ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 329 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1تەدرىجى تەرەققى قىلىۋاتقان ساھە .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ پۇتبولنىڭ يىڭى بىر دەۋرى باشلاندى . بىرازىليەلىك تەنتەربىيە كىيىملىرى شىاھى Havelangeئادىداس شىركىتىنىڭ لىدىرى Dasslerنىڭ قوللىشى بىلەن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولوپ قالدى . ئۇلار ئىككىسى تىلۋۇزۇر بىلەن قوللۇغۇچى بولسىلا پۇتبولنى يەنە يىڭى بىر دۇنيا غا باشلاپ كىرگىلى بولدىغىننى چوڭقور تونۇپ يەتتى شىۇنىڭ بىلەن 1982يىلى دۇنيا مۇسابىقىسىدىن كىيىن Dasslerئۆزىنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى islنى قۇرۇپ چىقپ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەبلەغ ئايلىنىشىنى ئىسلاھ قىلدى . 20يىلدىن كىيىن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كىرىمى ئادەمنى چۇچۇتكۇدەك دەرىجىدە كۆپىيىپ ئۇئىككىسىنىڭ ھەققى بىر سودا ماگناتى بولوشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . راستىنى ئىيتقاندا ئۇ ئككىسىمۇ تەرققىياتنىڭ بۇنچىلىك تىز بولدىغىننى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ يىتەلمىگەن ئىدى .
80يىللارغا كەلگەندە پۇتبول سودا ئىسلاھاتى يىڭى بىر كۆتۇرلۇشنى كۇتىۋالدى . پۇتبول تىجارىتى بىلەن ئىنگىلانىد كۇ لۇپلىرى بىر سەكرەپلا باشقا بىرلەشمە كۇلۇپلىرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا زەردارلىرىنىڭ كۆزى بىردىنلا ئىنگلانىد بارسىلونا ، مادىرىد ، مىلانلار مەخسۇس ئادەم ئىۋەتىپ مانچىستىردىن پۇتبول تىجارىتى بىلەن قانداق شۇغۇللىنىشنى . قانداق قىلىشنى ئۇگەندى . پۇتبول تىجارىتىنىڭ كۇنسىرى روناق تىپىشى كىرمىنىڭ ئىشىشى كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشنى تىخمۇ تىزلەتتى ئالمىشىش ھەققىمۇ يۇقرى كۆتۇرلۇپ پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشىدىمۇ رۇشەن ئۆ زگۇرۇشلەر بولۇشقا باشلىدى .
1961يىلى ئىنتر بارسىلونادىن 152000فونىستىرلىڭ باھا بىلەن ئىسپانىيەنىڭ غوللوق ئوتتورا مەيدىنى بولغان Suarezنى سىتىۋىلىپ تۇنجى قىتىمىلىىق يۆتكۇلۇش رىكورتىنى ياراتتى . 70-يللاردا Cruyff
80-يىللاردا مارادونا لار يىڭى رىكورت ياراتتى . 90-يىللارغا كەلگەندە يۇۋۇنتوس فولولونسادىن باگىئونى 8مىليون غا سىتىۋىلىپ يىڭى بىر بالداق ئىلگىرلىدى . ئىككى يىلدىن كىيىن ئىنگىلانىد ماھىرى Gasconadeغا 18000فونىستىرلىڭ [ھەپتسگە]مۇئاش بىلەن لاچىئو كولۇبى ئۇنى ئۆزىگە قوشىۋالد ى شۇنىڭ بىلەن ئۇبىر ئالتۇن كانغا ئىرىشكەندەك تۇيغۇغا كالدى ، ئەمما ھازىرقىغا سىلىشتۇرساق بۇ بەكلا ئاز -دە ئەپسۇس .
90يىللار بولسا پۇتبولچىلىق كەسپى تازا ۋايىغا يىتىپ ئوبدانلا بازار تاپتى دىسەك ئىشىپ كەتمەس. بۇ 10يىلدىكى موھىم ئىككى شەخىس بار ئۇلار بولسا بىرى بىلنوسكونى يەنە بىرى ئەنگىليە تاراتقۇ ماگنىتى Murdochئىدى . بىلنوسكونى بولسا تىلۋۇزۇر نىڭ ھۆكمرانلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ مىلان كوماندىسى ئۇچۇن شانلىق تارىخ يارتىپ قالماي يەنە ئۆزى ئۇچۇنمۇ مىنىسرىرلىك يولىنى ئىچىۋالدى . Murdochبولسا ئىگىلانىد بىرلەشمسنى مۇستەقىل تارقىتىش ھوقوقىغا ئىرشىپ ئۆزىنىڭ skyتىلۋىزىيە ئىستانسىنى ئەنگىليەنىڭ خوجىسىغا ئايلاندۇرۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئەنگىليە بو ساھادە ئىچقانداق بىرلەشمىگە قايتا باش كۆتۇرۇش پۇرسىتى بەرمىدى . ئەلۋەتتە ئەنگىليەليەلكلەر Murdochقا رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە .
2كاپتالنىڭ دەسلەپكى جۇغلانمىسى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىر ى ياۋرۇپا چىمپىيىۇنلوق لوڭقىسى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ بۇلارنىڭ ئىرشكۇچىسى پەقەتلا ھەرقايسى بىرلەشمىلەردىكى زەردار غوجاملاردىن ئاشمىدى . نامراتلار يەنىلا بىچارە . چۇنكى بۇغوجىلار رىقابەت ئۇستۇنلىكى ۋە ئىقتىساد ئۇستۇنلىكى بارا -بارا ئىشىپ بىرۋاتاتتى ئەمەسمۇ ! كاپتال ئايلىنىشنىڭ ئەلالىشى ، ئايلىنىش بوشلوقىنىڭ كەڭىرلىششى بىلەن توپچى ، كوماندا ، ھەتتا مەستانىلارمۇ ياخشى تەمىناتقا ئىرشىپ تۇردى . شۇنىڭ بىلەن چىمپىيۇنلوق بارا-بارا شۇ لارغا يىقىنلىشىشقا باشلىدى . يەنىلا پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ دىگەن شۇ ! بۇنىڭ بىلەن نەپدارلار مادرىد ، ئىككى مىلان ، يۇۋۇنتۇس ، مانچىستىر ، بارسىلونا بولوپ قالدى شۇنداق قىلىپ ئۇلار كاپىتالنىڭ ئىپىدائى جۇغلىنىشىنى مۇقىم ،ئۇزاققىچە داۋام قىلالىىدى .
ھازىرقى ئىنتىر خوجايىنى Morattiبولسا ئىتالىيە نىفىت ماگناتىAngelo- Morattiنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولىدۇ . ئالدنىقى ئەسىرنىڭ 30يىللىرىدا كاپىتالىزىم ئىغىر كىرزىسقا پىتىپ قالدى . شۇ چاغلارادا سانائەتنىڭ ئاساسى بولغان نىفىت بازار ئىستىمالىدىكى ياخشى توۋار ئىدى .قىرى مۇراتتى توغرا ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى بىلەن بۇ ساھاغا قەدەم باستى ، ھەمدە تىزلا ئەركىن ئىتالىيلىك ۋە ئىتالىيە پارتىزانلىرىنىڭ قوللۇغۇچىسى بولىۋادى . بۇ چاغ دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى تۇگەيلا دىگەن چاغ ئىدى . بۇ ئادەم راسلا ئەقىللىقتە . ئۇرۇش تۇگىگەندىن كىيىن بۇ كىشى غايەت زور كاپتال جۇغلانمىسىغا ئىگە بولىۋالغان بۇ ئادەم سوۋىت -ئامرىكا مەنپەئەت توقونۇشىدىكى ئامرىكا مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئىتالىيلىك كاپتالىسىت بولوپ قالدى . بىر كىچىك دورا دۇكىنى بىلەن ئىش باشلىغان بۇ ئادەم ئىككى ئوغلىغا 1مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مىراسنى قالدۇرۇپ ھازىرقى ئىنتىرنىڭ تەرەققى قىلالىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئەساسنى قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى . شۇنىڭ بىر ۋاقىتا بىلنوكونىمۇ زىمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى بىر مىليۇن دولىرىنى تىپىپ finivestمەبلەغ سىلىش شىركىتىنى قۇرۇش بىلەن بىرگە ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ تىلۋىزىيە تورى بولغان mediasetنىڭ 49%پىيىنى سىتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مىلاننىڭ قىمار تۇسىنى ئالغان تۇنجى سودىسى گوللاندىيەلىك ئۇچ قىلىچۋاز نى سىتىۋىلىش پارمادىكى داڭلىق تىرنى Sacchiنى ئەكىلىش بىلەن تاماملىدى . بۇ كىشى راسلا تەلەيلىك بەندە ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە سودىدىكى قوش ئۇتقۇچى بولوش ئارزۇسىنى رىئىاللىققا ئايلاندۇرالىدى . مىلان قوشكىزىكى ئوخشىمايدىغان يەنە بىر كولۇب يۇۋۇنتۇس كەينىدىكى تىرەك ماشىنا ماگناتى Anieجەمەتى ئىدى . بۇلارنىڭ تىجارىتى ئالدىقى ئىككىسىگە سىلىشتۇرغاندا رۇشەن ئۇستۇنلىككە .ئىگەئىدى . 1967-يىلى بۇ جەمەت 1000پايچىكتىن تەركىپ تاپقان مەبلەغ ئىشلىتىنى پايچىك مۇدىرىيتى بەلگۇلايدىغان يۇۋۇنتۇس پۇتبول پايچىك كولۇبىنى قۇردى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىرمانىيەدىكى بەيرىن مىيونخىنىڭ كەينىدىمۇ كۇچلوك بولغان مۇدىريەتلەر ئۇيۇشمىسى پەيدا بولوپ بۇ كۇلوپنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالدى . مانچىستىردا بولسا مەبلەغ بىر ياكى بىر قانچىلغان ئىنتايىن ئازساندىكى كىشلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالدى . بىلنوسكونى بىلەن موراتتى ئۇسولىنى ئە ۋ جىگە كۆتۇرگىنى مادرىد رەئىسى Xipeileisi. Florentinoبولدى . بۇ ئادەم رەئىس بولغان ۋاقتىدا 4يۇزمىليۇن ياۋرۇ سەرىپ قىلىپ توپچى سىتىۋالدى . بۇ ئادەم يەنە ئوزىنىڭ acsقۇرلوش شىركىتىنى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياۋرۇپادا 3ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شىركەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مادىرىدنىمۇ ياۋرۇپا ۋە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇپقا ئايلاندۇردى .
3كاپتال جۇغلانمىسىنى باشتىن كەچۇرمەسلىك
ئىنگىلانىد 10يىللىق كاپتالنىڭ ئىپتىدائى جۇغلىنىشىدا مانچىستىر ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسلوبى ، مۇقىم رىقابەتچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۇپ تاشلىدى . ئەمما چىلسى بولسا كاپتالنىڭ ئىپتىدائى جۇغلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۇرمەيلا زەردارلا قاتارىدىن ئورون ئىلىۋلدى . ئابلاجاننىڭ نىمە ئۇچۇن پۇتبولغا مەبلەغ سالغانلىقنى ئىچكىم بىلمەيدۇ . پەقەتلا بىلەدىغىنى مانچىستىرنىڭ Old Traffordمەيدانىدا بىر مەيدان ياۋرۇپا چىمپىيونلوق مۇسابىقىسىدە رونالدونىڭ قالپاق ئوينىنى كۆرگەندىن باشلاپ ئۇنىڭدا بۇ خىيالنىڭ بىشارىتى بىلىنىشكە باشلىغان شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ چوڭ قىلىش ، ئالاھىدا قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا كىرەك . شۇنىڭدىن باشلاپ چىلسىيچە ئۇسلوپ پۇتبول بازىرغا ناھايتى ئاز كۆر لىدىغان نەزىريەنى تاشلىدى . ئۇلار ھەممىنى پۇل بىلەن ھەل قىلدى ھەممىنى پۇلغىلا ھاۋالە قىلغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەن غەلبە قىلدى ، ئۇ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئويلىغان ئەمما ئىسپاتلىمىغا ن بىر نەزىريەنى ئىسپاتلىدى . بۇ رۇسىيە فىدرادسىيەسىنىڭ Chukchiشىتاتىنىڭ سابىق شىتاب باشلىقى بولمىش ئابلاجاننىڭ بايلىقىنىڭ كىلىش مەنبەسى بولسا موراتتىغا ئوخشاشلا -نىفىت . ئەمما كاپتالنىڭ توپلىنىشى بولسا بۇنىڭ ئالدىقىسىغا قارغاندا ناھايتى تىز بولدى . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا چىلسىيچە بۇ ئۇسلوبنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولىشى بىرقەدەر ئاسان . بۇنداق مىساللار ئىنگىلانىددا نۇرغۇن ھەم بۇنداقلار ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ . ئىنگلانىد بىرلەشمىسى بولسا چەتئەللك پۇلدارلارنىڭ ياشنايدىغان جەننىتى بولۋاتىدۇ . قىسقىسى مىسىرلىق فولىم كوماندىسىنى سىتىۋىلىپ 80مىليۇن مەبلەغ بىلەنلا بۇ bدىكى كوماندىنى aغائىلىپ چىقىپ ھازىر ئوتتورا دەرىجىدىكى كوماندا قاتارىغا كىردى . بىركىچىدە زەردارغا ئايلىنىش ناھايتى ھاياجىنىارلىق بىر ئىش ئەمما تاڭ يورىشى بىلەنلا ھەممە نىمىسى مانامەنلا دەپ ئاشكارلىنىپ تۇرسا بۇ تىخىمۇ ئىچىنىشلىق . ھازىرقى نىۋكاستىر ، فولىم . بۇلەيكىنىن قاتارلىقلاردەك بىر بوران چاپقۇنغا ئۇچۇرسا بەرداشلىق بىرەلمەي مىنى باقىدىغانلار بارمۇ دەپ ئىلان بىرىدىغان گەپ . چىلسىنىڭ بۇ مۆجىزىسى بولسا قايتلانمايدىغان مۆجىزە بوپ قالىدىغاندەك . چۇنكى نۇرغۇنلىغان كاپتالنىڭ ئىگىسى بولغان ئابلاجان ئىگلانىد بىرلەشمىسىنى تىخىمۇ بەكرەك ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسلوبىنى قوللونوپ كىلىۋاتقان كوماندىلارنى يىڭى بىر يولغا باشلىۋەتتى . چۇنكى ئۇنۇر غۇنلىغان كاپتالنىڭ ھىمايىسى بىلەن بۇ قورغانغا باستۇرۇپ كىردى .
ئىگلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1991يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ناھايتى تىز تەرەققى قىلىپ ھازىرقى باسقۇچقا يەتتى نۇرغۇنلىغان كۇلۇپلار بازارغا يۇزلىنىشنى تاللىدى . پايىچىك ۋە تارقىتىش تىخمىۇ ئۆرلەپ ماڭدى . 200يىلدىن بۇيان راۋاجلىنىش پۇرسىتى تاپالمىغان بۇ ساھە راسلا جانلاندى ئەخلەت پاي دەپ ئاتالغان بۇ پايلار بىردىلا ئالتۇنغا ئايلاندى . قەرىزگە بوغولوپ كەتكەن بۇ كولۇبلار بىردىلا بىشىنى چىقىرىپ چڭقور نەپەس ئالدى . بولوپمۇ چىلسى يىڭى بىر تارىخنى تازا بىر يارىتىۋالغۇسى باردەك قىلاتتى . ئابلاجان چىلسىنىڭ بارلىق پىيىنى سىتىۋىلىپ بازاردىن ياندى . شۇنىڭ بىلەن خوتونى بىلەن ئۇرشۇپ چىسلى بىلەن قىلىپ خوتونسىز قىلىپ ئولتۇردى خوتونى ئۇنىڭ 6مىليارد پۇلىنى تارتىۋىلىپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىۋالدى . بۇ نىڭغا ئۇپەرۋاقىلامدىغان ئۇنىڭغا چىلسىلا بولسىلا بولىدىغاندەك شۇنىڭ بىلەن چىلسىنى ئۆزىنىڭ شەخسى كارخانىسى قىلىۋالدى . ئۇلار پاي تۇزۇمدىكى كولوپلاردەك ھەريىلى سىرىتقا تىجارەت كىرىمنى دو كلات قىلىپ يۇرمەي تاپقان تەرگىنىنى قوينىغىلا سالىدىغان بولدى روسلارنىڭ بۇ زىمىندا پەيدا بولىشى ئامرىكىلىقلارنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى بولغاي ، بۇلار دىگەن زادى كونا رەقىپ ئا مال يوق . ئەمدى بىز ئامرىكىلىقلارنى ئىنگلانىدنى قانداق بويسۇندىردىغانلىقىنى كۆرۇپ ئۆتەيلى .
4 ئامرىكىلىقلار ئىلىپ كەلگەن يىڭى تەپەككور .
ئومومى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا دۆلەت ھالقىغان كاپتالنىڭ ئىنگلاند كولۇبلىرىغا ھۇجۇ م قىلىپ كىرىشى ئەنگىليەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ تەپەككورى بىلەن ئىش بىجىرەلمەس قىلىپ قويدى . باشقابىرلەشمىلەرگە قارايدىغان بولساق ئىنگلادنىڭ ئۇلاردىن ئىشىك بىلىتى ، تارقىتىش ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بارلىقىنى بىلەلەيمىز . ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپۇنچىسى بازارغا يۇزلەنگەن ، كىرىم جەھەتتە تىخىمۇ كاپالاتكە ئىگە بولغان . مالىيە ئىشلىرىنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى . كاپتال پايدا نىسبىتىنى تەھلىلىل قىلىشى ناھايتى يۇقىرى . يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنگلانىد كولۇپلىرىنىڭ سىتىۋىلىنش ئەھۋالى ئىككى خىل بولىۋاتىدۇ .
1 نەتىجىسىگە ئاساسەن كولۇب قىممىتىنى ئاشۇرۇش
2 بىراقلا داڭدارلارنى سىتىۋىلىش .مەسىلەن مانچىستىر ، مانچىستىر شەھەر ، لىۋىرپول دىگەندەكلەرنى سىتىۋىلىش .
ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىنگلاندا پەيدا بولوشى بىردىنلا بۇ زىمىنى قاينام تاشقىنلىققا چومدۇردى . چۇنكى ئۇلار نۇرغۇن دوللا ئىلىپ كەلگەن ئىدى . ئاۋال مانچىستىر ئامرىكا تەتنتەربىيە ماگناتى Glazerجەمەتى تەرىپىدىن سىتىۋىلىندى . كىيىن ئىنىگلادنىڭ ۋەكىللىك كوماندىسى بولغان لىۋىرپول ئىككى ئامرىكىلىق تەرىپىدىن بۆلىشىۋىلىندى . ئامرىكىلىقلار نىمىلا قىلمىسۇن ئابلاجان بۇ لاردىن بۇرۇن كىلىپ ئۆزىنىڭ شەخسى كارخانىسىنى بۇ يەردە بەرپا قىلىۋالدى -دە ! 2008يىلى مانچىستىر چىلسى ئۇستىدىن غەلبە قىلغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ بۇ ئامرىكىلىق باسمىچىغا نىسبەتەن كۆزقارشى ياخشىلىنىشقا يۇزلەندى . نىمىلا دىمىگەن بىلەن مانچىستىر مەستانىلىرىنىڭ ھازىرغىچىلىك ئاغزى قاتتىق بولسىمۇ . ھەممە كىشى شۇنى بىلىدۇكى ئەنگىليەلىك بۇ ئاخسالار بارغانسىرى ئامرىكىلىقنىڭ تەپەككۇرىنى قوبول قىلىشقا باشلىدى . 2007 يىللىق مالىيە كىرىمى ئىلان قىلىنغاندا ساپ كىرىمدىن ھەممە خۇشال بولغان ئىدى ، ئەمما نىمە بولدى تۇيۇقسىزلا مانچىستىرنىڭ نۇرغۇن قەرىزى ئاشكارلىنىپ بۇلار داۋاملىق بۇ قەرىزنى تۆلەشكە مەجبۇرلاندى . Glazerجەمەتى قەرىز ئىلىپ بۇ قەرىزنى تۆلەشكە باشلىغاندا يەرشارى خاراكتىرلىك كىرزىسنىڭ تەسىردىن بۇ پۇللارنى تۆلىيەلمەي قويدى ، ئاخىرى مانچىستىر ئۆزىنىڭ تىجارەت كىرىمى بىلەن بۇنى قايتۇردى .
ئامرىكىلىق خوجايىنلارنىڭ لىۋىرپولدىكى ئەھۋالىمىۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئوسال بولدى . لىۋىرپولغا بۇ ئىككىسىنڭ كىلىشى بىلەن زور ياخشىلىنىش بولدى ، ئەمما بۇ ئىككىسى لىۋىرپلغا نىسبەتەن بايلىق ئىلاھى بولماستىن بەلكى بۇ كوماندىنى غايەت زور ئۆسومگە بوغۇپ قويدى . ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قو بول قىلغاندا بۇ ئىككىسى بۇ يەردىن قىلغان كىرىمىنى ئامرىكىدىكى كالتەك كوماندىسى بىلەن قورغان كوماندىسىغا مەبلەغ قىلىپ سىلۋەتتكەنلكىنى ئاشكارلىدى .
ئارسىنال بولسا زەردارلىق يولىدا كۆ پ كۇچىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ لار نىڭ تىرىشقانغا تۇشلۇق نەتىجىسى بولماي قويدى . ئەمما بۇ كۇلۇپمۇ ئامرىكىچە تەپەككۇر ئىچىدە ناھايتى ياخشى تەرىققىيات باسقىۇچىغا قاراپ ماڭماقتا .
قىسقىسى پۇتبول يىڭى بىر دۇنيا غا يۇزلەندى پۇلسىز پۇتبولنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەسى مۇشكۇل . بۇ زامان پۇلى بارنىڭ ، يارۋرۇپا كۇلۇپلىرى بارغانسىرى پۇتبول كۆرىشى تەرەپكە ئەمەس بەلكى چىملىقتىكى كاپتال ئۇرىشىغا قاراپ يۇز لەنمەكتە ، تامام ۋەسسلام . ئىسپانىيە كولۇبلىرىنىڭ كوپۇنچىسى ئەزالىق تۇزىمىدە بولغاچقا بۇ تىمىدا تەھلىل قىلىنمىدى . بۇنى بۇ يەردىن يەنى ئۇيغۇرلار كولۇبقۇرالامدۇ دىگەن تىمىدىن كۆرۋىلىڭ يەنە ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۇڭ
http://putbol.cn/read.php?tid-8974.html
http://putbol.cn/read.php?tid-3257.html |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|