بۈگۈن 2007-يىلى07-ئاينىڭ15 -كۈنى ،غولجا شەھىرى ئايرۇدروم يولى تەنتەربىيە سارىيىدا <2007غولجا خەلقئارالىق پۇتبۇل تەكلىپ مۇسابىقىسى> داغدۇغىلۇق ھالدا ئىچىلىش مۇراسىمى ۋە تۇنجى قىتىملىق كۇماندىلارنىڭ ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ مۇسابىقىنى غولجا شەھەرلىك خەلىق ھۆكىمىتى تەشكلىگەن بولوپ ،مۇسابىقە جەمئىي 5كۈن ئىلىپ بىرىلىدۇ .
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كۇماندىلار :
1-غۇلجا شەھەر كۇماندىسى
2-شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋەكىللەر كۇماندىسى
3-قازاقسىتان ئالمۇتا ھايات كۇماندىسى
4-قىرغىزسىتان ياشلار كۇماندىسى
5-قەشقەر ئەمىن كۇماندىسى
6-ئاتۇش ئىزچىلار كۇماندىسى
_______________7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇسابىقە ئەھۋالى_____________
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن مۇسابىقە رەسمىي باشلارندى ،بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئايلانما شەكىلدە ئىلىپ بىرىلدىغان بولغاچقا ،ئالتە كۇماندا بىر قىتىمدىن مۇسابىقە ئويناپ چىقتى ،ئالدى بىلەن غولجا شەھەر كۇماندىسى VS شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋەكىللەر كۇماندىسى مۇسابىقە ئوينىدى ، بۇ مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ھالدا ئىلىپ بىرىلدى.
ئالدىنقى يىرىم مەيداندا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋەكىللەر كۇماندىسى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستىنلىكنى ئىگەللىدى ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن غولجا شەھەر كۇماندىسىدىن 17-نومۇرلۇق ماھىر ھەمراجان بىر توپ كىرگۈزدى ،ئارقىدىنلا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋەكىللەر كۇماندىسى قايتۇرۇپ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:1قىلدى ،ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ناھايىتى كەسكىن ئىلىپ بىرىلىۋاتقاندا غولجا شەھەر كۇماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3:2 قىلدى ، مۇسابىقە يۇقىرى پەللىگە چىققاندا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋەكىللەر كۇماندىسى ۋارتاسى خاتالىقى سەۋەبى بىلەن بىر نوقتا توپ ئۇرۇش جازاسى بىرىلدى شۇنىڭ بىلەن غولجا شەھەر كۇماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:3 قىلىپ تە ڭلىشىپ
ھەر ئىككىلىسى بىر دىن نومۇرغا ئىرىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .
ئىككىنجى قىتىمدا :
ئاتۇش ئىزچىلار كۇماندىسى VS قىرغىزستان ياشلار كۇماندىسى مۇسابىقىگە ئوينىدى، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر ئىككىلا تەرەپ كۈچ تەرەپتە تەڭلىشىپ ناھايىتى كەسكىن ئوينىدى ،بۇ مۇسابىقە قىرغىزستان ياشلار كۇماندىسى 10-نومۇرلۇق ماھىرنىڭ يۇقىرى تىزلىكى ۋە ياخشى تىخنىكىسى بىلەن ئۇرغان بىر توپى بىلەن 1:0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى ، ئاتۇش ئىزچىلار كۇماندىسى ئاخرىدا نۇرغۇن قىتىم ياخشى ھوجۇملارنى تەشكىللىەپ يەنىلا توپ كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ غولجا خەلىقنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .
ئۈچىنجى قىتىمدا ؛
قازاقسىتان ئالمۇتا ھايات كۇماندىسى VS قەشقەر ئەمىن كۇماندىسى مۇسابىقە ئوينىدى ، قەشقەر ئەمىن كۇماندىسىنىڭ كۇماندا ئەزالىرى ناھايىتى ياش ئاساسەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىكەن ،ئەمما قازاقسىتان ئالمۇتا ھايات كۇماندىسى ئەزالىرى ئىچىدە خىلى چولارمۇ بار بولوپ ئۇلار بەدەن كۈچى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ قەشقەر ئەمىن كۇماندىسىنىڭ نۇرغۇن ھوجۇملىرىنى توسۇپ قالالىدى ھەمدە بىرتوپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى . لىكىن ۋاراتاسىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن بىر نوقتا توپ جازاسى بىرىلدى ،قەشقەر ئەمىن كۇماندىسى بۇ توپنى كىرگۈزۈپ مۇسابىقىنى 1:1 نەتىجە بىلەن ئاخرلاشتۇردى .
بۇ قىتىمقى مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىپ 20-ئىيۇل ئاخىرلىشىدۇ .
__________________________________________________________
بۇ قىتىمقى مۇسابىقە رايۇنىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى چوڭ قاتناشقان كۇماندىسى سەرخىل ،تاماشىبنلىرىمۇ كۆپ بولغان ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇسابىقە بولدى.
مەنبە: شەبنەم تورى
تۆۋەندىكىسى نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر:(دىيارىم تور بېتىدىن ئېلىندى)









 |