ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشكەڭ ھالەت
  • 541كۆرۈش
  • 23ئىنكاس

''ھۇررا '' توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى [ئادرېسنى كۆچۈرۈش]

ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
توردا يوقdilkash
 
يازمىسى : 33
پۇل : 101165
شۆھرەت : 285
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 16
دىيارىمىزغا نىسبەتەن 2012-يىلدىكى  ئەڭ قىزىق تېما <<ھۇررا!>> بولدى. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جوڭگۇ پۇتبولچىلار بېرلەشمىسى شىنجاڭ رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرغان <<2012-يىللىق ب دەرجىلىك كوماندىلار بېرلەشمە مۇسابىقىسى>>دىن تارقالغان <<ھۇررا>>سادالىرى تەڭرىتاغ باغرىدىن ئۆتۈپ مەملىكىتىمىز جوڭگۇ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى پۇتبول سۈيەر خەلقلەرنى ھەيران قالدۇردى . يۈكسەك مەدەنىيەت خېمىرتۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ روھ ،بۇ بىرلىك ، بۇ ئىناقلىق مەملىكىتىمىز  ۋە دۇنيا خەلقىگە پۇتبول سۇيەر روھىمىزنى ، پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتتى.        بۇنىڭدىن 11ئەسىر ئىلگىرى بۈيۈك قامۇسىمىز <<تۇركىي تىللار دىۋانى>>دا تىلغا ئېلىنغان بۇ تەنتەربىيە تۈرى ئەزەلدىن ئەزىمەتلەرنىڭ مەردلىكىنى ،جەسۇرلۇقىنى سىنايدىغان بىر بەيگە ئىدى. ئەلۋەتتە، مەدەت بەرگۇچىلەردىمۇ مەردلىك ،جەسۇرلۇق روھىنى ئۇرغۇتاتتى. بۇ بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان مەدەنىيەت ھەركىتى ئىدى.لېكىن قاچانلاردىدۇر بىر چاغلاردا كەيدۇرۇلگەن بېشىمىزغا ماس كەلمىگەن <<ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى>>دىگەن قالپاقنىڭ ئاسارىتىدە، ھىسياتقا باي روھىي ئاجىز ،يىغلاڭغۇلۇق خاراكتىرى كۈچىيىپ كەتكەن مۇھىتتا ياشاۋاتقان خەلقىمىز ، تارىختا ئات ئۇستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋېتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىدەك دۇنياۋىي ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ <<ئوقياچى مىللەت>>دەپ ئاتالغاندەك ؛ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى زامانىدا تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن <<مەرىپەتچى مىللەت >> دەپ ئاتالغاندەك <<پۇتبولچى مىللەت>> دەپ ئاتالسابولماسمۇ؟!           m 
       پۇرسەت شۇنداق نەرسىكى ، ئۇنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ تۇتالمىسا گەرچە ئوغۇزخاننىڭكىدەك ئۆتكۇر قىلىچ بولسىمۇ ئۇ چامغۇر ئاقلاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭكىدەك ئۇچقۇر ئارغىماق بولسىمۇ قوش تارتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بايقىساق بۇ بىز ئۈچۈن تارىخىي خاراكتىرلىق بىر پۇرسەت ! چۇنكى شۇ پەيتتە جوڭگۇ پۇتبولچىلىقى ئۈمۈدىنى شىنجاڭغا باغلىدى. دۇنيامۇ شىنجاڭنىڭ پۇتبول مەدەنىيىتىگە قىزىقماقتا... _auFt"n  
        بىزگە ئوخشاش تەپەككۇر تىپىدىكى ئەمەس، ھېسسىيات تىپىدىكى مىللەتلەردە لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئادىتى كەمچىل ، ھېسسىياتلىق پاراڭ-سۆھبەتلەر كۆپ ئىلمىي روھ كەمچىل، قارىغۇلارچە  قىزغىنلىق كۈچلۈك بولىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن غەلىبە خۇمار بولۇپ قېلىش، غەلبە قىلسا جاھانغا پاتماي ، بىر قېتىم مەغلۇپ بولسا پۇتۇنلەي ئۆزىنى يوقىتىش ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ھەل قىلماي قارىغۇلارچە قېيداش ، ھەممىدىن ۋاز كېچىش ، <<خۇجىسىدىن رەنجىسە ،ئاچچىقىنى مالىيىدىن چىقىرىش>>.... تەك بىر قاتار سەلبىي روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھەممە ئۈچۈن پاسسىپ تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ناچار پىسخىك ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پۇتبول ھەركىتىنى ۋە پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى قايتا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققا بەرداشلىق بىرىدىغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاپ ،قىيىنچىلىقلارنى ئەڭ تۈۋەن دەرجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ "ھۇررا 'سادالىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىمىز لازىم .  <<ھۇررا>>سادالىرىمىز ئەزىمەتلىرىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيىتلەردە تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرىسۇن! ئۇلار مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىۋاتقاندا ئۇلارغا <<ھۇررا>> دەپ تەسەللىي بېرەيلى . NC sem  
      خۇلاسە كالام، ھۇررا توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى . ئەزىمەت غەلبە قىلغاندىمۇ ''ھۇررا'' دەپ توۋلايدۇ. مەغلۇپ بوولغاندىمۇ قايتا ''ھۇررا'' دەپ توۋلىيالايدۇ.   ئاخىردا ھەممىمىز بىرلىكتە 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 2012-يىللىق ب دەرجىلىك كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە '' ھۇررا " سادالىرىمىزنى بىرلىكتە كۆككە ياڭرىتايلى .مەنبە باغداش تورى ئاپتۇرى لۇتۇن
توردا يوقbatti

يازمىسى : 1620
پۇل : 308232
شۆھرەت : 2054
تۆھپە : 18
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 10
دىمىسىمۇ داۋاملىق قوللىشىمىز كىرەك !!!بۇلارغىمۇ تۇنجى يىلى ئاسان ئەمەس........
توردا يوقئەكرەم77

يازمىسى : 2717
پۇل : 297485
شۆھرەت : 2736
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 20
      بۇنىڭىدىن كىينمۇ ئەلۋەتتە قوللاش كىرەك
توردا يوقfrank
يازمىسى : 495
پۇل : 2274197
شۆھرەت : 573
تۆھپە : 20
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 50
ھازىرقى ئەھۋالدا مەۋجۇدلۇقنىڭ ئۆزى غەلىبە ! |lg jI!iK  
سوغۇققانلىق بىلەن خۇلاسىلىگەندە كوماندىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسىگە ‹لاياقەتلىك› دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ ، كىچىك بالىنىڭ بەك بالدۇر ئايىغى چىقىپ كېتىشىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ...
Tiamo Ale , Forza Juve
توردا بارtotti

يازمىسى : 4163
پۇل : 2597461
شۆھرەت : 4734
تۆھپە : 151
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 20
ھۇررا سادالىرىنى پەسىل يىڭى باشلانغاندا كۆككە ياڭراتقان پەسىل ئاخىردىمۇ مۇشۇ سادالار ئارقىلىق ئەزمەتلىرىمىزنىڭ بىر پەسىللىك جاپاسىغا رەھمەت ئېيتىپ بۇ پەسلىنى ئئۇزۇتۇپ قويايلى !!

10 يىـل ساقلىـدۇق ھىلـى ھـەم بىر قانـچە يىـل ساقلاشـقا تاقىـتىمىز بـار !!
توردا بارئەلقۇت

يازمىسى : 2508
پۇل : 143
شۆھرەت : 2893
تۆھپە : 50
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
يەنىلا ئۇخشاش قۇللايىمىز ......
توردا يوقluca

يازمىسى : 4706
پۇل : 1598592
شۆھرەت : 5872
تۆھپە : 100
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 176
مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ شامىلىنى يىغىپتۇ
توردا بارمەنزىل

يازمىسى : 1869
پۇل : 233427
شۆھرەت : 2293
تۆھپە : 151
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 65
داۋاملىق ھۇررا
توردا يوقmuhammad114

يازمىسى : 855
پۇل : 1185882
شۆھرەت : 892
تۆھپە : 19
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 60
ھۇررا.... =@ P(cFJ/  
مۇسۇلمان پۇتبول ھەۋەسكارلا چ چ توپى 16354631.. شەھۋانى،ئەخلاقسىز گە
توردا يوقmuhammad114

يازمىسى : 855
پۇل : 1185882
شۆھرەت : 892
تۆھپە : 19
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 60
  بىلەت ئالغاندا ئىشىك ئالدىدىن ئېلىڭلار... پەقەتلا 10 كوي نەدە ئولتۇرمە دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى.
مۇسۇلمان پۇتبول ھەۋەسكارلا چ چ توپى 16354631.. شەھۋانى،ئەخلاقسىز گە
توردا باردىلكەش

يازمىسى : 2099
پۇل : 6902
شۆھرەت : 2502
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 10
ئەلۋەتتە كۈشلۈك ھۇررا سادالىرى ئىچىدە ، ئەزمەتلىرىمىزگە يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن مەدەت بىرىمىز !!! AkV8}>G?#A  
=a./HCF  
بۈگۈنكى خەۋەردىن قارىغاندا ، شاڭخەي كوماندىسى رەقىبىنى 3-1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، بىز بىلەن ئوينىلىدىغان 1 مەيدان مۇسابىقىسى قالغان ھالەتتە 40 نۇۇر بىلەن 4- ئورۇندا . j}@n`[V1  
كەينىمىزدىن تاپ بىسىپ قوغلاپ كەلگەن شەنشى كوماندىسى 2 مەيدان مۇسابىقىسى قالغان ھالەتتە 36 نۇمۇر بىلەن 5- ئورۇندا . M!b"c4|<  
تاشئالما كوماندىمىز 2 مەيدان مۇسابىقىسى بار ھالەتتە 35 نۇمۇر بىلەن 6- ئورۇندا ، بۇ 2 رەقىبىنىڭ بىرى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولغان شەندوڭ كوماندىسى ، يەنە بىرى بولسا ھايات ماماتلىق رەقىبىمىزگە ئايلىنىپ قالغان 4- ئورۇندىكى شاڭخەي جوڭباڭ كوماندىسى. R9lb<`  
شۇڭا بىرىنجىدىن چوقۇم قالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم يىڭىشىمىز كىرەك . [cf!%3>53  
ئىككىنجىدىن 5-ئورۇندىكى شەنشى كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم ئۇتتۇر ۋىتىشىنى تىلەپ ئولتۇرۇشتىن ئۆزگە چارە يوق . kG$U  
'nh^'i&0.  
ئىسىمدىشىم ھەم قىرىندىشىمىز دىلكەشنىڭ ئيىتىقىنىدەك كوماندا ئىچى تىشىدا نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتقىنى بىزگە نىسبەتەن راستىنلا قاراڭغۇ ، نەتىجە ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئەزمەتلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ كوماندىمىزنى يالغۇز قويۇش راستىنلا ھازىرقى شارائىتقا نىسبەتەن مەنچە ئوشۇقچە . k'JfXrW 
نىمىلا بولمىسۇن 7-8 ئايدىن بىرى «ھۇررا» دەپ توۋلاپ ، كوماندىمىزغا مۇھەببىتىمىزنى بىرىپ دۆلەت ئىچى سىرتىدا ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇپ ، « قاراڭ ماۋۇ مەستانىلەرنى » دىگۈدەك ھالدا يۈكسەك ھۆرمۈتىگە  ئېرىشىپ كەلدۇق . z;ko )  
2io~pk>  
خۇلەسە كالام : بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىمىز بولۇشۇپ قىلىشى شۇنداقلا بىرنەچچە يىلغىچە سۆيۈملۈك كوماندىمىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن . شۇڭلاشقا ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ، پۈتۈن مەيداننى قاپلىغان ئۇيغۇرۇمنىڭ ھۇررا ساداسى ، مۇڭلۇق « ھۇۋلاشلىرى» ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە ساھىپخان مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرساق ، ئەزمەتلىرىمىزنى مەيداندا يالغۇز قويمىساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن . JOFQyhY0>m  
ھۇررا شىنجاڭ ، سۆيىمەن سىنى ئۇيغۇر !!!
[ بۇ يازما دىلكەش تەرىپىدىن 2012-09-21 00:27 قايتا ت ]

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ  ،  سۈكۈتتە ئۆلىدۇ  !
توردا باردىلكەش

يازمىسى : 2099
پۇل : 6902
شۆھرەت : 2502
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 10
بىر ئۇيغۇر پۇتبول مۇنبىرى تۇرۇپ مۇشۇنداق بىر تىمىغىمۇ ئىنكاس چۈشمەسلىكى ، پىكىر بىردەكلىكىگە كىلەلمەسلىكى ئادەمنىڭ ئىچىنى چىۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ قويدى . R4vf  
مۇشۇ قىتىملىق ساھىپخانا مۇسابىقە تەشۋىقاتىنى ئەسلى بەكىرەك تۇتساق بولاتتى ، شۇڭا ئاتايىن بىچارىلارچە ئەڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ئۇشبۇ تىمىنى ئىنكاس ئارقىلىق تۆپىسىگە كۆتۈرۈپ قويدۇم . 3HqTVq`&  
بولسا باشلىقلار بۇ تىمىنى مۇسابىقە كۈنىگىچە ئىلگىرى سۈرۈپ قويسا ئۇنىڭدىن سىرىت مۇسابىقە كۆرۈشكە بارىدىغان مەستانىلەر ئۈچۈن قىلىندىغان تەشۋىقات ئىشلىرى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگىمۇ يەنە بىر قىتىم ئېلىپ بىرىلسا دىگەن ئۈمىدتىمەن . H5Bh?mw2  
ئەتە ئۆزەم ئەزا بولغانلىكى تور بەتلەرگە ، كوت كوت توپلارغا ، بىلوگ لارغا بولغان تەشۋىقاتنى ئىشلەيمەن ، بۇ ئىشنى ئىغىر كۆرمەيدىغان قىرىنداشلارنىڭمۇ تەشۋىقات ئىشىغا كۆڭۈل بىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . MSE0z !t  
اللە خالىسا يەنە مۇسابىقە باشلىغۇچە بولغان 2 يىرىم كۈن مەستانىلىرىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىنى قايتا ئىچىشقا چوقۇم يىتىدۇ .
[ بۇ يازما دىلكەش تەرىپىدىن 2012-09-21 03:33 قايتا ت ]

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ  ،  سۈكۈتتە ئۆلىدۇ  !
تېز ئىنكاس يېزىش
180خەت بىلەن چەكلىنىدۇ
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى