تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
بىر كۈن سودا تورى
كۆرۈش: 12637|ئىنكاس: 61

پولات قانداق تاۋلاندى.؟؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇنىڭغا ۋاقىت كى

50

تېما

4

دوست

1433

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2835
يازمىسى: 1433
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 10001286
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 577
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-24 23:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆدەك قەلپتىكى پۇتبول ئوتى


1985-يىلى2-ئاينىڭ5-كۈنى دۈشەنبە كۈنى پورتىگالىيدىكى مەلۇم بىر چەت رايۇندىكى ئاھالىلىكلەر رايۇنىدا بىر ئۇغۇل بالا دۇنياغا كەلدى.ئۇنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئائلىدىكىلىرىنى ئانچە بەكمۇ خوش قىلمىغاندەك تۇراتتى.چۈنكى بۇ ئۆيدىكى دادا رايۇنلۇق باغىچىنىڭ ئادەەتتىكى بىر ئشچىسى بولۇپ،ئازغىنە مائاشى بىلەن ئۆيدىكى 4ئادەمنى باقاتتى. ئاپىسى بولسا ئادەتتكى ئائىلە ئايالى ئىدى. دادىسى ئۆزى چوقىنىدىغان ئامىركىنىڭ زۇڭتۇڭى رونالد رىگاننى خاتىرلەش يۈزسىدىن بالىغا رونالدو دەپ ئىسىم قويدى.ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچىسى ئۇنى قولىغا ئىلىپ 2 ئۇكىسغا ئۇنى كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا
مۇشۇنداق داغ-دۇغسىزلا بۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى بوپ قالدى. ئۇ دەل ھازىرقى مانچىسىتىردىكى 7-نۇمۇر كىرسىتىيانو رونالدو ئىدى.( ئۈستىدىكىسى رونالدونىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئۆيى)

7ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ،دادىسى رونالدوغا مارادونانىڭ ئسمى چۈشۈرۈلگەن پۇتبول مايكىسى بىلەن پۇتبول توپ سوۋغا قىلدۇ.<<ئۇمىنىڭ ھاياتىمدا ئىرىشكەن ئەڭ ئىسىل سوۋغا >>دەيدۇ رونالدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن مارادۇنا ئۇنىڭ گۆەەك قەلبىدە مەڭگۈلۈك مەبۇدى بوپ قالدى.ئاشۇ پۇتبول توپ ئۇنىڭ يۈركىدە پۇتبول ئوتىنى ياندۇردى.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كوچىلاردا،باغچىلاردا دوسلىرى بىلەن توپ ئويناپ يۈردى. ئۇنىڭ پۇتبول جەھەتتىكى تالانتى ئاشۇ چاغلاردىلا ئىپادىلنىپ تۇراتتى. تەڭ دىمەتلىك بالىلار ئىچىدە ئۇ ھەممدىن تىز يۈگۈرەيتتى.توپنىمۇ بەك ياخشى ئوينىتاتتى. رونالدو بالىلىق ۋاقىتتلرى توغۇرلۇق سۆزلەپ<< بىر قىتىم مەھەللدىكى بالىلار 2 گە بۈلىنىپ پۇتبول مۇسابىقسى ئوينىدۇق.باشقىلارنىڭ يىشىى مەندىن چوڭ ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ۋارتارىغا جىق توپ ئۇرۋىتىپ قالسام ئۇلار مىنى بىسىۋىلىپ تازا ئۇراتتى>>. رونالدو ئاشۇنداق كوچىلاردا غەمسىز توپ ئويناپ يۈردى.
بىر كۈنى رايۇن باشلىقى كوچىلارنى ئارلاۋىتىپ ، بىر توپ بالىلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكسى بىرىنىڭ ماھارىتنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.ھەمدە ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ رايۇنلۇق ياش ئۆسمۇرلەنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىىشىنى خالايدىغان خالمايدىغانلىقىنى سورىدى. رونالدو ئەزەلدىن بىرەر چوڭراق مۇسابىقە ئويناپ باقمىغاچقا،رايۇن باشلىقىغا ماقۇل بولدى. مۇسابىقە كۈنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكلەر ئۇنىڭ مۇسابقىسنى كۆرگىلى كەلدى.رونالنىڭ كوماندسى 7.1نەتىجە بىلەن قوشنا رايۇننىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى يىڭۋالدى.رونالدو4 توپ كىرگۈزگەن ئدى. كىشلەر ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ نەدىن كەپ قالغانلىقىنى بىر-بىرىدىن سورىشاتتى.ئائىلسىدىكىلەر بولسا كوچىلاردا توپ ئويناپ يۈرگەن رونالدونىڭ سەۋيىسىنىڭ بۇ قەدەر ياخشىلىقىنى ئويلاپمۇ بىقىشمىغانىدى. شۇ كۈنى مۇسابىقە كۆرگۈچىلەر ئىچىدە لسىبىن ئاتلىتكا ئۈسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ تىرىنىرىمۇ بار ئىدى.شۇ كۈنكى مۇسابىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ رونالدۇنىڭ بىر پارچە ئۇبدان پۇلات ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن ياخشى بىر شەمشەر سوقۇپ چىقالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى ھەمدە ئۇنى لسبىن ئاتلىتكا ئۈسمۈرلەر كوماندسىغا قوبول قىلدى.
ئۇ شۇ يىلى دەل 13 ياشتا ئىدى.
بۈركۈت بالسى مۇشۇ يەردىن ئۇچتى
رونالدۇ لسبىن رىقابەت كوماندىسىغا كىلىپلا باشقا بالىلارنىڭ زاڭلىق قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى.چۈنكى ئۇ چەت رايۇندىن كەلگەچكە تەلەپپۇزى قاتتق ئىدى. ئۇ ئۆزىنى زاڭلىق قىلغان بىرىنىڭ ئەدىپىنى بىرىۋىدى باشقىلار بۇ <<سەھرالىقنىڭ>> بوش
نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدى دە ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىم ئۇنى زاڭلىق قىلىشقا پىتىنالمىدى. بالىلار مەشىقىتىن چۈشكەندىن كىيىن
ئىسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، كۆڭۈل ئاچقىلى ئاللىقانداق سورۇنلارغا كىتەتتى.رونالدو بولسا مەشىق مەيدانىدا قىلىپ داۋاملىق مەشىق قىلاتتى چۈنىكى ئۇ تىرشىپ مەشىقى قىلىپ سەۋيىسىنى تىخىمۇ ئۆستۈرگەندىلا ئاندىن زەردار كولۇپلارغا كىرىش ئىمكانىيتى بولاتتى. شۇ چاغىدىلا ئۇ ھەممىگە ئىرشەلەيتتى . تۇققانلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇلىرىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايتتى.
ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ھاجەتخانىغا يوشۇرنىۋىلىپ تاماكا چەكمەيتتى. ئولتۇرۇشلارغا بىرىپ ھاراق ئىچمەيتتى.چۈنكى ئۇ ئارزۇسىغا يىتىشنىڭ تۇنجى قەىمىنىڭ ساغلام بىر بەدەنگە ئىرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ھەمدە باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ئارتۇق تىرىشتى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق تىرىچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ شەخسى تىخنىكىسىدە ئىنتايىن چوڭ ئىلگىرلەش بولدى. ھەمدە باشقىلار ئارسىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، لىسىبىن ئاتلىتكا كوماندىسنىڭ u16,u17,u18كوماندىللرىدا چىنىقىپ چىققاندىن كىيىن
لسبىن رىقابەت كوماندىسنىڭ بىرنچى كوماندىسىغا قاتناشتۇرۇلدى.ھەمدە دۆلەت كوماندىسىنىڭ u17,u18كوماندىللرىدا توپ ئوينىدى. ھەمدە 2003يىلى8-ئايدا تونجى بولۇپ پورتىگالىيە ئۈچۈن مۇسابىقە ئوينىدى. دىمەك بۈركۈت بالىسى ئۇچۇرۇم بولغان ئىدى.
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

2003-يىلى8-ئاينىڭ8-كۈنى مانچىسىتىر بىرلەشمىسى ئۇنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى ئەمەلى كۈچىنى تونۇپ يەتكەندىن كىين ئۇنى 12مىليون فونىستىرلىڭلىق باھا بىلەن ئۇنى سىتىۋالدى. فوگسىنمۇ ئۇنى سىتىۋالغانلىقىنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇ. مانچىسىتىردا ئۇ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى.يەنى 2007/2008يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە مانچىستىرنى بىرلەشمە چىمپىيۇنى ھەمدە ياۋرپا چىمپىيۇنى قىلدى. ئۆزىمۇ كەسىپى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرەپكە يەنى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىپادسىنى كۆرگەن مانچىستىر ئۇنىڭ بىلەن بولغان توختامنى تىخمۇ ئۇزارتتى،مۇئاشىنىمۇ ئۆستۈرۇپ بەردى.2008-يىلدىكى پۇتبول سەھنىسىنى رونالدۇ تىخىمۇ نۇرلاندۇرۋەتتى. رونالدۇ دىگەن ئىسىم بىلەن مانچىسىتىر دىگەن ئىسىم بىرگە تىلغا ئىلنىدىغان بولدى.(رونالدۇنىڭ2008-يىلدىكى مۇھاپىقيەتلىرى مۇنبەر ئەھلىگە ئايان بولغاچقا يەنە گەپ ئوينىتىپ يۈرۈشنى لايىق تاپمىدىم.ئۇنىڭ ئۈسىتگە بۇ تىمىنى تىزراق پۈتۈرمىسەم ياتاقنىڭ ئىشكىنى تاقىۋەتسە سىرىتتا قالىدىغانندەك قىلدىم.) سۈرەتتە رونالدو ئالتۇن توپنى سۆيمەكتە.

ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى ئىشقا ئاشتى.
ئۇنىڭ 2007/2008يىلدىكى دەرىجىدىن تاشىقىرى ئىپادىسى ئۇنى تەنتەربىيە ساھاسىدىكى كاتتا بايغا ئايلاندۇردى. ھەمدە ئۇ ئائلسىدىكلەرنىڭ ئارزۇسىنىمۇ ئىشقا ئاشۇردى.

ئۇ بۇ يىل چوڭ ئاچىسىغا لسىبىندىكى ئاۋات كوچىدىن بىر ئاياق دۇككىنى ئىچىپ بەردى.ھەمدە لىنتا كسىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بەردى.(يۇقىردىكى رەسىم رونالدۇنىڭ ئاچسىنىڭ ئاياق دۇكىنىنىڭ لىنتا كىسش مۇراسىمىغا قاتنىشۋاتقان ۋاقتى)
بۇ دۇككان ئىچىلغاندىن كىيىن سودىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى.ئۇنىڭ سەۋەبى ماگزىننىڭ خوجايىنىنىڭ رونالدونىڭ ئاچىسى ئىكەنلىكىدە ھەمدە دۇككاننىڭ ئسمىنىڭ <<R7ئاياق دۇككنى>> بولغانلىقىدا.
رونالدۇنىڭ كىچىك ئاچىسى پورتىگالىيدىكى ئازتولا نامى بار ناخشىچى .رونالدۇ دۇنياغا تونۇلغاندىن كىيىن ئۇ ئىنسىنىڭ ئىسمىغا تەقلىت قىلپ ئۆزىگە ronalda دەپ سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان بىر ئىسىم قويۇۋالدى.رونالدۇ ئاچىسىنىڭ بىر ناخشىا پىلاستىنكىسنى ياردەم قىلىپ نەشىردىن چىقارغۇزدى. بۇ ناخشا پىلاستىنكىسدا رونالدۇ ئىيتقان بىر ناخشا بار بولغاچقا، ئىنتايىن بازار تاپتى.ئۇنىڭدىن باشقا 4 قىرىنداش بىر بولۇپ،2006يىلى ئىغىر كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن داداسىغا ئاتاپ
hope to see you soon يەنى بىز سىنى كۈرۈشكە تەشنا دىگەن ناخشىنى ئوقۇدى.
رونالدۇنىڭ ئاكىسى ئىلگىرى خىرويىنغا خۇمار بوپ قالغان بولۇپ،رونالدۇنىڭ ئىلھاملاندۇرشى ھەمدە ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى نەتىجىسىدە زەھەر تاشلىغان.رونالدۇنىڭ ئاكسى زەھەرنىڭ خۇمارىدىن قوتۇلغاندىن كىيىن
ئۇ ئاكىسىغا بىر سىر ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر زاۋۇت قۇرۇپ بەرگەن.ھازىر ئۇنىڭ ئاكىسى 15ئادەم ئىشلەيدىغان بىر كىچىك سىر زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى
رونالدو قانداق ئادەم؟

بەزىلەر رونالدۇنىڭ قابىليتىنى ئىتراپ قىلسىمۇ،بىراق يەنىلا ئۇنى ياقتۇرمايدۇ. مەن بىر نەچچەيلەننىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقسام ،
ئۇلار رونالدۇنى بەكلا ھاكاۋۇر،مەنمەنچى دەپ قارايدىكەن. ئۇلار بۇ جەھەتتىن مىسال ئىلىپ مىسسىنى ياخشى كۆرشىدىغانلىقىنى ئىتيتتى.ئەمىليەتتە كۆپ قسىم پۇتبولچىلار ئۈسمۈرچىغىدىن باشلاپلا كەسپى پۇتبول مەكتەپلىرىدە ،كولوپلاردا نوقول ھالدا پۇتبولدىنلا تەلىم ئىلىپ باشقا جەھەتلاردە تەربىيلىنشىكە سەل قارايدۇ. رونالدومۇ گەرچە تۈزۈكرەك مەكتەپ يۈزى كۆرۈ باقمىغان بولسىمۇ،بىراق تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كوبى بىراينىت،دەننسى رودىمان قاتارلىق چولپانلاردەك سەتچىلىكلەرنى
ئۆتكۈزۈپ باقمىدى. قىز دوستىنىڭ كۆپلىكى ھەم تىز-تىز يەڭگۈشلەپ تۇرۇشى بىزگە بىر خىل شاللاقتەك تەسىر بىرىدۇ. ئەلۋەتتە بىز
ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىللرى نەزىرىدە بۇ بىر يامان ئىشتەك تويۇلسىمۇ،بىراق غەرىپ ئەللىرىگە نسىبەتەن بۇ تولىمۇ ئادەەتكىدەك ئىش. شۇڭا ئۇنڭىغا بولغان باھايىمىزدا بۇ نوقتىغا كەلگەندە،يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۆڭنى قىس دىگەندەك ئىش قىلىمىز. ئۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلار باركەن.سىز ئۇنىڭغا قاراپ رونالدوغا ئۆز باھايىڭىزنى بىرىڭ.
لەقىمى:كىلويت(بىر خىل قۇشنىڭ ئسىمى ئىكەن)
بالىلىق چاغلىرىدىكى چوقۇنغۇچىسى: پۇتبول شاھى مارادونا
ھازىرقى پۇتبولچىلاردىن ياخشى كۆردىغىنى: رونالدۇ بىلەن ھىنرى
كۆرۈشىشىنى ئەڭ خالايدىغان ئادىمى: بوكىس شاھى تەيسىن
ياخشى كۆرىدىغان رىڭى: ئاق رەڭ
ياخشى كۆرىدىغان كىنو: ئالتىنچى سەزگۈ
ئەڭ ياخشى كۆردىغان كىنو چولپىنى ؛ ئەنجىلا جولى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماشىنا: ئاستو مارتىن، فارالى
ئاڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى؛رىچ مارتىن
ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرى:دوسلىرى بىلەن دىڭىز بويىغا بىرىپ ئايلنىش،
ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىشى: ئاسىيلىق
مەيدانغا چىققاندا ھەر قىتىم مەيدىسگە كىرسىت سىزىدۇ.
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇ پۇتبول مەيدانىدا ياخشى بىر توپچى.مەيدان سىرتىدا ھەممە ئىشنى ئۆز جايىدا قىلالايدىغان،قولىدىن ئىش كىلىدىغان،جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ياش.
خاتىمە
بەلكىم مەندەك بىر چىلسىي مەستانىسىنىڭ رونالدۇ توغۇرلۇق بۇنچە تەپسىلى بىر تىما يىزىشى بەلكىم باشقىلارنى ئەجەپلەندۈرۈشى مۇمكىن.مەن راست چىلسينى ياخشى كۆرىمەن.بىراق پۇتبولنى تىخمۇ ياخشى كۆرىمەن. رونالدوغا ئوخشاش
پۇتبولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينايدىغان پۇتبولچىنى ياقتۇرماسلىققا مىنىڭ ھىچقانداق ئاساسىم يوق. ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى تالشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدا ئەگەر رونالدۇنىڭ ئاشۇ بىر كاللا توپى بولمىغاندا ئىدى بىزنىڭ چىلسىي چىمپىيۇن بولاتتى . چىلسىي مەستانىللرىمۇ بۇنچە ھەسرەت چىكىپ كەتمەيتتى. كوماندا باشلىقى تىررىينىڭ كۆزىدىن ئاچچق ياش ئاقمايتتى. بىراق رىئاللىققا ئىلاجىمىز يوق. بىز ئۇنىڭ تالانتىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. ئەگەر مەنمۇ بۇ سەۋەپلىك رونالدۇنى تىللاپ يۈرسەم مانچسىتىر مەستانللرى ئىمزا سۈرئىىتنىڭ ئاستىغا يىزۋالغنىدەك كۆرەلمەس،پەس ئادەم بوپ قالىمەن. ھىچقانداق ئادەم ئۇنىڭ2007/2008يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە كۆرسەتكەن ئاجايىپ ماھارەتلىرىگە كۆز يۇمالمايدۇ. ئۇ ئىرىشكەن شان شەرەپلەر ئاسماندىن توككىدە چۈشكەن بولماستىن بەلكى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.
ئاخىرىدا ئۇنىڭ پۇتبول مەستانىللىرىنڭ ھوزۇرىغا تىخىمۇ ئىسىل ماھارەتلىرىنى سۇنۇشىنى ھەمدە تىخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىنى ئۈمۈت قىلمەن. سەۋيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن ۋە قەلەم قۇۋتىمنڭ ئاجىزلىقىدىن مۇشۇنچىلىكلا يازالىدىم.ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلە.
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akax32 + 50 يارايسىز....... ..
soccer + 10 بەك ياخشى يې ..
cool + 5
ئاتېللا + 5

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

ئويۇن تىخى ئالدى

50

تېما

0

دوست

3680

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3523
يازمىسى: 3680
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 4489
تۆھپە: 253
ۋاقتى: 877
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-24 23:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما يوللاپسىز جۇمۇڭ بۇ ھازىرقى ۋاقتىغا پەقەت ئوخشىمايدىكەن

ئۇنىڭغا ۋاقىت كى

50

تېما

4

دوست

1433

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2835
يازمىسى: 1433
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 10001286
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 577
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-24 23:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  تىزراق يىزىپ چىقىپ كىتەرمەن دىسەم سائەت10 دىن ئىشىپ كىىتپتۇ  باۋيى قىلىپ قالدىغان ئوخشايمەن ئەمدى     

كاپىتان جېرراد!~

73

تېما

21

دوست

3373

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  716
يازمىسى: 3373
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 2632
تۆھپە: 116
ۋاقتى: 2095
h
ھالەت

موللا تاپقاق لىۋىرپول لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-24 23:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  رومان  جەۋھەرلەنسۇن.
ياخشى باھا 100
تۇھپە 100
مانچىستېرلۇقلار تەرپىدىم مۇكاپاتلانسۇن.<1-بولۇپ 终结者>
  پەچەت تىمىكەن مانا.
خېلى تېرشىۋاتىدۇ جۇما مۇشۇ بالا!
          چىلسىنىڭ لۇكچىكى بولۇشقا لايىقتە!
كاپىتان جېرراد!~!~!

ئۇنىڭغا ۋاقىت كى

50

تېما

4

دوست

1433

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2835
يازمىسى: 1433
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 10001286
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 577
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-24 23:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 قەۋەتتىكى atux0908 نىڭ 2008-12-24 23:51 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ماۋۇ  رومان  جەۋھەرلەنسۇن.
ياخشى باھا 100
تۇھپە 100
مانچىستېرلۇقلار تەرپىدىم مۇكاپاتلانسۇن.<1-بولۇپ 终结者>
  پەچەت تىمىكەن مانا.
.......
بەك ماختىۋەتتىڭىز يۇرتتىشىم. بۇنچىۋلا ماختاشلارنى ئاڭلاشقا مەن تىخى لايق ئەمەس

راسلام قىززىق!!!!

509

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 10668
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10015911
تۆھپە: 1189
ۋاقتى: 5078
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە يازما يوللاش ئۇستىسى چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تىمىنى  ئۇقۇپ  مەنمۇ  بۇرۇن  رۇنالدۇغا  قىلغان مۇئامىلەمگە خىجىل  بۇلۇپ  قالدىم .......... ھەقىقەتەن نادىر  تىما ......ئاخىردىكى خاتىمەڭ  مىنى  بەك تەسىرلەندۈدرى........
قاچانمۇ ياز كىلەر؟؟؟؟؟؟؟؟

كاپىتان جېرراد!~

73

تېما

21

دوست

3373

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  716
يازمىسى: 3373
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 2632
تۆھپە: 116
ۋاقتى: 2095
h
ھالەت

موللا تاپقاق لىۋىرپول لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:پولات قانداق تاۋلاندى.

مۇستاپا دىگەن ئاداش ئۇقۇغىدەك تىما بولۇپتۇ.
      مۇشۇنى ئۇقاپ يەنە س.رونالدوغا قايىل بولمىسا، ..........................................
          بۇ ئاداشلام ئەمەس س.رونالدونى ياقتۇرمايدىغانلار............................................
قېنى س.رونالدو ئۇنداق بۇنداق دەيدىغان.............لار.
كاپىتان جېرراد!~!~!

چىدىمىسىڭىز ئۆل

135

تېما

3

دوست

4042

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6817
يازمىسى: 4042
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 28677655
تۆھپە: 553
ۋاقتى: 1507
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:پولات قانداق تاۋلاندى.

ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياخشى تەرپىمۇ بولىدۇ، يېتەرسىز تەرپىمۇ بولىدۇ.
مەن ئۇنىڭ يېتەرسىزلىك تەرپىگە كۆز يۇممايمەن، لېكىن مۇنبەردىكى بەزى دوسلاردىن كۈتىدىغىنىم ، ھەر قانداق ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساڭلا. بىرەرسىگە يۈزەكىلا باھا بېرىپ دوسلار ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالمىسا . ئەڭ ئاخىردا ئىتتىپاقلىقنى ساقلىساق.

تېما ئىگىسگە رەھمەت،،تېخىمۇ تىرىشىڭ.

... ... ... ...

83

تېما

5

دوست

4039

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  31
يازمىسى: 4039
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: -2147483562
تۆھپە: 171
ۋاقتى: 1537
h
ھالەت

لىۋىرپول لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:پولات قانداق تاۋلاندى.

شۇنداق ، رونالدو ھەقىقەتەن قالتىس ، بىراق :
« ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى ،
    مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى .
   كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ،
   سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى . »
       .... ... ...  

كاپىتان جېرراد!~

73

تېما

21

دوست

3373

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  716
يازمىسى: 3373
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 2632
تۆھپە: 116
ۋاقتى: 2095
h
ھالەت

موللا تاپقاق لىۋىرپول لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:پولات قانداق تاۋلاندى.

8 قەۋەتتىكى dilhux نىڭ 2008-12-25 00:24 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى Re:پولات قانداق تاۋلاندى. :
شۇنداق ، رونالدو ھەقىقەتەن قالتىس ، بىراق :
« ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى ،
    مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى .
   كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ،
   سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى . »
.......

دىلخۇش باي سەت كەلتۇر ۋىتىپسىلە جۇما
كاپىتان جېرراد!~!~!

مەن كىم سەن كىم ب

7

تېما

0

دوست

379

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1300
يازمىسى: 422
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10000379
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 105
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونى قايتىدىن كورگەندەك بولدۇم  .

كاپىتان فابرېگا

1

تېما

0

دوست

21

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6883
يازمىسى: 41
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 21
تۆھپە: 24264
ۋاقتى: 23
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 00:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت تېما بوپتۇ........... مۇشۇنچىۋالا گەپلەرنى قىلماقمۇ ئاسان ئەمەست......... بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىردا ھەقىقەتەنمۇ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلىپسەن............ ياشاپ كەت................... ماۋۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ ........كاپىتان جىرراتنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالدىم جۇمۇ................ سەل چەكتىن ئاشۇرۋىتىپتىمەن......... بەزى يەرلەردە......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备12001847号-1 )  

GMT+8, 2013-2-21 22:57 , Processed in 0.129235 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش