elan ornielan orni
كۆرۈش: 6185|ئىنكاس: 15

بىرىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككىنچى نۆۋەتلىكنىڭكىنى كۆرمەكچى بولساڭلار مانا بۇ يەردىن كۆرۈڭلار .
ئادىرىس : http://www.putbol.cn/read.php?tid-1141.html
مەنزە بىرىنچى نۆۋەتلىكنى يوللىماي تۇرۇپ ئىككىنچى نۆۋەتلىكنىڭكىنى يوللىۋەتتىم دىسە....مانا ماۋۇ بىرىنچى نۆۋەتلىكنىڭ چوقۇم كۆرۈڭلار بەك قىزىقارىق ھەم ھەيران قالارلىق .


1930-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۇنى تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (كىيىن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىلدى) ئۇرۇگۋاينىڭ پايتەختى مونتىدىۋىئو دىكى 100يىللىق خاتىرە مەيدانى (1930-يىلى ئۇرۇگىۋاينىڭ ئازات بولغانلىقىنىڭ 100يىللىق خاتىرە يىلى،شۇنىڭ بىلەن ئاشۇنداق ئاتالغان)دا باشلاندى .بولىۋىيە،چىلى ،مىكسىكا،بىرازىلىيە پاراگىۋاي ،پىرۇ ،ئامىرىكا ،ئارگىنتىنا،بېلگىيە ،رۇمىنىيە،يۇگۇسلاۋىيە ، فىرانسىيە ،ئۇرۇگۋاي قاتارلىق 13كوماندا قاتناشتى ،بۇلار تۆت گۇرۇپىغا بۆلىنىپ ئايلانما مۇسابىقە ئوينىدى ھەمدە ھەربىر گۇرۇپىنىڭ بىرىنجىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى .


بىرنجى مەيدان مۇسابىقە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مىكسىكا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى ،19مىنۇت بولغاندا فىرانسىيە كوماندىسىدىن لوران دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىرنجى توپنى كىرگۇزدى .فىرانسىيە كوماندىسىمۇ 4:1نەتىجە بىلەن دۇنيالوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشتى .بۇ بىرىنجى توپنى كىرگۇزگەن ئادەم 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۇنى 97يېشىدا ۋاپات بولدى . ( تاس قاپتۇ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ۋاپات بولغىنى)


ئاخىرى تۆت گۇرۇپتىن ئۇرۇگۋاي ،ئارگىنتىنا ،يۇگۇسلاۋىيە، ئامىرىكا قاتارلىق كوماندىلار ئۆز گۇرۇپىسىنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ، بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتۇشكە تىگىشلىكى شۇكى ئەينى ۋاقىتتا ئامىرىكا بۇ مۇسابىقە قاتناشمىغان ياۋروپا پۇتبولچىلىرىنى (ئاساسلىق ئەنگىلىيەلىكلەر ) سېتىۋىلىپ ئۆزى ئۇچۇن ئويناتقان .
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى 6:1نەتىجە بىلەن ئامىرىكا كوماندىسىنى يەڭدى ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 6:1 نەتىجە بىلەن يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىنى يەڭدى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇچىنجىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغاچقا ئامىرىكا كوماندىسى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسى بىرلىكتە ئۇچىنجىلىككە ئېرىشتى ، ئۇراگىۋاي كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى .
كوچىدا بەدەن قىزىتىۋاتقان ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى

ئارگىنتىنا كوماندىسى ( بۇلارنىڭ شىمىللىرىنى كۆرۈڭ ئەمدى )

7-ئاينىڭ 30-كۇنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۇزۇلدى .بۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى 80مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېلىپ كۆردى ، ئۇرۇگۋاي تەرەپ 2000دىن ئارتۇق ساقچىنى چىقىرىپ ئامانلىق قوغداشقا مەسئۇل قىلدى ،ھەمدە مەيدانغا كىرگەن ئادەملەرنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ 1600دىن ئارتۇق تاپانچىنى مۇسادىرەقىلدى .مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا ئارگىنتىنا بىلەن ئۇرۇگىۋاي ئىككى تەرەپ كىمنىڭ توپىنى ئىشلىتىش توغىرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى ئاخىرى ئىككى يېرىم مەيداندا ئايرىم ،ئايرىم ئۆزىلىرىنىڭ توپىنى ئىشلىەتتى .
مۇسابىقە باشلىنىپ باشتا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرىۋالدى ، كىيىن ئاگىنتىنا كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرىۋالدى ، كىيىنكى يېرىم مەيداندا بولسا ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى ئۆزىنىڭ توپىنى ئىشلەتكەندە بولسا ئارقىمۇ -ئارقا ئۇچ توپ ئۇرۇپ 4:2 نەتىجە بىلەن دۇنيا چىمپىيونى بولدى .
بۇ توپ ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئىشلىتىپ ئۇچ توپ ئۇرغان ھېلىقى خىسلەتلىك توپ

بۇلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىرگەن ئالتە توپ
12-مىنۇت

20-مىنۇت

37-مىنۇت

57-مىنۇت

68-مىنۇت

89-مىنۇت

رىمىتىل ئۇرۇگىۋاي پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ ۋەكىلىگە مۇكاپات لوڭقىسىنى بېرىۋاتىدۇ .

تۇنجى دۇنيا چىمپىيونى

ئۇلارنىڭ تېرنىرى سۇپىشى

غەلبىنى تەبرىكلىمەكتە

گەرچە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى چىمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدى ھوجۇمچىسى سىتابىلى 5مەيدان مۇسابىقىدە 8توپ ئۇرۇپ ئالتون ئۆتۇكنى كىيدى .


خىسلەتلىك بۇغا دەپ نام ئالغان ئاندىرېئا ئەڭ مۇنەۋۋەر ر ماھىر بولدى .بەزىلەر سىتابىلى بولغان دەيدىكەن ،مەنمۇ ئۇقالمىدىم.

ئەمدى بەزى قىزىق گەپلەر توغىرىسىدا توختىلىمىز.
بۇ قېتىم رۇمىنىيەگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئەزالارنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى تاللىمىغان بولۇپ ،بۇلارنى رۇمىنىيە پادىشاھى كالور تاللاپ چىققان.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ ئۈنىملۈك بولغان سەپ شەكلى ئىككى ئۇچ بەش سەپ شەكلى ،يەنى ئىككى بېك ، ئۇچ ئوتتۇرامەيدان ، بەش ئالدى ھوجۇمچى ، ئورۇگىۋاي ۋە ئارگىنتىنا ئىككىسىلا بۇ سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن .
ئارگىنتىنانىڭ سەپ شەكلى

بۇ قېتىم مۇسابىقىدە تۇنجى ئاكا -ئۇكىلار تەڭ مۇسابىقىگە چۇشكەن ئەھۋال چىقتى ، بۇلار ئارگىتىنالىق مارىئو ۋە خۇئەن ئاكا -ئۇكىلار .ئۇستىدىكى رەسىمگە قارىسىڭىز تاپالايسىز.

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم بىر مەيداندا ئۇچ توپ ئۇرغان ئادەم توغىرىلىق پىكىر ھازىرغىچە بىرلىككە كەلمىدى .بەزىلەر ئامىرىكىلىق پاتىدىنو 7-ئاينىڭ 17كۇنى ئۈچ توپ ئۇرغان دەيدۇ .بەزىلەر ئۇ ئىككى توپ ئۇرغان ،ھەقىقى بىرىنجى بولۇپ ئۇچ توپ ئۇرغىنى سىتابىل 7-ئاينىڭ 20-كۇنى ئۇرغان دەيدۇ.

ئەڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بىر قوللوق گېنىرال دەپ نام ئالغان ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىنىڭ ئالدى ھوجۇمچىسى كاستىرو . ئۇ بۇرۇن ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ بىر قولى مىيىپ بولغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ،ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توپنى كىرگۇزگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-19 00:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىڭ  يوللايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ئاداش !!  رەھمەت ساڭا ~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-19 00:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىڭ  يوللايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ئاداش !!  رەھمەت ساڭا ~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-19 00:46:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق باشقىلارنى يوللاپ بىرىڭ ، رەھمەت!!!~!!!!! [s:1]  [s:1]  [s:1]  [s:1]  [s:1]  [s:1]  [s:1]  [s:1]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-19 02:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت سىزگە.ناھايىتى ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-19 13:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   جاپا  تارتىپسىز    رەخمەت................................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-19 23:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaltis  japa qikipsan  rahmat
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-20 13:13:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يېزىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-20 14:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپلانچاق بۇ مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قاپتىغۇ. قارشى ئالىمىز....
مالدىنى دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا سىزنى شۇمىكىن دىگەنتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-20 15:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بىلە  ئوينايلى  دىگەن  تىمىدىكى  سوئالىمغا  بەرگەن  جاۋابىڭىزنى  كۆرۇپ  ،نىمانداق ۋەھشى بالىكەن دەپ  قالغانتىم  ،قارىغاندا تونۇش  ئوخشىمامدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-7-20 15:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما`نەدە`قالدى~~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-8-2 16:30:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چ چ بوپ قالدىغۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 07:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش