مىدال مەركىزى بانكا تور تېلېۋىزىيىسى
ئەسكەرتىش: بۇ يازما totti تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-04)
`" 1994-يىلى ۋە 1995-يىلى KONAMIشىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى KCEOئۆزىنىڭ ئويۇن سۇپىسىدا 2يۈرۈش پۇتبول ئويۇنىنى ئېلان قىلدى.ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا (مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven ۋە (غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Eleven دەپ ناملاندى قىسقارتىپ PEۋە FEدەپ ئاتالدى.مۇشۇ ئىكىكى يۈرۈش پۇتبول ئويۇنىدىن كېيىن،پۇتبۇل ئويۇنى تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى. p!HpqW ھازىر بىز بۇ 2يۈرۈش تۇنجى ئەۋلات پۇتبول ئويۇنىنىڭ سۈرەت كۆرىنىشى ۋە ئىشلەش سەۋىيىسىگە قارىساق،ھەقىقەتەن بەكلا ئاددى.قوپال كۆرىنىدۇ.ئەمما دەل مۇشۇ 2يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنى KONAMIشىركىتىنىڭ پۇتبول ئويۇنى تارىخىنى باشلىغان.شىركەتنىڭ كەلگۈسنى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. UD.$C }PoB`H'K5 mgg/i@( ;Q \Duj (مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven بولسا KCEOتەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.ئۆزىگە خاس بولغان نەق مەيدان كۆرىنىش،توپ كىرگەندىن كېيىنكى ئاستا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەينى چاغدىكى پۇتبول ئويۇنلىرى ئىچىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان. بۇندىن بۇرۇنقى پۇتبول ئويۇنلىرى بولسا ئەمىلىيەتكە ماسلاشمىغان تولىمۇ فانتازىيىلىك،ياكى بەكمۇ مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەن كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى ئويۇن بولۇپ،ھەقىقى ئەمىلىيەتكە ئوخشاش 11ئادەم ،رەسمى پۇتبۇل مەيدانىدا ئوينايدىغان ئويۇنلار يوق ئىدى.(مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،گەرچە ئەينى چاغدىكى تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يەنى پەقەت SFCئويۇن سۇپىسىلا بار (SFCدېگىنىمىز ،ھەممىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا تېلىۋىزورغا چېتىپ قويۇپ موگو ،خۇندولو ئوينايدىغان ئويۇن ماشىنىسىنى كۆرسىتىدۇ).شۇنداق بولسىمۇ ئىشلىگۈچى خادىملار ساختا 3Dتېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 45گىرادۇسلۇق يانتۇ كۆرىنىشنى ئاساسلىق قىلىپ تۇرۇپ مەيداننىڭ كەڭلىگى،ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ياخشى ئىپادىلەپ چىققان.پۇتبۇلچىلارنى گەرچە تۇتۇق قوپال ئىشلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما مەيدان بىلەن بولغان سېلىشتۇرما نىسبىتى قاتارلىقلاردا خېلىلا ياخشى قىلغان.مەيداندا توپچىلارنىڭ يۈگرىش ھالىتى ،ئۇنىڭغا ماس كۆلەڭگە قاتارلىق تېخنىكىلار ئاشۇ دەۋىردە ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىناتتى. dMYDB \]GBd~i< تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرىكى شۇكى تۇنجى ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان كىچىك خەرىتە يەنى توپچىلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىچىك مەيدان كۆرىنىشى تا ھازىرغىچە KONAMIشىركىتى تەرىپىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمەي ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنىنىڭ ئۇتۇققا قازىنىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئامىلى بولسا ئۇ پۇتبۇل ئويۇنى تارىخىدا تۇنجى قېتىم رەسمى چۈشەندۈرۈش ئاۋازى قوشۇلغان پۇتبول ئويۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.توپ كىرگەن ۋاقىتتا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئۇزاقتىن ئۇزاققا GOALدەپ توۋلىشى،ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھازىرغىچە جاراڭلايدۇ.مۇكەممەل بولغان چۈشەندۈرۈش سېستىمىسى KONAMIنىڭ تا ھازىرغىچە قوللنىپ كېلىۋاتقان ھەم كوزۇر ھېسابلايدىغان تېخنىكىسى . >NK*$r8 JZ9w!)U qWy(f|:hYi (مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Elevenئېلان قىلىنىپ ،كىشلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.بازاردا ئۆزىگە چوڭقۇر ئاساس سالغاندىن كېيىنKONAMI شىركىتى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ (غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Elevenنى ئېلان قىلدى.بۇ ئەۋلاد ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئالدىنقى يۈرۈش ئويۇندىكى بىر كوماندىدىكى ئادەم سانىنى 14تىن ھازىرقى 22ئادەمگە كۆپەيتكەن.ھەمدە چولپان توپچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.مەسىلەن ،چېچىنى بوغۇۋالغان باگگىئو قاتارلىق...مەشغۇلات جەھەتتە بولسا،يېڭىدىن توپنى تارتىش،جىددى بۇرۇلۇش،تېز يۈگرەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوشۇلۇپ پۇتبۇل ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى.بۇ يۈرۈش ئويۇندا يەنى بىر ئالاھىدىلىك بولسا كۇلۇپلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈرى قوشۇلدى. }ob#LC, IL&Mf9m >DPC}@Wl (غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Eleven دىن كېيىن KONAMI شىركىتى ئويۇن لاھىيلەش گۇرۇپپىسىنى توكيوغا يۆتكەشنى قارار قىلدى.PEۋەFEنىڭ ئۇتۇققا قازىنىشى ،غەلبە 11ئادەم winning elevenنىڭ يەنى قىسقارتىلىپ WEنىڭ PSئويۇن سۇپىسى (زاغرا تىلىمىز بويىچە بىز دەيدىغان سونى جىزا)دا تەرەققى قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەردى.1995-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى يۈرۈش‹‹ Jبىرلەشمىسى غەلبە 11ئادەم››(J. League Winning Eleven) ئېلان قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى.بۇ رەسمى تۈردە ،غەلبە 11ئادەم winning elevenئويۇننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلاندى L`tr7EEr PSئويۇن سۇپىسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلغارلىقى ،ئويۇننى ھەقىقى تۈردە 3Dتېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى.توپچىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ،چىراي شەكلى قاتارلىق جەھەتتە بۇرۇنقى قوپال ،كۆرۈمسىز كۆرۈنۈشلەر كەلمەسكە كەتتى.ئويۇننىڭ سۈرەت سۈپىتى ،كۆرۈنۈش جەھەتتە چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرلىدى. YG$Y4h" @" +AO(e 'tklz* مۇشۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە WEنىڭ ياپونىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمە نۇسخىسى ۋە دۇنيا پۇتبۇلى نۇسىخىسى بارغانسىرى كۆپ ئويۇن مەستانىلىرى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.ۋە خېلىلا زورايغان ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولدى. yd'>Mw 7$Jb "s KHI-m9( 1998-يىلى 5-ئاينىڭ28-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 3 World Cup 98)يەنى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان ‹‹زۇچۇر سەن،سەندەي ››دېگەن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.بۇ يۈرۈشتە سۈرەت سۈپىتى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.مۇسابىقە رىتىمى ناھايىتى راۋان،تېز.يەنى كېلىپ توپچىلارنىڭ ئىقىتىدارى جەھەتتە تېخمۇ ئىنچىلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ،ئەمەلى پۇتبۇل بىلەن بولغان ئارلىقىنى يەنى بىر قېتىم يېقىنلاشتۇرغان.گەرچە تەڭداشسىز بىرازىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم خاتالىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئويۇن مەستانىلىرى تۇنجى قېتىم winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) يۈرۈشلۈك ئويۇنىنىڭ FIFAئويۇنىدىن قالتىس چىققانلىقىنى ھېس قىلىشتى.يېڭى بىر تېخنىكا بولغان كوماندىنىڭ ئومۇمى سەپ شەكلى تاكتىكىسى مەيدانغا كېلىپ،ئويۇننى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.98-يىللىق فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ھەقىقى 32كوماندا ،دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقە تۈرى قوشۇلغان بۇ نۇسخىىدىكىWE ، ئويۇن مەستانىلىرى ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ WEيۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا تەييارلىق سالدى. VPet1hAy (~#{{Ja 1=}+NK! 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 4)ئېلان قىلىندى .توپچىلارنىڭ ماتېرىيالى تېخىمۇ تولۇقلاندى.تېخمۇ كۆپ توپ كونتىرول قىلىش تېخنىكىلىرى قوشۇلدى.ھۇجۇم رىتىمىنى 3-يۈرۈشكە قارىغاندا ئاستىلاتتى.3-يۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئويۇن مەستانىلىرى باشتا كۆنەلمەي ،بۇ يۈرۈشتىن نارازى بولۇشتى.ئەمما بۇ نۇسخىسى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بولغاچقا ئېلان قىلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن،يەنە مەستانىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.ھەتتا بىر مەزگىل 90%ئويۇنچۇقخانىلاردا 3-يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنىنىڭ ئورنىنى ئالدى.4-يۈرۈشنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تۇنجى بولۇپ ،ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بىر كۇلۇپ تۇتۇپ ،توپچى سېىتىۋىلىش ۋە سېتىۋىتىش مەشغۇلاتلىرى قوشۇلغان بولۇپ،كىشلەرگە تېخىمۇ چىنلىق ھېس قىلدۇردى. +7.\>Ucq` &Y4S[- =# 2001-يىلى ،يېڭى ئەسىرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ psئويۇن سۇپىسىنىڭ ئورنىنى ps2ئېلىشقا باشلىدى.ئەينى چاغدا زور ئۇتۇققا قازانغانWE يۈرۈشلۈك پۇتبۇل ئويۇنىمۇ ئەلۋەتتە بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمىدى.2001-يىلى3-ئاينىڭ 15-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 5)》يەنى WE5ئېلان قىلىندى.ps2ئويۇن سۇپىسىدىكى تۇنجى يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كىشلەرگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈش جەھەتتىكى يېڭىلقلار.ئۇنىڭ يەنە بىر يېڭىلىقى بولسا بۇرۇنقى يۈرۈشلۈك ئويۇنلارغا قارىغاندا 5-يۈرۈشتىن باشلاپ توپچىلارنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ سانى بۇرۇنقى 19دىن 99غا ئۆزگەرگەن.بۇ ئارقىلىق توپچىلارنىڭ ئىقتىدارى تېخىممۇ ئىنچىكلەشتۈرۈلگەن ھەم چىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان. TY"8.vd //xK v{3fI )w4i0Xw^C: 2002-يىلى كورىيە پايونىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.شۇنىڭغا ئەگىشىپلا World Soccer Winning Eleven 6ئېلان قىلىندى .بۇ يىللىق نۇسخىسىدا بولسا پۈتۈن ئويۇن سېستىمىسى ۋە ئويۇن تۈرلىرى ئەندىزىسى جەھەتتىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ.ئويۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى KONAMIشىركىتى ھەيران قالدۇردى. p D-k<8| eVGO6 2|! Zi/tax9C 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەڭ ئويۇن مەستانىلىرى تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن WE7ئېلان قىلىندى.WE7نۇسخىسىدا بولسا شەخسى تېخنىكىغا ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ،R2كۇنۇپكىسى بىلەن توپنى تارتىش،جىددى دەسسەپ توپ توختىش قاتارلىق ھۇجۇم تېخنىكىلىرى كۈچەيتىلگەن بولۇپ.توپچىلارنىڭ تېخنىكىسىغا مايىل قىلىپ لاھىيلەنگەن.بۇ يۈرۈشتە يەنە تۇنجى بولۇپ تورلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ.ئوينىغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىنى مۇلازىمىتىرغا يوللاپ باشقا ئوينغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان تېخنىكا قوللىنىلغان.بۇمۇ ئەينى چاغدىكى ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىناتتى. GHWi,' mr بۇ يىللاردا WEنىڭ سېتىلىش مىقتىدارى مىليوندىن ئاشقان چوڭ تىپتىكى ئويۇن بولۇپ قالغان ئىدى.ئەمما پەقەت ps2ئويۇن سۇپىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ،كومپىيوتۇرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ KONAMIشىركىتىنى بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن PCنۇسخىدىكى (يەنى كومپىيوتۇردا ئوينىغىلى بولىدىغان نۇسخىسى)PES3نى ئېلان قىلدى. ئويۇن سۇپىسىنىڭ كۆچۈرىلىشىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ ،KONAMIنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. *eK\W00 H,u {zU') @y]ek/ 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى winning eleven(غەلبە 11ئادەم )نىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك. تا ھازىرغىچە مەستانىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان،كىشلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان نۇسخىسى WE8ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭ مەستانىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.WE8بولسا بۇرۇنقى يۈرۈشلۈك WEلارنىڭ كەمچىلىكىلرىىنى تولۇقلاپ،ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ،بۇ نۇسخىدا KONAMIشىركىتى ،توپچىلارنىڭ،دۆلەت كوماندىسى،كۇلۇپلارنىڭ ھەقىقى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان بولۇپ،ئويۇننىڭ ماتىرىيال جەھەتتە چىنلىقلىنى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.دۆلىتىمىزدە بۇ نۇسخىسى تا ھازىرغىچە ھەرقايسى تورخانا،ئويۇنچۇقخانىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئويۇن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنى تورلاشتۇرۇپ ئويناشنى مۇكەممەل ھالدا ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ،بۇ ئۇنىڭ جۇڭگۇدا تا ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.(مۇشۇ نۇسخىسىدىن كېيىنكى WEپۇتبۇل ئويۇنلىرى ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالمىسىڭىز تورلاشتۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ لاھىيلەندى) ]?rVram;z o<cg9 piULIZ0 2005-يىلىwinning eleven(غەلبە 11ئادەم )نىڭ 9-ئەۋلات نۇسخىسى WE9مەيدانغا كەلدى.بۇ نۇسخىدا تىلغا ئالغۇدەك يەرلىرى كۆپ ئەمەس.ياپونىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇش ئويۇن تۈرى قوشۇلغاندىن باشقا كۆپ ئالاھىدىلىكى يوق.تورلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ.ئالدىنقى يۈرۈشتىكىدەك تورلاشقاندا قېتىۋىلىش ھادىسىىنى ئاساسەن ھەل قىلغان. 7@oM?r7td y(^t &tgjS nvY%{Zf$} بىريىلدىن كېيىن يەنى 2006-يىلى دۇنيا لوڭقسىى مۇسابىقسىى باشلاشتىن بۇرۇن 10-ئەۋلات WEيەنى PCنۇسخىدىكى PES6ئېلان قىلىندى . ئۇ دەل winning eleven(غەلبە 11ئادەم )يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇننىڭ 10يىللىق خاتىرە يىلىغا ئاتاپ ئېلان قىلىندى.مەشغۇلاتنىڭ قولايلىقلى ئەمىلىيەتكە تېخمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان پۇتبۇل سەزگۈسى، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن يېڭىچە مەزمۇنلار ،ئويۇننىڭ كىشلەرگە ئاتا قىلغان ھوزۇرى بۇ نۇسخىسىنىمۇ كىشلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. jlXzfDT 3dheT}XV?p zZp0g^;. ? 2007-يىلىغا كەلگەندە تېخنىكىلارنىڭ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىشى ۋە زورىيىشى بىلەن KONAMIشىركىتى ئاساسلىق كۈچىنى xbox360ۋەps3ئويۇن سۇپىسىغا قاراتتى.ئەلۋەتتە PCسۇپىسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭدى.شۇنىڭ بىلەن PES2008كىشلەر ئالدىدا نامايەن بولدى.مۇشۇ نۇسخىسدىن باشلاپ بۇ يۈرۈشلۈك ئويۇن بۇرۇنقىدەك نەشىر قېتىم سانىنى ئېلىۋىتىپ،تارقىتىلغان يىل نامى بويىچە ئېلان قىلندىغان بولدى. ]ie38tX$ PES2008بولسا سۈرەت كۆرۈنۈش جەھەتتە زور ئىلگىرلىگەندىن باشقا يەنە ئەڭ يېڭى بىر تۈر ‹بىر توپ بىلەن نام چىقرىىش›مەزمۇنى كىرگۈزۈلدى.بۇ تۈردە ئوينىغۇچىلار مەيداندا پەقەت بىرلا ئادەمنى كونتىرول قىلىدۇ.باشلانغاندا بۇ ئەزا ئادەتتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك كۇلۇپلاردا توپ تېپىدۇ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە تەجىرىبە،ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ سانىغا ئېرىشىدۇ.شۇ ئارقىلىق بارا بارا ئىقتىدارى ئۆسۈپ ئاخىرىدا چولپان توپچىغا ئايلىنىدۇ.داڭلىق كۇلۇپلاردىن تەكلىپ كېلىدۇ.بۇ يېڭىلىق تېخنىكىسى شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قوللىنىلماقتا =S+*=j A nQ*9E|Vx OEiu,Y|@l كېيىنكى 2يىلنىڭ ئىچدە كەينى كەينىدىن PES2009ۋە PES2010لار ئېلان قىلىندى.ئويۇننىڭ ئوبراز ۋەكىلى دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى مېسسى بولدى.ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى PESيۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنلىرى مېسسىغا ئوخشاش داڭ چىقىرالماي قالدى.PES2008بايقالغان نۇرغۇن خاتالىقلار PESمەستانىلىرى ئۈمىدسىزلەندۈردى.نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر FIFAيۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتى.ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا FIFAيۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخمۇ تېز،يېڭىلىقلار كۆپ بولدى..رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ KONAMIشىركىتى يېڭىچە ئۆزگىرىش،يېڭىچە بۆسۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەندى. &X3G;x2; aW=c.Q. 00SYNG! KONAMIشىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنى PES 2011نۇسخىسى 2010-يىلى كۈزدە كەڭ مەستانىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئوبراز ۋەكىللىنى يەنىلا مېسسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.ھەر بىر قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەنگە ئوخشاش بۇ نۇسخىسىدىمۇ شىركەت تەرەپ كۆپ ماختاپ مۇنۇلارنى دېدى.PES 2011بولسا يېڭى بىر ئىنقىلابنى باشلايدۇ.كۆپ جەھەتتىن ئويناش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتتۇق،ھەقىقى پۇتبۇل تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ.ھازىرغا قەدەر بولغان ئەڭ ھەقىقى PES G.")Bg بۇ نۇسخىسىدا راست دېگەندەك يېڭىدىن AIئويۇن ماتورى قوللىنىلغان بولۇپ،تېخىمۇ ئەركىن قىلىپ لاھىيلەنگەن.ئوينىغۇچىلار توپچىنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى كونتىرول قىلالايدۇ.پاسنى خالىغان يەرگە تاشلىيالايدۇ.بۇرۇنقىدەك ئەڭ يېقىن توپچىغا ئاپتوماتىك ھالدىلا پاس تاشلايدىغان ئىش يوق.ئەمىلىيەتكە تېخمۇ يېقىن. pmwVVUEQ \3"jW1Wb d?ru8 PES 2012بولسا PES 2011نۇسخىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ نۇسخىسى .بۇ نەشىرىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئامىللار ئويۇنغا كىرگۈزۈلگەن.توپچىلار ئەمىلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ لاھىيلەنگەن بولۇپ .يېڭى ئويۇن ماتۇرى AIنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن.مەستانىلەرگە تېخمۇ كۆپ ئويناش ئۇسۇلى يارىتىپ بېرىلگەن.ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىيە تۇرۇشتا ھەممە توپچىلارنى خالىغانچە كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ ھۇجۇم شەكلى ۋە مۇداپىيەنى كۆپ خىللىققا ئىگە قىلغان.بۇرۇنقىدەك نوچىراق توپچىدىن بىرسىگىلا توپنى تاشلاپ بېرىپ يۈگۈرتىپ ئەكىرگەن پېتى ھەممىسىنى ئالداپ توپ ئۇرىدىغان بىرلا قېلىپتا ئويناش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن بولۇپ،كوللىكتىپ ماسلىشىشچانلىقنى بەكرەك تەكىتلىگەن. =M6P h% `^v=* & ===================================================================================== Sy@)Q[A كىچىكىمىزدىن بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن .مەۋھۇم دۇنيادىكى پۇتبۇل چۈشىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،كۆڭلىمىزنى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپقۇزۇپ كېلىۋاتقان. / <C{$Gu ھازىرغا قەدەر 17يىللىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى ئۈزلۈكسز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ~ECIL7, خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇيىل يەنى 2012-يىلى 9-ئايلار ئەتراپىدا winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) نىڭ يېڭى نۇسخىسى PES 2013ئېلان قىلىنماقچى.پۇتبۇل ئويۇن خۇمار دوستلار PESمەستانىلىرى KONAMIنىڭ يېڭى سوۋغىسىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتمەكتە!
ئىشلىتىش بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى milanدە2012-06-04 20:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : \>j@!W ئورۇن s6;ZaU
ئىشلىتىش بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى alyar75دە2012-06-04 20:44يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : >UE_FC*u > سىز يوللىغان 2012-يىلى يىڭى نۇسخىسى تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتلاردا چۈشەر؟؟ SvAz9>N4