ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشكەڭ ھالەت
  • 2444كۆرۈش
  • 20ئىنكاس

سەنئەتكار ئارقا بەل - رېدوندو [ئادرېسنى كۆچۈرۈش]

ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
توردا يوقپارلاق
 

يازمىسى : 6987
پۇل : 268091
شۆھرەت : 10521
تۆھپە : 256
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 487
— بۇ يازما ئەلبارىس تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-29) —
    تاكتىكا ھازىرقى زامان پۇتبولىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى ۋە مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندۈردى.كىشىلەر پۇتبولدىن خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن كۆرسە،بەزىلىرى ھاياجانلىنىش ئۈچۈن كۆرىدۇ،كىشىلەر پۇتبولنى تەلۋىلەرچە،قارىسىغا كۆرسە،بەزى كىشىلەر پۇتبولنى تاكتىكا گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كۆرىدۇ،مەن دەيمەنكى تاكتىكا بىر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۈزەللىكىنى بەلگىلەيدۇ،ئەمما ھازىرقى زامان پۇتبولىدا ئاشۇ تاكتىكىنىڭ يادروسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئورۇن زادى قەيەر ؟! ئۇ دەل ئارقا بەل بولماقتا.مانا بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئارقا بەل ئورنىدا داڭقى چىققان،بىر ئەۋلاد مەستانىلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشتۈرگەن،سەنئەتكار ئارقا بەل دەپ ئاتالغان شاھ رېدوندونى تونۇشتۇرماقچىمەن. g=.~_&O  
;mH1J'.(a  
TtEc~m  
! )$ PD@  
    ئادرىگىئو دىگەن ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئىنوس-ئايرېستىكى بىر قىزغىنلىققا تولغان كىچىك بىر بازار ئىدى.1969-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كەسىپتە ئۇتۇققا قازانغان تام.فېرنەندو يېقىن دوستلىرىغا ئائىلىسىدە خۇشاللىق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى،يەنى يەنە بىر ئوغلىنىڭ بۇ ئالەمگە كۆز ئاچقانلىقىنى ئېيتىدۇ،ئۇ تۇغۇلغان بوۋاق دەل رېدوندو ئىدى.تامنىڭ يېقىن بىر دوستى :« بۇ بالا چوڭ بولغاندا دۇنياغا داڭلىق سەنئەتكار بولۇپ چىقىدۇ » دىگەنىكەن.بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كېتىشكەن،ئۇلار پەقەت بۇ بىر جۈملە سۆزنى بۇ ئوماق بوۋاققا سوۋغا قىلغان تەبرىك سۆزى دەپلا بىلىشكەن ئىدى.ئەمەلىيەتتە بوۋاقنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى بىر ئالىي مەكتەپ پىراففىسورى بولۇشىنى،ياكى بولمىسا بىر داڭلىق ئىقتىسادشۇناس بولۇپ چىقىشىنى،ۋە ياكى بولمىسا سىياسى سەھنىدە چاقنىغان بىر داڭلىق ئەرباب بولۇشىنى ئۈمۈد قىلغان.ئەمما ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن،يەنى ئۇ بىر سەنئەتكار بولۇپ يېتىشىپ چىققان،سەنئەتكار بولغاندىمۇ يېشىل چىملىق ئۈستىدىكى داڭلىق بىر سەنئەتكار بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېشىل چىملىقتىكى سەنئىتىدىن ھۇزۇرلىناتتى،ئەنە ئاشۇ كىچىك بوۋاق دۇنيادا نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. '0x`Oh&PK  
    رېدوندو كىچىكىدىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن ئىدى،ئۇ «دىگەن گىپىنى قىلىدىغان » خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن ئىدى.شۇڭا ئۇنى نۇرغۇن دوستلىرى « جاھىل » دەپ ئاتىشاتتى.ئۆيىدىكىلەرنىڭ قاتتىق تەلەپچانلىقى ئاستىدا،رېدوندو تۇرمۇش ۋە ئادەم بولۇش جەھەتلەردە ئۆزىگە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىلغان يوسۇنلارنى چىقارغان ئىدى،مانا مۇشۇ يوسۇنلارنى تۈرتكىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى شەن شەرەپلەرنى قولغان كەلتۈردى.رېدوندونىڭ مىجەزىدىن ئېلىپ ئېيتساق،ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تولىمۇ ئىچ مىجەز،ھەتتا چىرايىدا دائىم خىجىلچانلىقنى يتىلەپ يۈرۈيدىغان بالا ئىدى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى ئۆزگەرتكىنى دەل پۇتبول بولدى.رېدوندونىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى لېئوناردو،ئۇ ھازىر ئاتىسىنىڭ توڭلاتقۇ زاۋۇتىنى باشقۇرىدۇ،پۇتبول مانا مۇشۇ ئاكا ئۇكا ئىككىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن ھەمراھىغا ئايلانغان ئىدى.تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندىن كېىيىن،ئۇلار نۇرغۇن ئارگېنتىنا ئۆسمۈرلىرىگە ئوخشاش بىر دانە پۇتبولنى قۇچاقلاپ پۇتبول تېپىۋاتقان كوچىلارغا يۈرۈپ كېتەتتى،ئاتىسى ئۇلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ ئەكەلمىگۈچە قايتىپ كەلمەيتتى،مانا مۇشۇ ۋاقىتلار نېمىدىگەن تاتلىق،شېرىن ۋاقىتلار ھە ؟! نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنا يىگىتلىرىنىڭ نەزىرىدە،1978-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئارگېنتىنا قەھرىمانى كېمپىس ئۇلارنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىدى،ھەم ئاز بولمىغان كىشىلەر ئاللىبۇرۇن داڭقى چىقىپ بولغان 2-ئەۋلاد پۇتبول شاھى دەپ نام ئالغان مارادوناغىمۇ زور ئالقىشلارنى بەرگەن ئىدى،ئەمما رېدوندونىڭ قارىشى باشقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى،چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق زەردار كوماندىسى بولغان مۇستەقىللىق كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي مەستانىسى ئىدى،شۇڭلاشقا رېدوندومۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇستەقىللىق كوماندىسدىكى بوچچىنىنى بۇ دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان توپچى دەپ قارىدى،ئۇنىڭ سۈرئىتى بىلەن پۇت تېخنىكىسى رېدوندونىڭ قىزىقىدىغان،يەتمەكچى بولغان نىشانى بولۇپ شەكىللەندى..... _l,?Y;OF  
xMJF1O?3  
(yQ]n91Q,  
    فېرنەندو.رېدوندو بولسا بىر تىپىك بولغان قابىلىيەت ئىگىسى،ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدىكى نۇرغۇن ئىشلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ،دائىم ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن سوقۇشۇش،توقۇنۇش ئېلىپ بېرىش دىگەندەكلەر.ئارگېنتىنادا ئۇ «پۇتبول مەيدانىدىكى يەنە بىر قابىلىيەت ئىگىسى » دىگەن «گۈزەل نام » غا ئېرىشتى. بۇرۇن ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسىنىڭ تەييارلىق كوماندىسىنى يېتەكلىگەن كوننېرخو مارادونانى بايقىغانلىقى ئۈچۈن داڭقى چىققان.مارادونانى بايقاپ چىققاندىن كېيىن،كوننېرخو يەنە بىر قابىلىيەتلىك ئۆسمۈرنى بايقاپ چىقتى، « 22 يىلنىڭ ئالدىدا مەن تۇنجى قېتىم بۇ بالىنى ئۇچراتتىم،ئۇنىڭ ئەنە ئاشۇ كىچىك بۇرنى ماڭا نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر تەسىرلەرنى بەرگەن ئىدى،ئاران 12 ياشقا كىرگەن بۇ بالا ئاللىقاچان ئۆزىدە بىر غايە ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى.ئۇ مېنىڭ قولۇمدا 4 يىل تەربىيلەندى،يەنى 1-سەپتىكى كوماندىغا تاللانغۇچە » . بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئۆسمۈر دەل رېدوندو ئىدى.ئۇ مارادونا بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان خاسلىق دەرىجىدىكى باشلىغۇچىلاردىن ئىدى.چۈنكى ئوخشاش بىر كوننېرخونىڭ تەربىيلىشى ئاستىدا ئىككى خىل « شاھ » لىق ئاتالغۇسىغا ئېرىشكەن ئىدى.ئۆسمۈر ۋاقتىدىكى رېدوندو تولىمۇ جانلىق،يۈرەكلىك ئىدى،كىچىك دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا خېلى ھەيۋىسى بارئىدى،پەقەت ئۇلا ئېغىز ئاچسا باشقا شۇمتەكلەرنىڭ ھەممىسى يۇۋاشلىق بىلەن ئۇنىڭ دىگىنىنى ئاڭلايتتى،دىگىنىنى قىلاتتى.رېدوندونىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىكى ئالۋارېس ئىسىملىك دوستى مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن،باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە،سىنىپتا راموس ئىسىملىك بىر كەپسىز بالا بولىدىكەن،ئەمما بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا يۇۋاشلاپ قالغانىكەن،سەۋەبى بولسا رېدوندو ئۇنىڭغا گەپ قىلغان ئىكەن.رېدوندو بولسا سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن خېلى ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ سىنىپنىڭ كەيپىياتىنى،ئوقۇغۇچىلارنى بىر بىرلەپ كۆزىتىپ چىققان ئىكەن،كۆزىتىش ئارقىلىق راموس ئىسىملىك بۇ بالىنىڭ تولىمۇ كەپسىز،ئەسكى،باشقىلارغا بوزەك قىلىشقا ئامىراق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان.ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا :«راموس،بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ دوستلىرىمغا قالايمىقان چېقىلمايسەن،بوزەك قىلمايسەن،ئۇلارنى تەپمەيسەن،ئەگەردە يەنە مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە ئۇلار ھەرگىزمۇ سەن بىلەن بىللە ئوينىمايدۇ،ماقۇلمۇ ؟! »دىگەن. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا راموس ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىسنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايدىكەن،ئەمما رېدوندونىڭ ھەيۋىسىگگ ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مىجەزىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنىكەن.شۇنىڭدىن كېيىن رېدوندونىڭ دوستلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ،ئۇنىڭ سىنىپتىكى داڭقىمۇ بىراقلا چىقىپ كېتىپتۇ،ساۋاقداشلار ئۇنى «قەھرىمان» دەپ ئاتاشقا ئامىراق ئىكەن. rhY>aj  
رېدوندونىڭ ئانىسى بولغان كىرىستىنامۇ ئۇنىڭدىن قاتتىق پەخىرلىنىدىكەنتۇق.ئۇ دائىم رېدوندونىڭ مۇئەللىمىدىن « بۇنداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىمدىن مەن بەك شەرەپ ھېس قىلىمەن،ئۇ بەك ئەقىللىق،ئەدەبلىك،ئاق قارىنى پەرىق ئېتەلەيدۇ،ئىرادىىسى بەك چىڭ،شۇڭلاشقا بىز ئۇنىڭدىن قەتئىي ئەنسىرىمەيمىز » دىگەن گەپلەرنى ئاڭلايتىكەنتۇق،ئانىسىمۇ بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىكەن. %:^,7 .H@  
     ئارگېنتىنا بولسا دۇنيادىكى كالا گۆشىنى ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان،كالا گۆشىنى ئەڭ كۆپ ئېمپورت قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ،رېدوندو جەمەتىنىڭ مەخسۇس كالا گۆشى تارقىتىدىغان شىركىتى،كالا گۆشى ساقلايدىغان سوغۇق ئىسكىلاتلىرى بار ئىدى.بايام ئېلىپ ئېيتقاندەك ئۇنىڭ پۇتبولغا قىزىقىپ قېلىشىدا دادىسىنىڭ تەسىرى،ئاندىن كېيىن ئارگېنتىنا مۇستەقىللىق كوماندىسنىىڭ تەسىرى زور بولغان ئىدى.1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادرولۇق توپچىسى بودىنى رېدوندونىڭ قەلبىدە زور ئىزنالارنى قالدۇرغان،بودىنىغا ئوخشاش قاتتىق كاللا ئىشلىتىپ ئوينايدىغان ئورۇننى تاللاش رېدوندونىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلگەنىدى.ئۇنىڭ كېيىنكى مۇداپىيەسىمان كىرايلىق،ئارقا بەللىق ئورنىنى تاللىشىمۇ شۇ بودىنىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىدى.رېدوندونىڭ مۇستەقىللىق كوماندىسىغا بولغان قىزغىنلىقى ئىزچىل ئېشىۋاتاتتى،شۇڭلاشقا رېدوندونىڭ ئاتىسى مەخسۇس ئۇنىڭ 5 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىدە بىر پۇتبول كىيىمى ئېلىپ بەرمەكچى بولىدۇ،ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئادىداس ماركىلىق پۇتبول كىيىملىرىنىڭ باھاسى قىممەت بولغانلىقتىن،گەرچە رېدوندونىڭ ئاتىسىغا نىسبەتەن بۇ قىممەتمۇ ھېسابلىنىپ كەتمىسىمۇ،ئەمما 5 ياشلىق بىر كىچىك،سەبىي بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر ئارتۇقچە پۇل خەجلەش،بەدخەژلىك ئىدى.شۇڭلاشقا دادىسى كىچىك يايمىكەشلەرنىڭ يايمىسىدىن بىر پۇتبول كىيىمى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.شۇ ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەر ئاشۇ يايمىكەشتىن ئالغان ماركىسىز كىيىمنى رېدوندوغا سوۋغا قىلغان ۋاقىتتا،رېدوندو كىيىمنى تۇتۇپ تۇرغىنىچە دادىسىغا قاراپ :«مېنىڭ ئالماقچى بولغىنىم يەڭ تەرىپىدە ئۈچ تال تۈز سىزىق بولغان كىيىم ئىدى ( ئادىداس ماركىلىق كىيىمىنىڭ ۋەكىللىك شەكلى )،ئەگەر ئۇنداق كىيىم بولمىسا مەن ھەرگىزمۇ ئالمايمەن».دىمەك ساختا كىيىمنى ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئالغۇسى يوق ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى،نىمىگە دېسىڭىز،5ياشلىق بىر كىچىك بالىنىڭ مۇشۇ گەپنى دىيەلىگەنلىكىگە.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە شۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى سىڭدۈرگەن،يەنى يالغان ئېيتماسلىق،سەمىمىيلىك ئەخلاقىنى. [C d"@!yA  
?z0f5 
Vr/UbgucJ  
h+F@apUS  
     رېدوندو 10 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا،ئۇ شۇ يۇرتىدىكى سېسرادا كوماندىسىدا توپ تېپىشنى باشلىغان،تېخنىكىسى بولسا ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا باشلىدى،ئالقىشقا ئېرىشىشكە باشلىدى.ھەم ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى لېفروخېسنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.لېفروخېس دەرھاللا رېدوندوغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى،گەرچە ئۆزىگە تەكلىپنامە ئەۋەتكەن كوماندا مۇستەقىللىق كوماندىسى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ ياخشى توپچى بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىشىدا زور تۈرتكىلىك رول ئوينىشى كۆزدە تۇتۇپ ياشلار كوماندىسىغا ماقۇل بولدى،ھەم قوشۇلدى.ئۇنىڭ جانلىقلىقىنى،شوخلىقىنى تىلغا ئالمىساقمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ تاكتىكىغا بولغان تونۇشىمۇ،تاكتىكا ئوقۇشچانلىقمۇ تولىمۇ تېز ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىرازىلىيەلىك چولپان توپچى فاركوۋغا تولىمۇ چوقۇناتتى.كوننېرخومۇ ئەينى ۋاقىتتىكى 12 ياشلىق رېدوندوغا زور باھالاشلارنى بەرگەنىدى.گەرچە رېدوندو پۇتبولغا ئاشىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ئوقۇشىنى ھەرگىز تاشلاپ قويمىدى،ئاتىسى بۇ ئىشلارغا قارىتا :«بۇ بالا ماڭا نىسبەتەن،گەرچە پۇتبول كۇلۇبلارغا قوشۇلغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمىدى،ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى،تېخى ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ھەيران قالغان ئىدى،ھەممىمىز بىلىمىز،نۇرغۇن توپقا ھېرىسمەن بالىلارنىڭ تولىسى دىگۈدەك ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ» دەپ ئۆتكەنىدى.رېدوندونىڭ قابىلىيىتى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈۋاتاتتى،ئۇ 16 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا،ئۇ ئەستايىدىللىق ھالدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى،چىقىش يولى توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدى.بولۇپمۇ كەسپىي پۇتبولچى بولۇشمۇ،ياكى ئىقتىسادشۇناس بولۇشمۇ دىگەندەك.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كۇلۇبتىكى مەشقاۋۇلىغا :«ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىزكىن،كۇلۇب تەرەپنىڭ مەن بىلەن رەسمىي ھالدا توختاملاشقۇسى بارمىكەن يا ؟! »،بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مەشقاۋۇل مۇنداق ئويلارغا چۆمگەن :« رېدوندو ئەسلىدە ئىنتايىن ئەستايىدىل،سەمىمىي بىر بالا ئىدى،ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ كەسكىن ھالىتىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا چوقۇم بىر قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشىمنىڭ كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى،ئۇ ماڭا شۇ ۋاقىتتا كۇلۇبنىڭ ئۆزى بىلەن توختام ئىمزالىغۇسى بولمىسا،ئۆزىنىڭ دەرھال پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى توختىتىپ،پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان،ئەمما مېنىڭ بۇنداق بىر قابىلىيەت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق ئىدى،شۇڭا مەن تېزدىنلا كۇلۇب تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ تېزدىن رېدوندو بىلەن توختامشىشىنى تەلەپ قىلدىم» دىگەن. -}|GkTM  
     16ياش ۋاقتىدىلا كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىغا قەدەم قويغان رېدوندو،1985-1986 پەسىلدە 1-كوماندىغا سەپلەنگەن.ھەم شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئارگېنتىنا 17 ياشلىقلار كوماندىسىغا چاقىرتىلغان.17 ياشلىقلارنىڭ كاپىتانى بولغان رېدوندو شۇ يىلى لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن لەۋھە مۇسابىقتا مارادونانىڭ ئۇكىسى بولغا ۋۇگ بىلەن بىرلىكتە شۇ قېتىملىق مۇسابىقنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن.ياش رېدوندونىڭ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ داڭقى چىقىشقا باشلىغان.ئاخىرىدا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن.1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنانى يېتەكلەپ چىمپىيون قىلدۇرغان مەشقاۋۇل بىلاردو 4 يىلدىن كېيىنكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياشلارنى يىغىپ كوماندا يېتەكلىگەن. ئەلۋەتتە رېدوندونىڭ ئىسمى بۇ تەربىيلىنىدىغان ياشلارنىڭ قاتارىنىڭ 1-رېتىدە ئىدى.بىلاردونىڭ مەقسىتى بولسا رېدوندونى باتىستانىڭ زاپاس ئەزاسى قىلىش ئىدى.ئەمما رېدوندونىڭ جاۋابى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.يەنى :«ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكىنى قېتىرقىنىپ ئقۇپ تۈگىتىش ئۈچۈن،مەن دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدىم». مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ئىدى.رېدوندونىڭ خاراكتېرىدىن،ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىن چېكىنىپ چىققانلىقتىن باشلاپ،مانا بۇ ئارگېنتىنا شاھزادىسى ئاق - كۆك قوشۇندىن مۈرە سىپىيشىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.مانا بۇ پاجىئە ئارگېنتىنا مەستانىللىرىنىڭ كۆڭلىدە بىر يېشىلمەس،چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر تۈگۈن بولۇپ قالغان ئىدى. /9dV!u!;  
      1990-يىلىغا كەلگەندە،ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسدىن توختامى توشقان رېدوندو نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئەمما ئەۋەتكەن بەزىبىر تەكلىپنامىلەر ئۇنىڭ قولىغا تەگگەن ۋاقىتلاردا ھەممىسىنىڭ توختام ئىمزالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.نۇرغۇن قىيىنىلىقلار،ئىسسىق سوغۇقلاردىن كېيىن 21 ياشقا تولغان رېدوندو 1990-1991 پەسىلدە ئەينى يىللاردىكى يۆتكىلىش بازىرىدىكى يۇقىرى باھا بولغا 2 مىليون 500 مىڭ دوللار بىلەن ئىسپانىيە تېرىننىفېر كوماندىسىغا قېتىلدى،مانا ئۇ ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىگە قەدەم قويدى.ئىسپانىيەدىكى كوماندىىسدا ئۇ زور خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى،رومانتىك گۈزەل ئەسلىمىلەر ئۇنىڭغا قاراپ قۇچاق ئاچماقتا ئىدى،رېدوندو مەشقاۋۇلى سولارىنىڭ قىزى ناتالى بىلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇردى.ئۇ ياۋروپاغا قەدەم بېسىپ 2-پەسىلگە قەدەم قويغاندا بالدانو تېرىننىفېر كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى،1992-1993 پەسىلدە تېرىننىفېر كوماندىسى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.رېدوندو بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن چەتئەللىك ماھىر بولۇپ قالدى. ,?i^i#Wqzg  
k7P~*ll$  
ie+&@u  
 =Run  
       نۇرغۇن كىشىلەر ئاق پۇتبول كىيىمى كىيىۋالغان ئارگېنتىنا شاھزادىسى رېدوندونى بەكمۇ چوڭ بىلەتتى،ئەمەلىيەتتە 1994-1995 يىللىق پەسىلدە رېدوندونى بوناۋۇغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن رېدوندو بىلەن خانلىق مادىرىد ئارىسىدا چۈشىنىكسىز زىددىيەتلەر بار ئىدى،چۈنكى داڭقى مادىرىدتا تېخىمۇ چىققان رېدوندو شۇ يىللىرى مادىردنىڭ دۈشمەن قاتىلى ئىدى،1991-1992 پەسىلدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا خانلىق مادىرىد تېرىننىفېرنى يەڭسىلا شۇ پەسىللىك مۇسابىقنىڭ شاھىدى بولاتتى.ئەمما رېدوندونىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى سەۋەبلىك بارسېلونا كوماندىسى خانلىق مادىرىدنى يانداپ ئۆتۈپ چىمپىيون بولۇپ كەتتى.ئاخبارات ۋاستىللىرى ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن : ئۇنىڭ خانلىق مادىرىدتا توپ تەپكەنلىگىدىن قەتئىينەزەر،ئەگەر بۇ ئارگېنتىنالىق ئىسپانىيە پۇتبول ساھەسىدە بىر كۈن تۇرىدىكەن،ئۇنداقتا خانلىق مادىرىد بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىدۇ،گەرچە خانلىق مادىرىد بۇ ئىشلارنى بېسىم قىلىۋالمىسىمۇ،ئەمما بۇ بىر قانۇنىيەت بولۇپ قالدى.1992-1993 پەسىلدە،تارىخ يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى،يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما،يەنىلا خانلىق مادىرىد بىلەن تېرنىففېر كوماندىسىنىڭ جېڭى،يەنىلا رېدوندونىڭ ئۇرغان بىر توپى،يەنىلا خانلىق مادىرىدنىڭ مەغلۇبىيىتى،ۋە يەنىلا بارسېلونانىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا بىرلەشمە چىمپىيونى بولۇپ كېتىشى.ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونانىڭ بارلىق توپچىللىرى ئۆزلىرىنىڭ چىمپىيون بولۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ رولى يوقلىقىنى،ئەڭ چوڭ رولنى ئوينىغۇچى بولسا رېدوندو ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ?cdSZ'49[  
vFY/o,b \  
GyJp! xFB  
1Lwi?~!LI  
       خانلىق مادىرىدنىڭ بۇنداق ئىشقا 3-قېتىم ئۇچراپ قالغۇسى يوق،شۇنىڭ بىلەن 1994-1995 پەسىلدە خانلىق مادىرىد رەئىسى مېندوسار ACمىلان،بارسېلونا،يۇۋېنتۇس قاتارلىق بىر قاتار زەردار كوماندىلارنى يۆتكىلىش بازىرىدا يېڭىپ رېدوندونى بوناۋۇغا ئېلىپ كەلدى.خانلىق مادىرىدتىكى 1-پەسلىدە،يەنى 1994-1995 پەسىلدە ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى بولدى،رېدوندو بوناۋۇغا قونغاندىن باشلاپ خانلىق مادىرىدنىڭ سېپىغا بىر تارىخى شەخىس قوشۇلدى.خانلىق مادىرىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان چەتئەللىك ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن،رېدوندو مادىرىد تارىخىغا بىر قاتار رىۋايەتلەرنى قالدۇردى.ئۇ ئۆزىنىڭ كاللا ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى،ئاجايىپ بولغان توپ ئېلىپ مېڭىش ھالىتى،پۇتبولغا بولغان چۈشىنىشى،لاياقەتلىك بولغان كۆزىتىش ئالاھىدىلىگى،ياخشى بولغان مۇداپىيە تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەر كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئارقا بەلنىڭ پۇتبولدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى.ئەنە ئاشۇ بوناۋۇدىكى كۈنلىرى،ئۇزۇن چاچلىرى لەپىلدەپ تۇرغان رېدوندونىڭ سىماسى مادىرىد مەستانىللىرىنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رېدوندوغا ھەرگىزمۇ ئىز باسار چىقمايدۇ،ئۇنىڭغا ئىز باسار بولۇش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش.بۇ يەردە ئىككى مىسال ئالساق،يەنى مۇشۇ ئىككى مىسال رېدوندونىڭ تارىخى كۆرۈنۈشلىرىدۇر ! oQ~Q?o]Ri  
7|PpAvMF  
    1. 1999-2000 پەسىلدە ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلۈكلەر ئۇچرىششىدا خانلىق مادىرىد ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون مانچېستىر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ،ئەمما 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تىرافورتقا مېھمان بولۇپ بارغان مۇسابىقتا،كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ 7-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز،ۋە ئەڭ پىچچەت كۆرۈنۈشتىن بىرنى مەستانىلەرگە سوۋغا قىلىدۇ،ئالدى مەيداندا سول تەرەپتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 2 مانچېستىر بىرلەشمىسى بېكلىرىنى ياندىغاندىن كېيىن،رېدوندو قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىسىنىڭ ۋەھشىي مۇداپىيە قىلىشىغا قارىتا ئارقىچىلاپ قارشى تەرەپ بېكىنىڭ چاتىرلىقىدىن توپ ئۆتكۈزىدۇ،مانا بۇ كۆرۈنۈش ئەينى يىللىرىدىكى پۇتبول ساھەسىگە زور ھاياجانلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 0TU~Q  
hZI9*= `,"  
     2. 1997-1998 پەسىلدە،يەنىلا شۇ ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،خانلىق مادىرىد ئۆز مەيدانىدا 2:0 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە زەردارى دورتىموندنى يېڭىدۇ،ئۇ مەيدان مۇسابىقنى پۈتۈنلەي رېدوندونىڭ سەھنىسى،رېدوندوغا تەۋە دېيىشكە بولىدۇ،مانا بۇ ياۋروپادا « كومپىيوتېر ئادەم رېدوندونىڭ شەخسىي نومۇرى » دەپ باھالىغان.بۇ كۈنى پۈتۈن مادىرىد توپچىللىرى خۇددى ئالۋاستىلارغا ئوخشاپ قالغان،رېدوندو ئۇدا ياخشى پاسلارنى چىقارغان،10 ئادەم رېدوندونىڭ ھەرىكىتىگە مەپتۇن بولغان،مۇشۇ ۋاقىتلاردا دورتىموند توپچىللىرى توپ يېنىغىمۇ يېقىن كېلەلمىگەن.  S]ZO*+  
V S2p"0$3D  
0:Js{$ZL4  
     ئاسمانغىمۇ ھامىنى بۇلۇت كەلگەنگە ئوخشاش،رېدوندو يەنە بىر قېتىم خانلىق مادىرىدنى يېتەكلەپ ياۋروپانىڭ چوققىسىغا چىققان ۋاقىتلاردا شۇملۇقلار شاھزادىنى توسۇپ قويىدۇ. 2000-يىلى 7-ئايدا،پېرىس خانلىق مادىرىدنىڭ رەئىسلىك سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.پېرىس ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى،ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ يىلى يازدا 17 مىليون دوللار يۆتكىلىش ھەققىي بىلەن رېدوندونى ئىتالىيە زەردارى ACمىلانغا سېتىۋېتىدۇ،ھەم رېدوندو يېڭى پەسىل باشلىنىشتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىىسدە تىز قىسمى ئېغىر يارىلىنىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىنلام ئۇ 28 ئايلىق كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ چىقىدۇ.رېدوندونىڭ مادىرىدتىن ئايرىلىپ مىلانغا قوشۇلۇشتەك ئىشلىرىغا قارىتا نۇرغۇنلىغان ئەپسانىلار ئۇچۇپ يۈرمەكتە.ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادىرىد ۋە ACمىلاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۇلۇب «پۇل يۇيۇش» مەقسىتىدە بۇ سېتىش ئىشلىرىنى قىلغان،چۈنكى رېدوندو مىلانغا بېرىشنىڭ ئالدىدا،بۇندىن كېيىن توپ ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن دىگەنلىك توغرىسىدا دىئاگنوز قويۇلغان.شاھزادە بۇنىڭغا ئېتراز بىلدۈرمىگەن،بەلكى تىنىچ تۇرغان.پەقەت مادىرىد ئايرۇدىرومىدا « رېدوندوغا بىز مۇھتاج،بىزگە فىگو كېرەك ئەمەس ! » دىگەنلەردەك ئاۋازلار چىقىرىلغان،بەزىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك ئىشلارنى قىلىپ كۇلۇبقا تەھدىت سالغان،بەزىلەر پېرىسنى قاتتىق تىللىغان،بەزىلەر خانلىق مادىرىد ئەزالىق كىنىشكىسىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ،شۇ يېرىمىنى خانلىق مادىرىد ئۈستەللىرىگە چاپلاپ قويغان،ئەينى ۋاقىتتا رېدوندو مىلانغا بېرىشنى رەت قىلغان،مادىرىد پۇقرالىرىنىڭ 89% رېدوندونىڭ سېتىلىشىغا قارشى چىققان،ئۇنىڭ يېقىن سەبدىشى بولغان رائۇلمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك مادىرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان،ئەمما ھېچقانداق كۈچ بۇ سودىگەرنىڭ پىلانىنى توسۇپ قالالمىغان،2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ACمىلان رەسمىي ھالدا رېدوندونى قېتىۋالىدۇ. C.@R#a'  
     2000-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى مىلانونىڭ چېنىقىش ئۆيىدە رېدوندو بىر قانچە مېتىر يۈگۈرۈپ مەشىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پۇت تەرەپ ئېغىر دەرىجدە يىغىلىپ قالىدۇ،يارىلىنىش توسۇپ قالغۇسىز دەرىجىدە رېدوندوغا قاراپ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.2000-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى رېدوندو ئەسلىگە كېلىش مەشىقىنى قىلىشقا باشلايدۇ،ئەمما يامغۇرلۇق كۈندە مەشىق قىلىۋاتقاچ،ئۇنىڭ پۇتى مىخقا ئوخشاش لايغا كىرىپ كېتىدۇ،ئەڭ چاتاق بولغان يارىلىنىش يەنە باشلاندى،مانا مۇشۇ يارىلىنىشلار ئۇنىڭ مىلان ئۈچۈن مەيدانغا چىقىشىنى ساپمۇ ساق يەنە 26 ئاي كېچىكتۈرۈۋەتتى.مانا بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە،ئوپىراتسىيە،مەشىق.دوختۇرلار رېدوندونىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ قالدى،بۇرۇن پۇتبولنى ئۆزىنىڭ جېنى دەپ ئاتىغان رېدوندو يارىدار تۈپەيلى يېشىل چىملىقتىن بىر مەزگىل ئايرىلدى،بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ چوڭ ئازاب ئىدى.رېدوندو بىردىنلا مەستانىلەرنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولۇشقا باشلىغان ئىدى.ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر چوڭ مۇھىم خەۋەر بولسا،2002-يىلى 2-ئايدا رېدوندو گالىيانىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ،ئۇ رەئىس ئەپەندىگە،ئۇ مىلانغا ۋاكالىتەن مۇسابىققا چىقىشتىن بۇرۇن،كۇلۇبنىڭ ئۆزىگە مۇئاش بەرمەي تۇرۇشىنى ئېيتقان.بۇ ئىش ھەتتا مۇئاش ئۆستۈرۈش دىگەندەك غەلۋىلەردىنمۇ بەك مىلان يۇقىرى قاتلىمىغا تەسىر قىلىپ كەتكەن،مانا بۇ دەل بىز سۆزلەپ ئۆتىۋاتقان رېدوندو بولىدۇ.بېھكام،رونالدودىن ئىبارەت بىر ئەۋلاد توپچىلار چولپان بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن،يېشىل چىملىقلارنى بويسۇندۇرۇۋاتقان ۋاقىتلاردا رېدوندونىڭ ھەقىقىي سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتەي دىگەن،ئېسىگە ئالالماي قالغان ۋاقىتلاردا رېدوندو پەيدا بولىدۇ. 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى رېدوندو ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ مەيدىنىدا پەيدا بولىدۇ.بۇمۇ ئارگېنتىنالىق بۇ شاھنىڭ تۇنجى بولۇپ مىلانغا ۋاكالىتەن ئوينىغان مۇسابىقسىى ھېسابلىنىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمۈد ئارزۇلار بىلەن بۇ مۇسابىقنى كۆرىدۇ،شۇ ۋاقىتتا ئاخبارات ۋاستىللىرى ئېلان قىلىپ رېدوندونىڭ خۇددى زەيتۇن توپ كىيىمى كىيىۋالغاندەك بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.توغرا،رېدوندو سەمىرىپ كەتكەن ئىدى.ئەمما بۇ ئۇنىڭ 28 ئايدىن كېيىنكى چىققان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى.مەيلى قايسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىگە ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيتتى.ھەم نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.ئەمما پەقەت رېدوندولا قەيسەرلىك بىلەن ئشۇ 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى.2003-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى،ئۇ كۈنى ئارگېنتىنا شاھزادىسى ACمىلانغا ۋاكالىتەن بوناۋۇغا قايتىپ كەلدى،قىزىل قارا كىيىمنى كەيگەن رېدوندو خانلىق مادىرىد بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئوينىماقتا ئىدى.نەق مەيداندىكى رېدوندونى قارشى ئېلىش پائالىيەتلىرى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى،مەيدان شۇنچىلىك ھاياجانلارغا،قىزغىنلىقلارغا تولغان ئىدى،ئەمما كىشىلەر 3 يىلنىڭ ئالدىدىكى يازدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىگە ئالغاندا،رېدوندو دائىم :«مەن ھېچكىمگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىمايمەن،ئەگەر مەن پېرىسنى ئۇچرىتىپ قالسام ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىمەن،مادىرىدتا ئۆتكۈزگەن 6 يىل جەريانىدا،مەن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرگە ئېرىشتىم» دىگەن. O]w&uim  
aW %ulZ  
sr x`" :  
}r`!p5\$K0  
      يېرىم يىلدىن كېيىن،بارا بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقان رېدوندو كىشىلەرنىڭ ئىسىگە بارا بارا كېلىشكە باشلىدى،2003-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى مىلان لېچ بىلەن بولغان مۇسابىقتا،رېدوندو پىرلونىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىپ ساقايغاندىن كېيىنكى ئەڭ پەيزى ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ،ئۇنىڭ ئۆزگىچە توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى،نەپىس تاشلىغان توپلىرى،توپ چىقىرىشتىكى كەسكىنلىكلىرى،مانا بۇ 34 ياشقا كىرگەن رېدوندونى خۇددى بوناۋۇ مەيدىنىدا ئويناۋاتقاندەك كۆرسىتەتتى.ئەمما ياش نوتىلارنىڭ بىر بىرلەپ چىقىشى سەۋەبىدىن،بولۇپمۇ پىرلونىڭ باش كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن 34 ياشقا كىرىپ كەتكەن رېدوندوغا پەقەت زاپاس ئەزا بولۇپ چىقىشتىنلا ئىبارەت بىر پۇرسەت قالغان ئىدى.بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن رېدوندونىڭ ئىسىملىرى ئېنگىلاد،ئىسپانىيە ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقتىكى بىر قاتار كوماندىلار بىلەن باغلىنىپ كەلدى،كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ كىچىك تىپتىكى بىر كوماندىنى تاللاپ،شۇ يەردە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ پۇتبولچلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ،ئەمما ياز ئۆتۈپ كېتىدۇ،رېدوندو توغۇرلۇق خەۋەرلەرمۇ ئازلاپ كېتىدۇ،خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن بىر پۇتبول گېزىتى بىر قانچە يۈز خەت بىلەنلا رېدوندونىڭ مادىرىدتىكى ئۆيىدە نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىللىرىنى رەت قىلىۋەتكەنلىكىنى،رېدوندونىڭ چېكىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن،چېكىنگەندىن كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەر رېدوندونىڭ ئاشۇ توپ ئويناشلىرىنى قايتا كۆرەلمىدى،مەستانىلەر ھەتتا ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن «خەير خوش !» دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ چېكىنشىگە ئىشەنمىگەن،ئەمما شۇ خوشلىشىتىن كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەر قىيالمىغان ھالدا ئۇنىڭدىن ئايرىلدى،رېدوندومۇ قىيالمىغان ھالدا يېشىل چىملىقتىن ئايرىلدى! tc@v9`^_  
    ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش:كىشىلەر كۆز ئالدىدىن يوقاپ كەتكىلى يېرىم يىل بولغان مەزگىللەردە،رېدوندو يەنە بىر قېتىم خەۋەرلەرنىڭ باش قەھرىمانى بولدى،2004-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى،ئىسپانىيە « ئا س گېزىتى » ئاشكارلاپ، 35 ياشلىق رېدوندونىڭ مادىرىد شەھرىدىكى سۈنئىي ھەمراھ شەھەرچىسى ناملىق جاكارىتا كوماندىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ھەر دائىم ئايرۇدورىمنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى مەيداندا،گۇتتى تۇغۇلغان بۇ شەھەرگە بارىدۇ،جاكارىتا كوماندىسى يەنى ئارگېنتىنا كۆچمەنلەر كوماندىسى ئىدى.ئۇ مۇشۇ كوماندا بىلەن بىللە تۇرغاندا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ داڭقى چىققۇچە بولغان شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلىيەلەيتتى،رېدوندونىڭ بىلدۈرىشىچە ئەگەر كېلەر يىلى يازدا ياخشى توختامغا ئېرىشالمىسا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،شۇنداق ئۇ يەنىلا چېكىنىشنى قارار قىلدى.خەير خوش رېدوندو ! خەير خوش ئارقا بەل شاھى !
بۇ يازمىغا جەمئىي 2 پارچە باھا بېرىلدى |
ئەلبارىس ياخشى باھا +20 نادىر تېما ... 06-29
dilhux ياخشى باھا +50 ياخشى ... 06-29
كېچە قاراڭغۇ ، ئاسمان چوقۇم كۆك !
توردا يوقتۈركىيە

يازمىسى : 3911
پۇل : 221129
شۆھرەت : 4059
تۆھپە : 46
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 20
بۈگۈن ئاڭلىشىم ھەم تونۇشۇم .........
توردا يوقئەكرەم77

يازمىسى : 2717
پۇل : 297485
شۆھرەت : 2736
تۆھپە : 10
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 20
بۇرۇن ئاڭىلغان لىكىن كورۇپ باقماپتكەنمەن
توردا يوقuyguriya
يازمىسى : 637
پۇل : 200569
شۆھرەت : 751
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
دونا تەتىلگە چىقىپسىلەردە 59Lc-JJ  
بولمىسا نەدە ۋاقىت بۇنداق تىما يازىدىغان
توردا يوقيۈكسەل

يازمىسى : 5854
پۇل : 431790
شۆھرەت : 10039
تۆھپە : 53
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 63
مەن ئاڭلاپ باقمىغان توپچىكەنتۇق بۇ....بىلىۋالدىم رەھمەت ھە دونا
توردا بارۋىروس

يازمىسى : 1947
پۇل : 306902
شۆھرەت : 3032
تۆھپە : 85
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 91
ئىتالىيە ئۇتقاننىڭ خوشاللىقىدا كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىۋىتىپسەن ھە    تەپسىلى يېزىپسەن ...
توردا يوقخۇشخۇي
يازمىسى : 677
پۇل : 200665
شۆھرەت : 703
تۆھپە : 0
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
ھاياجاندا  ئۇزىنى تۇتالماي بىر قانچە  تىمىنى  يىزۋېتىدۇ   ئەگەر چېمپىيون بۇلۇپ قالسا   ئۇ چاغدا .......
توردا يوقبېرنابۇ

يازمىسى : 997
پۇل : 65116
شۆھرەت : 1689
تۆھپە : 73
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 160
مادىرىد تارىخىدا ھازىرغىچە بۇنىڭدەك بىر ئارقا بەل توپچىسى چىقىپ باقمىدى ھەم يەنە 100 يىلدىن كېيىنمۇ چىقماسمىكىن دەيمەن.
توردا بارپارتىزان

يازمىسى : 4153
پۇل : 102911
شۆھرەت : 5232
تۆھپە : 231
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 119
نامىنى بەك كۆپ ئاڭلىغان بۇنىڭ ،   لىكىن مۇسابىقە ئوينىغان كۆرۈنۈشلىرىنى جىق كۆرۈپ باقمىغان . m 7+=w>o  
كىچىك ھەجىمدىكى تور ئويۇنىدا بەكلا يامان ئىدى بۇ ،   ۋارتارغا ئۇرۇش ، مۇداپىيە ، پاس ، سۈرئەت ... ئەلەي- بەلەي دىگەنلەر بەكلا يۇقىرى ئىدى .   ! e?=g%(  
ئىتالىيەنىڭ غەلبسىنىڭ خوشاللىقىدا نادىر تېمىدىن بىرنى يازاي دەپسەندە پارلاق     !'>#!S~h3  
رىدوندو مىلاندىمۇ ئويناپتىكەندە ئەسلى ............    
توردا يوقئەلبارىس

يازمىسى : 1594
پۇل : 121233
شۆھرەت : 2920
تۆھپە : 189
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 61
مادرىتلىق تۇرۇپ رېدوندونى بىلمەيدىغانلار باكىنا تېخى.......
توردا يوق7.رونالدو
يازمىسى : 1678
پۇل : 2380385
شۆھرەت : 2464
تۆھپە : 34
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 75
مەن مۇ تۇنجى قىتىم ئاڭلىدىم بۇ توپچىنىڭ ئىسمىنى
توردا يوقtarkoqa

يازمىسى : 2328
پۇل : 118874
شۆھرەت : 2451
تۆھپە : 50
سودا پۇلى : 0
ياخشى باھا : 0
نادىر تېماكەن  
تېز ئىنكاس يېزىش
180خەت بىلەن چەكلىنىدۇ
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى