زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بەش كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل مۇسابىقە 80-يىللارنىڭ بېشىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، مۇسابقىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئاز ، مۇسابىقە رېتىمى تېز ، تىركىشى كەسكىن بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بارغانسېرى ئوموملىشىپ ، نۇرغۇن كىشلارنىڭ ياقتۇرشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە . بولۇپمۇ قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق رايۇنلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ . ئاپتونۇم رايونىمىزدا بۇ خىل مۇسابىقە 1996-يىلى قەشقەردە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇپ ، ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ يىللىق مۇسابىقە پات ئارىدا باشلىنىدىغان بولۇپ ، قەشقەر سەلكىن كوماندىسى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشماقچى . تۆۋەندە زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقە قائىدىللىرىدىن بىلدىغانلىرىمنى تورداشلارنىڭ پايدىلنىشىغا سۇنماقچىمەن ، تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
{sB-"NR`K 1-مۇسابىقە مەيدانى :
sryA(V
زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقە مەيدانى ئادەتتە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلىدىغان تەنتەربىيە سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ .
&Qda| ئۇزۇنلىقى 26-مىتىردىن 30مىتىرغىچە ، كەڭلىكى 14مىتىردىن 18مىتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . مەيدان چوڭ مۇسابىقىگە ئوخشاشلا ئالدىنقى مەيدان چوڭ مۇسابىقىگە ئوخشاشلا ئالدىنقى مەيدان ، كىيىنكى مەيدانغا ئايرىلىپ ، ئوتتىرىدىن ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، توپ باشلاش چەمبىرىكىنىڭ دىئامىتىرى 3مىتىردىن بولىدۇ . ۋاراتارنىڭ ئىگىزلىكى 2مىتىردىن ، كەڭلىكى 3مىتىغىچە بولۇپ ، ۋاراتار ياغىچى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ . ۋاراتارنىڭ ئىككى ياغىچىدىن ئىككى تەرەپكە 6مىتىرلىق ئورۇنغا بۇقتا بىكىتىلىپ ، بۇ ئىككى نۇقتا ياي شەكلىدە تۇتاشتۇرۇلۇپ ، ۋاراتار رايۇنى ياسىلىدۇ ، بۇ ھەم چەكلەنگەن رايۇن بولىدۇ . ۋاراتارغا قارىغۇچ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ھەركەت قىلىدۇ . چەكلەنگەن رايۇننىڭ رولى چوڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ . نۇقتا توپ ئورنى بىلەن ۋاراتار ئارلىقى 6مىتىر بولىدۇ .
aWimg6q 2-مۇسابىقە توپى :
IWi0? V مۇسابىقە ئايىقى زال ئىچىدە ئۆلچەملىك 4-نۇمۇرلۇق توپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ ، يەل بېرىلگەندىكى ئېغىرلىقى 400گىرام ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . زال ئىچى مۇسابىقىسىدە پۇتبول ئايىقى كىيىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ . چوقۇم سىيرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رېزىنكە چەملىك يۇمشاق ئاياق كىيىشى كىرەك .
p*jU)@a0 3-تەنھەركەتچى :
`:Wyw<^ ھەربىر كوماندىدا 5تىن ئادەم مەيدانغا چۈشىدىغان بولۇپ ، ئىچىدە چوقۇم بىر نەپەر ۋاراتار بولىشى كېرەك . زاپاس ئەزا سانى 5تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم . ئادەم ئالماشتۇرۇشقا چەك قويۇلمايدۇ ، ھەم ئادەم ئالماشتۇرغاندا مۇسابىقە تۇختىتش ھاجەتسىز ، توپ ئوينىلىۋاتقان ھالەتتىمۇ ئادەم ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ . لىكىن ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەزا يادەمچى رېپىرنىڭ تەكشۈرشىدىن ئۆتۈشى ، بەلگىلەنگەن ئورۇندىن مەيدانغا كىرىشى كېرەك ، بولمىسا سېرىق تاختا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ .
He-Ja 4-رېپىر :
\ +-hn زال ئىچىدە ئورۇندىن ھالقىش رۇخسەت قىلىنغان بولغاچقا ، يان رېپىر قۇيۇش ھاجەتسىز ، زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەمئىي 3نەپەر رېپىر بولۇپ ، 2نەپەر رېپىر مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىن تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ ، بۇ قائىدە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاپ كىتىدۇ . ئىچىدە بىر نەپەر باش رېپىر بولۇپ ، ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە . 3-رېپىر ۋاقىت ھېسابلاش ، ئادەم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ .
^npS==Y]!. 5-مۇسابىقە ۋاقتى :
EJ;0ypbG زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسى ئوخشاشلا ئادىنقى يېرىم مەيدان ، كىيىنكى يېرىم مەيدان دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ .
UEQ'D9 ھەربىر مەيدان ۋاقتى 30مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ . مۇسابىقە داۋامىدا تەنھەركەتچىلار ئارام ئالمايلا مەيدان ئالمىشىدۇ . تەڭلىشىپ قالسا نۇقتا توپ تىپىشىدۇ .
\R>5F\ 0 6-مۇسابىقە قائىدىللىرى :
<Dj$0g توپ ئوتتىرا مەيداندىكى چەمبەردىن باشلىنىدۇ . چوڭ مەيدان بىلەن ئوخشاشمايدىغان جايلىرى تۆۋەندىكىچە :
f'`nx;@X ۋاراتار رايۇنىدىن باشلانغان توپ ياكى ئىختىيارى توپ ھېچكىمگە تەگمەي تۇرۇپ يېرىم مەيداندىن ئۆتۈپ كىتىشكە بولمايدۇ . ئۆتۈپ كەتسە قارشى تەرەپ ئوتترا مەيدان سىزىقىدىن يان توپ باشلاپ مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرلىدۇ . ھەرقانداق توپ چوقۇم 4سىكۇنىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك . بولمىسا قارشى تەرەپ توپ باشلايدۇ ، يان سىزىقتىن چىقىپ كەتكەن توپ چوقۇم پۇت بىلەن باشلىنىدۇ ، يان سىزىقتىن باشلانغان توپ بىلەن بىۋاستە نۇمۇر ئېلىشقا بولىدۇ ، قول بىلەن بىۋاستە نۇمۇر ئېلىشقا بولىدۇ ، قول بىلەن تاشلاشقا بولمايدۇ . قىزىل كارتا بىلەن جازالانغان تەنھەركەتچىنىڭ ئورنىغا 1مىنۇتتىن كىيىن باشقا ئەزا ئالماشتۇرسا بولىدۇ ، لىكىن ئۆزى شۇ مەيداندا قايتا مەيدانغا چۈشۈشكە بولمايدۇ . ئۆتكەن يىلى يېڭى چىقىرىلغان قائىدە بويىچە ، مەلۇم كوماندىلارنىڭ كوللېكتىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى 6قېتىمغا يەتسە ، قارشى تەرەپ ۋاراتارسىدىن 8مىتىر يىراق ئارلىقتىن بىۋاستە ئىختىيارى توپ جازاسى تىپىش ھوقوقى بېرىلىدۇ . بۇ توپنى توراشقا بولمايدۇ ، ھەر بىر يرىم مەيداندا ھەر بىر كوماندىنىڭ بىر قېتىمدىن ۋاقىتلىق توختۇشۇت تەلەپ قىلىش ھوقوقى بولىدۇ . ۋاقىتلىق توختۇتىش ۋاقتى 1مىنۇت بولىدۇ ، مۇسابقە ۋاقتىدا توپ تورۇستىن باشقا جىسىم بىلەن ئۇچراسسا ، شۇ جىسىم ئۇدۇلىدىن مەيدان تالاشما بېرىلىپ ، مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرلىدۇ .
.Uh
BvHH بۇ تېمىنى پۇتبول مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40-كۈنىگە تەقدىم قىلدىم !
[T[9*6
Kt ]Ic?:lKN ئەسلى يوللىغۇچى : ھۆكۈمران
[ بۇ يازما zidane تەرپىدىن 2007-08-10 ]