akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6061|ئىنكاس: 27

===ئىنتىر بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە نەزەر====

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2008-12-22 20:42:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
چىمپىيونلۇق لوڭقىسى 8\1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئىنتىر بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ھەممىنىڭ دېققىتىنى جەلب قىلدى . بۇ مۇسابىقە ياۋورپادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىرىدىغان ئىككى كوماندىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش بولغاچ بۇ مۇسابىقىنى بۇ باسقۇچنىڭ جەۋھىرى دىيىشكە بولىدۇ. نەچچە كۈندىن قارىسام ئىككى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى ،ھە دەپ بىز ئۇتىمىز بىز ياسايمىز دىيىشىپ ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بېرىشىۋېتىپتۇ   . لېكىن ھېچ بىرى تەھلىل بىلەن ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويماپتۇ . شۇڭا مەن ئىچىم پۇشۇپ بىكار ئولتۇرغاندىن ئازراق نەرسە يېزىپ باقاي دېدىم . دوستلارنىڭ ئىلمى ،مەدەني، ئادىل ئاساستا مۇنازىرىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن





================================================================================================= 


       يېقىنقى تارىخى نەتىجىسى جەھەتتە :

بۇ جەھەتتە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى مۇستەق ئۈستۈنلۈككە ئېگە . ئىككى كوماندا يېقىنقى يىللاردا رەسمە مۇسابىقىدە 2قېتىم ئۇچراشقان . مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلەشكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى نىڭ يېقىنقى يىللاردىكى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىزچىل يامان ئەمەس . ئىنتىر بولسا يېقىنقى يىللاردا بۇ مۇسابىقىدە دېگەندەك ياخشى ئوينىيالمايۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتىر 40نەچچە يىلنىڭ ياقى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى شاللاش باسقۇچىدا ئېنگلاند كوماندىلىرىنى يېڭىپ باقمىغان،

لېكىن تارىخ كەلگۈسىگە ھېچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ، پەقەت كۆرسەتكۈچلۈك رولى بار خالاس. بۇنداق 2 كۈچلۈكنىڭ رىقابىتىدە ھەرقانداق نەتىجە مۇمكىن.

 

ئۇچرىشىش ئالدى كەينىدىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى:

بۇ جەھەتتە ئىنتىرغا ئازراق پايدىلىق . چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز ئېنگلاد بىرلەشمىسىنىڭ قىشلىق دەم ئېلىشى يوق دىيەرلىك ، ئەكسچە بۇ مەزگىلدىكى مۇسابىقە تېخىمۇ بەك زىچ . ئىنتىر بولسا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىدىن ئۇزاق دەم ئالالايدۇ . كوماندىنى تەڭشەپ ، يارىدارلارنى داۋالىيالايدۇ .شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە ئىنتىرنىڭ بەدەن ھالىتى ئۈستۈنرەك بولىشى مۇمكىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە مانچىستىر يېقىندىلا دۇنيا كۇلۇپ لوڭقىسىنى ئوينىدى . شۇڭا بىرلەشمىدە نەچچە مەيدان ئاز ئوينىغاچ نومۇر جەھەتتە خېلى ئارقىدا قالدى(ئەلۋەتتە تولۇقلاپ ئوينىغاندىن كىيىن يىتىشىۋالىدۇ . لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بېسىم ئېغىر دە. نىسىدىن تەلەي يوق دېگەندەك ) . شۇڭا بىرلەشمە مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدۇ. ئىنتىر بولسا رەقىبلىرىنىڭ خېلى ئالدىدا،نۆۋەتتىكى رەقىبلىرىمۇ ئاجىزراق .شۇڭا نىسبەتەن زېھنىنى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قويالايدۇ .  بۇ بىر چوڭ پايدىلىق تەرەپ .

 

مۇسابىقە ئىجتىمائىي مۇھىتى :

ھازىر ئىككىلار تەرەپكە دېگەندەك پايدىلىق ئەمەس . مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇ يىل ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ "ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى"گە ئۇچرىماقتا .  بۇنىڭ مانچىستىرنىڭ بۇلتۇرقى چىمپىيون بولىش سەۋەبى بار (ياۋروپا بىرلەشمىسى بىر كوماندىنىڭ ئۇدا چىمپىيون بولىشىنى خالىمايدۇ . شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن ياقى ئالدىنقى يىلنىڭ چىمپىيونى 16كۈچلۈكتىلا شاللىنىپ كىتىش فورمۇلاسى بار) ھەم ئەڭ چوڭ باشلىق پىلاتىنىنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن ئانچە خوشى يوقلىقى سەۋەبىمۇ بار.ئۇلار ئۈچۈن قايتا چىمپىيۇن بولۇش بېسىمىمۇ بەك يۇقىرى.

لېكىن ئىنتىرمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .بىزنىڭ مۇرىنىيو ئاشۇ ئاغزى تۈپەيلى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى باشلىقلارنىڭ  ئۇنىڭ بىلەن خۇشى يوق.  بۇرۇن چېلسى ۋاقتىدا دائىملا ئەڭ كۈچلۈك كوماندىنى بۇيرۇپ بېرەتتى، بۇ يىلمۇ ئاساسەن شۇنداق بولدى. كىيىن يەنە قانداق بولىدۇ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ.

 

 

مەشقاۋۇل سەۋىيسى

قېلىشمايدۇ دەپ قارايمەن . ئۆزەم ئىنتىرلىق بولغاچ مۇرىنىئونى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايمەن . لېكىن فۇېگېسسېنغىمۇ قول قويماي بولمايدۇ . مۇرىنىئونىڭ ئۈستۈنلىكى تاكتىكا ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە بەك ئۇستا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇرگسىسىن چوڭام بىلەن بولغا تىركىشىشت مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئېگە (مۇرنىئو 6ئۇتۇپ 4 تەڭلىشىپ 1 ئۇتتۇرغان).فۇرگېسسىن ئەڭ قورقىدىغان دۈشمىنى دىيىشكە بولىدۇ.

فۇرگېسسىن بولسا تەجرىبە، پەم جەھەتتە ئۈستۈلۈككە ئېگە . بىرلا ئېغىز :تۈلكىدەك قۇۋ نىمە بۇ!

 

كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى:

مانا ئاخىرى لوق گۆشكە كەلدۇق   . ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى قېلىشمايدۇ . ھازىرقى ھالەتتە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى سەل پەل ئۈستۈن . لېكىن ئىنتىرنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى زور . مۇرىنىو ياخشى بىرتەرەپ قىلالىسا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىدىن پۈتۈنلەي ئېشىپ چۈشەلەيدۇ . قۇرۇق گەپ قىلماي بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.

ۋارىتار

سېسار بىلەن ۋەن دېسار بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ .سېسار توپ توساش ئىقتىدارى جەھەتتە ئۈستۈن . لېكىن يىراقتىن ئۇرۇلغان توپ بىلەن ئىختىيارى توپنى توساشتا سەل ئاجىزراق . ۋەن دېسار بولسا تەجرىبىسى مول، مۇھىم مۇسابىقىلەردە دەششەت تۇرۇپ قۇيىدۇ. يېتەرسىزلىكى قېرىپ قالغاچ ئىنكاسى ئازراق ئاستا ، تۇرۇپ تۇرۇپ كاللىسى ماس بولۇپ قالىدۇ.

زاپاس ۋارىتاردا پۈتۈن ياۋروپادىمۇ ئىنتىرغا يىتىدىغىنى يوق . تولدو! دەڭە تولدو!

ئوڭ بېك

ئىنتىر مۇستەق ئۈتۈنلۈككە ئېگە .مەيلى مايكون بولسۇن ياكى زانېتتى بولسۇن بروۋن ،نېۋېل ۋە رافائېللاردىن  كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە كوردوبا ، بۇردىسسو ،سانتونلارمۇ يامان ئەمەس ئوينايدۇ . بۇ ئورۇن مېنىڭچە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى.

ئوتتۇرا بېك

ئەسلى قېلىشمايتتى ھەتتا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى ئاز پاز ياخشىراقتى. لېكىن ۋىدىچنىڭ جازالىنىشى بىلەن مانچىستىرنىڭ مۇداپىئە كۈچى جىق ئازايدى .فېردىناند ھەقىقەتەن كۈچلۈك ، ئېۋېنسمۇ خېلى يامان . بروۋنمۇ بولۇپ قالىدۇ بولمىغاندا ئوشىئېينى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئىنتىرنىڭ ئومۇمى كۈچى ئۈستۈنرەك . كوردبا بىلەن سامۇئېل فېردىناندتىن بەك قېلىشمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېراززى، چىۋۇمۇ راۋرۇس بېكلار. بۇردىسسومۇ ھەر ھالدا بوپ قالىدۇ (بىروۋنغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ). كامبىياسومۇ ئوتتۇرا بېكتا ياڭزىسى بىلەن تۇرالايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىن سەل ئۈستۈنلىككە ئېگە.

سول بېك

بۇ ئورۇننى سېلىشتۇرماق تەس . چۈنكى ئاساسلىق ئەزانى سېلىشتۇرساق ئېۋرا ئىنتىردىكى ھەرقانداق سول بېكتىن ياخشى . لېكىن مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىدا پەقەت مۇشۇ ئېۋرا لا باركەن. فابىئو دېگەن بېكى تېخى مەيدانغا چىقىپ باقمىغاچ بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ئىنتىردا بولسا مەكسۋېل ھەقىقى سول بېك ،ئېۋراغا يەتمەيدۇ . لېكىن زانېتتى ، چىۋۇ ،بۇردىسسولار بۇ ئورۇندا بېلىقتەك ئوينىيالايدۇ . شۇڭا ئازراق شەخسىيەتلچىىك قىلسام، بۇ ئورۇندا ئىككى تەرەپ تەڭ .

ئىككى يان

ھازىرقى ئەھۋالدا مانچىستىر مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېگە . رونالدو +نانى+جىگىس+پارك(+رۇنى) مېنىڭچە بارسلونادىن قالسىلا ئەڭ ياخشى يان ھۇجۇم سېپى دەپ قارايمەن . ئىنتىرغا كەلسەك ھازىر بۇ جەھەتتە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . لېكىن ئەگەر مۇرىنىئو كۈچ كۆرسىتىپ كۇارېسما،مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىىنى، بالوتېللىلارنى نورمال قىلالىسا ، كۇارېسما +مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىىنى +ئوبىنا +فىگو +ستەنكوۋىچ +بالوتېللى (+زانېتتى) نىڭ گۇرۇپپىسىمۇ مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى  بىلەن تىركەشكۈچىلىكى بار دەپ قارايمەن .

ئوتتۇا مەيدان

مانچىستىر سەل ئۈستۈنلۈككە ئېگە . يېقىندا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاندېرسون مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدا تەڭپۇڭ ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرا مەيدان . سكولىس بولسا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىە ھازىرمۇ ئەڭ ياخشى تەشكىللىگۈچى ئوتتۇرا مەيداننىڭ بىرى . زاپاسلاردىن كارىكمۇ يامان ، تىپىك كاللىسىنى ئىشلىتدىغان ،ئۇزۇن پاسى ياخشى ، ھۇجۇمنى رەتلىك تەشكىللىيەلەيدۇ .فلېچېرمۇ يامان ئەمەس، تىرىشچان ، ھارماس ، مۇداپىئە ئورۇن ئېلىش پاسلىشىش  ئېڭى ياخشى . ئوشىئې بولسا توپ ئۈزۈش ئىقتىدارى يۇقىرى .پاركمۇ ئوتتۇرا مەيداندا ياخشى ئوينىيالايدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى بىرقەدەر تەڭپۇڭ، ئەتراپلىق، زىچ ،توپچىلىرنىڭ سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى؛ئىنتىردا بولسا كامبىياسو بىلەن ۋىېرادىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا مەيدان ئاندېرسون +سكولىس تىن قېلىشمايدۇ.  زانېتتى ، مۇنتارى ، ستانكوۋىچ ، فىگو،جىمىنىسلارمۇ يامان ئەمەس .مۇداپئە جەھەتتە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىدىن كۈچلۈك بولسا كۈچلۈككىن ئاجىز ئەمەس .لېكىن ھۇجۇم تەشكىللەشتە سكولىستەك بىر يادرولىق ئەزا يوق. شۇڭا تەشكىللەش ۋە بۆسپ كىرىش ئىقتىدارى ئاجىز. بۇ كەمچىللىك تۈزەلمىسە كەلگۈسىدە ئوتتۇرا مەيداننى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىگە تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.

ھۇجۇمچى

بۇنىڭغىمۇ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ . ئىبراھىموۋىچ +ئادرىيانو+كرۇز+كرېسپو+بالوتېللى +ئوبىنا .بۇ ھۇجۇم سېپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەسلى رۇنى+بېرباتوف+تېۋېست سەل پەل  تىن ئېشىپ چۈشىدۇ، لېكىن ھازىر ئىبراھىموۋىچتىن باشقىلىرى ياخشى ئوينىيالمايۋاتىدۇ. گەپ ئەمدى مۇرنىئودا قالدى . مېنىڭ ئارزىيۇم ۋاقتى كەلگەندە نورمال ھالەتتىكى ئىبراھىم+ئادرىيانوVSرۇنى +بارباتوف نىڭ قىزىقىنى كۆرۈش . خۇدا بۇيرىسا............

 

=============================================================================

ئۇنىمۇ بۇنىمۇ سېلىشتۇرۇب باقتۇق . لېكىن نىمىلا دېگەن بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە قارايدىغان گەپ . پۇتبول دېگەن يۇمىلاق ، ھەممە يۈزبېرىشى مۇمكىن . مۇتلەق ئۇتىدىغان ياكى چوقۇم ئۇتتىرىدىغان كوماندا يوق . شۇڭا ئۆزىمىز سۆيىدىغان كوماندىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئارا ئىتتىپاق، چۈشىنىش ئاساسىدا مەدەت بېرەيلى!

 
ئاخىرىدا مەنمۇ پېلىنى دوراپ پەرەز قىلىپ قوياي . ئۇنىڭچىلىك سەۋىيەرىم بارمۇ قېنى :

ئىنتىر 40%ئۇتۇش ئېھتىماللىقى بار ، لېكىن جاپا تارتىپ تېما يازغىنىمىنىڭ يۈزى بىلەن 10%،يۈزۈمنىڭكېلىنلىقى بىلەن 5%قوشۇۋېلىپ ئاخىرىدا 55% بولۇپ، مانچېستىرنى ئۇتىۋېتىدۇ دەپ قارايمەن.





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
شەمشاد + 50 ئەجىر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى كوماندىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنى راسلا ئەتراپلىق يېزىپسىز.
ھەتتا پاكىت بىلەن. قېنى ئاخىرىدا كىم ئۇتىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە كۆرەيلى.
بەلكىم ئىنتېر ئۇتا ۋە ياكى مانچىستېر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇڭلۇمدىكى راس گەپنى قىلسام:
ئىنگىلاند كۇلۇپلىرىنىڭ ئۇتىشىنى ئۈمۈت قىلتىم،لىكىن مۇشۇ ئىنتېرVSلىۋېرپول بولۇپ يەنە بىر قېتىم ئۇچىرىشنى ئۈمۈت قىلىپ،  بۇ مۇسابىقىدە ئېنتىرنىڭ،مادرىدVSلىۋېرپولدا لىۋېرپول نىڭ ئۇتىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.  ئاندىن 4/1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىنتېرVSلىۋېرپولنىڭ ئۇچىرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى يېزىلىپتۇ !جەۋھەر تىما !  تەھلىللەر شۇنداق جايىدا . لېكىن ئېنتېرنىڭ ئۇتۇش پىىرسەنتىنى ناھايتى خاتا مۇلچەرلەپسىز .90% ئەتىراپىدا دەپ ئويلاۋاتىمەن ئاز بولسىمۇ .     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنيۇنىڭ ھەممدى  چۇڭ ئارزۇسى ئىنتىر  لىۋىرپۇل ئەمەس  بەلكى  چىلىسى  بىلەن  بىر  تۇتۇشۇش....... .......مۇرىنيۇ  بۇرۇن  مۇخبىرلارغا  دەپتىكەنتۇق چىلىسى  كۇماندىسىدىكى خۇشال  كۈنلىرىمنى  مەڭگۈ  ئۇنتۇپ قالمايمەن ئەمما مەن  تۇتقان  كۇماندا  چىلسىىغا  يۇلۇقۇپ  قالسا  چىلسىنى  ھەرگىز بۇش  قۇيۋەتمەيمەن دەپ..........مەنمۇ  مۇرىنيۇنىڭ  بۇ  ئارزۇسىنىڭ چاققانراق ئەمەلگە  ئىشىشنى  ئۈمۈت  قىلىمەن ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق سىلىشتۇرۇپسىز  ! مىنڭچە ھۇجۇم جەھەتتە ئىنتىر مانچىستىردىن توۋەت تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن ، س.رونالدو + رۇنى + تىۋىز بۇ ھۇجۇم سىپى ئىبراھىم + ئادىريانو بۇنى مۇتلاق بىسىپ چۈشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭمۇ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى ئىنتىردىكى باشقا ئەزەلارغا قارىغاندا يۇقۇرى ، شۇڭا مىنىڭچە بۇ مۇسابىقىگە بىرنىمە دىگىلى بولماس ! 50% دە 50% مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن ! )شەخسى پىكىر(
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 21:58:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق سۆزلەيدىغان دوستىمىزدىن بىرى بار ئىكەن ، بۇلۇپمۇ «لېكىن تارىخ كەلگۈسىگە ھېچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ، پەقەت كۆرسەتكۈچلۈك رولى بار خالاس. بۇنداق 2 كۈچلۈكنىڭ رىقابىتىدە ھەرقانداق نەتىجە مۇمكىن. » ماۋۇ گېپى يارىدى .

نەق گەپكە كەلسەك ، مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسى دىگەندەك كۆپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خۇرىشىمۇ ئىنتېرنىڭكىدىن كۆپ ، لىكىن بۇنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، يازغۇچى دوستىمىز دىگەندەك تۈلكە فۇرگۇسىن مىنىڭچە ئادەمنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلەيدۇ ، مەيداندىكى ھەر بىر ئورۇنغا كەم دىگەندە بىردىن زاپاس ئەزا بار ، گەرچە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ ، شۇ ئۇرۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ .
مەشقاۋۇللارغا كەلسەك بۇنى بىر نىمە دىمەك قىيىن ، چېلسىي دىگەن چېلسىي ئىنتېر دىگەن يەنىلا ئىنتېر ، تېرنىرىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلالىشىڭىز ناتايىن  ، بۇنىڭغا مىسال ئالمىساقمۇ تىپىك مىسالى نۇرغۇن . مورىنىئو ئاشۇ خاراكتىرى بىلەن قانداق ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؟ ئورۇنلاشتۇرغان ئادەملىرى مانچىستىرنىڭ ئۇسلۇبىغا ماسلىشالامدۇ يوق ؟ بۇ چوڭ مەسىلە ، چېلسىي دىگەن ئىنگىلانىدنىڭ كۇلۇبى ئۇسلۇبى ئوخشاش ، ئەمما ئىتالىيەنىڭ ئوخشىمايدۇ ، بەلكىم ئىنگىلانىدنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن .

ئىنتېرنىڭ ئوڭ بىكى بىزنىڭكىدىن ياخشى ، ياش رافائىلنى تېخى مايكون بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بالدۇر . لىكىن ئەڭ ئاجىز نوقتىمۇ دەل ئىنتېرنىڭ ئوڭ بېكى ، بەلكىم شۇ ئۇرۇندىن زىيان تارتىشىڭلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭراق ، رونالدو سول تەرەپنى ئوينىمايدۇ دەپ كىممۇ كىسىپ ئېيتالىسۇن ، ئۇ چاغدا مايكونغا بېسىم بولىدۇ ، يا ئالدىغا چىقىشنى يا يىلىمدەك چاپلىشىۋېلىشنى بىلمەي قالىدۇ ، رونالدونى نوقتىلىق بېقىۋالىدىغان كۇماندىلارغۇ پايدا ئالغان ئەمەس

مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا بېكىدە ۋاقتىنچە مەسىلە كۆرۈلدى ، دىگەندەك قايسى كۈنى يىگەن قىزىل كارتا ئىنتېر بىلەن بولغان مۇسابىقىگە ئىناۋەتلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ ، ئەيۋىنىسنى باش بۇلۇپ مەيدانغا چىقىرىدۇ ، بىراق ئوڭ بىككە ئوۋشېينى ئويناتسا مۇۋاپىق ، ھېچ بولمىغاندا ئەيۋىنىسقا ياردەملىشىپ ئورۇن تۇلۇقلاپ مۇداپىئە قىلىشقا ياردىمى بار ، رافائىل بىلەن نېۋىلنى ئوينىتىشقا مەن قارشى ، ئىنترنىڭ بىكىنى دىمەيمىز ، ۋاقتىنچە سامائۇلدىن باشقىسى بىكا . سول بىككە ئىنتېرنىڭ سول بىكىنى سېلىشتۇرۇش ئارتۇقچە ، ئېۋرا يارلانمىسىلا .

ئوتتۇرا مەيدان مىنىڭچە مانچىستىر ئۈستۈنلۈككە ئىگە ، مەيلى ئادەم سانى ، تېخنىكا ، بەدەن قۇۋۋىتى ، ماسلىشىش دىگەندەكلەر جەھەتتە مانچىىستىر ئۈستۈنلۈكتە ، بەلگە كەلسەك فىلايچىر ، ئەندىرسىن ، كارىك يەنە سىكولىسمۇ بار ، بۇلارنى قانداقمۇ ... ، بۇلۇپمۇ بۇلارنىڭ ھۇجۇم ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك ، فىلايچىر بىلەن ئەندىرسىن ھۇجۇمغا قاتناشسا ، قالغان ئىككىسى ئەجەللىك پاسلارنى بىرىپ تۇرسىلا ، مۇسابىقىدە بەك چوڭ تەلەپ قۇيۇپ تۇرىۋالمايمىز .

بېرباتوف ساقايسا ( ساقايسىمۇ شۇ ) توپ ئۇرمىسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئاز - ئاز يۈگۈرۈپ ھاردۇق ئالغاچ چىرايلىق پاسلارنى بىرىپ تۇرسا بولدى ، بۇنىڭغا بەك چوڭ تەلەپ قويساق ھازىر ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ ، رۇنىينىڭ ھازىرقى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ ، 2 ئايدىن كىيىن كىملەر نىمە بۇلۇپ كىتىدۇ ياراتقان ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ ، تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاپ قالالىسىلا ئىنتىرغا چوڭ بېسىم ئېلىپ كىلەلەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 22:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 قەۋەتتىكى surgun نىڭ 2008-12-22 21:47 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئالامەت ياخشى يېزىلىپتۇ !جەۋھەر تىما !  تەھلىللەر شۇنداق جايىدا . لېكىن ئېنتېرنىڭ ئۇتۇش پىىرسەنتىنى ناھايتى خاتا مۇلچەرلەپسىز .90% ئەتىراپىدا دەپ ئويلاۋاتىمەن ئاز بولسىمۇ .     

ئاجايىپ ئۈمۈدۋار بالىدە بۇ ، گەپلىرى خۇددى ئۇتۇپ بولغاندەكلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 22:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 قەۋەتتىكى 22kaka22 نىڭ 2008-12-22 21:49 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق سىلىشتۇرۇپسىز  ! مىنڭچە ھۇجۇم جەھەتتە ئىنتىر مانچىستىردىن توۋەت تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن ، س.رونالدو + رۇنى + تىۋىز بۇ ھۇجۇم سىپى ئىبراھىم + ئادىريانو بۇنى مۇتلاق بىسىپ چۈشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭمۇ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى ئىنتىردىكى باشقا ئەزەلارغا قارىغاندا يۇقۇرى ، شۇڭا مىنىڭچە بۇ مۇسابىقىگە بىرنىمە دىگىلى بولماس ! 50% دە 50% مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن ! )شەخسى پىكىر(
مانچىستر بىرلەشمسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ نۇمۇر ئىلش ئىقتىدارى ئىنترىدىكى باشقا ئەزلارغا قارىغاندا يۇقۇرى  ، دەپ قاپسىز
ھازىر پۇتكۇل ياۋرۇپا بويىچە ئۇچ چوڭ بىرلەشمدىكى كوماندىلار ئىچىدە ( دەبدەبلىك سۇزلىۋەتمىگەندىمەن ) ئىنترنىڭ ئەزالىرىنىڭ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى دەپ تەرپىلىنپ كىلۋاتىدۇ ، ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە نۇمۇرئالغان ئەزا ئۇن ئۇچكە يەتتى ، ئەلۋەتتە ھۇجۇمچلارنۇمۇر ئىلىش رولىنى ياخشى جاراى قىلدۇرلمايۋاتىدۇ ، لىكىن بۇنى ئوتتۇرا مەيدان ۋە بىكلار تۇلۇقلاپ تۇرىۋاتىدۇ ، تىما ئاپتۇرى ئىيتقاندەك بۇمۇ بىر كورسەتكۇچلىك رولىنى ئوينايدۇ خالاس
مۇرىنئۇ ئادىرىيانونى دىگەن ياۋا ئاتىنى بىر ياخشى مىنشلىك قىلىپ كوندىرىۋالسا بولاتتى ، ئىبراھىماخۇنمۇ ئىچلىپ كەتسە ، 3-ئايدا مانچىسترغا داۋاي دىسەك ياخشى بولاتتى ،
ئىيتقىنڭزدەك ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش مۇسابىقە باشلىنشتىن بۇرۇن يەنىلا %50 دە %50
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-22 22:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13 قەۋەتتىكى nijat نىڭ 2008-12-22 21:58 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ھەق سۆزلەيدىغان دوستىمىزدىن بىرى بار ئىكەن ، بۇلۇپمۇ «لېكىن تارىخ كەلگۈسىگە ھېچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ، پەقەت كۆرسەتكۈچلۈك رولى بار خالاس. بۇنداق 2 كۈچلۈكنىڭ رىقابىتىدە ھەرقانداق نەتىجە مۇمكىن. » ماۋۇ گېپى يارىدى .

نەق گەپكە كەلسەك ، مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسى دىگەندەك كۆپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خۇرىشىمۇ ئىنتېرنىڭكىدىن كۆپ ، لىكىن بۇنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، يازغۇچى دوستىمىز دىگەندەك تۈلكە فۇرگۇسىن مىنىڭچە ئادەمنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلەيدۇ ، مەيداندىكى ھەر بىر ئورۇنغا كەم دىگەندە بىردىن زاپاس ئەزا بار ، گەرچە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ ، شۇ ئۇرۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ .
مەشقاۋۇللارغا كەلسەك بۇنى بىر نىمە دىمەك قىيىن ، چېلسىي دىگەن چېلسىي ئىنتېر دىگەن يەنىلا ئىنتېر ، تېرنىرىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلالىشىڭىز ناتايىن  ، بۇنىڭغا مىسال ئالمىساقمۇ تىپىك مىسالى نۇرغۇن . مورىنىئو ئاشۇ خاراكتىرى بىلەن قانداق ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؟ ئورۇنلاشتۇرغان ئادەملىرى مانچىستىرنىڭ ئۇسلۇبىغا ماسلىشالامدۇ يوق ؟ بۇ چوڭ مەسىلە ، چېلسىي دىگەن ئىنگىلانىدنىڭ كۇلۇبى ئۇسلۇبى ئوخشاش ، ئەمما ئىتالىيەنىڭ ئوخشىمايدۇ ، بەلكىم ئىنگىلانىدنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن .

.......
مەن دەل مۇشۇنداق مۇنازىرىلەشسەك دېمەكچى .ئەلۋەتتە چوقۇم مۇشۇنداق جىق دىيىش ئەمەس. ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئاساسلىق بولسۇن دېمەكچى.
مەن ئۆزەمنىڭ چىقىش نۇقتىسىدىن شۇنداق يازغان . بۇ دوستمىىزمۇ ئۆزىنىڭ نۇقتىسىدىن مانچېستىرنى تەرىپلەپتۇ . ھەممىسى توغرا . ئەڭ توغرىسى نەتىجە چىققاندا بىلىنىدۇ ،شۇنداقمۇ؟
گېپىڭىزگە جاۋاب:
1.مۇرىنىئو نىمىلا بولمىسۇن مەنچىنىغا قارىغاندا ياخشى ، ماڭا شۇلا كۇپايە.
2.مايكون ھۇجۇمدىلا ئەمەس مۇداپىئەدىمۇ ياخشى .شۇڭا رونالدو سولغا كەلسە تېخى ياخشى .ئوڭدا بولسا سول بېكىمىز قانداق قىلار دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان .مايكوننىڭ ھۇجۇمىنى قۇربان قىلىپ رونالدوغا تاقابىل تۇرغىلى بولسا مەيلىغۇ.
3.سول بېك ؟ زانېتتىنى سول بېكقا قويۇپ ئېۋرادىن قالمايدۇ دېسەم قوشۇلارسىز؟
4.ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇمدا سىلەر ھەقىقەتەن يامان . مەن قايىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 22:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17 قەۋەتتىكى muallim نىڭ 2008-12-22 22:12 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

مانچىستر بىرلەشمسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ نۇمۇر ئىلش ئىقتىدارى ئىنترىدىكى باشقا ئەزلارغا قارىغاندا يۇقۇرى  ، دەپ قاپسىز
ھازىر پۇتكۇل ياۋرۇپا بويىچە ئۇچ چوڭ بىرلەشمدىكى كوماندىلار ئىچىدە ( دەبدەبلىك سۇزلىۋەتمىگەندىمەن ) ئىنترنىڭ ئەزالىرىنىڭ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى دەپ تەرپىلىنپ كىلۋاتىدۇ ، ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە نۇمۇرئالغان ئەزا ئۇن ئۇچكە يەتتى ، ئەلۋەتتە ھۇجۇمچلارنۇمۇر ئىلىش رولىنى ياخشى جاراى قىلدۇرلمايۋاتىدۇ ، لىكىن بۇنى ئوتتۇرا مەيدان ۋە بىكلار تۇلۇقلاپ تۇرىۋاتىدۇ ، تىما ئاپتۇرى ئىيتقاندەك بۇمۇ بىر كورسەتكۇچلىك رولىنى ئوينايدۇ خالاس
مۇرىنئۇ ئادىرىيانونى دىگەن ياۋا ئاتىنى بىر ياخشى مىنشلىك قىلىپ كوندىرىۋالسا بولاتتى ، ئىبراھىماخۇنمۇ ئىچلىپ كەتسە ، 3-ئايدا مانچىسترغا داۋاي دىسەك ياخشى بولاتتى ،
ئىيتقىنڭزدەك ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش مۇسابىقە باشلىنشتىن بۇرۇن يەنىلا %50 دە %50

مۇ موللام دەبدەبىلىك باشلىغان بۇ سۆزلىرى ئىنتېرنىڭ ئەڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى مىنىڭچە ھىس قىلدىلىغۇ دەيمەن ، مەيداندىكى 13 سەپدىشىمىز نومۇر ئالدى ، ياۋرۇپادا 1 - بىز ! بۇ شۇئار بولىدىكەن . نۇمۇر ئېلىش ئەمەس ھەممىسى مەيداندىكى ۋەزىپىسىدىن تولۇق چىقالىسا شۇ ھەممىدىن قورقۇنۇچلۇق كۇماندا بولىدۇ ، بۇ يەردىكى مەسىلە مەيداندىكى ھەممىسى نۇمۇر ئېلىش ئەمەس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-22 22:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17 قەۋەتتىكى muallim نىڭ 2008-12-22 22:12 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

مانچىستر بىرلەشمسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ نۇمۇر ئىلش ئىقتىدارى ئىنترىدىكى باشقا ئەزلارغا قارىغاندا يۇقۇرى  ، دەپ قاپسىز
ھازىر پۇتكۇل ياۋرۇپا بويىچە ئۇچ چوڭ بىرلەشمدىكى كوماندىلار ئىچىدە ( دەبدەبلىك سۇزلىۋەتمىگەندىمەن ) ئىنترنىڭ ئەزالىرىنىڭ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى دەپ تەرپىلىنپ كىلۋاتىدۇ ، ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە نۇمۇرئالغان ئەزا ئۇن ئۇچكە يەتتى ، ئەلۋەتتە ھۇجۇمچلارنۇمۇر ئىلىش رولىنى ياخشى جاراى قىلدۇرلمايۋاتىدۇ ، لىكىن بۇنى ئوتتۇرا مەيدان ۋە بىكلار تۇلۇقلاپ تۇرىۋاتىدۇ ، تىما ئاپتۇرى ئىيتقاندەك بۇمۇ بىر كورسەتكۇچلىك رولىنى ئوينايدۇ خالاس
مۇرىنئۇ ئادىرىيانونى دىگەن ياۋا ئاتىنى بىر ياخشى مىنشلىك قىلىپ كوندىرىۋالسا بولاتتى ، ئىبراھىماخۇنمۇ ئىچلىپ كەتسە ، 3-ئايدا مانچىسترغا داۋاي دىسەك ياخشى بولاتتى ،
ئىيتقىنڭزدەك ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش مۇسابىقە باشلىنشتىن بۇرۇن يەنىلا %50 دە %50

خاپا بولماڭلا ! ئوزەمنىڭ شەخسى پىكىرىمنى جولۈپ باقتىم !
ھەممىسنىڭ ئوزىگە چۈشلۇق ئارتۇقچىلىقى با ، بۇنى بىربىلەپ قايتىدىن سىلىشتۇرۇشنىڭ ئەمىيتى يوق ، تىما ئىگىسى سىلىشتۇرۇپ بوپتۇ ، قاغىننى مۇسابىقە باشلانغاندا  بىرنىمە دىمەيمىزمۇ !  بۇمۇسابىقىنىڭ ھەممىنىڭ كوڭلىگە يەقىدىغان بىرمەيدان مۇسابىقە بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش