hernan Cerspo
خىرنەن كىرسپو 1975-يلى7-ئايىنىڭ 5-كۇىنى ئارگىنتىنادا تۇغۇلىغان.

ئىلگىرى -كىيىن بولۇپ 5 كومانىدا ئۇچۇن ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسگە قاتناشىقان ۋە ھەممە كومانىدىدا توپ ئۇرۇش شەرپىگە ئىرشىكەن ھۇجۇمچىنىڭ رىۋايتى دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان كىرسپو رىۋايتىدۇر.
1997-يىلى 10-ئايىنىڭ 1-كۇنى پارما مىھمان ھالدا گالاتا سارايىنى 2:0 ئۇتىدۇ .مۇسابىقە باشىلاپ 39مىنۇت بولىغانىدا كىرسىپو ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق مۇسابقسىدىكى توپىنى ئۇرۇىدۇ .شۇنىڭدىن باشىلاپ 10 يىل ئىچىدە ئۇ ئىلىگىرى -ئاخىرى بولۇپ 5 كۇلوپ ئۇچۇن ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىگە قاتنشپ ھەممسىدىلا توپ كىرگۇزىدۇ. پارما 2توپ،لاچئاۋ2توپ، مىلان 6توپ،ئنتىر11توپ،چىسلى 4 توپ بولۇپ جەمىئى 25توپ ئۇرىدۇ، لىكىن بىرەر قىتىممۇ ئۇزشۇنلۇق لوڭقىسىنى تۇتۇش شەرپىگە مۇيەسسەر بولالىمايىدۇ. كىرسىپونىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا چەكسىز يىقىنلاشىقان ۋاقىتى بولسا 2005-يىلى 5-ئايىنىڭ 25-كۇنى ئسىتانبۇل ئاتا تۇرۇك مەيىدانىكى ۋاقىتى بولۇپ ھىساپىلىنىدۇ. بۇ قتېملىق مۇسابقە acمىلان بىلەن لىۋىرپۇل ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىپ ئالدنقى مەيىدانىدا كىرسپو 2 توپ ئۇرۇدۇ لىكىن كىيىكى مەيدانىدا لىۋرپۇلىنىڭ كۇچلۇك قارشلقىغا ئۇچىراپ بۇ ھۇجۇمچىنىڭ ئۇزغۇنلۇق چۇشىنى بەرپات قىلۋتىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن كىرسپو ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقسىدە 2 توپ ئۇرۇپ ئۇزغۇن بولالمىغان تەلەيىسز ھۇجۇمىچى بوپ قالىدۇ.

شىرىن چۇشىنىڭ رىئالققا ئايلىنىشى----------كارخنىز رۇيدىل Kariheiniz Riedle
كارخىنز رۇيدىل 1965-يىلى 9ئايىنىڭ -18-كۇىنى گىرمانىيىدە تۇغۇلىغان.

1997-يىلى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلىغۇچ مۇسابقسىنىڭ ئالدىنقى كۇنى كچىسى دورتىمڭدۇنىڭ 13-نۇمۇرلۇق بۇ ھۇجۇمچىسى چۇش كۆردۇ،«چۇشىدە ئۇ ئەتە ئۆتكۇزىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە ئىككى توپ ئۇرىدۇ، يەنى بىرنجى توپىنى سول پۇتىدا ،ئىككنجى توپىنى كاللا بىلەن ». ئەتىسى ئۇ بۇ چۇشىنى سەبداشلىرغا ئىيتىپ بىرىدۇ ، لىكن ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئشىەنمىگەن ئىدى.
ئەتسى ئۆتكۇزۇلىگەن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى تالىشش مۇسابقىسدە دورتىمىڭدۇ 3:1 يۇۋنتسىنى ئۇتۇپ تۇنجى قىتىم ئۇزغۇن بولىدۇ، رۇيىدىلنىڭ شىرن چۇشىمۇ بۇ قىتملىق مۇسبقىدە رىئالىققا ئايىلىندۇ يەنى ئۇ ئىككى توپ كىرگۇزدۇ ،لىكىن ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ئۇ بىرنجى توپىنى كاللا بىلەن ،ئىككىنجى توپىنى سول پۇتى بلەن ئۇرىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىىسدە چۇش كۆرۇپ چۇشنى رىئاللقا ئايىلاندۇرالدىغان بىردىنبىر شەخىس بوپ قالىدۇ . لىكىن ئۇنىڭ ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن يىرى چۇشىدىكى ئۇ مۇسابقىدە مانچسترىنىڭ مىيۇنخىن ۋەقەسىدە قازا قىلىغان بوبى.چاردۇن،بيىر.فۇكىس،خالى.كىلگ،جىك.بۇلەنچىفۇر،كىن.مورگىن،ئارافات.دانىنس،ۋە ۋىئارلا،تىلي.ۋرد قاتارلىق داڭلىق چولپانىلار مىيۇنخىن ئولىمپىك مەيدانىغا كىلىپ بۇ نادىرنى مۇسابىقىنى كۆرگەن ئىدى.

ئەڭ ئاخىرىقى بىر پاي ئوق---------ئوۋىل گۇننار سورسىكيا Ole Gunnar Solskiaer
سورسىكيا 1973-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۇنى نورۋگىيەدە تۇغۇلغان
.

چەكىلك ۋاقىت ئىچىدە چەكسىز كۇچ قۇردرەتىكە تولۇپ نۇمۇر ئىلىش سورسكيانىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىلكى .بۇ «ئازراق پۇرسەت بەرسىلا چاقىنىيالايدىغان »چولىپان زاپاس ئەزالىق ئورۇنىدىكى مۆجىزىكار شەخسدۇر.1999-يىلى5-ئايىنڭ-26-كۇنى مانچستىر بىرلەشمىسى بىلەن بايىرن ئوتتۇرسىدا نوككانپۇدا ئىلىپ بىرلىغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسدە مۇسابقە باشىلاپ 6مىنۇت بولىغانىدا باسليىنىڭ ئىخـتيارى توپى بايرىنىغا ئۇزغۇنلۇققا بولغان تەلپۇنىشىنى تخىمۇ ئۇلىغيتىدۇ. كىيىنكى مەيىدان مۇسابقىدە فۇگسىن 67-مىنىۇت ۋە 61-مىنۇتتا ئايرىم-ئايىرم ھالدا شلنخام ۋە سورسىكىيانى بۇلومگۇسىت ۋە ئەندىكىرغا ئالماشتۇرۇپ ھۇجۇمىنى كۇچەيتىدۇ.جاسارتى ئۇرغۇپ تۇغان بۇ ئىككى چولىپان مانچستىر بىرلەشمىسىگە كۇچ قوشۇپ كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلقىنى ئاشۇرىدۇ . 90 مىنىۇت ئۆتۇپ كەتتى باش رىپىر 3 مىنىۇت قوشۇپ بىر پۇشتىكىنى چالىدۇ،بۇ ۋاقتتا فۇگسىن جدديلەشكەنلكىدن ئىغىزدىكى سىغىزنى چايناشىنىمۇ ئۇتۇپ قالىدۇ .91 -مىنىۇتغا كەلىگەنىدە بىكخام بۇلۇڭ توپ باشىلايىدۇ بۇ توپىنى شلىنخام يىرم بەدەن ھالىتدە تۇرۇپ ۋارتاغا ئۇرۇپ كىرگۇزىدۇ نەتىجە 1:1 تەڭلىشىپ ۋاقىت توشۇشىقا پەقەت 50 نەچچە سىكۇنۇتىلا قالىغانىدا يەنە بىر بۇلۇڭ توپىنى بكخام باشىلايىدۇ ۋاھ مۆجىزە ئاخىري يۇزبىرىدۇ 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخردىكى بۇ مۆجىزىگە تولىغان مۇسابقىدىكى ئەڭ ئاخرىقى بىرپاي ئوڭقىنى سورسكىيا ئاتىدۇ ۋە مانچستىر بىرلەشمىسىنى ئۇزغۇن قىلىدۇ.قىسغىنە 3مىنىۇت ئىچىدە 2توپ ئۇرۇپ قىزل ئالۋاستى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىردىكى رۋايتىنى يارتىدۇ.
2007-يىلى 8-ئايىنىڭ28-كۇىنى سورسكىيا يارلانىغانلق سەۋەبىدىن پۇتبول ساسەسىدىن چكنىگەنلكىنى جاكارىلىدى.راتىرافىت مەيىدانىىكى 11يىل ،366 مەيدان مۇسابقىگە چىقىپ 128توپ ئۇرۇش، بۇنىڭ ئچىدە 95مەيىدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسدە <47مەيىدان زاپاس ئەزالىق> 20توپ كىرگۇزۇپ مانچستىر بىرلەشمىسىنىڭ زاپاس ئەزالىق ئورندىكى ئەڭ يۇقىرى توپ ئۇرۇش رىكورتىنى يارتىدۇ<150مەيىدان 28توپ>

ئەڭ تېىز ھۇجۇمچى ---------- ھولتىر فەندىيانى ----------- Walter Pandiani
ھولتىر فەندىيانى 1976-يىلى 4-ئايىنىڭ 27-كۇىنى ئۇراگىۋايدا تۇغۇلغان.


2001-يىلى 3-ئايىنىڭ 7-كۇىنى ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپ مۇسابقىسى 2-ئايلانىما Bگۇرۇپ مۇسابقىسدە لاكۇلۇنىيە ساھپىخان پارژلىقىلارنى كۇتىۋالىدۇ. مۇسابقە باشىلاپ 55 مىنۇتىقچە پارژلىقلار 3:0مۇتلەق ئۇستۇنلۇك بىلەن ئاكىتىپ ئورۇنىدا ئىدى.لىكىن كىينكى مەيىدان زاپاس ئەزالىق ئورنىدا چىققان فەندىيانى قىسقغىنە ۋاقىت ئچىدە مەغلۇبىيەتىنى غەلىبگە ئايىلاندۇرىدۇ . 57-مىنىۇتتا بالىلو ئوتتۇرا مەيىداندىن تاشلىغان توپىنى كىرگۇزىدۇ،60-مىنىۇتتا زاپاس ئەزالىق ئورنىدا مايىدانىغا چىققنغا ئەمدىلا 30 سىكۇنىت بولىغان تىلسدەن كاللا بىلەن ئۇرۇپ كىرگۇزدۇ.76-مىنۇت بولىغان ماكەيىنىڭ كاللا بىلەن بەگەر توپىنى فەندىياىنى يەرگە چۇشۇرىمەي كاللا بىلەن كىرگۇزىدۇ ،84-مىنىۇتقا بارغانىدا بۇ ئۇراگۋايلىق ھۇجۇمچى يەنە بىرقىتم كاللا توپ پۇرستىگە ئىرشىپ نەتجىنى 3:4 قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ، لاكۇلۇنىيە 33 مىنىۇت ئىچىدە 4توپ ئۇرۇپ رەقىبى ئۇستىدىن غالىپ كىلىدۇ . ئەتىسى ئسپانىيە ئاخپارات ۋاستلىرى فەندىياىننى « تاشقى پىلانتدىن كەلگەن ئەڭ تېىز ھۇجۇمچى »دەپ خەۋەر قلىدۇ.
2003-2004 پەسسلك مۇسابقىە 4كۇچلۇككە كىرش مۇسابقىسدە لاكلۇنىيە 4:0 مىلەننى تازلايىدۇ . مۇسابقە باشىلاپ 5-مىنىۇتتا يەنە شۇ فەندىيانى بىرنجى توپىنى ئۇرۇپ لاكلۇنىيەنىڭ غەلىبە پۇشتىكىنى چالىدۇ.

سەنئەتىكار ياردەمچى پاس-------فىرنەندو ريدوڭدو -----Fernando Redondo
فىرنەندو ريدوڭدو 1969-يىلى-7-ئايىنىڭ 6-كۇىنى ئارگىنتىنادا تۇغۇلىغان.

ئۇزۇن چىچى يەلپۇنۇپ تۇرىدىغان ريدوڭدو ئۆزىنىڭ لەرزان ،ئۆلچەملىك پاسلىرغا تايىنىپ چىملقدىكى «ئارقا بەل سەنئەتكار ئۇستىسى»دىگەن چىرايلىق نامىغا ئىرشىدۇ. ئۇزغۇنلۇق تارىخدىكى ئەڭ نادىر گۇزەل ياردەمچى پسى بولسا 2000-يىلى 4-ئايىنىڭ 19-كۇىنى 4كۇچلۇككە كىرش مۇسابقىسى مادىرد مىھىمان مانچستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابقىدە مەيىدانىغا كەلىگەن بولۇپ مۇسابىقە باشىلاپ 52مىنۇت بولىغانىدا رىيدوڭىدو سول تەرەپدىن ئارقا-ئارقدىن ئىككى ئادەمىنى ئالىداپ ئۆتۇپ شىددەت بىلەن يۇگۇرۇپ كىلۋاتىقان بوگى قا كەيننى قلىپ تۇرۇپ ھىمچكىم ئويلىمىغان ئىككى پۇتىنڭ ئوتتۇرسدىن پاس بىرىدۇ ھەم بۇ «ئارگىنتىنا شاھىزادىسى» يالىغان ھەركەت ئشىلەپ ئالددىكى بىكىلەرنىڭ دىىقىنى چىچىۋتىدۇ، بۇ توپىنى راھۇل يەڭگىل ھالىدا ۋارتاغا ئۇرۇپ 3:2 ئالدنقى قىتملىق بۇ ئۇزغۇننى 4 كۇچلۇكىنىڭ سرتىدا قالدۇرىدۇ . 2000-يىلى 5-ئايىنىڭ 24-كۇىنى ۋاللۇنسيە بولىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابقىدە رىيدوڭدو يەنە بىر قىتىم ئۆزىنى ئسىپاتىلايىدۇ ، ئۇنىڭ ھەربىر پىسى ۋاللۇنسيەنىڭ مۇداپىيە سپىنى ۋەيىران قىلىپ ئاق كىيملىك چەۋەندازنىڭ 3:0 ئۇتىشىدا مۇھىم رول ئويىنايىدۇ .ھەم كومانىدا باشلىق ئورندا تۇرۇپ «قوش لوڭقا » كۆتۇرگەن تۇنجى چەتئەللىك ئۇزغۇن بوپ قالىدۇ.
بوشلۇقدىكى غەلىتە ھەركەت-----زەيدىن زىدانى ------- Zinedine Zidane
زەيدىن زىدانى 1972-يلى 6-ئايىنىڭ 23-كۇىنى فىرانسيەدە تۇغۇلىغان
.

ئەگەر ئاشۇ بىرقىتىملىق دۇنىياغا داڭلىق كۇلۇپ ئالىمىشش يۇزبەرمىگەن بولىسا بۇ ياۋرۇپانىڭ 50يىللق تارخدىكى ئەڭ داڭلىق چولىپان ئۇزغۇنلۇقنىڭ ئاشۇ بىر ئالتۇن مىدالدىن قۇرۇق قالىغان بولاتتى.1995-1996يىللق مۇسابقە پەسلىدە 15 مەيىداندا 6 توپ ئۇرۇپ پورتۇ كوماندسىنى باشىلاپ ياۋرۇپا ئىتتپاقىلق لوڭقسىنىڭ ھەل قىلىغۇچ مۇسابقىسدە بايرىنغا ئۇتتۇرۋىتىش ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى بىر قىتملىق ئازاپلىق ئەسىلمىە بوپ قالىدۇ .1996-يىلى زىدانى يۇۋىنتۇسىقا قوشۇلىدۇ .97-يىلى 3-ئايىنىڭ 21-كۇىنى تاغىل ئات قوشۇنى 2:0 لوسسىنبۇگ ئۇتىقان شۇ قىتېملىق مۇسابقىنىڭ 39-مىنىۇتىدا زىدانى تۇنجى قىتىم ئۇزغۇنلۇق توپىنى ئۇرۇىدۇ .1997،1998 يىللىرى يۇۋىنتۇس ئارقىمۇ-ئارىقا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقسىگە كىردۇ ،لىكىن تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ئىككنلكىنى ئالىدۇ.
1998-يىللق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ۋە 2000-يىللق ياۋرۇپا پۇتبول لوڭقىسدا زىدانى ئۆزىنىڭ شانلىق تارخىنى يارتىدۇ . شۇنىڭدن باشىلاپ بۇ «چىملقدىكى سھىرگەر»پۇتۇن دۇنىيا خەلقىنىڭ ياقتۇرشغا ئىرشكەن چولىپان بوپ قالىدۇ .2001-يىلى زىدانى 7600 تۇمەن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن پۇتبول تارخدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش رىكورتىنى يارتىپ يۇۋىنتسىدن مادىردىقا ئالمىشىپ «تەڭداشسىز ئالەم كىمسى»دىكى رىۋايتىنى باشىلايىدۇ . 2002-يىلى مادىردنىڭ 100 يىللق يلىغا ئۇتۇلغۇسىز سوغات سۇنىدۇ . يەنى 2002-يىلى 5-ئايىنىڭ 15-كۇىنى گلاسگى گۇللۇك پۇتبول مەيىدانىدا زىدانى كارلوسىنىڭ ئوتتۇرا يولىدىن يەتىكۇزگەن توپىنى يەرگە چۇشۇرمەي تىپىپ «بوشلۇقدىكى پەشىۋا»ھەركىتى بىلەن 17 مىتىر ئارلىقدىن ھوركسىنىنىڭ ۋاتارغا تىپىپ كىرگۇرزىدۇ. بۇ توپ نەچچە مىڭىلىغان پۇتبول مەستانلىرنىڭ خىيالى دۇنىياسىدىكى تارخىقا ئايلىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 18:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغنى ئۇزاق  بۇپ  كىتىپتۇ .........تۈگشىپ  كەتتىدە بۇ .....98.دۇنيا  لۇڭقىسىدىكى يىرىم ھەل   قىلغۇچتىكى بىرازىليگە ئۇرغان كاللا  تۇپى دەششەت......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 18:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋچىۋىچىنىڭ  رەسمى  خاتا بولۇپ  قاپتۇ


كومەن گە  قايىل  بولماي  بولمايدۇ  ، ئەينى  ۋاقىتتا   پەقەت  ئۇچ  چەتئەللىك  ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتمۇ  ئۇ  مۇتلەق  ئاساسلىق  ئەزا ئىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 18:52:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان  جايى سابىق  سوۋىت  ئىتىپاقى  ئەمەس  ، سابىق  يۇگۇسلاۋىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 18:55:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ئىنزاگىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟  ئۇمۇ رائۇلدىن قىلىشمىغۇدەك ھۇجۇمچىغۇ؟  ئىسىت بۇيىل مىلامۇ چىمپىيونلۇق لۇڭقسى مۇسابىقسى ئوينىيالىغان بولسا بەلكىم بۇ رىكورىت ئىنزاگى تەرىپىدىن ساقلىنىپ قىلىشى مۇمكىنتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 18:59:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاجىنىڭ رىكورتى  ئۇزغۇنلار  لوڭقىسىدىكى  ئەمەس   ياۋروپا   پۇتبول  مۇسابىقىلىرىدىكى  



ئوكو    تىما يوللىغاندا بەك  ئاتىكاچىلىق  قىلىپ  كەتتىم  ، ئەمدى  توىتىۋالاي  ،  كۆپ  قىسمى  مىلان  بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن  ،شۇڭا بەك  تەپسىلى  ئوكۇۋىتىپ  جىق  سۆزلەپ  قويدۇم  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-1-5 18:59:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگىمۇبار.... بولمامدىغان....
  كاكادىن تارتىپ ك رونالدوغىچە ھەممسى بار....
   مالدىنى رەھىمەت سىزگە...
مەن شۇ رەسىمىنى ئىزدەپ تاپالىماي بىريەردە قارسام ئوخشاشدەك كۆرۇنىگەنىتى...؟
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-1-5 19:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا يەرلىرى بولسا كۆرستىپ بەرسىڭز ئەلۋەتتە خاپا بولمايىمەن...!
   بىلىمىگەنىنى سوراش كىرەكىتە ...
  

     بۇ شەخسىلەر تخى تۇگۇگنى يوق ...
   كىيىنكى قىسمدا قالغانىلرى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 19:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 - قەۋەتتىكى maldini753 نىڭ 2009-01-05 18:59 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئىنزاجىنىڭ رىكورتى  ئۇزغۇنلار  لوڭقىسىدىكى  ئەمەس   ياۋروپا   پۇتبول  مۇسابىقىلىرىدىكى  



ئوكو    تىما يوللىغاندا بەك  ئاتىكاچىلىق  قىلىپ  كەتتىم  ، ئەمدى  توىتىۋالاي  ،  كۆپ  قىسمى  مىلان  بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن  ،شۇڭا بەك  تەپسىلى  ئوكۇۋىتىپ  جىق  سۆزلەپ  قويدۇم  ،

رائۇل ھازىرغا قەدەر ئىتتىپاقلىق لۇڭقسى مۇسابقىسى ئويناپ باقمىدىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 20:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا بولىچنىڭ رەسىمى.
ماۋۇ توربەتلەردە شۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئائىت رەسىملەر ۋە فىلىم باركەن.كۆرگۈڭلار بارلار ئۆزۈڭلار ئېچىپ كۆرۈۋېلىڭلار،مانچېستىرنىڭ يېڭىلىپ قالغان چاغدىكى رەسىملىرىنى بۇ يەرگە  چىقارغۇم يوق
http://forum2007.antu.com/KonuOk ... 159&sayfa=2
http://www.goalshow.tv/elvir-bolic.htm
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-5 20:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ رائۇلدىن باشقىللىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-1-6 09:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزراق يوللارسىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش