ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1912 |
تۆھپىسى: سەر |
|

مۇرىنئۇ ئىنترغا باش مەشقاۋۇل بۇلۇپ كەلگەندىن كيىن ئىنتر مەستانلىرى مۇرىنئۇدىن زور ئۇمىدلەرنى كوتكەن ئىدى ، تونجى مەيدان مۇسابىقىدە سامپدورىيا بىلەن تەڭلەشكەندىن كىينكى ئىككى ئۇچ مەيدان مۇسابىقىدە مۇرىنئۇ يىتەكلىگەن بۇ قارا كوك قوشۇننىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى ، لىكىن مىلان دىربى جىڭىدە ئەزەلدىن دىربى جىڭىدىن قورقۇپ باقىمىغان مۇرىنئۇ قوشۇنى مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ، بالا كەلسە قوش كەپتۇ ، كوتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك ، ئۇزغۇنلۇقنى تالىشش مۇسابىقىسىدە ئۇز مەيدانىدا بىرىمن كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشش ، مىھمان مەيداندا ياۋرۇپادىكى نامى چىقىمغان بىر كوماندا دىن ئۇچ توپ يەپ ئولتۇرۇپ ئاران ئاران تەڭلىشش ، موداپىئەگە بەك ئەھىميەت بىرىدىغان مورىنئۇنىڭ مىئازانىڭ مەستانلىرى قەلبىدىكى ئورنى تەۋەرنىشكە باشلىدى ، مىلان لوندۇندىكى ئاخبارات ۋاسىتلىرىدىن تارتىپ شىنجاڭدىكى پۇتبۇل مۇنبىرىگچە ھەممە يەردە مۇرىنئۇ زادى ئىنترنى تۇتالامدۇ يۇق؟ پۇرتىگاليە ۋە ئىنگلاند تا مۇجىزە ياراتقان پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئىش ھەققى ئەڭ جىق مەشقاۋۇل ئىتاليگە ماسلىشالامدۇ يۇق ؟ دىگەندەك مۇرىنئۇغا ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى قاپلاپ كەتتى ، ھەتتا خاراكىترى كوچلۇك بولغان مۇرىنئۇ ئۇزىمۇ ئۇزىگە ئىشەنمەي قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ئىنتردىكى توختام مۇددىتى توشقاندىن كىين ئىنگلاند قا قايتىدىغانلىقنى بىلدۇردى ،
لىكىن مۇرىنئۇ دىگەن مۇرىنئۇ دە بىر قاتار تاكتىكا ئوزگەرتىش ئارقىلق ئارقىلق ئارقا - ئارقدىن رىجىنا ، ئۇدىنس ،پالىمۇ ، يۇۋىنتس ، ۋە نابروس قاتارلىق كۇلۇبلارنى مەغلۇپ قىلپ بىرلەشمىدە بەش مەيدان ئۇدا غەلبە قىلش تەك ياخشى نەتىجىنى يارتىپ ئۇزىنى ئوڭشىۋالىدى ، شۇنداقلا مىئازا مەستانلىرىنىڭ ئىككلىنشىلىرىگە ، پۇتبۇل مۇنبىرىدىكى دوسلارنىڭ ئايغى يۇق سۇئاللىرىغا ئىنتايىن ياخشى جاۋاب قايتۇردى ،
ئەلۋەتتە ھازىرقى ئىنتر نىڭ نەتىجىسىنى ئوتكەن ئىككى پەسلىدىكى ئىنترغا سىلشتۇرغىلى بولمايدۇ ، لىكىن ھازىرقى ئىنتر ئوتكەن ئىككى پەسىلدىكى ئىنتردىن ناچار ئەمەس ، شۇنى تۇنۇش كىرەككى ئىنترغا نسىبەتەن بۇ پەسلىدىكى مۇسابىقە ئويناش ئوتكەن ئىككى پەسلىگە قارغاندا تولمۇ قىين ، رەقىبلەر كوچلۇك ،( ئىسڭىزدە بولسۇن ئوتكەن پەسىلدە ئىنترنىڭ ئاساسلىق كۇچلۇك رەقبىلىرى بولغان مىلان ۋە تاغىل ئات ئۇزنى ئوڭشاپ بولالمىغان ، فىلورىنتا نابروس ئۇدىنس دىگەنلەر بولسا ھازىرقىدەك كوچلۇك ئەمەس ئىدى ،ئوتكەن ئىككى پەسىلدە ئىنترنىڭ بىرلەشمىدە ئۇزغۇن بولىشغا خىرىس قىلىپ رەقىب بولغان كوماندا پەقەت شۇ رىم ئىدى خالاس ) لىكىن شۇنداق بولىسمۇ ھازىرقى ئىنتر نىڭ نەتىجىسى ئوتكەن ئىككى پەسلىگە قارىغاندا ياخشى دىيشكە تىلىمىز بارمىسمۇ ناچار دىيشكە ئاساسىمز يۇق ،
ھازىر يەنى 2008\2009- يىللق مۇسابىقە پەسىلدە ئىنتر 14 ئايلانما مۇسابىقىدە 10 ئۇتۇق 3 تەڭلىشش ۋە بىر ئۇتتۇرش بىلەن 33 نۇمۇر ئىلىپ نۇمۇر تەرتىپنىڭ چۇقىقسىدىن ئۇرۇن ئىلىپ تۇرماقتا ، ئاساسلىق كۇچلۇك رەقىبلىرى بولغان مىلان ۋە تاغىل ئاتتن 6 نۇمۇر يۇقىرى ،
2007\2008 يىللق مۇسابىقە پەسلىدە ئىنتر 14 - ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا 10 ئۇتۇپ توت تەڭلىشپ 34 نۇمۇر ئالغان بۇلۇپ ھازىرقىدىن پەقەت 1نۇمۇرلا يۇقىرى ، لىكىن شۇنى ئىسڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ شۇ پەسىلدە ئىنترنىڭ ئاساسىلق رەقبى بولغان رىم 9ئۇتۇق 4تەڭلىشپ 1 ئۇتتۇرۇش بىلەن 31 نۇمۇر ئىلىپ ئىىنتر بىلەن ئۇچ نۇمۇر پەرقىلنىپ ئىنترغا خىرسس قىلىپ قاراپ تۇراتتى ،
2006\2007 مۇسابىقە پەسلىدەئۇشبۇ ئىنتر 14 - ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بولسا 11 ئۇتۇپ 3 تەڭلىشپ 36 نۇمۇر ئالغان ھازىرقدىن ئۇچ نۇمۇر يۇقىرى ، لىكىن يەنىلا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۇتۇپ كىتىش كىرەككى شۇ ۋاقتىكى رەقب كوماندا بولغان رىم 10 ئۇتۇق 2 تەڭلىشش 2 ئۇتتۇرش تەك نەتىجە بىلەن 32 نۇمۇر ئىلپ ئىنتر بىلەن پەقەت 4 نۇمۇر پەرقىلنىپ تۇرغان
بۇ سان سىفىرلاردىن شۇنى كورىۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە ئىنتر ئوتكەن ئىككى پەسىلگە قارىغاندا نۇمۇرنى ئاز ئالغان بولىسمۇ ، لىكىن رەقىبلىرىنى خىلى يىراققا تاشلاپ قۇيۇپ ئۇزىنىڭ چوققىدىكى ئۇروننى ئوتكەن ئىككى پەسىلگە قارىغاندا خىلى مۇستەھكەملىۋالغان ،
باشتا ئىلىپ ئىيتقاندەك بۇ پەسىلدە ئىتاليە بىرلەشمسىنى ئويناپ ئۇزغۇن بۇلۇش ئىنتر ئۇچۇن ئۇنداق ئاسان ئەمەس، تىخى ئى كونگىچە بىرلەشمە مۇسابىقىدە 1- بولغان كوماندا بىلەن 7-بولغان كوماندىنىڭ نۇمۇر پەرقى ئاران ئۇچ نۇمۇر ئىدى ، بۇ پەسىلدە ئىنترنىڭ رەقبىلىرى ئاز ئەمەس كونا رەقىبلەردىن يوۋىنتس بىلەن مىلان ئەسىلىگە كىلىپ چىشلىرنى بىلەپ خىرىس قىلىپ تۇرغان پەيتتە يىرىتىق ئىشتاندىن پۇتاق چىققاندەك نابروس ، ئودىنس، فىلورىنتا قاتارلىق كۇلۇبلارمۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ نۇۋىتى بىزگىمۇ كىپ قالدى دەپ نۇمۇر تەرتىپدە ئالدىنقى قاتاردا ھىڭگىيپ تۇرماقتا ، توتتىنى يارسىنىڭ ساقىيشىغا ئەگىشىپ رىمنىڭ بۆرىلىمۇ ئىتاليەدە بىزمۇ بار دەپ ئوزىنى قايتىدىن نامايەن قىلىشقا باشلىدى ،
ئەلۋەتتە ھازىر تىخى ئىتاليە بىرلەشمسدىكى مۇرىنئۇغا باھا بىرىشكە تىخى بالدۇر مۇسابىقە ئەمدى تىخى يىرىملىشاي دىدى ، چوجىنى كوزدە سانايمىز ، لىكىن مەن دىمەكچى مۇرىنئۇ دەۋردىكى ئىنتر مەنچىنى دەۋرىدىكى ئىنترغا قارىغاندا بىرلەشمە مۇسابىقە سەپىرىدە يولىقىدىغان توساقىلىرى ئوچرايدىغان ئازگاللىرى تىخمۇ كوپ خىيم خەتەر قەدەمدە بىر كورلۇپ تۇرماقتا ،مۇرىنئۇنىڭ ئىنترنى يىتەكلەپ توساقلاردىن سەكرەپ ئۇتۇپ ئازگاللارنى ئاتلاپ ئوتۇپ بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنى بولۇشقا چىن كوڭلۇمدىن تىلەكداشمەن
ئاخىرىدا ئىنتر مەستانلىرى سىلەر يەنە مۇرىنئۇدىن ئاغىرىنامسىلەر
|
|