ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشكەڭ ھالەت
  • 5487كۆرۈش
  • 75ئىنكاس

2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى خاتىرسى [ئادرېسنى كۆچۈرۈش]

ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
توردا يوقھۆكۈمران
 

يازمىسى : 1332
پۇل : 3936763
شۆھرەت : 4796
تۆھپە : 60
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 294
— بۇ يازما ئوغلانى تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-02) —


ساھىپخان دۆلەتنىڭ ئارقا كۆرىنىشى
بۇ قىتىم شەرقى ياۋروپادىكى 2 ساھىپخان دۆلەت پولشا بىلەن ئۇكرائىنا .ئەسلىدە بۇ ئىككى دۆلەت بۇ قىتىمقى 2012-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۆتكىزىش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ باشقا غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچۇرشۇپ دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ يىڭى ئوبرازىنى نامايەن قىلماقچى ئىدى .ئەمىلىيەتتە شەرقى ياۋروپا ۋە غەربى ياۋروپا تىلغا ئىلىنسا شەرقى ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئارمىيە ۋە خەلىق ئۆزلىرىنىڭ شەرقى ياۋروپالىقلار دەپ ئاتىلىشىنى ئۇمۇد قىلمايدۇ .چۇنكى ئۇلار بۇنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش دەۋرىدە غەربى ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنى كەمستىپ شۇنداق ئاتىغان شۇڭا ئۆزلىرىنى ياۋروپالىقلار دەپ ئاتىغان ياخشى دەپ قارايدۇ .پۇتۇن دۇنيا ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلىۋاتقان پولشا بىلەن ئۇكرائىناغا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قاراۋاتقاندا ئۇنىڭغا ھىلىھەممۇ ئازىراق كەمستىش نەزىرى بىلەن قارىلىۋاتقاننى يەنە بىر قىتىم كۆرۇپ يىتەلەيمىز .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى پولشا ياۋروپانىڭ كىسەل كۆپىسگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.20 نەچچە يىل تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پولشا قانات قىقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان شەرقى ياۋروپانىڭ بۇركىتىگە ئايلاندى .2004-يىلى پولشا ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىردى .2009-يىلى پۇتۇن ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە پۇتۇن دۇنيا ئقتسادى پەس كويغا چۇشكەن ئەھۋالدا پولشا ئىقتىسادنىڭ ئىششنى ئشقا ئاشۇرالىغان بىردىنبىر ياۋروپا دۆلىتى بۇلۇپ قالدى .ئقتىسادنىڭ ئىششى پولشىنى ياۋروپا كىسەل كۆرپىسى دىگەن قالپاقتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ پولشا ئۆز زىمىنىدىكى پوتبول مەيدانلىرىدا ئىرىقىچىلىق ئاسارىتىنى يوقىتالمىدى .بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن يىرىم ئاي ئىلگىرى ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى 2012-يىللىق ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى ئۆچ ئىلىش ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتتى .فىلىمدە پولشا توپ مەيدانىدىكى ئىرىقى كەمستىش تەسۋىرلەنگەن : يەھۇدى بۇزۇقلار ،كىم ئۇرمىسا كىم ئوينىمىسا شۇ يەھۇدى .ئىرىقى كەمستىش تىلغا ئىلىنسا يەھۇدى مىللىتى ياكى نىگىرلار ئىسىمىزگە كىلىدۇ لىكىن ياۋروپادا ئەۋىج ئالغىنى بۇخىلدىكى ئىرىق كەمستىشتىن باشقا يەنە ھەربىر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مىللى كەمستىشمۇ ئوخشاشلا ئەۋىج ئالغان .ئامىرىكىنىڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇقىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنى ئىرىقچىلىق ۋە پۇتبول لۇكچەكلىرى بۇقىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ ئىككى چوڭ مەسلىسى بۇلۇپ قالدى دەپ خەۋەر بەردى،بۇ قىتىمقى ياۋروپالوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ باش رەئىسى پۇلاتىنى :ئەگەر پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ئىرقى كەمستىش كۇرۇلسە رىپىر مۇسابىقىنى توختىتشقا ھۇقۇقلۇق دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى .
11-ئىيۇن ئىتالىيە بىلەن ئسپانىينىڭ مۇسابىقىسدە مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا بالوتىلى راموسنىڭ پاسىنى ئۇزۇپ ئىلىپ چەكلەنگەن رايۇنغا كىردى .لىكىن شۇنداق ياخشى پۇرسەتتە ئۇ نەزىرىنى توپ مەستانىلىرىغا بىر ئاغدۇرۇپ قۇيۇپلا بارغانسىرى توپ ئىلىش سۇرىتىنى ئاستىلىتىپ ھاڭۋىقىپ قالدى .ۋە ئارقىدىن يۇگىرەپ كەلگەن راموسنىمۇ بايقىمىدى .مۇسابىقىدىن كىيىن ئەنگىلىيە كۇندىلىك گىزىتى خەۋەر قىلىپ ئۇ زادى شۇ پەيىتتە نىمىنى ئويلىدى دىگەن تىمىدا خەۋەر بەردى . مۇسابىقىدىن كىيىن ۋارتار ئارقىسدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئارقىسدىكى 200 دىن 300 گىچە بولغان توپ مەستانىلىرنىڭ بالوتىلىنى مايمۇنغا ئوخشاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى .ئەجەپلىنەرلىك يىرى شۇكى ئاشۇ توپ مەستانىلىرى ئارسدا ئىتالىيە توپ مەستانىلىرىمۇ بارلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ .

ھاقارەتلىك ئاۋاز ئىلگىرى ئىتالىيە پۇتبول مەيدانلىرىدىمۇ ياڭرىغان .ئەزەلدىن ياۋروپادا ئىتالىيە لىكلەر ئۆزلىرىنى  ئەڭ ياخشى مىللەت يەنى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن دەپ ئسلزادىكىلىكىنى نامدامدا بىر پەش قىلىدۇ .ئسلزادە ئىتالىيەلىكلەر قانداق قىلىپ گانالىق پۇشتىدىن بولغان بىرقاراتەنلىكنىڭ ئىتالىيە پۇتبول كوماندسنىڭ يادىرولۇق ھۇجۇمچىسغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۇشەنمەيتى .
بىراق بۇگۇنكى كۇندە ئىرىقى كەمستىش سادالىرى پولشىغىمۇ ياڭرىدى .بالوتىلىنىڭ ئىرقى كەمستىلش ئىشدىن كىيىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسنى ئۆتكۇزۋاتقان 2 دۆلەتكە مەخسۇس مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئەگەر ئىرىقى كەمستىش ۋەقەسى كۆرىلسە شۇ جايدىكى ساقچىلاردىن قالايمىقانچىلىق چىقارغانلارنى دەرھال مۇسابقە مەيدانىدىن يالاپ چىقىپ ئۇلارنىڭ قانۇنى مەسىلسنى سۇرۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۇنى روسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۇنى شۇنداقلا پولشا بىلەن روسيەنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسدە 2- قىتىم ئۇچىراشقان كۇنى بۇ قىتىمقى ئۇچۇرششنى پولشىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋارشاۋانى قوغداش ئۇرۇشى دىگەن نام بىلەن ئاتىدى .
1920-يىلى پولشا ئارمىيسى ۋارشاۋا شەھىرى سىرتىدا ۋىسلا مۆجىزىسىنى يارىتىپ شەرىقتىكى ناپالىيون دەپ ئاتالغان روس مارشال توخاچىۋىسكىنى مەغۇلۇپ قىلىغان پولشا ئاخبارات تورى پولشا دۆلەت كوماندسنىڭ تىرنىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى غەلبە قىلغان پولشا مارشالىغا ئوخشاتتى .روسيلىكلەر ئەزەلدىن پولشىنى تارىخى نۇقتىدىن چەتئەل دەپ قاراپ كەتمەيدۇ .12-ئىيول 10 مىڭغا يىقىن روسىيلىك پۇتبول مەستانىسى ۋارشاۋادىكى سىموۋۇللۇق خاتىرگە ئىگە قۇرلۇش مەدەنىيەت سارىيدا روسينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبىرىكلەش نامايىشنى ئۆتكۇزدى .مەدەنىيەت سارىىيى دەل روسىينىڭ بۇرۇنقى رەھبىرى سىتالىننىڭ پولشىغا سوغا قىلغان سوغىسى ئىدى .بۇنى پولشا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىغىۋاگەرچىلىك دەپ چۇشەندۇردى .ياۋروپا لوڭقىسى مەيدانىدا روسىيە كوماندىسى پولشا بىلەن 1-1 تەڭلەشتى .مەيدان سىرتىدا ئىككى دۆلەت توپ مەستانىلىرى توقىنىشىپ قالدى .روسىيە توپ مەستانىلىرى روسينىڭ بايرىقىنى كۆتىرىپ روسيە دەپ توۋلىسا ئەسەبىيلەشكەن پولشا توپ مەستانىلىرى ۋارشاۋا قوزغىلىڭىنىڭ بەلگىسى چۇشۇرۇلگەن مايكىنى كىيۋىلىپ روسلار يوقىلىش دەپ ۋارقىردى .ساقچىلار مالىمانچىلىق چىقارغان 180 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى .15 -ئىيۇل پولشا سوتى 23 دۆلەتتتىن كەلگەن توپ مەستانىلىرىگە ھۆكۇم ئىلان قىلدى .ھەمدە 7 روسىيلىك توپ مەستانىسىنى مەجبۇرۇ چىگرىدىن قوغلاپ چىقاردى .تارىىخ ھەقىقەتەن مۇھىم لىكىن
پۇتبول سىياسى ئەمەس .بۇنداق كۇچىيۋاتقان مىللى ئاداۋەت توپ مەيدانىدا بارغانسىرى ئەۋىج ئالماقتا .
[img]
ئەمدى بىز يەنە بىر ساھىبخان دۆلەت ئۇكرائىناغا قاراپ باقايلى !


ئوكرائىنا ھازىر سىياسى ساھادىكى يەنە بىر ساھىبجامال ئۇچۇن باش قاتۇرۋاتىدۇ . ئۇ دەل ئوكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى تىموشىنكو.
بۇنىڭ بۇقىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار دىگەن قاراشقا كىلىپ قالىمىز چۇنكى بۇ سابىق زۇڭلى ئۇكرائىنانىڭ بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۇكرائىنادا ئۆتكۇزۇشكە ئىغىر سىياسى بىسىم ئىلىپ كەلدى .مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچى پۇتكۇل كوماندىنىڭ جېنى .تىموشىنكو پۇتبولغا ناھايتى قىزىقىدىغان ئايال زۇڭلى ئۇ ئۆز دۆلىتىدىكى يادىرو ئوق بىشى دەپ نام ئالغان شىفىچىنكونى ناھايتى ياقتۇرىدۇ .غەرىب ئەللىرىگە مايىل گىلرەڭ ئىنقىلاپ بىلەن نام چىقارغان بۇ ئوكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى ئوكرائىنانىڭ ياۋروپا لوڭىقىسى مەزگىلىدىكى ئەڭ سەزگۇر تىمىسغا ئايلاندى .ياۋروپا لوڭقىسى ئۆتكۇزىلىۋاتقان مەزگىلدە توپ مەستانىلىرى نامايشچىلارغا قۇشۇلۇپ تىموشىنكونى قاماشقا نارازىلىق بۇلدۇرۇپ بۇ دۆلەتتىكى نازۇك مەسىلگە ئايلاندى .كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى شىفىچىنكودىن بەكرەك تارتىقان تىموشىنكو دىلوسى يەنىلا مۇراككەپ .ئوكرائىنا ئەسلىدە بۇقىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپادىكى تەسىرىنى ياۋروپاغا تۇنۇتۇش ۋە تەشۋىق قىلماقچى ئىدى لىكىن كۆپلەپ يىتىپ كەلگەن توپ مەستانىلىرى زور كۆلەمدىكى نامايشچىلارغا قۇشۇلۇپ دۆلەت ئىچى داۋالغۇشىنى ئاشۇرۋەتتتى.شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى تىموشىنكونى قويۋىتىش توغرىسىدا مەسلەھەت بەردى ۋە قارشى تۇردى  . بۇنىڭ بىلەن ئوكرائىنانىڭ ھەمىيىنى قۇرۇغدىلىپ قالدى .ئاخبارات ۋاستىلىرى ئوكرائىنا ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكىزىش ئۇچۇن 13 مىلىيارد 400 مىليون ياۋرو غەجلىدى دەپ خەۋەر بەردى .ئەسلى ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكۇزۇش ۋە ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنى ئوكرائىنادا ئىچىش بىلەن ياۋروپادىكى تەسىرىنى ئاشۇرماقچى بولغان بۇ سوتسيالستىك دۆلەت غەرىب ئەللىرى ئىچىدە داۋالغۇشتا قالدى .
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ 2 دۆلەتتنىڭ قاتناشنى ياخشىلاپ تەنتەربىيە ئۇل -ئەسلىھەلەرنى ياخشىلىغانلىقىغا كۆزيۇمالمايمىز لىكىن پۇتبول ئارقىلىق سىياسىدىكى پاسىپلىقنى يىپىش ۋە سىياسىنى تەرەقىقى قىلدۇرىش ئۇيى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ .ياۋروپا لوڭقىسىمۇسابىقە ئىچى سىرتىنى پۇرۇخ ھىدى قاپلىدى .يىقىندىن بىرى بارغانسىرى كۇچلۇنىپ كەتكەن ئىرقى كەمستىش ۋە مىللى ۋە تارىخى ئۆچمەنلىك ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسغا ئايلاندى .
مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئىيتايلى پۇتبول مۇسابىقىسى تەنتەربىيە .سىياسى ئەمەس .( بۇ مەزمۇن پۇتبولنىڭ شۇ دۆلەتتكى قانداق ئارقا كۇرىنىش ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغانلىقىنى تۇنۇتۇش مەقستىدە يىزىلدى)


بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى مالىيە دوكىلاتى
بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋورپا قەرز كرىزىسى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى مالىيە مەسىلىسىدىن قىلچە ئەنسىرىمىدى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ھەر بىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئۈچۈن سەككىز مىليون ياۋرو ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات تەسىس قىلدى، ھەتتا پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇسابىقىدە ھەر بىر توپ كىرگۈزۈلگەندە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى3000 ياۋرو ئىئانە قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسدا قىلىندىغان  ئومۇمىي كىرىم بىر مىليارد 600 مىليونغا يېتىدۇ
ئۈچ يىلدىن بۇرۇن ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى: 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى 70 مىليون ياۋرو زىيان تارتىشى مۇمكىن، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى كونترول قىلغان مەبلەغمۇ 508 مىليون 400 مىڭ ياۋرودىن 306 مىليون ياۋروغا كېمىيىشى مۇمكىن، جىددىيلەشكەن ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇل تېپىشقا بولىدىغان بارلىق ساھەلەرنى ئاچماقچى بولدى. كىيېف ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىقتىسادى ئۈنۈمى تەتقىقاتى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئومۇمىي كىرىمى بىر مىليارد 600 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېۋىزىيىدە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىنلا بىر مىليارد ياۋرو كىرىم قىلىنغان، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تېلېۋىزىيىدە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن بىر مىليارد 200 مىليون ياۋرو كىرىم قىلىش پىلانلانماقتا.
گۇرۇپپىدىن شاللانغان گوللاندىيە سەككىز مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان.
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مۇكاپاتلاش لايىھەسى بويىچە ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقۇچى 16 كوماندىنىڭ ھەر بىرى سەككىز مىليون ياۋرو ئەڭ تۆۋەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ، مۇشۇ بويىچە بولغاندا گۇرۇپپىدىن شاللانغان گوللاندىيە سەككىز مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 16كۈچلۈك كوماندىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى ئېلان قىلدى:
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر كوماندىغا 8مىليۇن ياۋرۇ بېرىلىدۇ.  گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تەڭلەشسسە 500مىڭ ياۋرۇ ، يەڭسە1مىليۇن ياۋرۇ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3-بولغان كوماندىغا ئوخشاشلا 1مىليۇن ياۋرۇ بېرىلىدۇ. 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن كوماندىلارغا 2مىليۇن ياۋرۇ بېرىلىدۇ. 4كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار 3مىليۇن ياۋرۇ بېرىلىدۇ.  2-بولغان كوماندىغا 4مىليۇن 500مىڭ ياۋرۇ، چىمپىئون بولغان كوماندىغا 7مىليۇن 500مىڭ ياۋرۇ بېرىلىدۇ. سىتاسىتىكا قىلىنىشچە، بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسىغا  196مىليۇن ياۋرۇ  خەجلىنىدۇ .
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى180 مىڭ ياۋرو پاراۋانلىق پۇلى ئىئانە قىلدى، يەنى مۇسابىقىدا ھەر بىر توپ كىرگۈزۈلگەندە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى3000 ياۋرو ئىئانە قىلدى.


2012-ياۋروپا لوڭقىسدىكى ئەڭ نۇرلۇق چولپان : رونالدو
بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسدىكى باھاسى ئەڭ يۇقىرى ۋە يىللىق ئش ھەققى 8 خانلىق ساننى قاتلايدىغان رونالدو ئەمىلى كۇچى بىلەن بۇقىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسدىكى كىشنى ئەڭ ئۆزىگە تارتىدىغان چولپانغا ئايلاندى ۋە  يۇلتۇزلار ئىچىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى .
گەرچە باشتىكى كىچىك گۇرۇپ مۇسابىقىسدىكى ئىپادىسى ئانچە كۆرىنەرلىك بولمىسىمۇ كىيىنكى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە توپ ئۇرۇپ كوماندىنى 4 كۇچلۇككە باشلاپ كىردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەت توپ مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرىشغا ئىرىشتى .ئۇنىڭ كۇلۇپتىكى ۋە ھازىر زامان پۇتبول ساھاسدىكى تەسىركۇچى بۇ قتىملىق ياۋروپا لوڭقىسدىكى ھەممىنىڭ دىققتىنى تارتىدىغان شەخىسكە ئايلاندۇردى.

2012 -ياۋروپا لوڭقىسدىكى قىزىق نۇقتىلىق شەخىس : ( پۇتبول ساھاسدىكى ماندىلا )   بالوتىلى

ھازىر 90 نەچچە ياشقا كىرگەن ماندىلا ئەينى يىلىلرى جەنۇبى ئافىرقىدىكى ئاق تەنلىك سياسيونلارنىڭ ئىرقى كەمستىش  تۇزىمىگە قارشى چىققانلىقى ئۇچۇن قاماقتا 27 يىل ياتقان كىيىن ئۇ ئىزچىل كۇرەش قىلىش ئارقىلىق جەنۇبى ئافىرقىنىڭ تۇنجى  نېگىر  زۇڭتىڭغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ تەسىرى ھازىر پۇتۇن ئافىرىقا رايونى ۋە دۇنياغا تارالغان .
مىنى بۇ بالوتىلىنى بىرەر شەخىسكە ئوخشتىپ باق دىسە بۇنىڭدىنمۇ  مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم .ئىزچىل ئىتالىيە ۋە ئىنگىلاندتتا كەمستشكە ئۇچىراپ كەلگەن بالوتىلى 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسدىمۇ بۇ ئەھۋالدىن قۇتىلالمىدى .كەمستىش قاتناشقانلار ئىچىدە ئىتالىيە توپ مەستانىلىرىمۇ ئايرىلىپ قالمىدى .ئىتالىيىلىكلەر قانداق قىلىپ ئەزەلدىن پۇتبولدا كۇچلۇك دۆلىتىنىڭ يادىرولۇق ھۇجۇمچىسنىڭ بىر نىگىر كۆچمەن بۇلۇپ قالغانلىقىنى قۇبۇل قىلالمىدى . لىكىن بالوتىلى تۇرلۇك كەمستىش ئىچىدىن ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق ئاشۇنداق نەزەردە كۆرگەن كىشىلەرگە ئۆزىنى تۇنىتىپ ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق شۇ كشلەرنى ئۆزىگە ئالقىش ياڭراتقۇزدى .ۋە باشقا دۆلەت توپ مەستانىلىرىنى ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق  قايىل قىلدى .
2012-يىللىق ئەڭ يىڭى كۆزگە كۇرۇنگەن ماھىر : ئالبا

پۇتۇن سەپ بۇيىچە باشقا كوماندىلارغا نسبەتەن  مۇكەممەلرەك ھىسابلىندىغان ئسپانىيە كوماندىسى ئەزەلدىن سول بىكتىن ئەنسرەپلا كەلگەن بۇيىل باش تىرنىر بوسكس باشتىن ئاخىرى بۇيى پاكار ۋالنسيەكوماندسدىن دۆلەت كوماندسغا قىتىلغان ئالبانى ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چىقىاردى نەتىجىدە ئسپانىيە كوماندسدىكى مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمدىكى مۇھىم ماھىرغا ئايلىنىپ باش تىرنىرنىڭ كۇتكەن يىرىدىن شۇنداقلا ھىس قىلىپ بولالمىغان يىرىدىن چىقىپ ئەڭ يىڭى كۆزگە كۇرىنگەن ماھىرغا ئايلاندى .تىخى نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا بارسىلونا كۇلۇبى ۋالىنسيەبىلەن  14 مىليون  ياۋرو يۆتكىلىش باھاسدا  كىلىشپ ئالبانى بارسىلونا ئۆزىگە قۇشىۋالدى .

يادىرو ئوق بىشىنىڭ  پارتىلىشى .

كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسدىكى ئۇكرائىنا كوماندسى بىلەن شىۋىتسيەنىڭ مۇسابقسى بەلكىم توپ مەستانىلىرىگە بىرقەدەر تەسىر قىلدىغۇ دەيمەن شەخسەن ماڭا خىلىلا تەسىر قىلدى . 36 ياشلىق ئوكرائىنانىڭ قىرى يادىرو ئوق بىشى پارتىلاپ ئۆزىدىكى ئاخىرىقى ئىنىرگىيەنى خورىتىپ دۆلىتگە شەرەپ ئىلىپ كەلدى . بۇ مۇسابىقىدە ئادەمنىڭ ئىتىبارىنى قوزغىغىنى مىلاننىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى يادىرولۇق ھۇجۇمچسنىڭ ماھارەت كۆرستىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى نەتجىدە يادىرو ئوق بىشى يادىرو ئۇرشى قوزغاپ ئۆز دۆلىتىدە غەلبە قىلدى .

ئويلىمىغان يەردىن چىقىش :گوللاندىيە

گوللاندىيە بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسدا كىشلەرنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىتى .ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممسسى تۇلۇق شارائىتتا كىچىك گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ پۇتۇن لاتارىيەھەۋەسكارلىرىنىڭ  ۋە  شۇنداقلا توپ مەستانىلىرنىڭ كەيپىنى ئۇچۇردى .ئەزەلدىن داڭلىق ماھىر كەملەپ قالمايدىغان ئىپادىسى بىرقەدەر تۇراقلىق بۇ كوماندا ئاجىز كوماندىلار تەرپىدىن يىڭىلىپ توپ مەستانىلىرى بىلەن مۇدەتتىن بۇرۇن خوشلاشتى .

چىمپىيۇن كوماندا :ئسپانىيە

پۇتۇن سەپ بۇيىچە ئادەمنى  بىرقەدەر خاتىرجەم قىلدىغان ئسپانىيە كوماندىسى بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسدا بىرمەيدانمۇ يىڭىلمەي ئىلگىركى نۆۋەتلىك چىمپىيۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالدى .شۇنداقلا يىقىنقى 5 يىل جەريانىدا دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئىرىششكە تىگىشلىك چوڭ لوڭقىلارنى قالدۇرماي ئىلىپ يىڭى پۇتبول ئىنقىلابىنى توپ مەستانىلەرگە ئەكس ئەتتى .

بۇ قىتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى شۇنىڭ بىلەن غەلبىلىك ئاخىرلىشپ بىز توپ مەستانىلىرىگە ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى .






.
[ بۇ يازمىنىھۆكۈمراندە2012-07-02 15:22قايتا تەھرىرل ]
توردا يوقartuq999
يازمىسى : 170
پۇل : 295286
شۆھرەت : 280
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
ئىسپانىيە  تارىخ ياراتتى............
توردا يوققىلىچ

يازمىسى : 2693
پۇل : 88150
شۆھرەت : 3333
تۆھپە : 100
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 90
ئىسپانىيە تارىختىن بويان ئۇدا چىمپىيون بولماسلىققا خاتىمە بەردى ....
ھازىرقى ئىسپانىيە چىمپىيون بولمىسىمۇ سەت تۇردۇ ...
بەلكىم گىرمان ئوينىغان بولسا قانداق بولاتتى دەيمەن ....
ئاخىردا بىر ئېغىز گەپ ئىسپانىيەگە ھەقىقەتەندە ئامال يوقكەن
توردا يوقmissi3140
يازمىسى : 117
پۇل : 211
شۆھرەت : 128
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
بالاتولى 4 توپ ئۇرىمەن دەپ 4 نى يەپ قويدى  
پۇتبول- ھاياتلىق يۇلى
توردا بارsardar1818
يازمىسى : 501
پۇل : 2100592
شۆھرەت : 656
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
مۇبارەك بولسۇن ئىسپانىيە . ئاخىرى چىمپىئون بولدۇڭ.      
قەلب پەقەت ئىمان تۇردىغان جاي
توردا يوقmakanim
يازمىسى : 216
پۇل : 100288
شۆھرەت : 292
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
شۇنى دەيمەن بالوتىلىنىڭ ئاغزىدىن سا چىقىپ كىتىپتۇ.
تەقدىرىڭ ئۆز قۇلوڭدا!
توردا بارلاچىن

يازمىسى : 220
پۇل : 1164353
شۆھرەت : 313
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
تورېس، ماتا مۇبارەك بولسۇن
يول ئاچقۇچىغا،ئىز ماڭغۇچىغا مەنسۇپ!!!
توردا يوقزەردار

يازمىسى : 5456
پۇل : 637480
شۆھرەت : 5634
تۆھپە : 21
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
مۇبارەك بولسۇن ئىسپانىيە   
[ بۇ يازمىنىزەرداردە2012-07-02 04:05قايتا تەھرىرلىد ]
توردا يوقooo
يازمىسى : 27
پۇل : 100052
شۆھرەت : 46
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
ئىتالىيەنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىنى كۆرۈپ، گىرمانىيەگە تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىدى.
ئىتالىيە = ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىتى بولمىغان كوماندا (مەنچە)
ئىتالىيەنىڭ گىرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىشى = تەقدىرنىڭ چاقچىقى  
توردا يوقئاتامان

يازمىسى : 879
پۇل : 24624
شۆھرەت : 923
تۆھپە : 15
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 82
ئىسپانىيە
ئانا تىلىمىزنى قوغداپ، ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى !
توردا يوقanwar310
يازمىسى : 681
پۇل : 300583
شۆھرەت : 785
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
پېرلو، بالوتېلى...قاتارلىقلارنىڭ كۆز يېشى قىلغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئەمما ئامال يوق چىمپىيون پەقەت بىرلا بولىدۇ، مۇبارەك بولسۇن ئىسپانىيە.
توردا بارئامېرىكا

يازمىسى : 9899
پۇل : 305342
شۆھرەت : 12063
تۆھپە : 147
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 205
نادىر تىما ..
ناھايىتى تىتىملىق تىما بوپتۇ..
شۇنداق قىلىپ ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ چالا ئوخلاپ دىگەندەك 2012.يىللىق  ياۋروپا لوڭقىسىنىمۇ تۈگەتتۇق.
لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ قاملاشمىغان .ئەڭ قىززىمىغان .ئادەم كۈتكەنگە چوشلوق ،ھەم مەندەك توپ  مەستانىسىنىڭ دۈم يىتىپ دۈم قوپۇپ كۈرگىنىگە  چوشلوق قىززىمىغان ياۋروپا لوڭقىسى ھەم ھەم قىلغوچ موسابىقە  بولدى.

توۋۋا دەي...ھەل قىلغۇچ  ئوينايمەن دىگۈچە  بىرىپ ئاخچايلام ئوينىسابولمامدۇ ئالا....
[ بۇ يازمىنىئامېرىكادە2012-07-02 04:14قايتا تەھرىرل ]
سۈيىمەن سىنى ئويغۇر....
تېز ئىنكاس يېزىش
180خەت بىلەن چەكلىنىدۇ
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى