مانچېستىربىرلەشمە كوماندىسى1878-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 130يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى. مۇشۇ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتا بۇ لاتىلافورد يېشىل چىملىقىدا نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلارمۇ مەيدانغا كەلدى. ئەگەر بىز «مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى»نى تۈزۈپ چىقماقچى بولساق، بەلكىم بۇ بىزگە سەل تەسكە توختايدۇ . ئەمما بىز ئەنگىليىدىكى «قۇياش گېزىتى»نىڭ باھالاپ چىققان «مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەرسەپ شەكلى»گە دىققەت قىلىپ باقايلى...................
ۋارتا_____شۇمىچېر
بۇ دانىيەلىك ۋارتا لاتېلافورد مەيدانىغا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇ نۇرغۇنلىغان مانچېستىر مەستانىلىرى قەلبىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر قاپقىچى ھېساپلىناتتى. ئۇ 1997-يىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ،مۇسابىقە باشلىنىپ694 مىنتۇتقىچە بىرمۇ توپ يېمەسلىكتەك رېكورىت ياراتقان ئىدى. مانچېستىر كوماندىسىغا ھەر قېتىم يېڭى قاپقىچى كەلسە كىشىلەر ئەندىشلەنگەن ھالدا :«ئۇ ئىككىنجى شۇمىچېر بولالارمۇ؟؟» دەپ سورىشاتتى.
يان بېك_____گالى. نېۋېل
1991-يىلى گالى.نېۋېل بېكھام قاتارلىق بىر نەچچە ئۆسمۈرلەر مانچېستىر ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىن ئاساسلىق كوماندىغا ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قېتىلدۇ . لېكىن بۇ شەخىس كېينچە «قىزىل ئالۋاستى»نىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ئاساسلىق بىر مۇداپىيە ماھىرى بولۇپ قالدۇ. ئۇنىڭ مەيداندىكى تەسىرى ھەم رولىمۇ باشقا ماھىرلارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك ھېساپلىناتتى. لېكى ھازىرغا كەلگەندە ئۇ قېرىدى ئەمما تېرنېر فۇرگېسىننىڭ قارشىچە ، نېۋېل قېرىغان بىلەن يەنىلا مانچېستىرنىڭ ئايرىلماس ئەتىۋارلىق گۆھىرى ئىدى.
يان بېك_____ئېدىۋاردىس
بۇنى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ داڭلىق سول بېكلارنىڭ بىرسى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئۇ16يېشىدىلا مانچىستىرنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، 17يېشىدا ئىنگىلاد كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ بولغان ئىدى. لېكىن ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى بولسا ،ئېدۋاردىس 1958-يىلدىكى مىيۇنخىن ئاسمىندىكى «ئېچىنىشلىق پاجىئە»دە ئاران 21ياشقا كىرگەن ئىدى. لېكىن مۇشۇ «ئېچىنىشلىق ۋەقە»بولمىغان بولسا ئېدىۋاردىس بىرازىليىلىك پىلىغا ئوخشاش دۇنياۋى چولپان بولالىغان بولاتتى.
بېك_____ئېرۋېن
ئېرۋېن بولسا ئىنگىلاد پۇتبول سەھنىسىدە داڭدار شەخىسنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنى پۇتبول باھالىغۇچىلار بەزىدە«ئىنگىلاد پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەممە تەرەپتە ئىقتىدارلىق بېك» دەپ تەرىپلىشەتتى. ئۇنىڭ جىسمانىي كۈچى ھەم مۇداپىيە قارشى ناھايىتى ئەتراپلىق بولۇپ ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ نومۇر ئېلىشى كۆرىنەرلىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ھەرقايسى بېكلانىڭ ئورنىدا تولۇق ئوينىيالايتتى.
ئوتتۇر مەيدان____بېكھام
بۇ «تۈمەنمىڭلىغان كىشىلەر چوقۇنغۇچىسى»نى «مانچېستىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلى»نىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىككە بىزنىڭ ئاساسىمىز يوق ، بۇنىڭ ئىختىيارى توپ ئۇرۇش تالانتى دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا تۇردۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەرخىل پاسلىرى ھەم يىراقتىن ۋارتاغا توپ ئۇرىشىغا كىشىلەر قايىل بولماي تۇرالمايتتى. قىسقىسى ئۇنىڭ كىلىشكەن بەدىنى ھەم چىرايى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلۋالغان ئىدى.
ئوتتۇر مەيدان____بېسىت
2000-يىللاردا بېكھام مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى مەستانىلىرنىڭ چوقۇنۇش ئوبىيكتى بولغان بولسا، 1960-يىللىرى بېسىت مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى مەستانىلىرنىڭ چوقۇنۇش ئوبىيكتى ئىدى. ئۇ مانچسىتىر كوماندىسىدا 6يىللىق توپ تېپىش جەريانىدا داننىس ھەم چاردۇنلار بىلەن مانچېستىرنىڭ 2-قېتىملىق خاندانلىق دەۋىرنى ياراتقان ئىدى.ئۇ1958-يىلدىكى مىيۇنخىن ئاسمىندىكى «ئېچىنىشلىق پاجىئە»دە مۆجىزىلەرچە ھايات قالغانلارنىڭ بىرسى ئىدى. 2005-يىلى
12-ئاينىڭ25-كۈنى ئۇ مانچېستىر مەستانىلىرىدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
ئوتتۇر مەيدان_____كېن
بۇ مانچېستىرنىڭ داڭلىق«لۈكچىكى»مانچېستىرنىڭ ئوتتۇر مەيدىنى ئۈچۈن بىر رىۋايەت، ئۇنىڭ ئارقا بەلنىڭ ھۆددىسدىن چىقىشى باشقىلارنى تامامەن رازى قىلاتتى. ئۇ بۇ «قىزىل قۇشۇن»نى باشلاپ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ مانچېستىر كوماندىسدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كوماندا ئۇنىڭ ئىزىنى باسقىدەك بىر ئادەم تاپالمىغان ئىدى. قىسقىسى ئۇنىڭ يوقلىقى كوماندىنىڭ مۇداپىيە قىسمىدا بەك بىلىندى.
ئوتتۇر مەيدان_____بوبى. چاردون
«مانچېستىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرسەپ شەكلى»نىڭ ئىچىگە نۇرغۇن كىشىلەر كىرەلەيدۇ، لېكىن بىز بۇ مانچېستىر قەھرىمانىنى ئايرىپ قويساق قەتتىي بولمايدۇ، بۇمۇ بېسىتقا ئوخشاش مىيۇنخىن ئاسمىندىكى «ئېچىنىشلىق پاجىئە»دە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى. كېيىن ئۇ ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەشھۇر رىۋايەت ھەمدە مەشھۇر شەخىس بولۇپ قالدى. پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنى مانچستىرنىڭ بۈيۈك داھيسى ھېساپلايتتى.
ھۇجۇمچى ______گىگىس
ئۇ مانچېستىر تارىخىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقسىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان چولپان ھېساپلىندۇ ھەمدە مانچېستىر كوماندىسدىكى ئەڭ پىشقەدەم ماھىرلارنىڭ بىرسى ھېساپلىدۇ. ئۇنىڭ 1999-يىلدىكى ئىنگىلاد پۇتبول ئومۇمىي لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقسى ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ 4بېكىنى ئالداپ كىرگۈزگەن شۇ توپى ،ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپ ھېساپلىندۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا گىگىس مانچېستىر بىرلەشمىىس كوماندىسىدا ئېلىشقا تېگىشلىك شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بولدى. ئۇ مانچېسىتىرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك سول كىراي ھېساپلىناتتى.
ھۇجۇمچى _____داننىس
داننىس بولسا 1964-يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ سايلانغان، ھەم1964-يىلى مانچېسىتىر بىرلەشمە كوماندسىىنى ئىنگىلاد پۇتبول ئومۇمىي لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ چېمپىيونى بولۇشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىدى. 1965-يىلدىن1967-يىلغىچە ئىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولىشىدا ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولدىكى داننىس مانچېسىتىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرسى ئىدى.
ھۇجۇمچى_____كانتوننا

كانتوننا 1992-يىلى مانچېستىر بىرلەشمە كومانسىىغا قۇشۇلۇپ .1997-يىلى پىسىيگە چىقتى. ئۇ بۇ 6يىللىق ھاياتىدا «پادىشاھ»دېگەن نامغا ئېرىشتى ھەمدە نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگىمۇ ئېرىشتى. بۇگۇنگە كەلگۈچە ھېچقانداق بىرسى بۇ «پادىشاھ»نىڭ ئورنىنى باسالمىدى. ئۇ مانچېستر بىرلەشمە كوماندىسى تارىخدىكى نەمۇنىلىك بايراقدار ھەمدى مەشھۇر شەخىس. ئۇ مەنچېسىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى كەم ئۇچىرايدىغان چولپان.
تېمام يارىغان بولسا، پەستىكى ئېلاننى بىرقېتىم چىكۋېتىڭ |