akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1196|ئىنكاس: 1

غۇلجا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدى كۈپۈكك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە غۇلجا كاماندىسى قىرغىزىستان بىشكەك ياشلار كاماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن،غۇلجىلىق پۇتبول مەستانىلىرى پۈتۈن ئۈمۈدىنى بۈگۈنكى مۇسابىقىغە باغلىغانىدى.ئەپسۈس ،بۈگۈنكى مۇسابىقىدە قازاقىستان ئالمائاتا ھايات كاماندىسى1گە قارىشى 2نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان بىشكەك ياشلار كاماندىسىنى ئۇتۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن غۇلجا پۇتبۇل مەستانىلىرى:« غۇلجا كاماندىسى بۈگۈنكى مۇسابىقىدە قەشقەر ئەمىن كاماندىسىنى ئۇتۇپ ئەتىكى مۇسابىقىدە قىرغىزىستان بىشكەك ياشلاركاماندىسىنى ئۇتسا ياكى تەڭلەشسە،ھېچبپلمىغاندا ئىككىنچىلىكتىن ئۈمىد بار»دەپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىشكەنىدى.بىراق قەشقەر ئەمىن كاماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غۇلجا كاماندىسى ئىزچىل ھۇجۇم قۇزقاپ قارشى تەرەپكە خېلى چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قەشقەر ئەمىن كاماندىسىنىڭ ئەزىمەتلىرى بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تاكتىكا ،تېخنىكا ۋەبوشاشماس ئىرادىسى قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تولۇقلاپ غۇلجا كاماندىسىنىڭ ئارقا ئارقىدىن قۇزقىغان ھۇجۇملىرىنى ئۈنۈملۇك توسۇپ،غۇلجا كاماندىسى ئەزالىرىنىڭ توپ ئۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىدى،ھەم بىر قانچە قېتىم ئۈنۈملۈپ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى1گە قارىشى 2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.بىر توپ ئارقىدا قالغان غۇلجا كاماندىسى كېيىنكى يرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.ئارقىدىنلاقەشقەر ئەمىن كاماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2گە قارشى 3 قىلىپ ئۆزگەرتتى.غۇلجا كاماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن غۇلجا توپ مەستانىلىرى توختىماي «قەشقەر، قەشقەر»دەپ ۋارقىراپ قەشقەر ئەمىن كاماندىسى ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بېرىپ غۇلجا كاماندىسىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا غۇلجا كاماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:3 قىلىپ ئۆزگەرتتى> مۇسابىقە 3: 3نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقىدە قەشقەر ئەمىن كاماندىسى ئەزىمەتلىرى ئاجايىپ تېخنىكا ۋە قايتماس روھى بىلەن پۇتبۇل مەستانىلىرىنى ھەيرەتتە قويۇش بىلەن بىللە ھەسرەتتە قويدى.
ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە ئاتۇش ئىزچىىلار كاماندىسى بىەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستتىتى كاماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى .مۇسابىقە كەيپىياتى ئانچە جىددى بولمىدى.ئاتۇش ئىزچىلار كاماندىسى9-نومۇرلۇق مۇداپىيىچىسىنىڭ ئىككى قېتىمقىق ئېغىر خاتالىقى سەۋەبلىك ئارقا ئارقىدىن ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستتى كاماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:0 قىلدى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىىشقا بىر قانچە مىنۇت قالغاندائاتۇش ئىزچىلار كاماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:3 قىلىپ ئۆزگەرتتى.مۇسابىقە ئاتۇش ئىزچىلار كاماندىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كاماندىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:قازاقىستان ئالما ئاتا ھايات كاماندىسى8نومۇر؛قىرغىزىستان بىشكەك ياشلار كاماندىسى:7نومۇر؛غۇلجا كاماندىسى:5نومۇر؛شىنجاڭ ئۇنىۋېرستتى كاماندىسى6نومۇر؛ئاتۇش ئىزچىلار كاماندىسى3نومۇر؛قەشقەر ئەمىن كاماندىسى2نومۇر

مەنبە: شەبنەم مۇنبىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-19 11:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:غۇلجا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ

رەھمەت  سىزگە !!  قارىغاندا ئۈمۈد شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا قاپتۇدە ~~    غەيرەت قىلىڭلار !!

9-نۇمۇرلۇق بېكمۇ برمىكىنا؟؟  ھا ھا !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش