akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 12797|ئىنكاس: 63

تىشى پال-پال ، ئىچى غال-غال ( پورلى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇزۇن بوپتۇ بىر نىمىلەرنى جىجىپ باقمىغىلى ، سەۋەپ ئىككى بىرىنجى خىزمەت ئالدىراش ، ئىككىنجى خوتۇن ئالاي دىگەن ؛ قايسى كۈنى قايسىبىر تىمىدا ئىسمىم ئاتىلىپ ماختىلىپتىمەن ، ئۇنى كۆرۈپ ئۆزۇممۇ بىر خىل غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم ، شۇڭا خىلى بۇرۇن يىزىپ بىريەرگە ئەكىلىپ قويغان بىر تىما بارئىدى ، بۈگۈن قارىسام ئازىراق ۋاقتىم تۇرىدۇ ، شۇڭا مۇشۇنى بىر پۈتكۈزىۋىتەي دىدىم. ( قۇرۇق گەپ تۈگىدى )
ھەممىمىزگە ئايان بىر كوماندا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئۇنىڭدا ساپالىق چولپانلار كەم بولسا بولمايدۇ ، لىكىن بۇنداق دىگىنىم چولپان بولسىلا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ دىگىنىم ئەمەس ، يىشىل مەيدانغا قارايدىغان بولساق تارىختىكى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىكى بەزى كوماندىلارنىڭ سەپ شەكلى ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى چاقناتسا مۇسابىقە ئەھۋالى قۇلقىڭىزنى قايتا كوچىلاشقا مەجبۇرلايدۇ ، بۈگۈن دەل مۇشۇنداق تىشى پال-پال ، ئىچى غال-غاللار سۆزلىنىدۇ .

1. بۇ پەسىلدىكى توتتېنھام



قانچە قىلىپمۇ توتتېنھامنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئوپچە رەسىمىنى تاپالمىدىم ، ئەمدى كونا بولسىمۇ مۇشۇنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار

بۇ يىل يازدا مىڭبىر كىچىدىكى مەرد سودىگەر مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنى سىتىۋىلىپلا خىيالى ئادەم سىتىۋىلىش پىلانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئىنگلاند بىرلەشمىسىنى ئاستىن – ئۈستىن قىلمىغان بولسا بەلكىم بۇ يىل يازدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا توتتېنھام بولغان بولاتتى ، 7040تۈمەن فونىستىرلىڭ خەجلەپ  سىتىۋىلىنغان بىنتلى ، مودىرىچ ، پائۇلچىنكو ، دوس سانتوسلارغا ئەسلىدىنلا توتتېنھامدا بار بولغان ۋۇدىگاد ، كىڭ ، داررىن بىنت قاتارلىقلار قوشۇلسا ئىنگىلاندتىكى ئەڭ ئالىي سەپ شەكلى دىيىلمىسىمۇ ئالىي دىيىشكە تامامەن بولاتتى ، لىكىن بۇ پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىپ ساق 65كۈندىن كىيىن توتتېنھام ئاندىن نىمىنىڭ غەلبە دەپ ئاتىلدىغانلقىنى بىلىپ يەتتى ( ئالدىنقى سەككىز ئايلانمىدا 2 تەڭلىشىش 6 مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرغان ) ، شۇ بىر مەيدان غەلبىنىڭ تۈرتكىسىدە ئارسىنالنىڭ مەيدانىدا ۋىنگىرنىڭ سويمىلىرىغا 4 توپ ئۇردى ، كىيىنكى ئايلانمىدا ئۆز مەيدانىدا لىۋىرپولنى يولغا سالدى ، ئارفاشىم ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي زەردار قىلىمەن دىگەن مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنى مىھمان مەيداندا داغدا قويدى ، پاھ مانا پۇلنىڭ كۈچىنى توتتېنھام ئەمدى كۆرىدىغان بولدى دەپ ئولتۇرساق داڭلىغان كىلىن تويدا ئوسۇرار دەپ فۇلھامغا ئۇتتۇردى ، دانىر•لىۋىن ئەمدى ھىجىيىپ ئاغزىنى ئىچىۋىدى چىۋىن كىرىپ كەتتى ، بۇيىل دەرىجە چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى دەپ قارىلىۋاتقان سىتوك شەھرىدىنمۇ نۇمۇر ئالالمىدى ،دىمەك 7040 تۈمەن فونىستىرلىڭنى بۇيىل دانىر•لىۋىن دەرىجە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغاندەك .
ھىچكىم مەبلەغ سالغانكەنمەن چوقۇم پايدا ئالىمەن دىيەلمەيدۇ ، بۇ يىشىل مەيداندا ئالاقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان ، بىراق توتتېنھامنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئوچۇق دەرسى بەكلا چوڭ غۇلغۇلە قوزغىۋەتتى ( 7040 تۈمەن فونىستىرلىڭنى دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن خەجلەش بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەسمۇ ؟ ) .

2. يىقىنقى ئۈچ پەسىلدىكى نېۋكاستىل




بۇ يىل ئىنگىلاندتا ئىككى قىززىق نۇقتا بار دىيىلسە يەنە بىرسى دەل نېۋكاستىل ، ئابلاباي بىلەن مۇ گاداي كەلمەستە نېۋكاستىل تۆتنىڭ بىرى ئىدى ، 01-02 ۋە 02-03 دە ئالدىنقى تۆتتە بار ، 03-04 تە چىلسىينىڭ چىقىشى بىلەن بەشىنچى ، 04-05گە كەلگەندە ئالان شىرنىڭ يارلىنىشى بىلەن بىراقلا 14-لىككە چۈشۈپ قالدى ، 05-06 دە ئازىراق قان تولۇقلىغان نېۋكاستىل 7- لىككە ئىرىشكەن بولسىمۇ ، كىيىنكى ئىككى پەسىلدە 10نىڭ سىرتىدا قالدى ، نەزىرىيە جەھەتتىن ئىيتقاندا نېۋكاستىلنىڭ يىقىنقى بىرقانچە پەسىلدىكى سەپ شەكلى تارىختىكى ئەڭ ياخشىلىرى بولالمىسىمۇ لىكىن ئەڭ ناچىرى چوقۇم ئەمەس ، 06-07 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەزالارنىڭ ئىچىدە دۇف ، ئەمرى ، پاك ، ئوۋىن ، مارتىنىس ، باتىر ، گ . روسسىلارنىڭ ھەممىسى زەردارلاردىن كەلگەن ، 07-08 گە كەلگەندە يۇقارقىلارغا شىمىس بىلەن ۋىدىگود قوشۇلۇپ نەزىرىيە جەھەتتىن مۇكەممەللەشتى دىيىشىكە ، ھىچ بولمىغاندا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىشى سالاھىيتىگە ئىرىشىشىگە ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقى تامامەن يىتىدۇ دىيىشكە بولاتتى ، لىكىن بۇ پەسىل باشلىنىپلا كىلىشمەسلىك ئارقا– ئارقىدىن كەلگىلى تۇردى ، ئالدىدا مانچىستىردىن مىھمان مەيداندا بىر نۇمۇر ئالدى ، كىيىن بورلتۇندىن ئۈچ نۇمۇر ئالغاندىن كىيىنلا زۇلمەتلىك كۈنلىرى باشلاندى يەتتە مەيدان يىڭەلمەسلىك ، نۇمۇر تەرتىپىدە ئاخىرىقى ئورۇننى ھىچكىمگە بەرمەسلىك يەنە تىخى بىر مەزگىل دادىسىزمۇ قالدى ، ئوۋىننىڭ ھالىتى ياخشىلانغانسىرى ئەكسىچە نېۋكاستىل ئارقىنى تالاشقىلى تۇردى .
نېۋكاستىلنى ئەينى يىللاردىكى فىلورىنسا بىلەن رىس بىرلەشمىسىگە ئوخشىتىشقا بولمايدۇ ، كىيىنكى ئىككىسى ئىقتىسادى سەۋەب تۈپەيلى زەردارلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان لىكىن نېۋكاستىل پۇلنى قانچە كۆپ خەجلىگەنسىرى توپنى شۇنچە ناچار ئويناۋاتىدۇ .

3. دومنىك دەۋرىدىكى فىرانسىيە


ئەگەر 04-يىلدىن بۇرۇن بىرسى سىزدىن دومنىك دىگەن كىم دەپ سورىسا سىز ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنى ياكى دوستى بولمىسىڭىزلا جاۋاب بىرەلىشىڭىز ناتايىن ( بۇ ئاداش ئەسلىدە ھوللىۋودتا ئارتىس بولسا بولاتتىكەن ) ؛ 04-يىلى سىندىنى فىرانسىيەنىڭ مەشقاۋۇللىقىدىن چۈشكەندىن كىيىنلا بۇ ئارتىسنىڭ سىسىق خەۋىرى ھەممە جاينى قاپلىدى ، ئەلۋەتتە دومنىك 06-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا فىرانسىيەنى ئىككىنجىلىككە ئىرىشتۈرگەن بولسىمۇ بۇ نەتـىجىنى ھەرگىزمۇ دومنىكقا مەنسۇپ دىيىشكە بولمايدۇ ، ئۇ ۋەزىپگە ئولتۇرۇپلا ئوينىغان 6 مەيدان مۇسابىقىدە 6 نۇمۇر ئالدى ، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە زىدانى ، تۇرام ، ماكلەيلەينىڭ قايتىپ كىلىشى ۋە ئىتالىينىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھەل قىلغۇچنىڭ چەمبىرىكىگە كىرگەن بولسىمۇ گورۇپتىكى ئىپادىسى ھەممىمىزگە ئايان ، شاللاش باسقۇچى باشلانغاندىن كىيىن زىدانى بىلەن ھىنرىنىڭ تۆھپىسىدە بىر يولىلا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ ، لىكىن قاباھەتلىك 08دە بۇ ئارتىسنىڭ كارامىتىنى ھەقىقى كۆردۇق ( 30 يىلدىن بۇيان 90 مىنۇت ئىچىدە ئۇتتۇرمىغان ئىتالىيگە ياخشى بىر دارامما قويۇپ بەردى )  2008-يىلى6-ئاينىڭ9-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئوينالغان رەسمى مۇسابىقىلەردە 1يىڭىش ، 2تەڭلىشىش ، 3ئۇتتۇرۇشتەك ئىلغار نەتىجىنى پەقەت مۇشۇ ئارتىس ئۆزى يالغۇز ياراتتى ، زىدانىنىڭ يوقلىقىدىن ، ما ئارتىسنىڭ دۆتلىكىدىن ھىنرى ، تۇرام ، ماكلەيلەي ، رىبىرى ، تىرىزىگۇت ، بىنزىما ، ۋىئىرى قاتارلىق چولپانلار ئۆزىنىڭ قىممىتى ئىسپاتلىيالماي تۇرۇپتۇ .
ئەلۋەتتە دومنىك فىرانسىيە ياشلىرىنى يىتەكلەپ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇنۇڭغا كۆز يۇمالمايمىز ، زىدانىمۇ دەل ئۇنىڭ شارگىتلىرىنىڭ بىرى ، لىكىن ئۇ ئەزەلدىن زىدانىسىز فىرانسىيەنىڭمۇ قالتىسلىقىنى ئىسپاتلاپ ، ئاشۇ بىر توپ چولپانلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى يارىتىش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرەلمىدى .

4. 06-07 مۇسابىقە پەسلىدىكى بايرىن مىيۇنخىن


ئەگەر گىرمانىيە بىرلەشمىسىنى بىر توپ پادىغا ئوخشاتساق شەكشۈھبىسىزكى بايرىن پادا سەركىسىدۇر ، دۆلەت ئىچىدە ئۇ ھەرقاچان چىمپىيونلۇققا تەھدىت ئىلىپ كىلەلەيدۇ ، دۆلەت سىرتىدا بولسا ئۇ گىرمانىيگە پۇتبۇلچىلىقىغا ۋەكىل ؛ بىراق سەركىنىڭمۇ تىيىلىپ كىتىدىغان ۋاقتى بولىدۇ ، 06-07 مۇسابىقە پەسلىدە سەركە تىيىلىپ كەتتى ، ھەتتا كىلەر يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى ؛ ئەلۋەتتە ئۇ پەسىلدىكى بايرىننى  بايرىننىڭ يادروسى باللاك بار ۋاقىتتىكى بايرىنغا ئوخشىتىش كۈلكىلىك گەپ ، لىكىن شۇ پەسىلدىكى بايرىن ھەرگىزمۇ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە ئاجىز ھىسابلانمايدۇ ، شۇ پەسىلدىكى ئۇزغۇن سىتۇگاردنىڭ سەپ شەكلىنى ئىلىپ ئىيتساق بايرىنىڭ سەپ شەكلى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئىسىل ، كائېن ، لۇسىئو ، سانىئول ، لامدىن تۈزۈلگەن مۇداپىئەسى ، زى•روبىرتو ، چوشقىچاق شىۋىنىستايگىر ، خارگىرىۋىس ، ۋان بوممىردىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەيدان ، ماكەي ، پودىرىسكى ، سانتاكىرۇسدىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم سىپى گىرمانىيدىلا ئەمەس ياۋرۇپادىمۇ ئىسىل ھىساپلىنىدۇ ، يەنە كىلىپ ھەممىسىلا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىدا بار ، ماقۇل ، يادرو باللاك يوق ، ئۇلارغىمۇ بىرقەدەم چىكىنىش پۇرسىتى بىرەيلى ، لىكىن مۇشۇ بىرتوپ چولپانلار بىلەن گىرمانيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچۈنجىلىكىغىمۇ ئىرىشەلمىسە راس گەپنى ئىيتقاندا بۇ قەدەم چىكىنىش بەكلا چوڭ ئىلىنغان ھىسابلىنىدۇ .
ئاشۇ پەسىلدىكى بايرىندا چولپان ئىشىپ تۇرۇپتۇ لىكىن شۇ بىر باللاكتەك يادرونىڭ بولمىغانلىقى بۇ بىر توپ چولپانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلىشىغا يەتمىدى ، قالغان گەپ يىڭى يادرو رىبىرىدا قالدى .

5. 06- يىلدىكى بىرازىلىيە


تىلاپاتونى دەۋرىدىكى ئىتالىيەگە 06 دىكى بىرازلىيە ئەڭ يىقىن كىلىدۇ ، يەنى ئىككىلىسىدە ئوخشاشلا ئىسىل تىرنىر ، بىر توپ چولپان بار ، يەنە كىلىپ ئىشكتىن چىققاندىلا دەبدەبىلىك شۇئارلار بىلەن چىققان ، نەتىجمۇ ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ بىرسى 16 كۈچلۈكتە ، يەنە بىرسى 8 كۈچلۈكتە شاللاندى ، بىراق بىزگە شۇنىسى ئايدىڭكى ئەگەر بىرازىلىينىڭ گورۇپقا ئايرىشتا تەلىيى كىلىپ رەقىبلىرى بىر قەدەر ئاجىز ھىسابلىنىدىغان كىرودىيە ، ئاۋىستىرالىيە ، ياپۇن بولمىغان بولسا ئىدى بەش يۇلتۇزلۇق بىرازىليەنىڭ 8 كۈچلۈكتە فىرانسىيەگە يولۇقىشىغا بىر نىمە دىگىلى بولمىغان بولاتتى ، پارىرىئا ئۆزى بىر قوللۇق قۇراشتۇرۇپ چىققان " ئالۋاستى كۋىنتىت " ھىچقاچان بىزگە ھوزۇر بىرەلمىدى ، گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىلا كىرودىيە تەرپىدىن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ ، كاكانىڭ ئاشۇ بىر قىتىملىق چاقنىشى ئاستىدىلا ئاران يەڭدى ، كىيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىمۇ كارغا كەلگىنى يەنىلا شۇ چولپان ، بىز ئالۋاستى كۋىنتىتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتتۇق ، 16 كۈچلۈكتە قارام كۈچكە تولغان گانا كوماندىسى ئالدىدا پۈتۈنلەي تەلەيگىلا تايىنىپلا 8 گە قاراپ مىڭىۋىدى ( بۇ يەردە دىيىلگەن تەلەي سۆزى ئىككى كوماندىنىڭ قاپقىغا ئۇرۇش نىسبىتى شۇنداقلا توپ چۈشۈش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ )،  ئىسمىغا لايىق كۈچلۈك فىرانسىيگە يولۇققىنىدا نەزىرىيە جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ھىسابلىنىدىغان بىرازىليەنىڭ ئەپتى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالدى ، ئەلۋەتتە بىرازىلىيە پەقەت شۇ بىر توپلا يەپ ئۇتتۇرۋەتتى ، لىكىن شۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ ، بىرازىلىيە ھەقىقەتەن پۈتۈن سەپ بويىچە يىمرىلدى ، پۈتۈن مەيداندا بىز ئۇلارنىڭ توپ ئۇرىدىغان ياكى يىڭىدىغان بىرەر پۇرسەتنىمۇ يارتالمىغانلىقىنى كۆردۇق ، بىز ئۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىللارنىڭ ئالۋاستى كۋىنتىتنىڭ بىر زىدانىغا تەڭ تۇرالمىغىنىنى كۆردۇق .
بۇ قىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا ئالۋاستى كۋىنتىتى پەقەتلا نورمال رول ئوينىيالمىدى ، پىتىش ئالدىدىكى كۈنگە ئوخشاش رونالدۇ بىلەن ھالىتى تۆۋەنلەۋاتقان ئادىريانو گەرچە 5 توپ ئۇرغان بولسىمۇ لىكىن ئالۋاستى كۋىنتىتنىڭ نەزىرىيەسىدىن خىلىلا يىراق ، كاكا شۇ بىر مەيدان چاقنىغىنىچە جىمىپ كەتتى ، رونالدىنىخو تىخى قوش چىمپىيوننىڭ شىرىن چۈشىدىن ئويغانمىغانتى ، ئالۋاستى كۋىنتىت غەلبىگە ئىرىشتى دىيىلسە ئۇ دەل روبىنخو  .

6. 98-99 دىكى سامپىدوريە

باشقا مۇۋاپىق رەسىم تاپالمىدىم

98-99 يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە بىرەيلەن مۇنداق باھا بەرگەن " ئۇزغۇنلۇققا ئىرىشىشكە تىگىشلىك بولمىغىنى ئۇزغۇن بولغان ، دەرىجە چۈشۈپ كىتىشكە تىگىشلىك بولمىغىنى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن " . بۇ بىر جۈملە سۆزدە ئىيتىلغان دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن كوماندا دەل سامپىدوريە ، 90 يىللاردا ئىتالىيدە كۆك رەڭ يالغۇز ئىنتىرنىڭلا ئەمەس ، ساپپىدورىيەنىڭ كۆك رەڭگىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى ( گۇماللانماڭ 92 –يىلى بارسا بىلەن ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنى تالاشقىنىمۇ ، 90-يىللاردا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنى ئالغىنىمۇ دەل كۆك رەڭلىك سامپىدورىيا )، مانچىنى ، ۋىئاللا دەۋرىدىكى سامپىدورىيا ئىتالىيە چىمپىيونى ، 96-97 ۋە 97-98 پەسىللەردىكى سامپىدورىيادا ئەينى يىللاردىكى جۇشقۇنلۇق شۇنداقلا قەيسەرلىك يوق ، لىكىن ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ھامان ئالدىنقى يىرىم بەتتە ئىدى ، بىراق كىممۇ ئويلىغان 98-99گە كەلگەندە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچۈنچىلككە ئىرىشىپ تۆۋەنگە چىنىقىشقا چۈشۈشكە ھۆججەت چۈشتى ، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ پەسىلدە ۋىرون ، مىخايلوۋىچ شۇنداقلا كالۇنبادىن ئىبارەت ئۈچ سەركىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭدا يەنە ئەينى چاغدىكى ئارگىنتىنانىڭ يىڭى ئۈمىدى تەخەي ئورتىگات ، كىچىك ئايرۇپىلان مۇنتىلا ، ۋارتار فېلون ، بىك مەننىڭ ، گىراندونى ، ئوتتۇرا مەيداندا پىچۇيا ، لى.شارپى ( راس گەپنى قىلسام يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغانلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تونۇمايدىكەنمەن ) قاتارلىق چولپانلار ، تىرىنىرلىقتا ھازىرقى رىمنىڭ تىرىنىرى سىپالىتتىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەزالار ، ياخشى تىرىنىر تۇرۇپمۇ دەرىجە چۈشۈپ كىتىشى پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدۇ .
سامپىدورىيانىڭ شۇ پەسىلدىكى دەرىجە چۈشۈپ كىتىشىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان تەسىرى تاسادپىيلىقتىن باشقا يەنە شۇ تاسادپىيلىق خالاس .

7. 02-03 دىكى بارسلونا


03-يىلى7-ئايدا رونالدىنىخونىڭ بارساغا كىلىشى بىلەن بارسا ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر دەۋرىنى يارىتىشقا ئاتلاندى ، لىكىن ئالدىنقى پەسىلدىكى بارسانى كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان لىكىن كۆزى كۆرمەيدىغان ئەماغا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن.02-03مۇسابىقە پەسلىدە ۋانجار يىتەكلىگەن بارسا 6-لىككە ئىرىشتى ، بۇ بارسانىڭ 90-يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم تۆت كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قىلىشى ھىساپلىنىدۇ . كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىنقى تۆتكە كىرەلمەسلىكى باشقا بىرلەشمىلەردىمۇ داۋاملىق كۆرنۈپ تۇرىدۇ مەسلەن 00-01 پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە مىلان بىلەن ئىنتىر تۆتنىڭ سىرتىدا قالغان ، لىكىن راس گەپنى ئىيتقاندا شۇ پەسىلدىكى مىلان بىلەن ئىنتىرنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ ، شۇ پەسىلدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە تاغىل ئاتتىن باشقا لازىئو ، رىم ، پارمالارنىڭمۇ ئەزالىرى خىل ئىدى ؛ ئەكسىچە ئىسپانىيەدە 02-03 پەسلىدە بارساغا خىرىس قىلالايدىغان كوماندىدىن مادىرىدتىن باشقا بىنتىسنىڭ ۋالۇنسىيەسىلا بار ئىدى خالاس . شۇ پەسىلدىكى بارسادا كىلۇيۋىت ، ساۋىئولا ، ئوۋرىماس ، ئىنرىك ، خاۋى ، كوكۇ ، پۇيول شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىدا بىريولىلا نام چىقارغان رۇستۇ قاتارلىق چولپانلار تىخى قاتتىق ئورۇندۇقتىكى لىكۇرمىي قاتارلىقلارنىڭ قايسىبىرى چولپان ھىسابلانمايدۇ لىكىن مۇشۇ بىر توپ چولپانلار ۋانجارنىڭ يىتەكچىلىكىدە 6-لىككە ئىرىشتى ، تىخى يىرىم يولدا دەرىجە چۈشۈپ قىلىش رايۇنىنىمۇ ساياھەت قىلىپ چىقتى ، ئىشەك ئۆلسە بىر نىمىسى غىجەك تارتىپتۇ دەپ شۇ ۋاقىتتىكى مادىرىد بىزنى زاڭلىق قىلىپ " بارسا ئىھتىمال تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيونى بولغان ب دەرجىدىكى ئىسپانىيە كوماندىسى بولۇپ قالغۇسى " دىيىشلىرىچۇ تىخى .
شۇ پەسىلدىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن بارسا يۇقۇرى قاتلام بىلەن تىرىنىرنى ئالماشتۇردى ، ھىساپتا شۇ پەسىلدىكى مەغلۇبىيەت 3 يىلدىن كىيىنكى غەلبىگە ئاساس سالدى  .

8. تىلاپاتتونى دەۋرىدىكى ئىتالىيە


02 يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا تىلاپاتتونى بىرتوپ دۇنيا دەرجىلىك چولپانلارنى ئىلىپ ، ئۇلۇغۋار غايە بىلەن ئاسىياغا قونغان ، لىكىن تەقدىر ئۇنىڭغا ئىغىر چاقچاق قىلدى ، ھەتتا 8 كۈچلۈكنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا غالجىر ئىتنى ئىگىسى بىلەن باغلاپ قويۇپ كىرىشىگە يول قويمىدى . راس گەپنى ئىيتقاندا شۇ قىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئىتالىيلىكلەر 06 دىكى ئۇزغۇن ئىتالىيلىكلەردىن كۈچلۈك بولسا كۈچلۈك ئىدىكى ھەرگىزمۇ ئاجىز ئەمەس ئىدى ، ئارقا سەپتە ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى بۇففۇن ، قىرىغانسىرى ئىچىلىۋاتقان مالدىنى ، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كاناۋارو ، نىستا ، زامبىروتتا ، كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىققان توتتى ، كوكو ، ئىنزاجى ، پىئىرلو ، ۋىئرى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنى كىممۇ ئۆزىنىڭ كوماندىسىدا توپ تىپىشىنى خالىمسۇن ، لىكىن نىمىنىڭ " موللا كۆپ بولسا ئىش بۇزۇلار " ئىكەنلىكىنى ئىتالىيلەكلەر بىزگە كۆرسىتىپ قويدى ، گورۇپپا مۇسابىقىسىدە پىئىرلونىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتتىكى بىر توپى شۇنداقلا يەنى بىرمەيداندىكى ئىكىۋاتورنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا بەلكىم ئىتالىيلىكلەر گورۇپتىلا ئۆيگە قايتقان ، كورىيلىكلەرگە بۇنچە ئۆچ بولۇپ كەتمىگەن ، ئەن فامىلىلىكنىڭ شۇنداقلا ھىندىكنىڭ داڭقى بۇنچە تىز چىقىپ كەتمىگەنمۇ بولاتتى ( بىراق ئىتالىيە مەستانىلىرى ئىتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا بار ، ئۇ دەل ئىت گۆشىنى كۆپ يەيدىغان كورىيلىكلەرنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ) . بىراق قۇربانلىققا ئۇچرىغىنى شۇ مەيدان مۇسابىقىگە پۈشتەك چالغان ئىكۋادۇرلۇق رىپىر مورىنو ، ئىتالىيلىكلەر پۈتكۈل مەسئۇلىيەتنى مۇشۇ يومشاق باشقا ئارتىپ قويۇپ تىلاپاتونىنىڭ مەسئۇلىيتىنى سۈرىشتۈرگىلى ئادەم چىقمىدى ، لىكىن يىرتىق ئىشتان ھامان ئۇياتلىق يەرنى ياپالمىغىنىدەك ئىككى يىلدىن كىيىن بۇ ئالتۇن تىرنىرنىڭ ئەۋرەت لاتىسى ئۇنىڭ ئەيپىنى يىپىشقا يەتمىدى ، يەنى 04 تىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە تىلاپاتونىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بىر ئۇتۇش ئىككى تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن كىچىك گورۇپتىلا شاللاندى ( ساپ توپى ئاز ، گورۇپتىن چىققىنى دانىيە بىلەن شىۋىتسىيە)  .
ئومومى نۇقتىدىن ئىيتقاندا ئىتالىينىڭ ئىككى قىتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە شاللىنىشى ئۇلارغا بىرخىل ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك تەسىرات بىرىدۇ ، بىراق تىخىمۇ تەپسىيلىرەك ئويلانساق ئۇلار مەسلىنى ئۆزى ئۈستىدىن ئىزدىشى بولۇپمۇ تىرىنىر ئۈستىدىن ئىزدىشى كىرەك . ئىككى قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ سەپ شەكلى ھامان ئالىي ، ئىككىلا قىتىم دەبدەبىلىك شۇئارلار ئاستىدا ئۆيدىن چىققان ، بىراق ئىككىلا قىتىم ئىچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى ، بۇنداق تەتۈر تاناسىپنى مەستانىلەر ھامان قوبۇل قىلالمايدۇ .

9. ماكلارىن دەۋرىدىكى ئىنگىلاند


06دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقۇرى مائاشلىق تىرىنىر ئىرىكسۇن بىلەن ئىنگىلاندنىڭ توختامى توشۇپ ، ئىرىكسۇننىڭ ياردەمچى تىرىنىرى ماكلارىن ئىنگىلاندنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلگۈچى بولۇپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ماكلارىنىڭ تەخىتكە چىققىنىغا شۇ ۋاقىتتىكى ئاخپارات ۋاستىلىرى شۇنداقلا ماكلارىن ئۆزىمۇ ناھايتتى سوغۇققان پوزىتسىيەدە بولغان ، باشقىلار ئۇنىڭدىن بەك چوڭ ئۈمۈدمۇ كۈتۈپ كەتمىگەن ، ئۇ ئۆزىمۇ ھىچقاچان تىراپاتونىدەك دەبدەبىلىك شۇئار توۋلىمىغان . لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر كىچىدىلا دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ ، ئىنگىلاندلىقلارنى ھەتتا 08دە ۋىناغا بىرىپ بىر مەيدان كونسىرىت كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشتۈرەلمىدى ، شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى ماكلارىن ئىنگىلاندلىقلارغا ھاقارەت قىلدى ، رۇنى ، جىرراد ، لامپارد ، فىردىناندو ، تىررى ، بىكخاملارنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى . تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچ ئايلانمىسى قالغاندا ماكلارىن قولىدىكى ئاشۇ چولپانلارغا ، ئەسەبىي مەستانىلىرىگە تايىنىپ پەقەت ۋە پەقەت ھىندىكتىن باشقا ھىچنىمىسى يوق روسلارنى يەڭگەن بولسا مۇددەتتىن بۇرۇن گورۇپتىن چىققان بولاتتى ، بىر توپ ئۈستىنلىكە ئىرىشكەن ئىنگىلاندنى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتىنمۇ قۇرۇق قويدى ، تەڭرىنىڭ ئىنگىلاندلىقلارغا شۇنداقلا ماكلارىنغا ئىچى ئاغرىدىمۇ قانداق ھىندىك يەھۇدىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا قىلىپ ماكلارىنغا ياخشى پۇرسەتتىن بىرسى يەنى ئۆز مەيدانىدا ئاللاقاچان گورۇپتىن چىققان كىرودىيەگە ئۈچ نۇمۇر بەرمىسىلا بولىدىغان پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن بولسىمۇ جۇڭگۇدىن نەچچەمىڭ كېلومىتىر يىراقلىقتا تۇرغان ماكلارىن جۇڭگۇچە ئۇسلۇپتا بىر نۇمۇرنىمۇ ئالالماي چولپانلارنى ، مەستانىلەرنى ئامالسىز ۋىنانىڭ بىلىتىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى ، مۇشۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىر توپ دەرجىدىن تاشقىرى چولپانلار كارغا كەلمەسنىڭ قولىدا ياۋرۇپادىكى سەرگەردانلارغا يىڭىلدى . ( بىزدە بىر ماقال تەمسىل بار ، ئىتقا ئارسلان باش بولسا ھەممە ئىتلار ئارسلان بولىدۇ ، ئارسلانغا ئىت باش بولسا ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىندۇ دەپ ، ماكلارىن دەل يۇقۇرىدا ئىيتىلغان ئىت ، ھىندىك بولسا ئارسلاندۇر ) .
ئىرىكسۇن دەۋرىدە ئىنگىلاند ئۈچ قىتىم چوڭ مۇسابىقىلەردە 8 كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىرگەن ، بۇ نەتىجىنى ناچار دىيىشكە ئادەمنىڭ ئاغزى بارمايدۇ ،  ماكلارىن بولسا شۇ چوڭ مۇسابىقىلەرگە كىرىش سالاھىيتىگىمۇ ئىرىشەلمىدى ، بۇ نەتىجە ئۆزىنى جاھاندا بىر ھىسابلايدىغان ئىنگىلاندلىقلارغا پەلەستىننىڭ يەھۇدىلارنى قوبۇل قىلغىنىدىنمۇ تەس كەلدى دىسەك ئارتۇق كەتمەس .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
akax32 + 50 نادىر يازما
ruslan007 + 50 نادىر يازما
شەمشاد + 50 مەكتەپداش

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-3 22:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10. 97-98 پەسىلدىكى مىلان

91-يىلدىن 96-يىلغىچە كاپىرو مىلاننىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى ، 5 يىلدا 4 قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى ، 58 مەيدان يىڭىلمەسلىكتەك نەتىجىنى ، يەنە تىخى 2 قىتىملىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسنى  كاپىرو ئۆزىنىڭ شەخسى كاللىسىدا يارتقان ، 96- يىلى يازدا كاپىروغا مادىرىتنىڭ باغىقى كىلىپ ، ئىسپانىيگە كاماندۇروپكىغا چىقتى ، شۇنداقلا چىققىنىغا يارشا مادىرىدقا ئەينى يىللىرى بەكلا ئىنتىزار بولغان لوڭقىنى ئىلىپ بىرىپ ،  بىر يىلدىن كىيىنكى يازدا يەنىلا مىلانغا قايتقان بولسىمۇ بىراق كاپىرو ئىككىنچى قىتىم مىلانىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشقا قۇدرىتى يەتمىدى ، 97 – 98 مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندا مىلان رەت تەرتىپتە 10- ئورۇندا بولۇپ ئالدىنقى بىر پەسىلدىكى نەتىجىسىدىن پەقەت بىر بالداقلا ئۈستۈن ئىدى ، ئەلۋەتتە مىلاننىڭ شۇ پەسىلدىكى نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ لىكىن كاپىرونىڭ قولدىكى قارتا ھەرگىزمۇ ئاجىز ھىساپلانمايتى ، مالدىنى ، ئاربىتىنى ، دونادونى، ۋىئا ، ساۋىچىۋىچ ، كىلۇيىۋىت ، دەيۋىس ، دىسەيلى قاتارلىق كوزۇرلارنى مەيلى قانداقلا تىزىڭ ئۇ ھامان سىزگە بىر قول كۈچلۈك قارتىنى ئەسلىتەتتى . شۇڭا 97-98 مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاخپارات ۋاستىلىرى  كاپىرو يىتەكلىگەن بۇ كاماندىنىڭ ھامان ياخشى نەتىجىلەرنى يارتالايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئەيساسىغا ئىشەنگەندەك ئىشەنگەن ، بىراق مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلغىنى 0 دە 5 نەتىجە بىلەن رىمغا ئۇتتۇرۇشنى باش تىما قىلغان 12 مەيدان مەغلۇبىيەت ، شۇنداقلا 10 چىلىكتىن ئىبارەت خالاس .
بىر ئالتۇن تىرىنىر ، بىر توپ دۇنياۋى چولپان ، ئونىنچىلىك بۇ ئۈچىنى مەيلى قانداقلا تىزىڭ بۇ سىزگە ھامان بىر سۆزنى يەنى " خاتا بوپتۇ " دىگەن بىر سۆزنى ئەسلىتىدۇ ، كاپىرو ئۆزىمۇ مادىرتتىن ئايرىلىپ مىلانغا قايتا قايتىپ كىلىشنىڭ خاتا قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-3 22:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇن 5000 خەتتىن ئىشىپ كەتسە بولمايدىكەن ، شۇڭا ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر جەۋھەر تېما !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورلى سىزگە رەسمى قول قويدۇم جۇما ، تىما يازمايسىز يازمايسىز يازسىڭىز قالتىس تىمىلارنى يازىسز ! قەلىمىڭىزگە گۈل قونسۇن ! تىخىمۇ ئىسىل تىمالارنى يىزىپ چىقىشىڭىزغا  چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورلىجاننىڭ تىمىسى كۆرۈنمەيدۇ ، كۆرۈنسە ئادەمگە ئىسىل تىمىللىرى بىلەن كۆرۈنىدۇ دە ... ئامال يوق .  
   ئىنگىلاند نىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئادەم ئويلاندۇرىدۇ ، ھازىرقى فىرانسىيە كوماندىسىدەك ... توتتېنھامنىڭ 2-3 مەيدان ئىچىلىپ تاشلاپ يەنە ئۇتتۇرۇشقا باشلىغىنى ... 7040 تۈمەن فوندىستىرلىڭ بىلەن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە دەرىجە ساقلاپ قىلىشقا ئىشلىتىلىشى ... بىلەشمە باشلانماي تۇرۇپ بىزلەرنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈچلۈكنى توتتېنھامدىن قانداق تارتىۋىلىشنى خەيال قىلىپ باش قاتۇرۇشلىرىمىز ...  ھەي ... ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ، ھەيران قىلىپ ئاغزىنى ياپقىلى بولمايدىغان ئىشتە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:42:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ  پەيزى  يىزىپسىز پۇرلى ...........ناخشا  پاخشا مۇزىكا  پۇزىكىنى ئۈچۈرۈپ  پەيزىم  بىلەن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ............ھەممدىن ئىچىنىشلىقى ئىنگلانىدنىڭ 2008ياۋرۇپا  لۇڭقىسغا  قاتنىشالمىغىنى بۇ ئىنگلانىد  پۇتبۇل تارىخغا  يىزىلىدۇدە ...... ھەم  بىر  ھاقاراتتە  بۇ ......ئاۋۇ جۇڭگۇچە 1نۇمۇر ئالالماي  قايتىپ  كىلىش  دىگەننى  كەلتۈرۈپسىز جۇما ...........   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:47:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەنىڭ شۇ ئىككى قىتىملىق مەغلۇبىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى « تىشى پال-پال ، ئىچى غال-غال » سۆزى بىلەن ئىپادىلىسەك سەل توغرا كەلمىگەندەك ... 04ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيتىنىغۇ كۆپىرەك ئىتالىيەنىڭ ئۆزى ۋە تىلاپاتونىدىن كۆرۈرسەك بولىدۇ ... لىكىن 02دۇنيا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبيەتكە كەلسەل مەسىلىنى ئىتالىيەلىكلىرنىڭ ئۆزىدىن ئىزدىگەنگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ناھەقچىككە ئۇچۇرغىنىغا ھىسداشلىق قىلساق بولىدۇ ( ھەممىنى رىپپىردىن كۆرىمىز دىگىنىم ئەمەس ... ئىككىسىنى سىلىشتۇرغاندا پۈشتەكنىڭ مەسئۇلىيىتى بەكىرەك....) ،،، ئەگەر (ئەگەر ھە.) ئىتالىيىنىڭ 3توپىنى پۈشتەك يوق قىلمىغان بولسا گورۇپتىن چىقىشى ئۇنچىۋالا قىيىنغا توختىماسلىقى مومكىن بولاتتى ھەم كورىيەلىكلەرگە ئاخىرىدىكى ئەجەللىك «ئۆلتۈرۈش» پۇرسىتىمۇ يوق بولغان بولىشى مومكىن ئىدى ... ئاشۇ ناھەق پۈشتەكلەرمۇ بىرتەرەپتىن ئىتالىيەلىكلەرنىڭ  پىسخىكىسىغىمۇ ئازتولا تەسىر كۆرسەتتىمىكىن دەيمەن ....
---
پو تالىپ : 02 قىسمىدا ھىچ ۋىئىرىنى ئۇچراتقىلى بوممايدىيا ؟ يا  «ۋىئىرا» دىگەنلىرى شۇمۇ ؟  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

,

ئاخىرى سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنىڭ كۆرۈش نىسىپ بوپتۇ. بۇنداق ئىسل تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ھە
راس ,قۇتلۇق ئىشقا قوپۇپسىز. سىزگە بەخىت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 22:59:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكلارىن.......................................   
    ئىنگىلاند...............................................ھەي.
         مۇشۇ ماكلارىن دىن كۇرمەي كىمدىن كۆرمىز بۇ ئىشنى..................................
كاپىرونىڭ كەلگىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى.<ماڭا خىلى يىقىپ قالدى بۇ قېرى.>
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-3 23:06:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 قەۋەتتىكى زەپەر نىڭ 2008-12-03 22:47 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

---
پو تالىپ : 02 قىسمىدا ھىچ ۋىئىرىنى ئۇچراتقىلى بوممايدىيا ؟ يا  «ۋىئىرا» دىگەنلىرى شۇمۇ ؟  


مەلۇم بولغاي ي ي ي ي ي ي ي ي ي   !
زە كەنت باشلىقىغا مەلۇم بولغايكى ، كەمىنىڭىز ئۆزۈمنى چاغلىماي ، زە كەنت باشلىقىنىڭ بۇرۇنقى دۆلەت پادىشاھى ۋىئىرىنى خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن ، زە كەنت باشلىقىنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن !

ئۇۋالچىلىق مەسلىسىگە كەلسەك ، مىنىڭچە تىمىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك 16كۈچلۈكتىكى مەسئۇلىيەتنى رىپىرغا ئارتقان تەقدقرمۇ ، گورۇپپا مۇسابىقىسىدە  تىرىنىرنىڭ مەسئۇلىيتى ئىغىردۇر ( خۇددى 08 دىكى فىرانسىيدەك )، بوپتۇ 02 دىكىنى ئۇۋالچىلىققا چىقارساق 04 دە شەكشۈھبىسىز  تىلاپاتونىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى باردۇر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-12-3 23:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
97-98 -يىلدىكى مىلان كوماندىسى رەسىم چىقماپتۇ ،



ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش