ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشكەڭ ھالەت
  • 19478كۆرۈش
  • 59ئىنكاس

ساراڭ بولساڭ مۇنداق بول ... [ئادرېسنى كۆچۈرۈش]

ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
توردا يوقپورلى
 

يازمىسى : 1087
پۇل : 395953
شۆھرەت : 1290
تۆھپە : 310
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 176
— بۇ يازما fifa تەرىپىدىن جەۋھەرلەندى(2008-07-16) —
ساراڭ بولساڭ پىر ئوينا ، رىپىر كۆزىدىن نىرى ( پۇتبۇل مۇنبىرى ماقال - تەمسىللىرىدىن ) f>4|>kS  
پۇتبۇل مەيدانى پەقەت ۋىنۋىريا ئەپەندىدەك مۇلايىم قائىدە - يوسۇنلۇقلارنىڭلا( ۋىنۋىريا ئەپەندى - غەرىپلىكلەرنىڭ قائىدە يوسۇنلۇق ، ئاڭلىق ، سىپايە كىشىلىلەرنىڭ ئوبىرازى بولسا كىرەك ) ماھىرەت كۆرسىتىدىغان مەيدانى بولۇپلا قالماستىن ،تۆۋەندە بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان بىر قىسىم ئۆز كەسىپى پۇتبۇلچىلىقتىن سىرىت << بوكىس>> << جۇڭگۇ گۇمپىسى >> ۋە << قارا جەمىيەت >> قاتارلىق كەسىپلەردىمۇ ئۇتۇق قازانغان بىر قىسىم چولپارلىرىمىزدىن مۇستەسنا ئەمەس . بۇ جايدا ئىيتىلغان << ساراڭ >> لىق قىلمىشى پەقەت شۇ شەخىسنىڭ ئۆز كەسپىنى دەرىجىدىن تاشقىرى سۆيگەنلىكىدىن ، ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىدىن شۇنداقلا ئۆزىگىلا خاس پەۋقۇلاددە مىجەزىدىن كىلىپ چىققان ، ھەرگىزمۇ باشقا مەنە بەرمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ پۇتبۇل ساھاسىدە ئۆزىگە خاس تەسىر-دائىرىسى بار ، لىكىن ئالاھىدە ۋاقىتتا ئالاھىدە ئۇسۇلدا كىشىلەرگە قالدۇرغان تەسىرىنى كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدۇ . $0un`&W  
بۇلارنىڭ رەت تەرتىپىنى مەن ئۆزەم تۈزۈپ چىققان ، ھىچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىناۋەتسىز .... =_ N[mR^  
mf{M-(6'  
1. <<سىگان>> چە تىرىنىر مىلودوۋىچ (米卢蒂诺维奇) }mIN)o  
xL i3|^q  
p=E#!cn3  
/J/V1dC}]D  
تىرىنىرلىق كەسپى ھاياتىدىن قارىغاندا ئۇ تىپىك << سىگان >> چە تىرىنىر ، ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 9 دۆلەتتە باش تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ، 7 خىل تىل بىلىدۇ ( ئەپسۇس خەنزۇچىنى بىلمەيدۇ ) ، 5 دۆلەتنى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە ئەكىرگەن (86 مىكسىكا ، 90 كوستارىكا ، 94 ئامىرىكا ، 98 نىگىرىيە ، 02 يەرشارىنىڭ ئىغىر يۈكىنى ، بۇ رىكوتنى بۇزغىلى ھازىرغىچە ئادەم يوق ) ، ئۇسۇل جەھەتتىن ئىيقاندا ئۇ بىر كوللىكتىپچانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان تىرىنىر ، ئۇنىڭ نەزىرىدە نە چولپان ،نە زاپاس ئەزا يوق ، پەقەت كوللىكتىپنىڭ كۈچىلا بار ، ئۇنىڭ كوماندا ئەزالىرىدىن بىردىن بىر كۈتىدىنى 90 مىنۇتقۇچە << ئىددىينى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، كومىنىزىم ئۈچۈن كۆرەش قىلىش >> . جۇڭگۇكوماندىسىنى تۇتقاندا ئۇ مەخسۇس يۇرتۋازلىق ئىغىر بولغان كوماندا ئەزالىرىغا ھولىۋودنىڭ << قىززىققان ئەر >> نامىلق كىنوسىنى قويۇپ بىرىپ ، كوماندىدىكى خاۋخەيدۇڭ بىلەن فەن جى يىنىڭ داۋاملاشقىلى 10يىلدىن ئاشقان ئاداۋىتىنى كۆتۈرىۋەتكەن . G/(,,T}eG  
مەشھۇر سۆزى << مۇخپىرلار كوماندا ئەزالىرىنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ، ئۇ ئاۋۋال ماڭا بىر پارچە مىنىڭ ھىچ ئىش قىلماي ، بىكار تۇرغان سۈرىتىمدىن بىر پارچە بىرىڭلار >> 2PRiiL@  
ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىغا داڭ تىپىلمايدىغان << ساراڭ >>نىڭ جۈملىسىدن (Sgsy^|N  
=SeQ- H#  
2.ياۋايى ھايۋان ئىدىمونىد (埃德蒙多) AH/o- $C&  
4 ?PB Fbd  
&S 66M 2  
,tg ]Gt  
ئىدىمونىدنىڭ توپ ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا چاتاق چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك . ئىكىۋاتور يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانىسى مۇخپىرىنىڭ سىنئالغۇسىنى چىقىۋىتىپ ، ئۈچ كۈن مىھمانخانىدىن چىقماي ساقچىلاردىن يوشۇرىنىۋىلىش ،كەسپى ھاياتىدا جەمئى 55 قىزىل تاختىغا ئىرىشىش ، 40 كۈن مۇسابىقىدىن توختۇلۇشۇش ، سەپدىشىنى مەشىق ئۈستۈدە ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇش ، كۇلۇپنى مەيداننى ئاسىراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىدى دەپ ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا ئەيىپلەش ، كۇلۇپ مەسئۇلىغا چىمنىڭ ۋاقتىدا قىرقىلمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئاچچىقلاش ، جەنۇبى ئامىركا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە قائىدىگە ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ، تىرىنىر تەرىپىدىن ھەيدىلىش ، بىرازىلىيەدىكى شاتلىق بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ، ئۆزى بىلگىنىچە كۇلۇپتىن ئايرىلىش ... يۇقارقى << نەتىجە >> لەرنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم قىللايدۇ ، ئۇ دەل - ئىدمونىد ..... ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تىخىمۇ << شەرەپ >>لىك چاغلىرىمۇ بولغان يەنى 95-يىلى 12- ئايدا بىرازىلىيەدىكى بىر بەزمىخانىدا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ، زور قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ 3 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ، تۆت يىرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ، كۈندۈزى مۇسابىقە ئويناپ ، كىچىسى جازا ئۆتىگەنمۇ دەل مۇشۇ ياۋايى . H? Q--pG8  
مەشھۇر سۆزى : << سەپداشلىرىم مىنىڭ دىگىنىمدەك قىلسا ئۇلار داڭلىق چولپانلاردىن بولالايدۇ ، لىكىن مەن قىلغاننى قىلسا ھەممىسى ئەبلەخ بولىدۇ خالاس >> \zFCph4  
تىرىغان چاتاقلىرىنىڭ كۆپلىكىگە داڭ تىپىلمايدىغان << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن . ~?fl8RF\  
^9LoxU-  
3.ئىغىر دەرىجىلىك چولپان - چىلاۋىت (奇拉维特) 6Y,&q|K  
O#18a,o@  
=P9rOK=  
ocK4Nxs  
چىلاۋىت پاراگىۋاينىڭ مىللي قەھرىمانى ، قارشى تەرەپ ۋارىتاسىدىن ئەڭ يىراقتا تۇرغان ئادەمنىڭ كەسپى ھاياتىدا 40تىن كۆپ توپ ئۇرغىنى سىزنى قايىل قىلىشقا يىتىدۇ ( جاھاندىكى پۇتبۇل پىروگىرامىسى تارقاتقان 10 چوڭ يىراقتىن ئۇرۇلغان توپنىڭ ئىككىنجىسى دەل چىلاۋىتنىڭ ئۇرغان توپى ) ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ قىلغىنىڭ پەقەت خاتاسى يوق ، مەيلى 6ياشلىق كىچىك بالىدەك مايكىسىغا خابا ئىتىنىڭ سۈرۈتىنى چۈشۈرۈپ مەيدانغا چۈشسسۇن ، مەيلى دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىركا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە پۇتبۇل ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى باھانە قىلىپ قاتنىشىشنى رەت قىلسۇن ، مەيلى كۇلۇبىنىڭ ئۆزىنى لىۋىرپولغا سىتىپ بەرمىگەنلىكىنى دەپ كۇلۇپتىن ئايرىلىشنى قارار قىلىسۇن ، مەيلى ياخشى كۆڭلى بىلەن ئەھۋال سوراپ كەلگەن كارلوسنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسۇن ، مەيلى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنى << نانقىپىلارغا ئەڭ باي >> كوماندا دەپ تىللىسۇن ، مەيلى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى كاپىتانى رۇجىلىنى بىر مۇش قويۇپ باش قىسىمىنىڭ ھازىرغىچە ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسۇن ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ھامان توغرا دەپ قارايدۇ ، كەچۈرۈم سوراش ، ئۆكۈنۈش دىگەن سۆز ئۇنىڭ لۇغىتىدە يوق . @ %L  
مەشھۇر سۆزى : << مەن پاراگىۋايغا پىرىزدىنىت بولىمەن >> L xIKH G  
ئۆزىنىڭكىنىلا راسىت دەيدىغان <<ساراڭ>> لارنىڭ جۈملىسىدىن . lt:&lIW,3  
a*D<J}xe  
4.مانچىستىر لۈكچىكى - كىئىن (基恩) OAW_c.)5D  
=LK`m NA  
^q/^.Gf  
y_q1Y70i2r  
كىئىن ئەڭ ئادەتتىكى ناھەقچىلىققمۇ چىدىمايدۇ ، مەيلى ئۇ پۇتبۇلچى ياكى رىپىر ، مەيلى ئۇ سەپدىشى ياكى تىرىنىر ، مەيلى ئۇ خوجايىن ياكى تاماششىبىن بولسۇن ناھەقچىلىققا ئۇچۇرغان ھامان رەددىيە بىرىدۇ ، ئۇ مۇخپىرلارغا مەن ھەرگىزمۇ كىشىلەر دىگەندەك لۈكچەك ئەمەس ، شۇنداق دىگەنلەر ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ماھىيتىنى بىلمەيدۇ دىگەن . ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا قانچە قىزىل تاختا ئىلىپ ، قانچە مەيدان مۇسابىقىدىن توختىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم ، مەن پەقەت ئاشۇ تاختتىلارنىڭ ئارسىدىن ، بىر - قانچىلىرىنى تونۇشتۇرماقچى . F-ofR]|) >  
1.تۇنجى قىزىل تاختا : 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 12- كۈنى ، مانچىستىر بىلەن خىرۇستال كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، كىئىن قارشى تەرەپ بىكىنىڭ تىزىغا دەسسەيدۇ ۋە قائىدە سۆزلىمەكچى بولغان پاتسون بىلەن سوقۇشۇپ تۇنجى ئولجىسىنى ئىلىپ مەيداندىن ئايرىلىدۇ . lV 4TFt ,  
2.ئۆيى ئالدىدىكى تۇنجى قىزىل كارتا : 95-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كىئىن لاۋدىفۇد پۇتبۇل مەيدانىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قىزىل كارتىسىغا ئىرىشىدۇ ، شۇ ۋاقىتتىكى رەقىبى مىدىرسىباۋ كۇلۇبى بولۇپ ، بۇ كىئىننىڭ 6 ئىچىدىكى 3 قىتىملىق قىزىل تاختىسى ئىدى . 'sa)_?Hy  
3.مەغلۇبىيەت ئىچىدىكى قىزىل كارتا :96-يىلى10-ئاينىڭ-26كۈنى مانچىستىر تارىخىدىكى خورلۇق تارتقان بىر مەيدان مۇسابىقە ، مانچىستىر مىھمان مەيداندا جەنۇبى ئامپىتون كوندىسىغا 6-3 نەتىجە ئۇتتۇرۋىتىپ ، شۇنىڭدىن كىيىن مانچىستىرمۇ مۇشۇ مۇسابىقىدە كەيگەن كۈلرەڭ كىيىمنى كىيىشنى توختىتىدۇ ، بۇ مەيداندىمۇ كىئىن ئالدىنقى يىرىم مەيداندا قىزىل تاختا ئىلىپ مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلىپ ، قىزىل تاختا ئالماسلىقنىڭ بىر يىللىق رىكوتىغا يىتەلمەيدۇ ( ئىككى كۈن قالغاندا ) i(.PkYkaq  
4.ئەڭ << بەخىتلىك >> قىزىل كارتا :99-يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى قىزىل كارتا ئالمىغىلى ئىككى يىرىم يىل بولغان كىئىننىڭ كونا كىسىلى يەنە تۇتىدۇ ، لىكىن ئۇنىڭ بۇ قىزىل كارتىسى مانچىستىر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ غەلبىنىڭ بىرسى بولغان ئارسىنالنىڭ قولىدىكى لوڭقىنى تارتىۋىلىش جىڭنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ .( گىگىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئۇرغان دۇنياۋى توپى) h]z8.k2n  
5.ئەڭ مەھشۇر قىزىل كارتا : 2001-يىلى8-ئاينىڭ21-كۈنى مانچىستىر دىربىسىدا جىئىن مانچىستىر شەھەر كوماندىسىدىكى R N@)nc_  
خالاندنى توپنى تەپكەندەكلا تىپىپ بىشىنىمۇ بۇراپ قويماستىن مەيداندىن ئايرىلىدۇ ، كىيىن ئۆزىنىڭ تەرجىماھالىنى ئىلان قىلغاندا بۇنىڭ بىر پىلانلىق يارلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ . 9 lG a*f)  
مەشھۇر سۆزى : << خالاندىنى يارلاندۇردىغان پۇرسەتنى كۈتكۈنىمگە بەك ئۇزاق بولغان ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇ يارىماسنىڭ يەنە يالغان يىقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ >> 4K`b?{){+a  
مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن . )*uotV  
8JR&s  
5.ئۈچتە پادىشاھ- كانتونا (坎通纳) b{-|q6  
MuzQ z.C  
zYdieE\-  
سىز باشقىلاردىن 13 يىل ئاۋۋال ئەنگىلىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىشنى بىلەمسىز دىسىڭىز بەلكىم باشقىلار جاۋاب بىرەلمەسلىكى مۇمكىن ، لىكىن سىز بۇ ئىش كانتونا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسىڭىزلا ھەممىنىڭ جاۋابى ئوخشاش .... كانتونا قۇملۇق پۇتبۇلىنىڭ، مانچىستىرنىڭ شۇنداقلا<< جۇڭگۇ گۇمپىسى>> نىڭ ياۋرۇپادىكى شاھى ، شۇنداقلا بۇ فىرانسىيلىكنىڭ سۈر-ھەيۋىسىمۇ پەقەت ئۆزىگىلا خاس ( تەبرىكلەش ھەركىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردۇ ) 1995 - يىلى كانتونا خىرۇستال ئودا كوماندىسىنىڭ مەستانىسىنى لى شاۋ لۇڭدەك ئۇچۇپ چىقىپ تەپكىنىدە پۇتكۇل دۇنيا ئاغزىنى ئىچىپلا تۇرۇپ قالغان ( شۇ سەۋەبلىك 8 ئاي مۇسابىقىدىن توختىتىلغان) ، ئارقىدىنلا فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلىۋىدى ، فىرانسىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى قۇلىقىنى قايتا كوچىلاشقا مەجبۇر بولدى چۈنكى ئۇ بۇ قارارىنى ئىلان قىلغاندا تىخى24 ياشقا كىرگەن ، مەستانىنى ئۇرۇشىنىغۇ توغرا چۈشەنسەك ( چۈنكى زەخمىلەنگۈچى ئۆزى باشتا كانتونانى ھاقارەتلىگەن ) دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنىشىنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بولا ؟ سەۋەبى ناھايتتى ئاددى ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تىرىنىر ئۇنى زاپاس ئەزا قىلىپ قويغاچقا ،فىرانىسىيەنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتالماسلىقىنى ئۆزىنىڭ زاپاس ئەزا بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرگەن كانتونا دۆلەت كاماندىسىنىڭ كىيىمىنى سىلىپ يەرگە تاشلىۋىتىپلا قالماي يەنە شۇ چاغدىكى تىرىنىر ھىنرىي.مىشىرغا ئاغزاكى ھۇجۇم قىلغانلىقتىن فىرانسىيە پۇتبۇل بىرلەشمىسى ئۇنى مۇسابىقە ئويناشتىن چەكلىگەن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا كانتونا دۆلەت كاماندىسىدىن چىكىنىشنى قارار قىلغان . بۇ ئۇنىڭ تۇنجى مۇسابىقىدىن چەكلىنىشى ئەمەس ، ئىلگىرى توپ تەپكەن مونتېپىليېر ، نىمىس كوماندىلىرىدا سەپدىشى بىلەن سوقۇشۇش، رىپىرغا توپنى ئىتىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىق ئۆلچەملىك ھەركەتلىرى ئارقىلىق داۋاملىق مۇسابىقىدىن توختىلىلىپ تۇرغان . Y@MxKKuj  
كانتونانى پەرىشتە بىلەن ئىبلىسنىڭ يۇغىرمىلىسى دىيىشكە بولىدۇ ، مانچىستىرلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ ،پەقەت كانتونالا مانچىستىردا يەتتە يىلدا توققۇز قىتىم چىمپىيون بولالايدۇ (90~ 97) ، بۇ نەتىجىلەرنى ياراتقۇچى مانچىستىرغا پەقەت 160 تۈمەن فونىستىرلىڭ بىلەن كىرگەن ( ئەينى چاغدىكى رىس كۇلۇبىنى چىمپىيون قىلغان كانتونا ، تىرىنىر بىلەن چىقىشالماسلىق سەۋەبىدىن كۇلۇپتىن ئاشۇنداق ئەرزان باھا بىلەن ھەيدىلىدۇ ، كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە رىسنىڭ قولىدىن لوڭقىنى تارتىۋالىدۇ ) ، ئەكسىچە فىرانسىيە ۋە باشقا مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ھاكاۋۇر ئىبلىس ( فىرانسىيلىكلەر 94 دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقىنى كانتونانىڭ كوماندىدا بولماسلىقىدىن كۆرىدۇ ) ، كانتونا ئۆزىمۇ << فىرانسىيە سەن مىنى ئالمىساڭمۇ بولىدۇ ، لىكىن ساڭا دۇنيا لوڭقىسى كىرەك بولمىسىلا ئىختىيار ئۆزۈڭدە ، رىس سەن مىنى ھەيدىدىڭ ، مىنى ھەيدىگىنىڭ لوڭقىنى ھەيدىگىنىڭ >> دىگەن . ze5#6Vzd&  
مەشھۇر سۆزى : << مىنىڭ ھاياتىمدا  پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئەسلىگىدەك دەقىقىلەر نۇرغۇن ، ئەڭ ئۇنۇتىلمايدىغىنى ھىلىقى پۇتبۇل لۈكچىكىنى پۇخادىن چىققىچە تەپكىنىم >> دىگەن . j%Uoi gi  
پەقەت مانچىستىردىلا قارشى ئىلىنىدىغان << ساراڭ >> نىڭ جۈملىسىدن . a[}?!G-Wt|  
!SGRK01  
6. تەنھا بۆرە - رومارىئو (罗马里奥) ph!h8@e  
JHZjf7g$k  
Jx`7W1%T  
D88IU9V&n  
رومارىئو ئەيىنخوۋىننىڭ ئىگىرىكى تىرىنىرى روبىنسىننىڭ نەزىرىدىكى ھەمكارلىشىش ئەڭ تەس ئادەم ، بارسانىڭ تىرىنىرى كىرىيۇف نەزىرىدە ئۇ بىرازىلىيەگە بىرىپ شاتلىق بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ، مادىرتقا ئۈچ توپ ئۇرۇشقا قوشۇلغان ، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىردىنبىر كىشى ،ئىتالىيلىكلەرنىڭ نەزىرىدە باگىيونى ياۋرۇپانىڭ << مارادوناسى >> بولۇشتىن توسۇپ قالغۇچى . w r,+9uK  
ئۇ يەنە مەيداندىكى خەتەرلىك قاتىل بولۇپلا قالماستىن ،مەيدان سىرتىدا داۋامىلق چاتاق چىقارغۇچى ، D ZH2U+K  
2003-يىلى كوماندا نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن مەستانىلىرى ئۇنى قىرى مىكيانغا ئوخشاتقىنىدا، ئىككىلەنمەي بىرىپ مەستانىلەرنىڭ بىرقانچىسىنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قانغا بويىغۇچى ، 85 يىللىق ياشلار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سىرتىدا قالغاندا پىلى بىلەن زىكونى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغۇچى ، ئىدمونىدنى مەسخىرە قىلغانلىق سەۋەبىدىن ياخشى دوستىنى دۈشمىنىگە ئايلاندۇرغۇچى ، 94-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تىرىنىرغا ئۆزىگە ئايرۇپىلاننىڭ دەرىزە تەرپىدىن ئورۇن بەرمىسە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغۇچى ، بۇچاتاقلارنىڭ ھەممىسىدە دەل رومارىئو باش پىرسۇناژ . Wy/h"R\=  
مەشھۇر سۆزى : << مەن مارادونادىن كۈچلۈك ، پىلىنىڭ پەقەت شۇ سىسىق ئاغزىلا بار >> [[';Hi^  
ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن . ^%LyT!y  
7i#/eRui  
7. مەڭگۈلىك قەھرىمان- مارادونا (马拉多纳) AA= eWg  
HGd.meQ  
DpT$19Q+  
iY&I?o!Ch  
مارادونانى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ تۈمەنمىڭ باھانىسى بار ، ياقتۇردىغانلارنىڭ ئەكسىچە بىرلا . asCcBp  
كىم بىر پۇتبۇل كۇلۇبىنى يىتەكلەپ 136 مەيدان يىڭىلمەيدىغان نەتىجىنى يارىتالايدۇ ؟ كىم پەقەت بىر ئادەمنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ دۆلەتكە ئەڭ ئۇلۇغ شان - شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ ؟ كىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە 130 قىتىم يىقىلسىمۇ يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ؟ كىم پۇتبۇل سەنئىتىنى كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكتىن ئوكۇسفۇرد ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇنبىرىگە چىقىپ دەرس سۆزلىيەلەيدۇ ؟ كىم قارشى تەرەپ پۇتبۇل مەستانىلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن مەدەت بەرگۈزەلەيدۇ ( دۆلەت كوماندىسىدا ) پەقەت بىرلا كىشى جىگو - مارادونا . 5)hfI7{d  
شان-شەرەپ ، مال - دۇنيا ، ئاياللار ، زەھەر ، ساقچى ، قاتناش ھادىسىسى ، سەتچىلىك مانا بۇ مارادونانىڭ ھاياتىنىڭ يىغىندىسى . مارادونا دىگەن سۆز ئارگىنىتىنالىقلار ۋە نابۇلۇسلقلارغا غەلبە دەپ ئاڭلىنىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ غەلبىلىرىگە شىرىك بولىدىغان بىر قانچە << گۈللىرى >> مۇ بار ، مەسىلەن بوئىن 747 دە توي يۆتكەش ، ئامىركا زۇڭتىنى قاغاش ، پاپىنى مەسخىرە قىلىش ، نەشە يۆتكەپ تۇتۇلۇپ قىلىش ، زەھەر چىكىش ، كاستىروغا نۇقتا توپ تىپىشنى ئۈگۈتىش( كاستىرونى غەرىب ئەللىرى مۇستەبىت دەپ قارايدۇ ) ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بەش قىتىم ئوخشىش بولمىغان سەۋەب بىلەن مۇسابىقىدىن ئايرىلىش ، ئامىركا FBI تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان جىنايەتچى بىلەن بىللە غىزالىنىش ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان تەڭرىنىڭ قولى سەپسەتىسى دىگەندەك ...ھەقىقەتنى سۆزلىگەندە مارادونانىڭ بۇ <<گۈللىرى>> ھەرگىزمۇ مارادونا ئوبىرازىنى خۇنىكلەشتۈرەلمەيدۇ ، رەقىبلىرىمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز ... مىسال رونالدونىڭ مارادوناغا بەرگەن باھاسى << دۇنيادا مەن بىردىنبىر پۇتبۇل شاھى دەپ تونىيدىغىنىم پەقەت مارادونا ، ئەگەر مەنمۇ پىلى ياشىغان دەۋىردە ياشقغان بولسام ، مەنمۇ ئوخشاشلا بىر مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ ئۇرالايتىم >> &,{YfAxQ`  
مەشھۇر سۆزى << مەن روبىنسونمۇ ، ناپالىئونمۇ ئەمەس پەقەت شۇ مارادونا شۇ دىسەم ھىچكىم ئىشەنمىدى >> 3 5L0 CM  
خەلقى مەڭگۈ مەدىيە ئوقۇيدىغان<< ساراڭ >> جۈملىسىدىن . +"k?G  
1Ax;|.KQH  
8.دونكىخوت پادىشاھ - بىرات (布拉特) /m 7~-~$V  
|')PQ  
OIj SH~a.  
(hQ i {  
بىراتنىڭ بىر كۈندە 50 خىل خىيال كاللىسىغا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە 51 ئەخماقلارنىڭ خىيالى . 2' ^7G@%  
1998-يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى بىرات سايلامدا بىرازىيلىك ئاۋراننى مەغلۇپ قىلىپ پادىشاھ بولغىلى مانا ساق 10 يىل بوپتۇ ،10يىل جەريانىدا ئۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىزگە نۇرغۇن <<غايىۋى>> پىلانلارنى تۈزۈپ بەردى، ئالايلۇق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا بىرات خەلىقئارا WSFS تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىدى ، بۇ بىر ئاياللارنىڭ پۇتىنى چىڭ ئوراپ تۇرىدىغان پايپاق ئىشلىتىشىنى توسىدىغان ، غورىگۈل تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەن تەشكىلات بولۇپ ، ھالا 30 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە پادىشاھ بىرات بىر كىچىدىلا ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتۇپ بارلىق كەسپى ئايال تەنھەركەتچىلەرنىڭ چىڭ كىلىدىغان پايپاق تارتىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇپ قالدى ، ئۇ يەنە ئىككى يىلدا بىر قىتىم دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزمەكچى ، چەك تارتىپ گورۇپپىغا ئايرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ، مەيداندا قائىدىگە خىلاپ توپ تارتىۋىلىش قىلمىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماقچى ، يان تەرەپكە چىقىپ كەتكەن توپنى پۇتتا باشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ، مۇسابىقىنى تۆت ھالقىغا بۆلۈپ ئالدىنقى ، كىينكى يىرىم مەيدان ئۇقۇمىنى يوقاتماقچى ، پۇتبۇلنىڭ دىئامىتىرىنى چوڭاتماقچى ، يەنە يىقىندا چىققان5+6تۈزۈمى دىگەندەك پىلارننىڭ ھەممىسىنى بىرات تۈزگەن ،ئۇنىڭ بۇ ئەخماقلارچە خىيالى تىخى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن08 ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشى ئۇنىڭ ئەخماقلارچە خىيالىنىڭ قەۋرىسى بوپ قالغۇسى . .V3e>8gw3  
مەشھۇر سۆزى : << كەسپى پۇتبۇلچى ئاياللار كەسپى ۋالىبول ماھىرلىرىغا ئوخشاش پۇتىغا يىپەك پايپاق تارتىپ مەيدانغا كىرسە ئۇلار ھەممىنى قىلالايدۇ ، ئەڭ ئاددىيسى پايپاق تارتقان ئاياللار تىخىمۇ جەلىپكار كۆرىنىدۇ >> O7uCTB+  
دونكىخوتلارچە << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن . dh&> E  
fBv: TC%  
9.<<قارا قورساق>> - نىجىتا(伊基塔) woBx609Aak  
zR]!g|;f  
a_?b <  
Z*UV byC  
ئەگەر ئىنگىلاد بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە توپنى ئولومپىكنىڭ گىمناستىكا ماھىرلىرىدەك توسىمىغان بولسا ، ئەگەر 90 يىللىق دۇنيا لوڭقسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ۋارىتاردىن ھۇجۇمچىغا ئايلىنىپ مىلاغا نۇمۇر ئىلىش پۇرسىتى بەرمىگەن بولسا( ئەگەر مۇشۇ قىلىقىنى 94 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىشلەتكەن بولسا شەك-شۈھبىسىز ئىسكىنبا بىلەن بىرگە قارا جەمىيەتنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن بولاتتى) ، بىز بەلكىم نىجىتا دىگەن ئىسىمنى يادا ئالالمىغان بولاتتۇق . ۋارىتارلىق سالاھىيتى بىلەن نىجىتا كەسپى ھاياتىدا 30 دىن كۆپ توپ ئۇرغۇچى ، يەنە كىلىپ ھەمىشە ۋارىتارلىق سالىھىيتىنى ئۇنتۇپ قىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى ، زەھەر ئەتكەسچىلىك گوروھىغا مەخسەتلىك كىرگۈچى، باشقىدىن بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن ھۆسۈن تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلىغۇچى ، چەكلەنگەن دورا ئىستىمال قىلىنغانلىقتىن مۇسابىقىدىن توختالغۇچى ... ئۇنىڭ ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىشى بولسا زەھەر ئەتكەسچىلىرى تۇتىۋالغان بىر قىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئەتكەسچىلەر بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن ئالاقىلىلىشىپ ، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ 6 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغىنى بولسا كىرەك .( چۈنكى گەرچە ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ ، لىكىن كولومبىيە قانۇنىدا ئۇنىڭ قىلمىشى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ ) +`g&hO\W  
مەشھۇر سۆزى : << بۇنىڭ ھەممىسى مىنىڭ مىھرىبانلىقىمدىن بولغان ئىش ، ئەگەردە ھازىر يەنە بىرەيلەن قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولسا ئىككىلەنمەي قۇتقۇزىمەن ، مەن بىر پۇتبۇلچى ، تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش دىگىنىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن >> @|Yn~PwKs  
قاراملىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەن << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن m_@XoS yxI  
-GHd]7n  
10. چىملىقتىكى سىياسەتشۇناس - بىلىسكۇنىي (贝鲁斯科尼) c1jR j=\  
}zQgS8PQH  
OWT%XUW=  
kROIVO1|`  
دۇنيادا بەزىلەرنىڭ پۇلى بار ، بەزىلەرنىڭ ھوقوقى بار ، لىكىن پۇلى ھەم ھەقىقى ئەمىلىي ھوقوقى بارلار ھەقىقەتەن ئاز ئۇچىرايدۇ ، بىلىسكۇنى ئەنە شۇ ئاز ئۇچىرايدىغانلارنىڭ بىرسى(ياۋرۇپادىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرسى) . ئىتالىيە زۇڭلىسى ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىياسەتشۇناسلارنىڭ بىرسى دەپ بىلىدۇ ، ئەمىلىيەتمۇ ئۇنىڭ دىگىننىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلىدى ، مەيلى سىياسى مەيداندا بولسۇن ياكى چىم مەيداندا بولسۇن ئۇ بىر غەلبە قىلغۇچى ، ئەمما تىگى-تەكتىدىن ئىيتقاندا ئۇ بىر تەلۋە پۇتبۇل مەستانىسى ، بۇنىڭغا پاكىت تەلەپ قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نورماللىقىدىن گۇمانلانسا بولىدۇ . ئۇ 86 - يىلدىن باشلاپ مىلانغا ئىگە بولغان ، ھەتتا بىر قىتم مىلاننىڭ سەپ شەكلىدىن رازى بولماسلىقىدىن روسسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بولغان سۆزلۈشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن ، سەۋەبى ناھايتتى ئاددى شۇ مىلان پەقەت بىرلا ھۇجۇمچى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ، 2000-يىلدىكى دۆلەت كوماندا تىرىنىرى زوفنى ئاشكارە ئەيىپلەپ ( دۆلەت باشلىقىنىڭ كاماندا باشلىقىنى ئەيىپلىگىنىنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن) ، ئۇنى ئىستىپا بىرىشكە مەجبۇرلىغان. CE c(2q+%i  
بىلىسكۇنىينى ئەڭ ئالدىغا تىزىشىم ئۇنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىقى مىنى گاڭگىرتىپلا قويدى ، شۇڭا ئۇنى بىرىنجى ئورۇنغا تىزدىم . dM= &?g  
مەشھۇر سۆزى : << ھەممە ئادەم ساجىنىڭ مىلانى ، كاپىرونىڭ مىلانى ، ئەنچىرودىنىڭ مىلانى دىيىشنىلا بىلىدۇ ،ھىچقايسىسى بىلىسكۇنىنىڭ مىلانى دىيىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ >> X~D[CwA|`  
مەستانىلىكنى چىكىگە يەتكۈزگەن << ساراڭ >> لارنىڭ جۈملىسىدىن . !U m9ceK  
LSJ.pBl\X  
ماۋۇ تىمىغا ساق ئىككى كۈن ئىشلەپتىمەن ، ئەسلى تىمىنى ساتاي دىگەن ، لىكىن شۇ ساتمىساممۇ باشلىقلارنىڭ مۇكاپاتلاپ پۇل بىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم
[ بۇ يازما پورلى تەرىپىدىن 2009-04-14 16:37 قايتا تە ]
بۇ يازمىغا جەمئىي 4 پارچە باھا بېرىلدى |
intezar11 شۆھرەت +20 نادىر يازما !! 2008-07-15
baggio پۇل +50 ئىجادىي يازم .. 2008-07-15
پۇتبول تۆھپە +20 نادىر يازما 2008-07-15
شەمشاد تۆھپە +15 باشلىق بولدۇ .. 2008-07-15
پەقەت قىلىچلا ئەڭ ئادىل!
توردا يوقسەركە

يازمىسى : 2361
پۇل : 6
شۆھرەت : 2372
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 20
بەك جاپا چېكىپسىز!!
Fuck Uefalona
توردا يوقئامېرىكا

يازمىسى : 9895
پۇل : 305330
شۆھرەت : 12059
تۆھپە : 147
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 205
بىر لۇسكۇنى مىلاننىڭ خۇجاينى. ئىتالىيە زۇڭلىسى. ئىتالىيە سىلىتسىيە ئارىلدىكى قارا  قۇل  پارتىيىسىنىڭ كاتتىۋىشى . مەن بەك قايىل  بۇ ئادەمگە ...بۇنداق سىياسەتۋاز  كەم ئۇچرايدۇ  يەر شارىدا...
سۈيىمەن سىنى ئويغۇر....
توردا يوقزەردار

يازمىسى : 5456
پۇل : 637480
شۆھرەت : 5634
تۆھپە : 21
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
تېمىلارنىڭ ئەڭ نوچىسى بوپتىغۇ بۇ ، ?4R%z([X7  
رەخمەت قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . 9-T 
ئەڭ ئەڭ نادىر تېما ،مۇكاپات ئاز بولۇپ قاپتۇ باشقۇرغۇچى .بىزگە مۇشۇنداق نادىر تېمىلار كېرەك .
توردا بارfifa

يازمىسى : 1351
پۇل : 200001
شۆھرەت : 1451
تۆھپە : 100
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 200
ئاجايىپ ياخشى يىزىلغان تېما بوپتۇ. تەسىر قىلغان جۈملىدىن بىر ئىككىنى قەيت قىلىپ سۆزلەي دەپ ئويلىغان .ئۇنداق قىلسام تېمىنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈپ كۈچۈرۈپ ئەكەلسەم بولغۇدەك .ياقتى ماۋۇ تېما! w aniCE o  
========= e*'bY;8lo  
دونكىخوت پادىشاھ - بىرات X$==J St  
ئۇ يەنە ئىككى يىلدا بىر قىتىم دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزمەكچى ، چەك تارتىپ گورۇپپىغا ئايرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ، مەيداندا قائىدىگە خىلاپ توپ تارتىۋىلىش قىلمىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماقچى ، يان تەرەپكە چىقىپ كەتكەن توپنى پۇتتا باشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ، مۇسابىقىنى تۆت ھالقىغا بۆلۈپ ئالدىنقى ، كىينكى يىرىم مەيدان ئۇقۇمىنى يوقاتماقچى ، پۇتبۇلنىڭ دىئامىتىرىنى چوڭاتماقچى ...... hvTc( 0;mB  
========== ;sA 5&a>!  
ماۋۇنى راستىنلا ئۇشۇ ئويلاپ چىققان ئىشلارمۇ يا بىراتنىڭ بەزى قارارلىرىغا قارشى  توپ مەستانىلىرىنىڭ  تاپقان پارىڭىمۇ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان ئادەم ئۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمەس؟  aW:*!d#  
ئاخىرىدىكى سۆزلەردىن پىسخىكىسى نورمال ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ قالدىم بىراتنى 
توردا يوقئاتېللا

يازمىسى : 4709
پۇل : 301960
شۆھرەت : 3256
تۆھپە : 350
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 200
ئېسىل تېما.... :B_ itl0{e  
~gbq^  
رومارىئونىڭ ئۇنداق ساراڭلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن...   gY@$g  
ئايرۇپىلاننىڭ دېرىزە تەرىپىدە ئولتۇرشنى ياخشى كۆرىدىكەندە بۇ سەھرالىق...   
توردا يوقerfat
يازمىسى : 18
پۇل : 515018
شۆھرەت : 15
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 10
رەخمەت
توردا يوقبۇغرا

يازمىسى : 4313
پۇل : 539621
شۆھرەت : 2674
تۆھپە : 116
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 133
بىرات دېگەن بىر ساراڭ، ئۇنىڭغا قويۇپ بەرسە پۇتبولنىڭ يېڭى قائىدىلىرىگە يېتىشىپ بولالمايمىز.. i"~J -{d}  
WKib$(%f6  
پۇتبولنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى مۇشۇنداق <ساراڭ>لارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئېشىپ تۇرىدۇ...
توردا يوقئامېرىكا

يازمىسى : 9895
پۇل : 305330
شۆھرەت : 12059
تۆھپە : 147
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 205
بىرات  بىلەن پىلاتىنى ئىككىلىسى ئاجىز دۈلەتلەر ئاجىز  كۇلۇپلارغا  ياخشىچاق بۇلۇپ ئۈزىگە ئاۋاز  تۇپلاپ بۇ ھۇقۇقنى  قۇلغا ئىلۋالغان .....ئىككىلىسى ساراڭ  نىمىلەر  بۇلۇپمۇ ئاۋۇ  پىلاتىنى ...
سۈيىمەن سىنى ئويغۇر....
توردا يوقintezar11

يازمىسى : 5906
پۇل : 200168
شۆھرەت : 7329
تۆھپە : 341
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 155
مۇنبىرىمىزگە يىڭى ھاياتىي كۈچ قوشقان تىما بولۇپتۇ ، يارايسىز !!!
توردا يوقمۇئەللىم

يازمىسى : 2052
پۇل : 9440715
شۆھرەت : 1133
تۆھپە : 93
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 60
ۋاي ۋاي ۋاي ھەقىقەتەن نادىر تىما بۇپتۇ بۇ ، چاتاق يۇق سىزنى ئىككى مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلىدىم ئەمسە
توردا يوقdilhux

يازمىسى : 4363
پۇل : 303482
شۆھرەت : 3287
تۆھپە : 18
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 25
بىرات نى ساراڭ دىگەندىن كۆرە نان قىپى ، دۆت ، لەقۋا ، چوشقا ..... ۋاي بەك جىق ، ھەممىسىنى بىر بىردىن دەپ چىقساممۇ ئازلىق قىلىدىكەن ، مۇشۇنداق كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئادەمنى قانداقسىگە رەئىس قىپ قويىدىغاندۇ دەيمەن ، كىرىستىيان رونالدو نىمۇ «زامانىمىزدىكى قۇل» دەپ يۇرىدۇ ، توختام دىگەن نىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان لاقۋا قارا قوساق ، يۇقىردىكى تىمىدىنمۇ بىر قۇچاق دۆتلۈكلىرىنى بىلىۋالدۇق ، بۇ قانداقسىگە رەئىس بوپ يۇرىدۇ دەيمەن ، بەك بەك بەك بەك بەك بەك N قىتىم بەك دۆت نىمىكەن بۇ . `j'gt&  
تىما بەك پەيزى بوپتۇ .
تېز ئىنكاس يېزىش
180خەت بىلەن چەكلىنىدۇ
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى