نېمىشقا ھەر قېتىم مۇشۇنداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندۇ دەيمەن؟
N4]6LA6x6 2002-يىلىمۇ ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولۇپ ئۇتتۇرۋەتتى ، 2004-يىلى بولسا گۇرپىدا چېخقا ئۇتتۇرۋىتىپ شاللىنىپ قالدى . 2006-يىلى تۆت كۈچلۈككە كىرىپ بولۇپ يەنە شاللىنىپ قالدى . ئەمدىلىكتە ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ ...
?-v?SN# ئاخشام مۇسابىقىگە بىر سائەت قالغاندا ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئويلىسام ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتىمەن ، 2006-يىلىمۇ ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇسبىقىدە ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشتۇرشى بىلەن مۇسابىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم . ئەتىسى ئەتىگەندە تېلۋىزورنى ئاچسام ئىتالىيەلىكلەرنىڭ سەكرەپ تۇرغان، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالىتىنى كۆردۈم .
<VsZ$ بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . كوردىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ بەرىبىر ئۇتىدىغۇ دەپ كۆرمەپتىمەن . ئەتىسى مۇنبەرگە كىرىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . مۇسابىقىنى توردىن چۈشۈرۈپ قايتىدىن كۆرۈپ چىققان ئىدىم . ئەمدىلىكتە ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىنى كۆرەلمىدىم . يەنە كونا كىسىلى قوزغۇلۇپ ئۇتتۇرۇپ يۈرۈپتۇ . دائىم مەن دەل ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن ۋاقىتتىلا ئۇتتۇرۋىتىدىكەن ....
}Ec"& ھەي ، ئۆزۈڭلار ئامراق بىر كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرەلمەي ئەتىسى ئۇنىڭ ئۇتتۇرۋەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىساڭلار تولىمۇ ئازابلىنىپ كىتىدىكەنسىلەر . زادى ھازىرقى گېرمانىيە 1980~1990 يىللاردىكى گېرمانىيەدەك كۈچلۈك ئەمەسمىدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە ، 15يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى . لوڭقىنىڭ يېنىدىن سۈركۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ . بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرسە ئادەمنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن .
5<
nK.i, مەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە گېرمانىيەگە بەك ئىشەنچ قىلغان ئىدىم . 2006-يىلى ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ياش ، قابىلىيەتلىك . ئەمما بىرلا كەم نەرسە ئۇلاردا تەجىربە كەمچىلىك ئىدى . 2008-يىلى بۇلارنىڭ بۈركۈتتەك ۋاقتى بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .
+}'K6x_ باشقا كوماندىلارنىڭ نەتىجىسى ئۆزگۈرۈپ تۇرسا ( بىر مۇسابىقىدە چىمپىيون بولسا يەنە باشقا مۇسابىقىدە گۇرپىدىن چىقالمايدىغان ) گېرمانىيەنىڭ نەتىجىسى بىرخىللا بولىدىكەن . دائىم تۆت كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ . ئەمما لوڭقىغا ئېرىشەلمەيدۇ .
co-D,o4x گېرمانىيە ئۇتىدۇ دەپ خەلقئالەمگە يېيىۋىتىپتىكەنمەن .
