سىز بۇ تېمىنىڭ 5083 - ئوقۇرمىنى
تېما: پۇتبول مۇسابىقە قائىدىللىرى !
پۇتبولسىز كۈنلەر ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 612
جەۋھەر: 15
يازما: 4080
شۆھرەت: 10592 نۇمۇر
پۇل: 1000009 سوم
تۆھپە: 519 نۇمۇر
ياخشى باھا: 279 نۇمۇر
توردا: 871(سائەت)
تىزىملاش: 2007-08-18
ئاخىرقى: 2012-05-23
0  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-03 22:56

پۇتبول مۇسابىقە قائىدىللىرى !

پۇتبول مۇسابىقە قائىدىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى رېپىر ، تەھەركەتچىلەر تېرنىرلار ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بەلگىلمىلەرنى كۆرسىتىدۇ . تۆۋەندە پۇتبول مەستانىللىرىنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن ، پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىنچىكە قائىدىللىرىنى تاللاپ تورداشلارغا تەقدىم قىلماقچىمەن: [U@ ;EeS  
1-مۇسابىقە مەيدانى ,:6.Gi)|  
    مۇسابىقە مەيدانى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىكىتكەن ئۆلچىمى بويىچە ، كەڭلىكى 64مىتىردىن 75مىتىرغىچە ، ئۇزۇنلىقى 100مىتىردىن 110مىتىغىچە بولسا بولىدۇ . 400مىتىرلىق يىنىك ئاتلىتكا مەيدانى ئىچىگە كەڭلىكى 68مىتىرلىق ، ئۇزۇنلىقى 104مىتىرلىق مەيدان ئورۇنلاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ . مۇسابىقە مەيدانىنىڭ چىگرا سىزىقلىرىنى مەيدان يۈزى بىلەن تەكشى سىزىش لازىم ، ئۆلچەملىك مەيدانغا سىزىلغان سىزىقنىڭ كەڭلىكى 12سانتىمىتىرلىق بولىدۇ .   P/,ezVb =  
ئۆلچەملىك ۋاراتارنىڭ كەڭلىكى 7.32مىتىر ، ئىگىزلىكى 2.44مىتىر بولىدۇ . ۋاراتار ياغىچىنىڭ دىئامىتىرى 12سانتىمىتىر بولىدۇ . مۇسابىقە مەيدانى ئالدى مەيدان ۋە ئارقا مەيدان دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ ، مەلۇم بىر تەرەپتىكى ئالدى مەيدان قارشى تەرەپنىڭ ئارقا مەيدانى بولىدۇ . ھەر ئىككى مەيدانغا چەكلەنگەن رايۇن ۋە ۋاراتار رايونى سىزىلىدۇ . U7xKu75G1  
چەكلەنگەن رايۇن : SNrX(V::z  
ۋاراتنىڭ 2تۈرىكىنىڭ ئىچىدىن ھېسابلاپ ، ئىككى تەرەپكە 16.5 مىتىر ئارلىقتىن بىر نۇقتا بەلگىلىنىدۇ ، شۇ نۇقتىدىن مەيدان ئىچىگە قاراپ 16.5مىتىر پاراللىل سىزىق سىزىلىپ ، بۇ ئىككى سىىزىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ، چەكلەنگەن رايۇن ياسىلىدۇ . چەكلەنگەن رايۇننىڭ رولى ھەققىدە توختالمىساقمۇ بولار ؟ :4x&B^,53  
ۋاراتار رايۇنى : 7? ] wAH89  
ۋاراتارنىڭ 2تۈرىكىنىڭ ئىچىدىن ھىسابلاپ ، ئىككى تەرەپكە 5.5مىتىر ئارلىقتا بىر نۇقتا بەلگىلىنىدۇ ، شۇ نۇقتىدىن مەيدان ئىچىگە قاراپ 5.5مىتىر پاراللىل سىزىق سىزىلىپ ، بۇ ئىككى سىزىق تۇتاشتۇرلۇپ ، ۋاراتار مۇشۇ رايۇنىدا مۇۋاپىق ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ ، قارشى تەرەپ تۆۋەن سىزىقتىن چىقىرۋەتكەن توپلار چوقۇم مۇشۇ رايۇن ئىچىدىن تىپىپ چىقىرىلىپ ، مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرلىدۇ . bC,SE*F\  
بۇلۇڭ توپ رايۇنى : FPkig`(3  
مەيداننىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يان سىزىق بىلەن توغرا سىزىق كىسىشكەن جايىنى مەركەز قىلىپ دىئامىتىر 1مىتىر زەمبەر سىزىلىپ ، (مەيداننىڭ سىرتىغا تەۋە قىسمى سىزىلمايدۇ ) بۇلۇڭ توپ رايۇنى ھاسىل بولىدۇ . asL!@YE  
چەكلەنگەن رايۇن يايى سىزىقى : *fp4u_:`  
نۇقتا توپ چىكىتىدىن رادىئوسى 9.15مىتىر چەمبەر سىزىلىپ ، چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى سىرتىدىكى قىسمى قالدۇرلىدۇ (سىزىق ئىچىدىكى قىسمى سىزىلمايدۇ ) بۇنىڭ سەۋەبى : (AT)w/  
تەنھەركەتچىلەر جازا توپ ئىجرا قىلغاندا قارشى تەرەپ ئەزالىرى ۋە باشقا ئەزالار چوقۇم توپتىن 9.15 مىتىر يىراق تۇرشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن ، نۇقتا توپ چىكىتى بىلەن چەكلەنگەن رايۇن سىزىقىنىڭ ئارلىقى 9.15 مىتىر كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، يايى سىزىقى سىزىلىدۇ . 9=9R"X>L  
مەيدان ھەقىقىدە مۇشۇنچىلىك توختىلايلى . yJ2A!id  
2-مۇسابىقە توپى : {W%/?d9m  
     مۇسابىقە توپى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىردىن بىر زۆرۈر شەرت . خەلىقئارا مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىدىغان توپ 5-نۇمۇرلۇق ئۆلچەملىك توپ بولۇپ ، يەل بېرىلگەندىكى ئېغىرلىقى 396~453گىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . رەسمى مۇسابىقىلەردە چوقۇم 2دىن ئارتۇق توپ تەييارلانغان بولىشى كېرەك . Q32GI,M%B  
3-تەنھەركەتچى / jN &VpDG  
    رەسمى مۇسابىقىلەردە مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلاردىن 11نەپەردىن تەنھەركەتچى بولىدۇ ، چوقۇم بىر نەپەر ۋاراتار بولىشى كىرەك ، مەلۇم بىر تەرەپ ۋارات قويماي مۇسابىقىلىشنى تەلەپ قىلسا،  رېپىر چوقۇم قوشۇلماسلىقى لازىم . زاپاس قىلسا سانى 5نەپەردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، زاپاس ئەزا چوقۇم ئەزا تىزىملىكىدە بولىشى كىرەك ، بولمىسا زاپاس ئەزا دىيىشكە بولمايدۇ ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە ئالماشتۇرۇلىدىغان تەنھەركەتچى 3نەپەردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم . باشقا دوسلۇق مۇسابىقىللىرى ۋە دۆلەت ئىچى مۇسابىقىللىرىدە ئادەم ئالماشتۇرۇش سانىنى شۇ جايىدا پۇتۈولچىلار بىرلەشمىسى كىڭىيىشىپ بىكىتسە بولىدۇ ، قىزىل كارتا جازاسى بىلەن چىقىرۋىتىلگەن ئەزانىڭ ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئەگەر مەلۇم بىر تەنھەركەتچى مۇسابىقە رەسمى باشلىنىشتىن بۇرۇن جازالىنىپ ، قىزىل تاختا جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ . 3gz4c1 s^:  
4-رېپىر : fYzZW  
     رەسمى مۇسابىقىدە 1نەپەر باش رېپىر ، 2نەپەر يان رىپىر ، 1نەپەر ياردەمچى رىپىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ . شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى كىسىم چىقىرىش ھوقوقى باش رېپىرنىڭ قولىدا بولىدۇ ، يان رېپىرلار باش رېپىرغا ياردەملىشىدۇ ، لىكىن ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقى بولمايدۇ . ياردەمچى رىپىر باش رىپىرغا ياردەملىشىپ ئالمىشىدىغان تەنھەركەتچىلەرنى تەكشۈرۈپ ، مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ . (@cZmU,  
5-ئالاھىدە ئەھۋاللار: cxxrvP-  
     ئەگەر ۋاراتار رايۇنىدىن تەپكەن توپ رېپىرغا تىگىپ كەتسە ، ئۆلۈك توپ دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ ۋاراتار رايۇنى سىزىقىنىڭ پاراللىل بولغان تۆۋەن سىزىق ئۈستىدىن ئىككى تەرەپكە تاشلىما توپ تاشلاپ بىرىلىپ مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرلىدۇ . ;mXw4_{  
  ئەگەر جازا توپ ئىجرا قىلىپ ، توپ ۋاراتار ياغىچى ياكى تۈۋرۈككە تىگىپ قايتىپ كىلىپ ۋاراتارغا تىگىپ كىركەتسە ، بۇ توپ ھېساب بولىدۇ . نۇقتا توپ بىلەن ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش ئايرىلىدىغان ئەھۋالدا توپ كىرمىگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ . F17nWvF  
ھۇجۇمچى ئەزالار ۋاراتار تۈۋرىكىگە ئېسلىپ تۇرۇپ نۇمۇر ئالسا بولمايدۇ . pd oCV  
مۇداپىيە ئەزالىرى ۋاراتار رايونىدىن تەپكەن توپ رىپىرغا تىگىپ كىتىپ قايتىپ كەلگەندە ، مۇداپىيەچى ئەزا توپنى تۇتىۋالسا ، نورمال دەپ قارىلىپ قارشى تەرەپكە جازا توپ ئىجرا قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بېرىدۇ . N}7tjk   
------------------------ K*oWcsu  
ئۇف ئاخىرى يېزىپ تاماملىدىم . Y 9~z7  
>s+*D=k  
بىزگە لوڭقا ئېلىش «ھـارام»ئەمەس !
d%za6=M  
D 
hbOXR.0z  
 \&d1bq  
k Jz^\ Re  
ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن ئازراق ئىزاھات بېرىپ ئۆتسەم : Zq{gp1WC  
1. مۇنبەردە «ھـارام»دېگەن سۆزنى يېزىش چەكلەنگەن بولغاچقا ، ئۇ خەتنى ئازراق ســوزۇپ يېزىپ قويدۇم . ,wr5DQ  
2. مەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2002-يىلىدىن كېيىنكى ھەۋەسكارى بولغاچقا ، بۇ تېمىنىڭ بېشىنى 2002-يىلىدىن باشلىدىم . 0}Kyj"-3  
3. تېما يېزىش ئۇسلۇبى يەنىلا ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇب . يەنى قىزىل ، كۆك ... Wa!C2nB  
.*?-j?U.  
T7Y+ WfYh  
ئەمسە دىققىتىڭلار تېمىنىڭ مەزمۇنىدا بولسۇن ! Y6jgAq  
P#:nXc$  
Tj2pEOu  
{XXnMO4uR;  
X4k|k>  
>+%0|6VSb  
تېرنىر : يوھانسون لېف Eb&=$4c=  
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى : چىمپىيون 1954 1974 1990 F:Yp1Wrb<  
كوماندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى : 1900-يىلى pe!"!xJE  
تەۋەلىكى : ياۋرۇپا `@&WELFv{  
باشقا شەرەپلىرى : ياۋرۇ لوڭقىسىنى تالىشى پۇتبول مۇسابىقىسىدا 3 قېتىم چىمپىيون بولغان ,H/BW`rL]#  
تور بەت ئادىرىسى : www.dfb.de T'5MO\  
DU@SXb  
ھازىرقى سەپ شەكلى :
1#XZVp;M  
2FM}" g<8  
g]?QV2bX6  
lG`%4}1  
>UXNR`?  
دەسلەپكى تونۇش : \| 'Yuh  
:d|~k  
گېرمانىيە كوماندىسى ئەنئەنىۋى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان كوماندا بولۇپ، بۇرۇن گېرمانىيە كوماندىسىدا ئاساسلىق ھۇجۇمچى روللىرىنى ئۆتىگەن ۋوللېر ۋە كېلىنسىمان يېتەكچىلىكىدىكى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ خىل ھۇجۇمچانلىق خاراكتىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. 2002- يىلى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋوللېر تېرىنېر بولۇپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن گېرمانىيە كوماندىسى 17- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەقىقى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم كېلىنسىمان ئەينى چاغدىكى سەپدىىشى ۋوللېرنىڭ قولىدىن بۇ كوماندىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ باش تېرىنېر بولغاندىن كېيىن دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ياش ماھىرلارنى يۈرەكلىك ھالدا تاللاپ ۋە ئۇلارنى مەيدانغا چىقىرىپ دۆلەت خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى ، كىلىنسىمان تېرنېرلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ھۇجۇم خاراكتىرىدىكى ماھىرلار قېزىلىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ ، مۇداپىيەدە تېخى خام بولغاچقا باشقىلارنىڭ قاتتىق تەھتىدى ئىچىدە قالغان . شۇنىڭ بىلەن 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن كىلىنسىمان باش تېرنىرلىقتىن ئىستىپا بېرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ياردەمچىسى لېف باش تېرنىرلىقنى قولىغا ئالدى . لېف بولسا ياش ، كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان تېرنىر بولغاچقا ، ئۇ كوماندىنى ھەرتەرەپلىمە يىتۈشتۈردى ، كوماندىنىڭ ئاجىز ھالقىللىرىنى تېپىپ چىقتى. گەرچە گېرمانىيە كوماندىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق چولپانلار يوق دىيەرلىك بولسىمۇ ، بۇلاردا مىللىي روھ ، دۆلىتىگە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت باشقىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ قۇرال بولالايدۇ . d M;v39  
a6"-,Kg  
0\wW%3C  
لوڭقىدىن تۇنجى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈش _ «نىشانىمىز چىمپىيونلۇق ئەمەس،تۆت كۈچلۈك» ^(Wu$\SA  
PeJIa %iE  
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى بىزگە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ... ئالايلۇق : تۈركىيە كوماندىسىنىڭ قارا تۇلپار بولىشى ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى ، كورىيە كوماندىسىنىڭ ئەپتى-بەششىرىسى دېگەندەك ... jaQH1^~l/-  
بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا سەپ سالىدىغان بولساق ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغان كوماندىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە كوماندىسى يوق . ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغىنى : بىرازىليە ، ئىتالىيە ، ئىنگىلاد ، يەنە قوش ئۇزغان بولغان فرانسىيە . گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيونلۇقنى ئالغۇدەك كۈچى يوق دەپ قارالغان (شەخسەن مەنمۇ شۇنداق قارىغان) تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىنگىلادقا 5:1 دەك يۇقىرى نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قېلىشى ، بىر كوماندىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولغان باللاكتىن باشقا داڭلىق چولپانلارنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايتتى. "Ve9\$_s  
لېكىن گۇرپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەتىجە يەنى 8:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويدى(بۇ مەن كۆرگەن تۇنجى مۇسابىقە ، مۇسابىقىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئىسىدە بولىشى مۇمكىن ، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى توپنى ئوتتۇرا مەيداننىڭ نېرىسىغا ئاپىرالمىغان)  . يەنە بۇ مەيداندا كلوز باش بىلەن توپ كىرگۈزۈشتە قالپاق كىيىپ ، يېڭى دۇنياۋىي رىكورت ياراتقان ... (بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ دىققىتىمنى ھەممىدىن تارتقىنى كلوز بولغان) *rA]q' jM  
ئىككىنچى ئايلانمىدا بولسا ، گېرمانىيە كوماندىسى ئېرلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇ مەيدان مۇسابىقىدە كلوز گەرچە شۇنچىلىك ئەپچىللىك بىلەن كاللا بىلەن بىر توپ ئۈسسۈپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئېرلاندىيەلىكلەرنىڭ ئاخىرغىچە بوشاشماي تىرىشىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن نەتىجە 1:1 بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ . شۇنداقلا ئالدىنقى ئايلانمىدا يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ ، خوشاللىقىدىن غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۆمگەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇ چېچىۋىتىلگەندەك بولۇپ ، گۇرپىدىن چىقىشى تەھدىد ئىچىدە قالىدۇ . L.:8qY  
ئاخىرقى ئايلانمىدا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىككىنچى قارا تۇلپارى (بىرىنچىسى سىنگال) بولغان كامېرون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇ ۋاقىتتا كامېرون كوماندىسىدىن ئىتونىڭ تېخى ياش مەزگىللىرى بولغان بولسىمۇ ، مىلتىقنىڭ سىتوۋىلىدىن چىققان ئوقتەك تېز يۈگرەشلىرى ، قاپقىغا كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇشلىرى گېرمانىيە كوماندىسى دەماللىققا ھالسىرتىپ قويىدۇ . نەتىجىدە يەنىلا قەيسەر گېرمانىيە كوماندىسى غالىپ كېلىپ 2:0 نەتىجە بىلەن كامېرون كوماندىسىنى يېڭىپ گۇرپىدىن 1-بولۇپ چىقىدۇ . `pqTiV  
IMM;LC%rD9  
'_v~+  
(?zg.y  
گېرمانىيە كوماندىسى گۇرپىدىن ئوڭۇشلۇق چىققاندىن كېيىن 16كۈچلۈكتىكى رەقىبى : پاراگىۋاي بىلەن تۇتۇشۇپ 1:0 نەتىجە بىلەن سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ . ئاندىن ئوخشاش نەتىجە 1:0 نەتىجە بىلەن رەقىبى ئامېرىكا كوماندىسىنى ئۇتۇپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ «تۆت كۈچلۈكلەر يىغىلىشى»غا قاتنىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئەڭ نەس باسقان كوماندا گېرمانىيە كوماندىسى ئەڭ تەلەيگە ئېرىشكەن كوماندا بىرازىليە كوماندىسى بولدى . يەنى گېرمانىيە كوماندىسى بولسا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى «كونتىرول»قىلىۋالغان كورىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . گېرمانىيە كوماندىسى ھەرقانچە قەيسەر بولسىمۇ شۇنچە كۆپ «دۈشمەن»گە قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ ؟ ئاللىبۇرۇن كورىيەگە سېتىلىپ كەتكەن باش رېپىر ، يان رېپىر ... ، تۆمەنلىگەن مەدەنىيەتسىز كورىيە مەستانىللىرى ، توپنى ۋاستىلىق ئەمەس ۋاستىسىزلا ئوينايدىغان كورىيە كوماندىسى ئەزالىرى ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى. مۇسابىقە رېتىمى گەرچە كورىيە - ئىتالىيە ، كورىيە - ئىسپانىيە ... لەرنىڭ مۇسابىقىللىرىگە ئوخشاپراق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، باللاكنىڭ نۇقسانسىز كىرگەن توپى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ . (ئەگەر مۇشۇ تۆت كۈچلۈكتە كورىيە بىلەن بىرازىليە ، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە مۇسابىقىلەشكەن بولسا ئىشىنىمەنكى چىمپىيون چوقۇم باشقا بىر كوماندا بولۇپ قالغان بولاتتى) . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 11ئەزاسىنىڭ ھەممىسى دۇنياۋىي دەرىجىلىك چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان بىرازىليە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . گەرچە شۇ مۇسابىقىدە ھەممە گېرمانىيە كوماندىسىنى قايتىدىن تونۇپ ، شۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا گېرمانىيە كوماندىسىنى ئۈستۈپ دەپ قارىغان بولسىمۇ ، مۇسابىقە جەريانى بۇنىڭغا ئىسپات بولۇپ تۇرىدۇ . بىرازىليە كوماندىسىنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى روشەن ھالدا ئىسپات بولىدۇ . بىرازىليە كوماندىسىنىڭ كاتتىبېشى رونالدونىڭ كىرگۈزگەن ئىككى توپى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولۇش چۈشى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ . (شۇ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 10-نۇمۇرى چوقۇم كىرىدىغان بىر توپنى ئۇرغان بولسىمۇ بىرازىليە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇ توپنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ توسۇپ قالىدۇ . مېنىڭ ھازىرمۇ شۇ توپقا ئەقلىم يەتمەيدۇ . يەنى يېقىن ئارلىقتىن ئۆلۈك بۇلۇڭغا ئۇرۇلغان توپ ئىدى). شۇنداق قىلىپ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى يېقىنقى يىللار ما بەينىدە دۇنيا لوڭقىسىدىن تۇنجى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى ...
qT#e -.G  
oC5 h-4~  
!|[rh,e]  
/3,/j)`a  
لوڭقا ئۆيىمىزدە _ « ھەركىم ئۆزىنىڭ مەھەلىسىدە يامان »  : ;wwc;wQ'  
4)gG_k  
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تارخىتىكى ئەڭ قىززىغان دۇنيا لوڭقىسى دېسەك قارىشتۇرىدىغانلار يوققۇ دەيمەن !؟ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىلا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايتتى . لېكىن ئادەمنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولى ئۆزئارا ئەپلەشمىسە بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلالمىغىنۇدەك گېرمانىيە كوماندىسىغا شۇ نۆۋەت شۇنچىلىك زور دەرىجىدە شەرت-شارائىت ھازىرلانغان بولسىمۇ ، كوماندا تېخى مۇسابىقىگە تولۇق تەييارلىق بىلەن چىقمىغان ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسدە گەرچە كوستارىكا كوماندىسىنى 4:2 نەتىجە بىلەن ئۇتقان بولسىمۇ(كوستارىكا كوماندىسىدىن ۋانچۆپ ھېچقانداق توسالغۇسىزلا ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ۋاقىت 90مىنۇتقا بېرىپ تاقاشقاندا 3-2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇسابىقە ، فرنگىسنىڭ غايىبتىن ئۇرۇلغان توپى بىلەن نەتىجە 4-2 گە ئۆزگەرگەن. ) ، كوماندىدا يەنىلا تەجىربىسىز ماھىرلارنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ، تېرنىر كېلىنسىماننىڭ تاكتىكىسىدا مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . كېلىنسىمان كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، گېرمانىيە پۇتبول مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى مۇداپىئەنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئىلىمىغان . ئاخىرىدا مۇداپىئەسى كۈچلۈك بىر كوماندىغا ئۇچراپ قالىدىغانلىقىن ئويلىمىغان ... ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كېلىنسىمان بىلەن كوماندا ئەزالىرى ئەقىل ، تەجىربە جەھەتتە «كىچىك» كەلگەن ... گەرچە گېرمانىيە كوماندىسى ئۇنى - بۇنى قىلىپ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان ئارگىنتېنا كوماندىسىنى يىغلىتىپ يولغا سالغان بولسىمۇ ، ئەمدىلا ھۇشۇنى تاپقان كېلىنسىمان ۋە كوماندا ئەزالىرى كىچىككەن ... تۆت كۈچلۈكتە ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك موداپىئەسىگە دۇچ كېلىپ ، گەرچە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە 118مىنۇتقىچە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن كۈچ ئېلىشقان بولسىمۇ ئاخىرقى 2 مىنۇتتا 2 توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ ئۆيىدىكى لوڭقىنى باشقىلارنىڭ تالىشىشىغا قالدۇرۇپ قويغان . (ئەگەر گېرمانىيە كوماندىسى شۇ 2مىنۇتتىمۇ بەرداشلىق بېرىۋەتكەن بولسا مېنىڭچە بولغاندا گېرمانىيە كوماندىسى نۇقتا توپتا ئىتالىيە كوماندىسىنى مۇتلەق يەڭگەن بولاتتى. گېرمانىيە كوماندىسىدىكى بىرەر ئەزانىڭ تېخى ھازىرغىچە بىرەر نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويغان تارىخى يوق . 2010-يىلى پودولسكى سېرۋىيە كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي ، بۇ تارخقا بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويدى) ?+]=|hN  
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى مەيلى پاس بېرىش ، مۇداپىئە قىلىش ، قايتۇرما ھۇجۇم بېرىشتە بولسۇن ... تارختىكى ھەرقانداق بىر كوماندىدىن ياخشى ئوينىۋەتكەن ئىكەن . B|m)V9A%-  
گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئېرىشمەك تەس بولغان بۇ ساھىپخانلىق ئورنىنى ناھايىتى ئەتىۋارسىزلا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ . گەپنىڭ مېگىزى يەنە شۇ ، كوماندا ئەزالىرى ۋە تېرنىر تەجىربىسىز ، يېشى «كىچىك»كېلىپ قالغان . لېكىن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئۆز ساھىپخانلىق ۋەزىپىسىگە ئاساسەن شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى بىزگە شۇنچىلىك قىززىتىپ بەردى ھەم ئايال پىرىزدېنتنىڭ باشقا ئەربابلار ئارىسىدا يۈزىنى خېلى يورۇق قىلدى . خەير ! گېرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ مەھەلىسىدە ئۈچىنچى بولۇپ ، مىس مىدالغا ئېرىشتى ...  
%#2 $B+  
LdZVXp^  
X.b8qbnq[  
81Z;hO"~  
Da-Lf2qT9  
eIvZhi  
كېيىنكى قەدەم _ «ئۆزىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تونۇش» BA h'H&;V  
2F2Hl   
2006-يىلىدىن كېيىن كوماندىنى ئىلگىركى ياردەمچى تېرنىر لېف ئۆز قولىغا ئالدى . لېف كوماندىنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىكى مۇنەۋۋەر ئەزالارنى تاللاشقا ، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىللىرىنى كۆرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى . قىسقىسى بۇ تېرنىر مۇئەييەن تونۇشقا ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىغان روھقا ئىگە بولغاچقا ، كوماندىدىكى ئوتتۇرا مەيدان ، مۇداپىيە مەسىللىرىنى سېستىمىلىق تەرتىپكە سالالمىغان بولسىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەل قىلالىدى ... لېف كوماندىدىكى قوش بىسلىق پىچاق لامنى بايقىيالىدى، ئۇنىڭ ئوڭنىمۇ سولنىمۇ ئوينىيالايدىغانلىقىنى بايقىيالىدى ... گەرچە كوماندىنىڭ ئومومىي نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئېيتقاندا كوماندا يەنىلا بىر نەچچە يىل تەجىربە ئىگىلىشى زۆرۈر بولسىمۇ 2008-يىللىق ياۋرۇ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە گېرمانىيە كوماندىسى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يۈرۈپ كەتتى ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئاجىزلىقىنى ھەم ئارتۇقچىلىقىنى تونۇشقا ياردەم بەرگەن مۇسابىقە كىرودىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولدى. شۇ مۇسابىقىدە باش تېرنىر لېف بىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ خاتالاشقان . گۇرپىدىن چىقىش مۇقىملاشماي تۇرۇپلا ، مۇسابىقىگە تېخى ئەمدىلا يىتىلىۋاتقان نوتا ياڭسىننى چۈشۈرۈپ سول بىك ئورنىغا قويغان . كىرودىيە كوماندىسى بۇ ياش نويىدىن پايدىلىنىپ ئىككى توپ كىرگۈزۋالدى(ئىككى توپ ياڭسىننىڭ سەۋەبلىكىدىن كەتكەن) ... كىچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىنى تاپقان لېف مېنىڭ ئەڭ قوللايدىغان سەپ شەكلىمنى ئىشقا سالدى. ياڭسىننى چۈشۈرۋىتىپ ئورنىغا فىرىدىرىچنى چىقاردى . لامنى ياڭسىننىڭ ئورنى بولغان سول بىككە قارىتىپ ، فىرىدىرىچنى ئوڭ بىككە قاراتتى . ئارقىدىن نەزىرىمدە گېرمانىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىراي شىۋىنىستايگىرنى مەيدانغا چۈشۈردى . شۇنداق قىلىپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ پاسسىپ ھالىتى بارا-بارا ئۆزگەردى . مۇداپىئە ئاجىزلىقى تاقىۋىتىلدى ... ھۇجۇم يەنە قايتىدىن تەشكىللەندى ... گەرچە پودولسكى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:1 قىلغان بولسىمۇ ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇسابىقە كىرودىيەلىكلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى . بۇ مۇسابىقە گېرمانىيە كوماندىسىغا قاتتىق سىگىنال بولۇپ قالدى . باش تېرنىر لېفمۇ ئۆزىنىڭ چوشقىچاقنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرمىگىنىگە ، كىچىك بالا ياڭسىنغا ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويۇپ زور خاتالاشقىنىنى تونۇپ يەتتى ... cKVFykwM  
كېينكى مۇسابىقىلەردە گېرمانىيە كوماندىسىغا تەلەي ئارقا-ئارقىدىن كەلدى ... ئۆزىنىڭ تارختىن بۇيانقى كۈشەندىسى بولغان ئىتالىيە كوماندىسى ئۆزى بىلەن ئۇچىراشمايلا شاللاندى ، ھالقىلىق ۋاقىتتا ئادەملىرى يارلىنىپ 14 ئادىمىلا قالغان تۈركىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ كېلىۋاتقان گوللاندىيە كوماندىسى بولسا قارا تۇلپار روسىيە تەرىپىدىن شاللاندى ... شۇنداق قىلىپ ھەممىنىڭ ئاغزىدا « لوڭقا نېمىسلارغا قالدىغۇ بۇ قېتىم ... » دېگەن سۆز پەيدا بولدى.(مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم) . لېكىن كىم بىلسۇن ؟ شاللاش باسقۇچىدىلا شاللىنىپ كېتىدىغان ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بۇنچىلىك چوڭ تەييارلىك بىلەن كەلگىنىنى  ... ؟ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيادىكى پۈتكۈل پۇتبول مەستانىللىرىغا بىر مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردى . (گەرچە نەتىجە 1:0 بولغان بولسىمۇ) ، تېخنىكا ، سۈرەت ، پاس ، توپ كونتىرول قىلىش ... ھاي ھاي ... ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ  قىسقىغىنا ۋاقىتتا j!4{+&Laq  
بۇنچىلىك كۈچلۈنۈپ كېتىشىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولىشى مۇمكىن . ئەينى ۋاقىتتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى دىگۈچە ، بىر مەيدان كوللىكتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى دېسە مۇۋاپىقراق ... گېرمانىيە كوماندىسى بۇ قېتىم شۇنداق بىر تەلەيگە تايىنىپلا بۇ لوڭقىنى ئالماقچى بولغان ئىدى ، لېكىن مۇنداق بىر ھەقىقىي زەردارنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئۇلار ئويلىمىغان بولىشى مۇمكىن . ئىسپانىيە كوماندىسى شۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قارا چۈشى بولۇپ قالدى . مانا بۇ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ لوڭقىنىڭ تۈۋىدىن ئۈچىنچى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ...
[ بۇ يازمىنىپۇتبولدە2010-08-27 02:11قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • شۆھرەت:5(sports)
  • «لوڭقىنى كۆتىرەلمەي ، ئەۋرىتىم ئېچىلىپ قالمىسۇن» دەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ SSچىلار .
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى
    UID: 4
    جەۋھەر: 0
    يازما: 113
    شۆھرەت: 237 نۇمۇر
    پۇل: 232528 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 295(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-01
    ئاخىرقى: 2009-03-16
    1  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 01:05

    نادىر تېما!
    خانلىق مادرىد   فىگو
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 233
    جەۋھەر: 0
    يازما: 528
    شۆھرەت: 362 نۇمۇر
    پۇل: 200008 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 260(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-26
    ئاخىرقى: 2012-05-17
    2  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 10:53

    رەخمەت سىزگە!!!!!!!!!!
    ئېنگېلاند شاھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 12
    جەۋھەر: 0
    يازما: 783
    شۆھرەت: 807 نۇمۇر
    پۇل: 1160931 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 151(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-01
    ئاخىرقى: 2010-10-05
    3  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 14:01

    رەخمەت ھە `~~~ مەن ھەممىنى خاتېرلىۋالدىم ~~~
    ئالۋاستى روھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

    UID: 16
    جەۋھەر: 11
    يازما: 3369
    شۆھرەت: 3555 نۇمۇر
    پۇل: 2 سوم
    تۆھپە: 108 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردا: 569(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-02
    ئاخىرقى: 2012-05-22
    4  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 16:23

    جاپا تارتىپسىز !! رەھمەت سىزگە !! f;pR8  
     h:#  
    ھەقىقەتەن بىر نادىر تىمىكەن !!
         
    ئالۋاستى روھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

    UID: 16
    جەۋھەر: 11
    يازما: 3369
    شۆھرەت: 3555 نۇمۇر
    پۇل: 2 سوم
    تۆھپە: 108 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردا: 569(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-02
    ئاخىرقى: 2012-05-22
    5  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 17:06

    يەنە بولسا يېزىپ تۇرارسىز !!!
         
    ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى !
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

    UID: 132
    جەۋھەر: 30
    يازما: 5739
    شۆھرەت: 6872 نۇمۇر
    پۇل: 385 سوم
    تۆھپە: 341 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
    توردا: 686(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-15
    ئاخىرقى: 2012-05-22
    6  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-04 23:20

    رەھمەت زىدانىي ئاداش!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 202
    جەۋھەر: 1
    يازما: 779
    شۆھرەت: 783 نۇمۇر
    پۇل: 415024 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 226(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-21
    ئاخىرقى: 2009-04-18
    7  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-05 23:08

    كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!!!   رەسىمى بىلەن كىرگۈزگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن ئەسىلى!!!!
    پۇتبولنى سۆيىمەن!!!
    ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى !
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

    UID: 132
    جەۋھەر: 30
    يازما: 5739
    شۆھرەت: 6872 نۇمۇر
    پۇل: 385 سوم
    تۆھپە: 341 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
    توردا: 686(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-15
    ئاخىرقى: 2012-05-22
    8  يوللانغان ۋاقت: 2007-06-08 22:17

    بۇ پۇتبول مۇسابىقە قائىدىلىرىنى مەن خاتىرلىۋالسام بولغىدەك!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 370
    جەۋھەر: 0
    يازما: 929
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 418509 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 43(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-07-05
    ئاخىرقى: 2009-05-20
    9  يوللانغان ۋاقت: 2007-07-17 10:03

    ھەقىقەتەن بەزىلىرىنى بىلمەيمەنكەن رەھمەت سىزگە....
    بارسىلونا ئەڭ نوچى!~!~!~!
    ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى !
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

    UID: 132
    جەۋھەر: 30
    يازما: 5739
    شۆھرەت: 6872 نۇمۇر
    پۇل: 385 سوم
    تۆھپە: 341 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
    توردا: 686(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-15
    ئاخىرقى: 2012-05-22
    10  يوللانغان ۋاقت: 2007-08-20 16:10

    كۆپلىرى خىلى مۇكەممەل قائىدىلەر ئىكەن!!!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 657
    جەۋھەر: 0
    يازما: 43
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 200096 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 4(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-08-23
    ئاخىرقى: 2010-12-05
    11  يوللانغان ۋاقت: 2007-08-23 02:53

    ھارمىغايسىز     ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مەن   يىڭى   كىردىم     ياخشى يوللاپسڭز