[ 163 تەنتەربىيىسىدىن ئۆرىگۈچى : زۇلال ]
59Lc-JJ ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق تاراتقۇسى ( 媒体 ) « ماركا گېزىتى » ( 马卡报 ) پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ ، « ئەگەر ئىسپانىيە بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئەللىرى لوڭقىسىغا ئېرىشەلىسە ، چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن توپ مەستانىلىرىگە فوتو ئاپاراتىدىن 20نى سوۋغا قىلىدۇ »غانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئۇلارنىڭ تور بېتىدە مۇنداق يېزىلغان : « مەن _ ئىسپانىيەنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ماركا گېزىتى ۋە ئىسپانىيە توپ مەستانىلىرى ئالدىدا شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى ، ئەگەر ئىسپانىيە كوماندىسى بۇ قېتىملىق ياۋروپا ئەللىرى لوڭقىسىغا ئېرىشەلىسە ، مەن ھەممە چېچىمنى چۈشۈرۈۋېتىمەن ! »
Sf*1Z~P| « ماركا گېزىتى »نىڭ بۇ تەشەببۇسى زور داغدۇغا قوزغاپ ، مۇشۇ سەيشەنبە كۈنىگىچە ئون مىڭدىن ئارتۇق توپ مەستانىسى بۇ قەسەمياتقا ئىمزا قويغان .
cYmgJBG « ماركا گېزىتى »نىڭ تور بېتىدە يەنە بىر پارچە سۈرەتمۇ قوشۇپ چىقىرىلغان : بۇ سۈرەتتە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ قىزىل - سېرىق ئارىلاش مايكىسىنى كىيگەن تاقىرباش توپ مەستانىلىرى ئىككى قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ تۇرغان ، سۈرەتكە « ئىسپانىيە كوماندىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا موھتاج . ئەگەر سىز ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ يېڭىشىگە ئىشەنسىڭىز ، كېلىڭ ، سىزمۇ چېچىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىڭ » دەپ ئىزاھات بېرىلگەن .
)iX2r
{ ئىسپانىيە كوماندىسى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى قاپقىچى كاسىللاسنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتالىيەنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىردى ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر روسىيە كوماندىسى تۇرۇپتۇ ، 44 يىل بۇرۇنقى ياۋروپا ئوزغۇنى يەنە شۇ شان - شەرەپكە ئېرىشەلەمدۇ - يوق ؟ پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 12دىن 45تە كۆرۈشەيلى !
CKI.\o w)N~u% خەۋەر مەنبەسى :
http://euro2008.163.com/08/0625/16/4FA0QUQ100052M2O.html