ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشكەڭ ھالەت
  • 3086كۆرۈش
  • 25ئىنكاس

ئۇيغۇر پوتبولچىلىقى نېمىگە مۇھتاج ! [ئادرېسنى كۆچۈرۈش]

ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
توردا يوقzakira
 

يازمىسى : 77
پۇل : 200226
شۆھرەت : 376
تۆھپە : 20
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
— بۇ يازما ankar528 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-26) —
                     قەشقەردىكى مۇسابىقە تەھلىلى r}Q@VS% %  
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پوتبول ئۈچۈن چىملىقلاردا  ئۇيغۇرۇمنى نامايەن قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەر  ،ياندا  ھۇررا توۋلاپ قەلبىدىكى بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىنى مەيداندىكى ئەشۇ ئەزىمەتلەرگە بېغىشلاپ  كېلىۋاتقان مۇنەۋۋەر مەستانە قېرىنداشلار ! سېلەرگە ئاللاھنىڭ سالاملىرى بولسۇن !   J~:kuf21  
       ud!r*E  
  مەن ئايەم كۈنلىرىدە ئەزىزانە  قەشقەردە  بىر تېرنىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇسابىقىدە بولۇپ قالدىم ، ئون قانچە كۈن تورلارنى ئارىلاپ بولالمىغانلىقىمدىن  ،بىرقىسىم خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا  كۆرۈپ پىكىر قاتناشتۇرالمىدىم ، شارائىتىم يار بەرگەن بولسا مۇسابىقە ۋاقتىدىكى خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرسام  بەك ياخشى بولاتتى ،ئەپسۇس ، كېچىكىپ بولسىمۇ  ماڭا تەسىر قىلغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ  سېلەر بىلەن پىكىرلەشكۈم كېلىۋاتىدۇ . l!Nvn$h m  
             1- بىز نېمىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىمىز Yr Preuh  
     مەملىكىتىمىزدە ناھايىتىمۇ ئاز نىسبەتنى ئىگىلىگەن ، ھەتتا  چەت ئۆلكە شەھەرلەردىكى  كىشىلەرنىڭ  ( ئۇيغۇر ) دېگەن بۇ مىللەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنىى ، ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلىمىز ، مانا مۇشۇنداق ئاز نىسبىتىمىز بىلەن  قالتىس تىرىشىۋاتىمىز ، بۇ دۆلىتىمىز  سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، بولۇپمۇ پوتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەركەتنىڭ تاجىسى دەپ ئاتىلىدىغان تۈردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  چىملىقلاردا پەيدا بولغانلىقىمىز  بىزنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ . #NSaY+V  
      مەملىكىتىمىز  پوتبول ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ  يېڭى سىياسەتلەر  يولغا قويۇلدى ، بولۇپمۇ  پوتبول ھەركىتىنى ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاش كېرەك ، دېگەن چاقىرىق مەملىكەتنىڭ كەڭ بولۇڭلىرىغىچە تارقالدى ، جۈملىدىن بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ  شەھەرلەردىن  يېزا -قىشلاقلارغىچە جۇش ئۇرۇپ  بىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىمىزدىكى سەبىيلەرنىڭ غۇبار قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ ‹ تاجىلىق › ئورنىنى نامايەن قىلماقتا ، ياپونىيەدىن ئىبارەت تەرەقىي تاپقان دۆلەتلەر  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا پوتبولنى ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۈۋەن يىللىقلىرىدىن باشلاش كېرەك ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان ، شۇ بويىچە مۇنتىزىم  كوماندىلارنى مەشىقلەندۈرگەن  بىز بولساق  ئەمدىلەتتىن تەمتىلەپ تۇرۇپتىمىز ، شۇنداقتىمۇ مىڭ شۈكرى ، بىزنىڭ يىگىت-قىزلىرىمىز  ئىچكىرى ئۆلكىلەردە  ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى تونۇتۇپ چىملىقلاردا زەپەرلەر قۇچىۋاتىدۇ ، ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەزىمەتلىرى ، غۇلجا  12- باشلانغۇچ مەكتەپ ئەزىمەتلىرى  مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا  مىللىتىمىزنى تونۇتتى ، ئۇلار بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ، ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى !  بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان  ئۆزىنىڭ ئېسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرى ، مىھرىبانلىقى ، مېھماندوستلىقى ، چىۋەر پاكىزلىقى ، مۇستەھكەم ئېتىقادلىرى بىلەن داڭلىنىپ كەلگەن مىللەت . ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ خۇلۇم- قوشنا ، ئۇرۇق -تۇققانلار ئارا  ئازراق زىددىيەت بولسا  بۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئىناق -ئىتتىپاق  گۈللىرىنى ئاۋلادتىن -ئەۋلادقىچە ئېچىلدۇرۇپ كەلگەن ھەم كېلىۋاتىدۇ ، دۇنيادىكى دىنلار ئىچىدىمۇ  ئىسلام دىنىلا بىردىن -بىر ھەقىقى گۈزەل دىن بولغانلىقى ئۈچۈن  دۇنيا ئەللىرى كۈنىگە مىڭلاپ ئىسلام دىنىغا  كىرمەكتە ، شۇڭا  بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر مۇسۇلمان ، ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلەنسەك بولىدۇ . jWz |K  
    دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك  ئارىمىزدا بىر قىسىم مۇناپىقلارنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال ، چۈنكى شەيئىلەر ھامان زىددىيەت ئىچىدە تەرەقىي قىلىدۇ . رىقابەت ئېڭى بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، رىقابەت بولمىغان دۇنيا تەرەقىي قىلالمايدۇ . بىراق خاتا رىقابەت ئۇسولى كىشىنى ھالاك قىلىدۇ ،  ئادەم دېگەندە باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ئاڭ ،سەۋىيە بولمىسا  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا  شاللىنىپ كېتىدۇ ،  بىز 21-ئەسىرنى ئىلىم پەن دەۋرى ، رىقابەت دەۋرى دەپ،   بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز ، ئۆگۈنىۋاتىمىز ،تەجىربە ئىگىلەۋاتىمىز ،   كۈچىمىزنى توپلاپ بىر نىيەت ،بىر مەقسەتتە  ئۇيغۇر پوتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىساق  ئاندىن كۆزلىگەن نىشان مەقسەتكە يېتەلەيمىز ، ئىش ئۆملۈكتە ،كۈچ بىرلىكتە ! بۇ جۈملىلەر نۇرغۇن  تەجىربىلەردىن يەكۈنلەنگەن ... fdvi}SS8  
     vBV"i9n   
%Tk}sfx  
Di]Iy  
                                         2- بىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىمىز  مۇكەممەلمۇ ؟ BZ8h*|uT"  
   مەن بىر جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، جۇڭگونىڭ قانۇن تۈزۈملىرى خېلى مۇكەممەل،  باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندىمۇ كەڭچىلىك قىلىش سىياسەتلىرى بار  دەپ قارايمەن . بۇنى كۆپ تەرەپلىمە  چۈشىنىشكە بولىدۇ ، چۈنكى ھەر بىر كەسىپنىڭ  قائىدە -تۈزىمى  بولغىنىغا ئوخشاش   . ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى قەشقەردە ئۆتكۈزىلگەن  2012-يىللىق ياش -ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى توغرىسىدا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا خىلمۇ -خىل  پىكىردىكى تېمىلار ۋە خەۋەرلەرنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، بىز  نېمە ئۈچۈن بۇ مۇنبەر يۈزىدە  بىر -بىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرىمىز ؟! مانا بۇ مەسىلە نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ .   h%4 ~0  
    مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ  تەرتىپ قوللانمىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى  قىسقا قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي . t%ou1 &SO  
    2012-يىللىق ئاپتونۇم رايون بوتىچە ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبول مۇسابىقە  تەرتىپ قوللانمىسى   ^2P;CAjj-  
    مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن ئورۇن : ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە  كومىتېتى   $H %+k?  
   مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان  ئورۇن : قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى   o%QhV6(F  
   تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى aa' 0EU:  
   مۇسابىقە ۋاقتى  : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە \3 O-} n1S  
    مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان  مەيدان:  ئوغۇللار  ئا گۇرۇپپا  قەشقەر ۋىلايەتلىك  تەنتەربىيە مەكتىپىدە ، ئوغۇللار ب گۇرۇپپا ، قىزلار ب گۇراپپا  كونا شەھەر ناھىيىسى ( توققۇزاق ناھىيەسى )  2-ئوتتۇرا مەكتەپ پوتبول مەيدانىدا .   :5n"N5Go  
    مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنلار : ئاپتونۇم رايون بويىچە  شەھەر ۋىلەيەتلەردىكى  تىزىمغا ئالدۇرغان كوماندىلار  .   =!Baz&#}  
   گۇرۇپپىلارنىڭ ياش ئايرىممىسى : \^^hG5f  
  ئوغۇللار  ئا گۇرۇپپىسى  ( تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ )  1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار  قاتنىشىدۇ . 11 كىشىلىك مۇسابىقە .20 نەپەر تەنھەركەتچى  قاتنىشىدۇ . 2t~7eI%d  
   ئوغۇللار ب گۇرۇپپا : 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار  قاتنىشىدۇ . 9 كىشىلىك مۇسابىقە . 18 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ . +"fM &F]  
   قىزلار  ب گۇرۇپپا  : 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 9 كىشىلىك مۇسابىقە .  18 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ .   z.\[Va$@l  
   بۇندىن باشقا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نوقتىلىرىغىچە  تەپسىلاتلار تەرتىپ قوللانمىسىدا يېزىقلىق  قىلچە نوقسان يوق دىسەك بولىدۇ .   بۇ قوللانمىنى كۆرگەن ئادەم ئەلۋەتتە ھەممە تەرەپلەردە ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . نەزىريە بىلەن ئەمەليەتنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن جەريان كېتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىمىز . (D +{0 /  
                                          3- مۇسابىقە تۈزىملىرى ئىجرا قىلىندىمۇ ؟   3IRRFIiO  
    يۇقىرىدا دېيىلگەندەك  مۇسابىقە رايونلىرى ئىككى مەيداندا بولۇپ ئارىلىقى 15 كېلومېتىر ئەتىراپىدا ئىدى ،  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن  شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ  يېتەكچى ،تېرنىرلىرىغا  يىغىن ئېچىلدى . !SD [6Z.R  
   يىغىن رىياسەتچىلىرى  يىغىننىڭ كۈنتەرتىپلىرىنى  ئوتتۇرغا قويۇپ  ھەربىرىمىزگە مۇسابىقە تەرتىپ قوللانمىسىدىن تارقىتىپ  باشقا  تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەرنىڭ  ئالدىن سالاھىيىتىنىڭ  تەكشۈرۈلگەنلىك  ئىسپاتلىرى ، بەزى كوماندىلاردىن بىر ياكى ئىككى تەنھەركەتچىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا  شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى كوماندىدا  ، ئىسىم -فامىلىسى قاتارلىقلار يېزىلغان ئايرىم  بىر ۋاراقچىنى بەردى ، بىزنىڭ كوماندىدىن بىرمۇ تەنھەركەتچىنىڭ ئىسمى يوق ئىدى ، ئەلۋەتتە  بىز  ئىككى ئاي بۇرۇنلا  بۇ نوقتىلارنى ئېنىق قىلىپ تەنھەركەتچىلەرنى تاللاپ مەشىقلەندۈرگەن ئىدۇق .   QL|:(QM  
    شۇ ئارىدا ئاپتونۇم رايونلۇق پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ  مەسئولى ،سۇڭچىڭلىڭ پوتبول مەكتىپىنىڭ  مەسئولى ئابلەت ئامىسلىم ئاكا  يىغىنغا كىرىپ كەلدى ، قىزغىن قارشى ئېلىشلاردىن كېيىن ئۇ  بۇ قېتىمقى  مۇسابىقە توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى :  قېرىنداشلار  بىز ، ھەر يەر - ھەر يەرلەردىن ئورتاق نىشان ئۈچۈن بۇ يەرگە يېغىلدۇق ، شۇڭا بىز چوقۇم مۇسابىقىنىڭ باشتىن ئاخىر بىخەتەر ،تەرتىپلىك ،يۇقىرى سەۋىيىدە  ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا كەپالەتلىك قىلىشىمىز ، ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ  پوتبولدىن ئىبارەت  بۇ مۇھىم تۈرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈېىشىمىز كېرەك ، مۇسابىقىنىڭ تەرتىپلىرىگە  قەتئىي ئەمەل قىلىش ، ساقتىلىق قىلماسلىق ، مۇسابىقە جەريانىدا رېپىرلەر توغرا ئادىل بولۇشى ، كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ  شىنجاڭنىڭ پوتبول تەرەقىياتىغا  بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك .  دېگەندەك ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى .  ئۇ ئالدىراش ئادەم بولغاچقا  مۇسابىقە ئاياقلاشقانغا قەدەر بىز بىلەن بىللە بولالمايدۇ دە ، ...... شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا  بىخەتەرلىكنى مۇھىم بىلىپ    ب گۇرۇپپا تەنھەركەتچىلىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقى  بېكىتىلدى ، ئون قانچە كېلومېتىر  ئارىلىق  راستىنلا  يىراق بولۇپ نەچچە يۈز تەنھەركەتچىنىڭ قاتناش مەسىلىسىمۇ  مۇھىم ئىدى .   :@z5& h  
    2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر  ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە  داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى  ئا گۇرۇپپا تەنھەركەتچىلىرى ،  سەرخىل نۇمۇرلارنى تاييارلىغان  كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ ۋە  پېشقەدەم مومايلىرىمىزنىڭ يەلپۈگۈچ ئۇسۇللىرى بىلەن باشلاندى ، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ كۆلىمى خېلى بوڭ بولۇپ ئۆلچەملىك پوتبول مەيدانى ئىكەن ، تاماشىبىنلارمۇ  تۇلۇق كەلسە 20 مىڭ  ئادەم سىققۇدەك  ئورۇن بار ئىكەن ،  سەھنىنىڭ يۇقىرى تەرەپلىرىگە مۇسابىقە توغرىلىق ھەر خىل پىلاتالار ئېسىلغان بولۇپ  تولۇق  خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان ئىدى ،سەھنىنىڭ قارشى تەرپىدىكى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى پىلاتادىلا ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە قىلىپ يېزىلغان ئىدى . مەيداندىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭ  97 % ساپ ئۇيغۇر بولسىمۇ  مۇراسىمدىكى سۆزلەر  ھەممىسىلا خەنزۇچە ،دېمەك قەشقەر خەلقىنىڭ قوش تىل سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن ، ئاددى بىر مىسال  ئاشخانىغا كىرىپ چوكىدىن نەچچە تال ئېلىپ بېرەمسىز دېسەم پەقەتلا چۈشىنەلمىدى ، ئاخىرى ، ۋاي ئاللا  كۆيزا دېمەمسىز دەپ نەچچە تال چوكىنى ئېلىپ بەردى .......بۇلارغۇ ناھايىتى كىچىك مەسىلە شۇنداقتىمۇ  ماڭا تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قىستۇرۇپ سالدىم .   _tR.RAaa"  
    گۈلدىراس ئالقىشلار بىلەن  دادىل قەدەملەر ئېلىپ ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى  سەھنە ئالدىدىن  ئۆتۈپ ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرىشتى ، شۇندىلا  ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرىگە  بىر -بىرلەپ كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى  ئۇمومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشى دىيىشكە بولىدۇ ، ئايرىم كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى بىر قاراشتىنلا ياش جەھەتتە  پەرىقلىنىپ تۇراتتى ، چۈنكى  بالىلارنىڭ 14-15 ياش ۋاقتى بىلەن  16-17 ياش ۋاقتى ياكى 18 ياش ۋاقتى بەكلا پەرىقلىق بولىدۇ ، ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ  بوي جەھەتتىلا ئەمەس ، بۇرۇتلىرى ئۆسۈشكە باشلىغان ، ئاۋازلىرىدا يىگىتلەرگە خاس ئۆزگىرىشلەر بولىدىغان ،سۆز ھەركەتلىرىدىمۇ  پەرىقلەر بولىدىغان مەزگىلى .   J.+?*hcw  
     جامائەت پىكرى جاننى ئالىدۇ ، دېگەن گەپ بار ، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى كۈندىن باشلاپلا  ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار بولسۇن بىرقىسىم تېرنىرلار بولسۇن ، قەشقەر كوماندىسىدىكى 10-نۇمىرلىق تەنھەركەتچى چوڭ ئىكەن ، شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ تېپىدىكەن ، ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ قىزلىرى چوڭ ئىكەن ، ئوغۇللاردىنمۇ چوڭلار باركەن ، دېگەندەك  مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ  تەنھەركەتچىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا باشلىدى ، بەزى تېرنىرلار  بۇ ھەقتە ئوچۇقلا سۆزلەرنى قىلدى ، بىراق  بىرەرسى بۇ ھەقتە مۇسابىقە كىسىم ھەيئەتلىرىگە  دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ، مۇسابىقە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىشنى ياكى مۇسابىقىنى توختىتىپ  تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلالمىدى . بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەپ نەدە ؟  ناھەقچىلىقنى ئەرز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ  ‹ داۋاگەر › دېگەن نامنى كۆتۈرىشتىن قوۇرققانلىقىدىمۇ ياكى ھەقىقى دەلىل ئىسپاتى يوقمۇ ؟ ۋەياكى  شۇ كوماندىلارنىڭ تېرنىرلىرى بىلەن يېقىن دوستمۇ ؟  ياكى ھەرقانچە دەۋا قىلسىمۇ ئېنىق  جاۋاپقا ئېرىشەلمەمدۇ ؟ مەنمۇ بىلەلمىدىم ، ئەگەر مەندە يېتەرلىك دەلىل ئىسپات بولغان بولسا ئىدى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم ئېنىقلاپ چىقاتتىم . مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرنى زادى كىم ھەل قىلىشى كېرەك ! ئابلەتكام ھەل قىلامدۇ ؟ ئۇ باشتىلا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان تۇرسا ، يەنە كېلىپ تەكشۈرۈمدۇ ؟  بۇ مۇسابىقىنىڭ باشتىن ئاخىر ياخشى ئۆتكۈزىلىشىگە قايسى ئورۇن مەسئول بولىدۇ ؟ ساھىپخان ئورۇن نېمىلەرگە مەسئول ؟ bC,M& 
emDvy2uA#  
D;#Yn M3  
                            4- ساھىپىان مېھماننى قانداق كۈتىشى كېرەك ؟  [laL6  
   بۇ يەردە مەن نوقۇل ھالدا  ساھىپخان ئورۇنغا  بىزنى ئۇنداق كۆتۈڭلار ياكى مۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن ، چۈنكى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە  مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا تەنھەركەتچىلەرگە مەخسوس چىقارغان راسخوت بولىدۇ ، بۇنى يەرلىك ئۆزلىرى ئازراق مەبلەغ چىقىرىپ تۇرمۇش ياتاق شارائىتلارنى  بار كۈچى بىلەن ياخشىلايدۇ . ئۇنداقتا  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرى قانداق بولدى ؟    بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن مۇنبەرگە بىر تېما يوللىنىپ  قەشقار  ۋىلايەتلىك  ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ  تەنھەركەتچىلەر ياتقان ياتاق ۋە تازلىق ئۆيلىرىنىڭ مۇھىتىنى سۆرەتكە تارتىپ  يوللىغانلىقىنى كۆرگەنسىلەر ، شۇڭا مەن تەكرار يوللاپ ئولتۇرمايمەن ، مەقسىدىم : دۆلەت پوتبۈلغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ؟  دېگەننى  ئايدىڭلاشتۇرۇش . 9"u @<]  
    مەن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم كوماندا باشلاپ مۇسابىقىلەرگە بارغان ، شىنجاڭنىڭ  ھەرقايسى شەھەر ناھىيىلىرىگە  بارغان ،بىر مىسالنى ئالاي ،  2007-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان  ناھىيىسىگە ۋالىبول مۇسابىقىسىگە كوماندا ئېلىپ باردىم ،ئەمەليەتتە ئۈچتۇرپان ئاقسۇدىن 100 كېلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ناھىيە ئىكەن ، ياتاق تاماقلىرىمىزنى پارتىيە مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇردى ،ئۆلچەملىك ئىككى كىشىلىك ياتاق ،شارائىتى بەكلا ياخشى ،كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقتا كەم دېگەندە بەش ياكى ئالتە خىل تاماق ، بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرغان بولساقمۇ قىلچە زىرىكىش ھېس قىلمىغان ئىدۇق ، ئۇندىن باشقا يېقىندىلا ئاخىرلاشقان  قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ، ئورنى ئاپتونۇم رايونلۇق  تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزىلدى ، بىزمۇ كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردۇق ، قەشقەرگە بارغان تېرنىلارنىڭ كۆپرەكى شۇ مۇسابىقىدىمۇ بار ، ياتاق ، تاماق شارائىتلىرىنى دىمەيلا قويۇڭ ، بارلىق تەنھەركەتچىلەر رازى بولۇپ: بىزنى  شاھزادىلەرنى كۈتكەندەك كۈتىۋەتتى ، شۇنىڭغا چۇشلۇق ياخشى نەتىجە ئالايلى ! دىيىشۇپمۇ كەتتى . I! eSJTN  
     2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچقۇرۇن قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە يېتىپ كەلدۇق ، بىز چۈشكەن ياتاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەككىز كىشىلىك ياتاقلىرى بولۇپ  ئوقۇغۇچىلار لىق سەككىزدىن ئورۇنلاشتى ، تېرنىرلار  ئۈچتىن تۆتتىن ئورۇنلاشتى ، ياتاقتا كارۋات ،ئۈستىگە يەكشەنبە كۈنلىرى ساتىدىغان ئون يۈئەنگە ئىككىدىن بېرىدىغان يوتقان ، كىرلىكلەر سېلىنغان ، ساپ نىلوڭ رەخت ، ئۈستىدە ئون مىنۇتلا ياتسىڭىز قىزىپ مەشتەكلا بولۇپ قالىسىز ، ئۇندىن باشقا ھېچقانداق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى يوق ، سوپۇن ،لۈڭگە ،توشې ، تەلەڭگە  ھېچقايسىسى يوق ، تازلىق ئويى بولسا كارىدوردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ سۇخانىسى ، ئوبىرنىخانىسى ، توۋۋا دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم ، بۇ نېمە ئىشتۇ  ئون قانچە يىل كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىلەرگە بېرىپ بۇنداق ناچار شارائىتنى تۇنجى كۆرۈشىم ، تەنھەركەتچىلەر مۇشۇ شارائىتتا قانداقمۇ توپ تېپەر  ! بۇ بىر كۈندە تۈگەيدىغان  مۇسابىقە  بولمىسا يا ، ئولتۇرغان جايىمدا   ھاڭبېقىپلا قاپتىمەن ، شۇ ئارىدا تەنھەركەتچىلىرىمنىڭ  مۇئەللىم  بىز ئورۇنلىشىپ بولدۇق ! دېگەن ئاۋازى بىلەن ئەسلىمگە كېلىپ جاۋاپ قايتۇردۇم . كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا كىردۇق  ئارىدىن 20 مىنۇتلار ئۆتۈپ چىراق ئۆچتا ، بۇ نىېمە ئىشتۇ دەپ سۈرۈشتۈرسەك سائەت 10 دا  چىراق ئۆچىدىكەن ،بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئۆزگەرتىپ تېرنىرلارنىڭ بولسىمۇ چىراقلىرى  ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولسىكەن دېدۇق  ، بىراق ئەمەلگە ئاشمىدى ، شۇنىڭ بىلەن 80-يىللاردىكى ياتاق تۇرمۇشىنى قايتا باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك  بولدۇق .... شۇنىڭ بىلەن  قەشقەردىكى  غېرىبانە ياتاق تۇرمۇشىمىز باشلاندى ، مۇسابىقە جەريانىدا نۇرغۇن تەنھەركەتچىلەرنىڭ پۇتلىرىنىڭ پېيى  تارتىشىپ يىقىلىپ قالدى ، بۇ نېمە سەۋەپتىن ؟ ياتاقلاردا مۇنچا ئىسسىق سۇ يوق ، بالىلار كىچىك بولغاچ مۇسابىقىدىن چۈشۈپلا سوغاق سۇدا يۈز -كۆزلىرىنى يۇيىدۇ ، ھەتتا بەزىلىرى سوغاق سۇنى بېشىدىن قويۇپ يۇيىنىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ پۇتلىرى يىغىلىپ قېلىشتەك ئىشلار كۆرۈلدى ، كەچلىكى چىراق ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ياتاق ھاۋاسىنىڭ تىنجىقلىقى  ، پاشىنىڭ دەردىدىن ئۇخلاش تېخىمۇ تەس بولدى  ، نەرسە كېرەك سېتىۋالاي دېسە يېقىن ئەتىراپتا تاللار دۇكانلىرى يوق ، تەلىيىمىزگە مەكتەپ ئىچىدە كىچىككىنە بىر دۇكان بار ئىكەن ، ئۇلار بىزگە تايىنىپ خېلى سودىمۇ قىلغان بولدى . ئاشخانىدىكى ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا ياخشى بولۇپ يەڭلار ، ئىچىڭلار دەپ تۇرىدۇ ، بىراق ياقتۇرۇپ يىگۈدەك تۈزۈك تاماق چىقمايدۇ ، ئۇلارمۇ بەرگەن پۇلغا چۇشلۇق ماتىريال ئېپ كېلىپ تاماق قىلىدۇ دە .. ئايەم كۈنلىرى يېتىپ كېلىپ ئادەمنى تېخىمۇ غېرىپ سۇندۇرغىلى باشلىدى ، ھېيت كۈنىمۇ دەم ئېلىش يوق تۆت مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ  ، مەيداندىكى مۇسابىقىلەرمۇ شۇنداق غېرىپلىقتا  .. كونىلارنىڭ بىر گىپى بارتى : يىغلايدىغان ئادەم يوق ،ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ . دېگەندەك مۇسابىقىلىرىمىزنى كۆرۈدىغان ئادەممۇ يوق دىيەرلىك ، شۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى يادىمغا كېلىدۇ ، نېمە دېگەن كۆپ مەستانىلەر ، ھۇررا توۋلىغان سادالار نەچچە كۈنگىچە قولاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغان ... بەلكىم ھەممە كىشىلەر رامزاننىڭ ھاردۇقلىرىدا ۋاقىت چىقىرالمىغاندۇ ، ھېيتنىڭ تەييارلىقىدا كېلەلمىگەندۇ  دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەردىم ، قەشقەر خەلقى ئەزەلدىنلا مېھمان دوست خەلىق ، بىر ئۆيگە مېھمان كەلسە ئەتىراپتىكى بەش ئون خۇلۇم -قوشنا  چاقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق كۆڭلىنى بىلدۈرىدىغان تۇرسا  دەپ قەشقەر خەلقىدىن ھېچقانداق ئاغرىنمىدىم ، چۈنكى ئۇلاردا ئەيىپ يوق !  بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ، نۇرغۇن مەبلەغمۇ ئاجراتقان ، ئەشۇ مۇبلەغنىلا  كەمەيتمەي ئىشلەتسە مۇسابىقىگە كەلگەن 620 دەك  تېرنىر ،يېتەكچى ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ  تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولاتتى ، مۇشۇ  مۇسابىقىگە كەلگەن مۇساپىر تەنھەركەتچىلەرنىڭ  راسخوتىدىن پايدا ئالمىسا نېمە بولار دەيمەن ! ھۆكۈمەت چىقارغان پۇل بىلەن ئۆزىمىز چىقارغان پۇلنى قوشسا ئەڭ ياخشى مېھمانخانا كېلەتتىغۇ ، ئەجىبا ئۇلار ھېساباتنى بىلىپ بىز بىلمەمدىغاندىمىز ؟!  ئۈرۈمچى ، قارماي قاتارلىق كوماندىلارنىڭ يېتەكچىلىرى ياتاقلارغا قاراپ بېقىپلا شۇ كۈنى سىرتقا چىقىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى ، بىز يەنىلا جايىمىزدا قالدۇق . ئون كۈن جەريانىدا  بىز تەسەللىگە ، ھېسداشلىق قىلىشلارغا مۇھتاج بولدۇق ، ئۆيىمىزگە مېھمان كەلسە  ئورۇن كۆرپىنىڭ ياخشىسىنى سېلىپ ، تاماقنىڭ تەملىكىنى ئېتىپ ، يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ ،تاڭ سەھەردە ، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ دەپ ئەھۋال سوراپ  بار كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يەنە كېلىشىگە يول ئاچىمىز ، كونىلارنىڭ : بۇغداي نېنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ! دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار ، بىزمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان ساھىپخانلاردىن  نەچچە كەلىمە بولسىمۇ ياخشى سۆزلەرنى ئاڭلاشنى شۇنداق ئارزۇ قىلغانتۇق ، ئەپسوس !!! بۇ سۆزلەر بەكمۇ قىممەتكە توختاپ بىز باھاسىغا چىقالماي قالدۇق ....   شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ  بىز بىلەن ئاشخانىلاردا بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىللە بولىشىنى ، ناچار شارائىتلاردا سېلەرنى قىيناپ قويدۇق قېرىنداشلار ! بىزنى كەچۈرۈڭلار ! دېگەندەك نەچچە كەلىمە تاتلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدۇق ، مېھرىبانلىققا تولغان ئەشۇنداق سۆزلەر ھەممە كىشىنىڭ قەلبىنى ئېرىتەلەيدۇ ئەمەسمۇ !  تېخى بەزى تېرنىرلىرىمىز  :    بىز كەلگىلى نەچچە كۈن بولدى  ،قەشقەرنىڭ رەھبەرلىرى بىزنى بىرەر ئاخشام بولسىمۇ چاقىرىپ ئىسسىق چاي قوياي دېمەيدىغۇ دەپ ھەر ئاخشىمى كۈتۈپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى ......     } k%\  
       @_weMz8}  
dXcMysRc%&  
               5  -دۆلەت پوتبولغا مەبلەغ سالدىمۇ  ؟ ئاشكارلاشقا بولامدۇ ؟ KzH}5:qI  
   2010-يىلدىن باشلاپ دۆلەت كەڭ كۆلەمدە پوتبولغا مەبلەغ سېلىپ ، پوتبول ھەركىتىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاش دېگەن  چاقىرىقىنىڭ روھى بىلەن مانا ئۈچ يىل بولدى مەيداندا يېتىۋاپ دېگۈدەك يۈرۈپتىمىز  دۆلەتنىڭ بىر پۇڭچىلىك مەبلىغىنى كۆرمىدۇق ، ناھىيە بويىچە ئۈچ يىل 1-دەرىجە بولۇپ ۋىلايەت كوماندىسىنى بىرلىكتە باشلاپ مۇشۇ مۇسابىقىلەرگىچە قاتناشتۇق ، كىم بىزگە بىر پۇڭ ياردەم قىلدى ؟ مۇسابىقىگە بېرىۋاتقان ياش -ئۆسمۈرلىرىمىز ھەممىسى مەجبورى مائارىپ ئىچىدىكى  ئوقۇغۇچىلار ، مەجبورى مائارىپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۈمدە  ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كەم دېگەندىمۇ 5-600 يۈز يۈئەن پۇل كېلىدىغۇ ، يۇقىرى تارماقلار  مۇسابىقىلەرگە راسخوت چىقىرىپ ئېلىپ بارالمىسا  ھوقوقىدىن پايدىللىنىپ مەكتەپلەرگە   شۇ مەكتەپتىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى تۆلەش توغرىسىدا ھۆجقەت  چۈشۈرسە بولاتتىغۇ  ! eG)/&zQ8  
    بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ كېلەلمىگەن كوماندىلار نېمە سەۋەپتىن كېلەلمىدى ؟ ئىقتسادنىڭ يوقلىقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ؟ بۇ ئىشلارنى كىم سۈرۈشتۈرىدۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ يىراقتىكى ئىشلار ... چۈنكى نەق مەيداندىكى ناھەقچىلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىپ  ، جازالاش كېرەك بولسا جازالاش ، مۇكاپاتلاش بولسا مۇكاپاتلاش كېرەك دەپ  ئاق بىلەن قارىنى ئايرىپ ھۆكۈم قىلىدىغان  جىگىرى بار بىرەر ئەركەكنى كۆرمىدۇق ، ھەممە ئىشنى يەڭ ئىچىدە ھەل قىلىۋاتقان ................ N55=&-p  
     ئۇندىن باشقا مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى  ھۆكۈمەت تەرىپىدىن راسخوت ئاجىرتىپ ، كىيىم كېچەك ، توپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىراخۇانىيە  ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ھەل قىلدىمۇ ؟  ياكى ھېچنىمىنى كۆتەرمەي ، بارساڭ ئەنە يول ، بارمىساڭ ئخىتىيار دەپ جىم تۇرىۋالدىمۇ ؟  مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ؟  بۇ مەسىلە پوتبولنى يا ئۇچقاندەك تەرىقى قىلدۇرىدۇ ياكى بولمىسا ھالاك قىلىدۇ ... D+U/]sW  
   باشقا كوماندىلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، بىراق ئۆز كوماندامنىڭ ئىشى ئۆزەمگە ئېنىق ... بىز كوماندا ئەزالىرىنى ئىككى تېرنىر قوللانمىنىڭ تەلىبى بويىچە تاللاپ تۇرپاننىڭ 50 گىرادۇس ئىسسىقلىرىدا توپىلىق مەيدانلاردا جاپالىق مەشىق قىلدۇردۇق ، مەقسىدىمىز : ئۇيغۇر پوتبولچىلىقىنى تەرەقى قىلدۇرۇش . مانا مۇشۇ ئىستەكلەردە  ھەر خىل ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ مۇسابىقە ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ، كوماندىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە تارماقلىرى بىر پۇڭمۇ چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلدۇق  ، سەۋەبى پۇل يوق !  شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقمۇ قارارىغا كەلدۇق ، بىراق بىزغۇ مەيلى ، جاپالىق مەشىق قىلىۋاتقان 20 نەچچە تەنھەركەتچى بۇ گەپنى ئاڭلىسا نېمىمۇ دەر ، بىز ئۇلارغا قانداق جاۋاپ بېرىمىز ؟  بولمايدۇ ، بىز ئۆز يېنىمىزدىن چىقىرىپ بولسىمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشسيلى دېيىشتۇق ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئاتا-ئانىلارغا مەسلىھەت سالدۇق ، جەمئىيەتتىن كارخانىچىلارنى ئىزدىدۇق ، ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچىلەر بىزنى قوللىدى ، بىرسى كىيىم كېچەك ئالسا يەنە بىرى باشقا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى ، ھەتتا نەچچە زاپاس تەنھەركەتچىلەر 1000 يۈئەندىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قولىنى سۇندى ، بىز تېرنىرلارمۇ 1000 يۈئەندىن چىقىرىپ  تەنھەركەتچىلەرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنى بېكىتتۇق ، جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە مۇسابىقىدىمۇ تۇرپان تارىخىدىكى ياخشى نەتىجىنى ئالدۇق .  مەن ئۆزىمىز پۇل چىقىرىپ مۇسابىقىگە ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇ سۆزلەرنى دىگىنىم يوق ، ئۇمومىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقىنىڭ چىقىملىرىگە كىمنىڭ مەسئول بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش ھوقوقىمىز بار دەپ قارايمەن .... _"t.1+-K  
         6- تەنھەركەتچىلەرنىڭ   سالاھىيىتىنى داۋاملىق ئۆزگەرتەمدۇق ؟ I4p= ?Ds  
     بۇ مەسىلە ماڭا بەكلا بېسىم بولىۋاتىدۇ ،  چەتئەلدىن ،جۇڭگوغىچە ، يۇقىرىدىن تۈۋەنگىچە ، ياشنى ئۆزگەرتىش ، كىملىكنى ئۆزگەرتىش ، باشقىلارنىڭ كىملىكىگە توپ تېپىش ئادەتتىكى بىر ئىش ئوخشايدۇ ،  بىز قىلمىساق باشقىلار قىلىدىكەن دەپلا ئۆزگەرتىدىكەن ، دۆلەتلىك تەنھەركەتچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېشىدىن نەچچە ياش كىچىكلىتىپ  كىملىك ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ، ئۇستىخان تەكشۈرۈش نەتىجىسى  قاتارلىقلارنى قىلدۇرشقا يەتتە -سەككىز مىڭ يۈئەنلا پۇل خەجلەيدۇ دەپ ئاڭلىدىم ، بۇ جاھان نېمە بوپ كېتىۋاتىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن نەق مەيداندىلا  تەنھەركەتچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلايدىغان ئۈسكىنە يوقتۇ ؟ ~ M>z O#U6  
   چىرايىغا قارىسىڭىز 19-20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىدىغانلار  13-14 ياش دەپ مەيدانغا چۈشىۋاتقان ، قىزلاردىكى ھۆسنى جامالىنىڭ ، بەدەنلىرىنىڭ تولغانلىقى ، ھەتتا چاچلىرىنى بۈدۈر قىلدۇرۇپ گىرىمنى قىلىپ مۇسابىقىگە چۈشىشى ئۇلارنىڭ 13-12 ياش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟   بىز نېمىشقا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدايمىز ؟ باشقىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىسىلەرغۇ دەيمەن ............بىز ساقتىلىققا تولغان  دۇنيادا نىجاسەتلەرگە كۆمۈلۈپ ياشامدۇق ؟  بۇ كىم جاۋاپ بېرىشى كېرەك ؟ ھازىرقى دەۋىرمۇ ؟ ياكى  ھوقوقمۇ ، پۇلمۇ ؟ ئەجىبا بۇنىڭ سورىقىنى بەرمەسمىزمۇ ؟  بەرسەك كىمگە بېرىمىز ؟ ........... ImY*cW=M  
                           خاتىمە   .A[.?7g  
   1- رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە  ئۆزگەرتىش قىلىش كېرەك .  ھەر بىر ئىشنىڭ مەسئول خادىمى  ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنلاش .   Tb6x@Mo rP  
  2- كەڭ ئامما ئىچىدىن  نازارەتچىلىككە  ئادەم تەكلىپ قىلىش كېرەك .   $aI MQ[(  
  3- يۇقىرى ئورۇنلار مۇسابىقە ئۇقتۇرىشىنى چىقىرىپ قويۇپلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماي ، ئاجراتقان مەبلەغنىڭ تۈۋەنلەرگە بارغان بارمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك . xR6IXF>*  
  4- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تەنھەركەتچىلەردە ساقتىلىق كۆرۈلسە ، تېرنىرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن ئۈچ يىلغىچە مۇنەۋۋەر  تېرنىر قىلماسلىق تۈزىمىنى يولغا قويۇش كېرەك . C>;8`6_!gU  
  5- ساقتىلىق قىلغان تەنھەركەتچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن بارلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىش كېرەك . Gqc6).tn  
  6- يۇقىرى ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر  مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىپ تۇرىشى ، مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى كېرەك ، شەكىلگە كېلىپ يىغىنغىلا قاتنىشىپ باشقا ۋاقىتتا يولىغا راۋان بولماسلىقى ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ياتاق ، تاماقلىرىنىمۇ تېتىپ كۆرۈشى كېرەك . p00Bg o  
  7- رېپىرلەرنىڭ ئادىل بولىشى بىر كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلوپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشى رېپىرلارنى كوماندىلار باھالاپ چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك . Id 7  
   يەنە قېلىپ قالغان تەرەپلەرنى قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .   >f05+%^[  
[ بۇ يازمىنىzakiraدە2012-08-27 11:12قايتا تەھرىرلىد ]
بۇ يازمىغا جەمئىي 1 پارچە باھا بېرىلدى |
ئوغلانى شۆھرەت +50 نادىر تىما 08-26
ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن !!!
توردا يوقkeloz
يازمىسى : 1959
پۇل : 10316932
شۆھرەت : 2037
تۆھپە : 70
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 50
ناھايىتى توغرا تەھلىل بوپتۇ.   سىز دېگەن بۇ گەپنى  ئەمەلدارلىرىمىز كۆرەرمۇ؟
توردا بارپارتىزان

يازمىسى : 4134
پۇل : 102349
شۆھرەت : 5221
تۆھپە : 231
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 106
دىمىسىمۇ دىيارىمىزدا ئۆزتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە باش تېرىنىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇ يەر بۇيەردىن كەسپى پۇتبولچىلارنى تېپىپ ئەكىلىپ مەيدانغا سالىدىغان ئىشلىرى كۆپ !   بەزى تۈزۈملەر دىگەندەك مۇكەممەل ئەمەس !   b{(:'.  
مۇسابىقە تەشكىللىگەن ئورۇنلارمۇ پەقەت مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي ، مۇسابىقە جەريانىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان تالانىتلىق ماھىرلارنىڭ كىيىنكى كەلگۈسى ئۈستىدە  ئانچە مۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ قولىدىن كېلىشىچە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !       ^s%Qt  
زاكىرە ھەدىمىز ئېيىتقاندەك دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقى كۈندىن كۈنگە ياخشىلانماقتا !  ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق تەرەققى قىلغۇسى !     توپ تىپىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىز..جاپا مۇشەقەتكە چىداپ ياخشى مەشىق قىلسا ، بىزدەك پۇتبول مەستانىلىرىمۇ  سەۋىرچان بولۇپ داۋاملىق قوللاپ قۇۋۋەتلىسەك ... ھامان بىركۈنى ئۆزىمىزنى تونىتالايمىز  
توردا بارankar528

يازمىسى : 2426
پۇل : 9198
شۆھرەت : 5760
تۆھپە : 70
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 41
نىگىزلىك ئەمما ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىللىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز . 5>"-lB &  
?ZE1>L7e  
خۇدا خالىسا بۇ مەسىلىلەرمۇ يىقىن كەلگۈسىدە روياپقا چىقىپ قالار . (Kv[~W7lb  
ئىشلىرىمىز قولاي كەلسۇن !
توردا بارarean418
يازمىسى : 476
پۇل : 291614
شۆھرەت : 499
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
ئسسسىل يىزۋىتپسزغۇ ~~~~  مەنمۇ جىق ئاڭلىدىم جىق كۆردىم ،ۋە ئەمەلىي ئۇچراپ باقتىم بۇ مەسلىلەرنىڭ بەزىللرىگە ...  بوپمۇ چوڭ باللانى  كىچىك باللاغا سىلش مەسلىسى ~~~   مەن باشلانغۇچتا كوماندىدا تۇرغان اقتىمدا بىزنىڭ مۇئەللىم ئاللا بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھەتتا تۇلۇقتىكى باللا كىلپ مۇسابىقە قاتنشپ بىرەتتى ... مەندەك ھەققى يىشى توشقان ماھىرلا كىچىك سانىلپ ئۇرۇندۇقتىلام ئولتۇراتتۇق.... پەقەت 6 جى يىللىققا چىققاندىلام مۇسابىقەگە قاتنىشالايتۇق ......     بەزەن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەكمۇ بوپ قالمەن ....    نىمشقا بىزنىڭ كىچكلىرمىز يولداش بەسەيلەرنى  10 توپ 15 توپ پەرىق بىلەن ئۇتىمز ؟؟؟ لىكىن باللا يەنە 4 يىل ئۆتەپلام چوڭ بەسەيلەر بىلەن ئوينسا شۇنچە جىق قينچىلقلارغا ئۇچرايمىز ؟؟؟   مەن ھەممىنى شۇ سەۋەپلىك ديەلمەيمەن ،لىكىن ئەمەلىي كۆرگەن ئاڭلىغنىمدىن شۇنداق دەيمەنكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىچكىرلەرگە مۇسابىقىگە ئاپارسا  9 بالنىڭ 4-5 كىچە تۇلۇقسزنىڭ ،1-2 گىچە تۇلۇقنىڭ باللىرى ئاندىن بىرپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان ، نىمە دگۈلۈك بەزەن ئشلارغا .....  سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقۇدۇ دەپ  زاپەرچىلكمۇ يۇقۇپتۇ جۇمۇ بىزگە ~~~~~  
بىرلىك ئۈچۈن توپ ئوينايمەن~~~
توردا يوقچىمبۇلاق
يازمىسى : 1518
پۇل : 300582
شۆھرەت : 1481
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
غۇلجىدا ئۈتكۈزگەن بولسا ھەممە شاراھىتنى مۇشۇنداق قىلاتتىدە
خەققەقىلساڭ ئۈزەڭگەيانىدۇ،ئۈتنەئالەم بۇ!!
توردا بارئامېرىكا

يازمىسى : 9877
پۇل : 105276
شۆھرەت : 12041
تۆھپە : 147
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 205
بۇ ئىشلاردىن بىزنى تەپسىلى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت  زاكىرە  ھەدە. ,R]hNjs-{  
ئۇزۇندىن بويان مەيلى ھۇررا  مونبىرىدە  بولسۇن .ياكى پوتبول مۇنبىرىدە  بولسۇن يازغان تىما ئىنكاسلىرىىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرۋاتىمەن. Rs,\{#  
ھەمدە  سىزگە بىر خىل ھۈرمىتىم قايىللىقىم ئىشىپ قالىدۇ.دىلشاتنىڭ ئالدىغا  چىقىپ ئۇنى كۈتىۋالغاندا سىزگە  بولغان ھۈرمىتىم تىخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. w|!>>W6J  
بولوپمۇ سىزدەك ئايال  كىشىنىڭ پوتبۇلغا  قىزىقىشى ،ھەم  ئۇيغۇر  پوتبۇلچىلىقى .شىنجاڭ پوتبۇلچىلىقى ئۈچۈن قولڭىزدىن كىلىشچە قىلۋاتقان  چوڭ كىچىك ئىشلىرىڭىز مەندە  چوڭقۇر  تەسىرلەرنى قالدورغان. o?@,f/" 5  
E:/G!1  
ئۈز مىللىتىنىڭ ھەم  ئويغور پوتبۇلچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا  قارا  قول سونوپ. ئۇنى  ئۈزىنىڭ نەپسى بالاسى  قىلۋالدىغان شۇ ئىتنىڭ غالىچىلىرىغا  ،كىچىك شاكىچكلەر بىلەن تەڭ چىنىقىپ تەڭ يۈگرەپ بەدىنىڭىزدىن ئاققان شۇ مىھنەتلىك تەر تامچىلىرىڭىزنى يىغىپ .بۇ غالىچىلارنىڭ ھەر بىر قىتم  يىگەن تامىقىغا  بىر قوشوقتىن بىر قوشوقتىن سىلىپ بەرگۈم كىلۋاتىدۇ.  F* "  
0PO'9#  
شىنجاڭ پوتبۇلچىلار جەمىيىتى پىلاندىكى  ۋەزىپىنى ئوروندىسا بولدى .بۇنىڭ قانداق تەسىرى بار. Sd/?xyF1(  
بۇنى يەنە داۋاملىق قانداق تەرەققى قىلدۈۇرۇش كىرەك.ياش ئۈسمۈرلەر  پوتبۇلچىلىقىغا  يەنە قانداق ئۇللارنى سىلىش كىرەك ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاش بۇ قاپاقۋاشلارنىڭ كاللىسدا مىڭ يىلدىن يىراق. 9,wd,,ta  
%>B?WR\yE  
ھەي ئامال يوق غوجامنىڭ غوجىىسى بار ..قالغان ئىشلار  ئۈزىمزىنىڭمۇ كۈڭلىگە ئايان.
سۈيىمەن سىنى ئويغۇر....
توردا يوقbiwn
يازمىسى : 135
پۇل : 100231
شۆھرەت : 228
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ankar528دە2012-08-26 18:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :نىگىزلىك ئەمما ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىللىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز .خۇدا خالىسا بۇ مەسىلىلەرمۇ يىقىن كەلگۈسىدە روياپقا چىقىپ قالار . [ئىپادە]ئىشلىرىمىز قولاي كەلسۇن ![ئىپادە]
[VvTR#^  
قوللايمەن!
___ھەر كىـم ھەركىـمنىڭ____ ئىزنى باسالمايدۇ ! !  !
توردا يوقtagderem
يازمىسى : 1184
پۇل : 109652
شۆھرەت : 1259
تۆھپە : 12
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 70
  روزا - رامزاندا ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان  سەبىيلىنىڭ ھەققىنى قوقماي يەۋالغانلاردىن راپاۋەت كۈتۈش ئارتۇقچە . تاماق ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئىچىم تىخىمۇ ئاچچىق بولدى . دۇنيادىكى ئەڭ يامان  ئىش ‹باشقىلارنىڭ رىسقىنى يەۋىلىش ›  . قەشقەرنىڭ پىژ پىژ  ئاپتاپلىرىدا كۆيۈپ پىشىپ ، توپ ئويناۋاتقان سەبىيلەرنىڭ ھەققىگىمۇ قول ئۇزاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارسىدىكى ئ.ۇيغۇرلار دوۋزىخى بولغاي !   hDO\Q7  
 [#+yL  
چۈجىگە ئايلانغان تۆگە دەپ بىر ماقالە بولدىغان .
يول -  ئۇ  ماڭغانسىرى ساڭا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ   !
توردا يوقattella
يازمىسى : 21
پۇل : 21
شۆھرەت : 31
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
   ھۇررا  مۇنبىرىدىن  ئۆسمۇر  بالىلارغا  روھلاندۇرۇش  دورۇسى  ئىچكۇزىدىكەن دىگەن  ئىنكاسنى   كۇردۇم  ،  بۇنداق  ئىشلاردىن  ھەزەر  ئەيلەيلى،   سىز  مۇسابىقىدە  باشتىن  ئاخىر   بولغاچقا  ناھايىتى  تەپسىلى  تەھلىل  قىلىپ  يېزىپسىز  ،  سىز   خېلى - خېلى  ئەرلەر  قىلالمىغان  ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز  ،  سىزگە  بەخىت  -  سائادەت  مەڭگۇ  يار  بولسۇن  !!!!!!!  
ئۇيغۇر  ئۇچۇن  ھۇررا   ...!!!!
توردا يوقئوغلانى

يازمىسى : 2767
پۇل : 2637749
شۆھرەت : 5387
تۆھپە : 267
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 234
ھەقىقەتەن نادىر تىما بولۇپتۇ........ snYyxi  
  ئۇيغۇر  پۇتبولچىلىقى مانا مۇشۇنداق تەھلىل-مۇنازىلىرىگە تولىمۇ مۇھتاج.بۇنى بىز  قىلمىساق ئەلۋەتتە باشقىلار تېخىمۇ قىلمايدۇ...نۆۋەتتە مۇشۇنداق مەسلىلەر قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى...دىگەندەك بىز دىنمۇ  نېرى بۇلالماي كىتىۋاتىدۇ...ئەڭ ئادەتتىكى مۇسابقىلەردىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەيراڭۋازلىقلار مەۋجۇت...خۇددى ئۇتىۋالسا شەھەرنى ئۇتىىۋالىدىغاندەك..... bT MgE Y  
   بۇنداق مەسلىلەر  يەنىلا كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ بىردەك نارازىلىقى ئاستىدا چۇقۇم ياخشىلىنىپ كەتكۇسى...شۇ مۇسابىقىدە نۇرغۇن ئەر تېرىنىرلارمۇ بۇنى بايقىغان ،نارازى بولغان بولىشى مۇمكىن...ئەمما دەردىنى ئىچىگە يۈتكەندەك قىلىدۇ...تور دۇنياسىنىڭ تەسىر كۈچىنى سەل چاغلىمايلى....
توردا يوقyusupyasen
يازمىسى : 16
پۇل : 16
شۆھرەت : 26
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ. مىللىتىمىز پۇتبۇلىغا كۇڭۇل بۇلگىنىڭىزگە كۇپ رەخمەت ،جاپا چىكىپسىز .
تېز ئىنكاس يېزىش
180خەت بىلەن چەكلىنىدۇ
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى