بىرمۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيدان تارقىتىشتىن كۆرەلمىدىم ،تولىمۇ نەس باسقان بىر يىل بولدى. ئۆزىنى توپ مەستانىسى ھېساپلايدىغان مەندەك ساراڭغا بۇ راسلا قاتتىق ئەلەم بولدى. ئەسلىدە ئۆيگە بېرىپ بۇ ھەقتە قاتتىق بىلجىرلىماقچىدىم ، بىراق ئىنتاھان تۈگەپ بېلەت قىسلىقتىن بىكار ئىككى كۈن مۇشۇ يەردە ئۆتۈپ كىتىدىغان بولغاچقا مانا بۈگۈن جىجىلاپ باقسام بىر نەرسە چىقىدىغاندەك .....باشلايلى ،ئالدى بىلەن ئېنگىلاند:
H>CbMz1u ساراڭمىكىن دەپ قالدىڭلار ھە قاچان ،ياق ياق مەن ساق ، ئېنگىلاندنىڭ توپ مەستانىسى ھېساپلايمەن ئۆزۈمنى شۇڭا باشتا مۇشۇ ئىسىمگە كەلدى.
^
lHy)!&A ئېنگىلاند: 08گە قاتنىشالماي ئۆزنى شۇنداقلا توپ مەستانىلىرىنى ئېغىر ئەلەمگە قويدى . قانداق قىلىمىز ؟ سەۋەپنى تېرنىرغا ئارتايلىمۇ ياكى ۋارتارغىمۇ ؟؟ بولدى ، جۇڭگۇچە تەپەككۇر يولىدىن يېنىپ سۆزلەپ باقايلى ، ھەممە سەۋەپ ئۆزىمىزدە . جىق سۆزلەپ كەتتۇق ،08گە قاتنىشش شەرىپىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ھەققدە بىلجىرلاشنى باشلىدۇق. مۇسابىقىلەرنى تۇلۇق كۆرمىگەچكە چۈشۈنچە يۈزەكى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن . توغرا چۈشىنىسىلەر بەلكىم.............
OS z71;j ساھىپخان كوماندا ئاۋىستىرىيە -شىۋىتسارىيە:
<8:h%%$? ساھىپخانلىقىنى ياخشى قىلدى . ھەممىمىز شۇنداق قارايمىزكى (مۇنبەردىكى):بۇ ئىككى كوماندىنىڭ 3مەيدان مۇسابىقە بىلەن چەكلىنىشى ئىنتايىن توغرا ، ئاقىلانە يول بولدى دەپ قارايمىز!
RrMEDMhk6 چېخ:
C8-7XQ=B:b قوللىغۇچىلىرى خېلى كۆپ ،شۇنداقلا مۇسابىقىدىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىدۇ دەپ قارالغان كوماندا . تۇنجى مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆزىگىمۇ خېلە ئىشەنگەن . بىراق ئارقا -ئارقىدىن ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇش ئۇلارنى ھەسىرەتتە قالدۇرۇپ كەتتى. بۇلارنى شاللىغۇچى كوماندا ھەممىمىزنىڭ يۈكسەك ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن تۈركىيە كوماندىسى .. شۇڭا شاللىغۇچى كوماندا تۈركىيەگە باشقىچە پىكىرلىرىمىز يوق . باشقا كوماندا بولغان بولسا چۇقۇم نۇرغۇن ئادەمنىڭ قاغۇشىغا قالغان بۇلاتتى .
^ }7O|Y7 پولشا:
q/ljH_- 3 مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ بۇلۇپ قايتىش ھەممىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان نەتىجە!
pkn^K+
رومىنىيە: I\mF dE
ئالدىنقى ئىككى مەيداندا 2006-يىللىق دۇنيا چىمپىيۇنى ئىتالىيە بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى تالاشقۇچى فىرانسىيە كوماندىلىرى بىلەن تەڭلىشىپ گۇرۇپپىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئۇنسۇر . . . . .ئاخىرىدا «دېڭىز قاراقچىلىرى» تەرپىدىن شاللىنىپ كەتتى. بۇلارنىڭ گۇرۇپپىنى قالايمىقان قىلغىنىنىڭ ئۆزى يىتىپ ئاشىدۇ. zy,SL
|6:
فىرانسىيە: t7]j6>MK3q
2006-يىلى 2-بۇلۇپ قالغان بۇ كوماندا شۇنداقلا كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرى 2-لىككە ئىزچىق قايىل بولماي كەلگەن . بۇ يەردە قانداقتۇر فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ سۆككەنلىك ئەمەس ، بىراق زىدانىدىن ئايرىلغان بۇ كوماندىنىڭ بۇرۇنقى فىرانسىيە كوماندىسى ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ . شەخسەن ئۆزۈم فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمدىكى نەتىجىسىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ..خوش بولدى . 3مەيدان مۇسابىقىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدىڭ. 98-ۋە 2000-يىللىرىدىكى زەردارلىقىڭنى بالدۇراق تېپىپ پۇتبول مەيدانىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىڭغا تىلەكداشمىز!! q94;x|63
شىۋىتسىيە: g{'f%bkG
توۋا دەيمەن، ماقۇل ئىسپانىيە كوماندىسىغائۇتتۇرغىنىنى توغرا چۈشىنەيلى ، بىراق ئاخىرىغا بارغاندا روسيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن چىقالمىغانلىقى خېلى كۆپ تالاش -تارتىش چىقاردى. بۇ كوماندىنىمۇ بەك ناچار ئوينىدى دەپ قارىمايمىز! لىكىن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدىغۇ تاڭ 2008 -يىل................ 9B0ON*`
گىرىتسىيە:
GLf!i1Z
04-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا گىرىتسىيە رىۋايىتىنى يەنە بىر قېتىم بىزلەرگە تونۇتقان ، بىراق بۇ قېتىم «رىۋايەت»قايتا تەكرارلانمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز پەرەز قىلغان . بۇمۇ 3مەيدان مۇسابىقە بىلەن سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى . تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئەڭ ئاخىرقى ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تېرنىرنىڭ «بىز ئۇتتۇردۇق ،بىراق ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا توپ سولىمىساق گىرىتسىيە خەلىقىگە يۈز كىلەلمەيمىز »دەپ ئىرادە بىلدۈرۈپ شۇنداقلا دىگىنىنى قىلىپ بىزگە «گىرىتسىيە رىۋايىتى»دىكى «كۈچتۈڭگۈر»نىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. سىلەرگىمۇ رەھمەت. H!IVbL`a{
8كۈچلۈكتە شاللانغانلار: w ,j*I7V
پورتىگالىيە: @62,.\F
نىمە دىسەك بولار ، مۇنبەردىكى رونالدو مەستانىلىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ يىغلاتتىڭ . 04-يىلدىن باشلاپ كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بۇ كوماندا ھەر قايسى خەلىقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە 8كۈچلۈك ،4كۈچلۈكنىڭ دائىملىق مېھمانى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئامىرىكا قىتئەسىدىكى بىرازىلىيە 2002-يىلى گىرمانىيەنى ئۇتقان ئىدى. «ياۋروپادىكى بىرازىلىيە» دەپ ئاتالغان بۇ كوماندا دەل شۇ گىرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇردى . قارىغاندا سەن تېخى كىچىك . خۇددى رونالدودەكلا.... 3F;C{P!
بىراق شۇنىڭغا كۆز يۇممايمىزكى: چىرايلىق ئوينىدى . لىكىن بالدۇر شاللىنىپ كىتىپ قالدى . بوپتۇ ، ياشلارغا تەجىربە دىگەن شۇنداق يىقىلىپ يۈرۈپ توپلىنىدۇ.سىكىلارى كەتكەندىن كىيىنمۇ ئاشۇ بويىنچە تەرەققى قىلىپ كەتكىن . gv`_+E{P
كىرودىيە: l 2Sar1~1
دەل تۈركىيە سىنى شاللىدى . بىراق سەنمۇ چىرايلىق ئوينىغان .(ئۇنداق دىگەن بىلەن ئېنگىلادنى شاللاپ بەك ئەلەمدە قويغان ئىدىڭ . خوپ بولدى دەيمۇ؟ ياق ، پۇتبولنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردىڭ . بىراق شاللانغانلىقىڭدىن مەن يەنىلا خۇشال . تۈركىيەنى شاللىغان بولساڭ تېخىمۇ ئۆچمەنلىكىمنى ياق ياق ئۆچمەنلىكىمىزنى قوزغاپ قويىشىڭ مۇمكىن ئىدى . ) j}u L
گوللاندىيە: $'V^_|EL7
ماۋۇ بالىنىڭ شاللىنىپ كەتكىنى بىزدەك باشقا يەرنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭمۇ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ قويدى ، گوللاندىيە مەستانىلىرى قانچە بۇلۇپ كەتكەنسىلەر ..ئەزەلدىن«ھالاكەت گۇرۇپپىسى»نىڭ دائىملىق مىھمانى بۇلۇپ كىلىۋاتقان بۇ كوماندا بۇ قېتىم يەنە شۇنداق بولدى ،بىراق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىكى ئىپادىسى ئادەمنى شۇنداق ھەيران قالدۇرىدىكى ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيەدەك ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىمۇ يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ ئىككى كوماندىنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئوسال ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويدى . يەنە كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا رومىنىيەنى ئۇتۇپ ئىتالىيەنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىغا ياردەم قىلغان بولدى ،ئەڭ مۇھىمى پۇتبولنىڭ ھەقىقى «سېھرى كۈچ»نى نامايەن قىلدى .بىراق ئاخىرىدا روسلار تەرپىدىن تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا شاللاندىكى ھەممىمىز مۇسابىقىنىڭ يېرىمى تۈگىگەندەكلا ھېس قىلىپ كەتتۇق . ئەسلىدە يەنە بىر ئىككى قەدەم ئالالىغان بولساڭمۇ بىزلەر رازىتۇق . «خاسىيەتلىك تېرنىر» سىلەرنى «ئېزىتقۇ» ئىچىگە تاشلىۋەتتى. خوش . 2010-يىل كۆرۈشۈش نىسىپ بۇلۇپ قالار. "L~Oj&AN[
ئىتالىيە: u !BU^@ P
نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ قويۇپ كىتىپ قالدىڭ . يامان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىتالىيە مەستانىلىرى كۆتىرىدىغان بولدى مانا . لىكىن شۇنداق دەپ ئېيتىمىزكى :ئىتالىيە ھەرگىزمۇ ئۇنچىۋالا ناچار ئوينىمىدى .گەرچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ بىراق ئاستا -ئاستا قىززىش خارەكتىرىگە ماس ھالدا خېلى قىززىغان ئىدى ، بىراق تەلەي باشقىلارغا پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى . بۇ قېتىملىق چىمپىيۇن بىلەن ئۇنىڭ پەرقى پەقەت ۋە پەقەت {تەلەي} بۇلۇپ قالدى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىسپانىيەنى 90مىنۇت ئىچىدە بىردىن -بىر 0نۇمۇردا قالدۇرۇپ قويغۇچى ..2006نىڭ ھەقىقى چىمپىيۇنى دىسەك بولىۋىرىدۇ...«كۆك قوشۇن»سەنمۇ جىق تىرىشتىڭ . لىكىن بەزىدە تەلەيمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بەلگىلىۋىتىدۇ . ئامال يوق . تەن بەرگىن . t
4كۈچلۈكتىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە: lq9|tt6Z
تۈركىيە: AY52j
ھازىرمۇ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ يىزىۋاتىمەن : تۈرك ئەزىمەتلىرىنىڭ ،ھەقىقى ئوغۇلنىڭ جاسارىتىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتتىڭ . سىنىڭ شۆھرىتىڭدىن بىز پەخىرلەندۇق .مۆجىزىلىكىڭ، قورقماس ،بوشاشماس ئىرادەك بىزلەرنى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلدى . مۆجىزىلىكىڭ بىلەن رەقىپلەرنى يەر چىشلەتكەن ئىدىڭ ، بىراق ئاخىرىدا مۆجىزە باشقىلارغا قاراپ كۈلۈپ سالدى . ئارزۇ -ھەۋەسلەرنى يۈكلەپ مىڭىپ شۇ يەرگىچە باردىڭ . بۇنىڭدىن قاتتىق ئېچىنساقمۇ بىراق بىز سىنىڭدىن قەتئى رازى . رەھمەت . بىزلەرنى شۇنداق مۆجىزىلەردىن بەھرىمان قىلدۇرغىنىڭغا رەھمەت. 2010-يىلى سىنى قايتا كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ ئۈمۈدى . ئارقىڭغا قارىماي ئىلگىرلە . شاھلىق تەختى ساڭىمۇ يارىشىدۇ........ & N.]8x5A
روسىيە:
Xf{ht%b
پەقەتلا ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق . ئىچىم ئېلىشىدۇ . پۈتۈن مۇسابىقىنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋەتتى . ئەسلىدە بالدۇرلا ئۆيگە قايتىدىغاننىڭ بىرسى ئىدىڭ .ھېلىمۇ جىق ماڭدىڭ . مۇشۇنىڭ ئۆزى ساڭا يىتەرلىك . مۇشۇ نەتىجەڭنى قۇچاقلاپ توختاپ قالغىن . (جىق يىزىپ سالدىم سەن توغۇرلۇق) YkF52_^_
ئەلەمنىڭ چوڭىغا قالغانلار: uNf97*~_
گىرمانىيە: ]ONBr(M\
گوللاندىيەنى ئەلەمدە قالدى دەيمىز . ئەلەمنىڭ چوڭىنى تارتقىنى يەنىلا گىرمانىيە بولدى. قاراپ تۇرۇپ كۆز ئالدىدىكى لوڭقىنى باشقىلارغا بەردى . كۆز كۆرمىسە ياخشى ، بىراق ماندا بولسا دەرتنىڭ ئېغىرى تىگىدىغىنى راسىت. مۇشۇنى ئالغان بولساڭ 4 -قېتىم لوڭقا كۆتۈرگەن بولاتتىڭ . 5-قېتىملىققا پەقەت بىر قەدەملا قالغان بۇلاتتى . بىراق يەنە ساقلايدىغان بولدۇڭ .ھېلىمۇ خىلى كۈچىدىڭ . N{H#j6QW
44يىل ساقلاپ خۇشاللىقتىن قايتا بەھرىمان بولغۇچى: s\ e b
چىمپىيۇن ئىسپانىيە: d)kOW!5\
باشقا تالاش -تارتىش يوق . پۈتۈن سەپ بويىنچە «بەش» بارماقنىڭ «باش» بارمىقىدەكلا ئوينىدى .زادى مۇشۇ «خورازدىكى خو»نى ئېلىشقا لايىق . ئارقا مۇداپىيدە پۇيۇلدىن باشقا ئىشەنچىلىك بېكتىن بىرنى تېپىۋالسا بولدى ئوتتۇرا ئالدى مەيداندا قەتئى مەسىلە يوق دىسەك بولىدۇ . (ئۇنۇڭسىزمىغۇ كاسىلىياس تامدەك تۇرىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ)..... 89UR w9
ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن باشقا مۇسابىقىلەردە ھەقىقى سەۋىيە بىلەن رەقىپلىرىنى سۈپۈرۈپ ماڭدى . ئويناش ئۇسۇلى ، تاكتىكا ، ماھارەت ،تەمكىنلىك ،ماسلىشىشچانلىق جەھەتلەردە توسىۋالغۇسىز بۇلۇپ كىتىپتۇ دەپ قارىدىم . مۇشۇ بوينچە ماڭسا كەلگۈسى 5يىل مۇشۇلارنىڭ بۇلۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن 44يىل ساقلاپ لوڭقىنى قايتا كۆتۈردى . بۇلار بېرىپ قانچىلىك تەبىرىكلىسە يارىشىدۇ ،چۈنكى بۇلار شۇنىڭغا لايىق ئوينىدى . qRL45[ K
ئۇزۇن بولغان ئىنتاھان مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگە دەسسەپ باقمىغىلى . بۈگۈن كىرىپلا قالايمىقان يىزىپ كەتتىم . مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقە جەۋھىرىنى كۆرۈش بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن پىكىر يولىدا نۇرغۇن خاتالىقلار مەۋجۇت . شۇڭا بىلجىرلايمەن دەپلا يىزىۋەتتىم .توغرا چۈشەنگەيسىلەر ... بىرگە بىلجىرلايدىغانلار بولسا قارشى ئالىمىز!!! .UYhj8
{wD:!\5
----- fifa ----- [ بۇ يازما fifa تەرىپىدىن 2008-07-01 20:27 قايتا تەھ ]