ry%Fs&V*> -O?}-6,_Z ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ زەردار كۇلۇبى مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇ پەسىل ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمەي قالسا بۇيىلقى ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى ئۆزىنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويىشى مۇمكىن !
$M=W`E[g ئەگەر مانچىستىر بىرلەشمىسى بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىنى راستىنلا شەلىكلەرگە تارتقۇزۇپ قويسا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلى 2005-يىلدىن بۇيانقى يەتتە يىل جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىرمۇ لوڭقا ئالالماسلىقتەك ئىچىنىشلىق ھالەتتە ئاخىرلىشىدۇ

. ئۆتكەن 6 پەسىل جەريانىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى چوڭ كىچىك بولۇپ 8 لوڭقا ئالغان . شۇنداقلا كۇلۇبمۇ زور مىقداردا ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشكەن . لىكىن 2011-2012-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە مانچىستىر بىرلەشمىسى جەمئىي 20 مىليون فونىستىرلىڭ زىيان تاتقان .
(NBq!;_2,x ئالدىنقى يىلى مانچىستىر بىرلەشمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن جەمئىي 45 مىليون فونىستىرلىڭغا يېقىن مۇكاپات ئالغان . ئەمما بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كىتىپ كەينىدىن ئىتتىپاقتىنمۇ شاللىنىپ شۇ مۇسابىقىلەردىكى بىلەت كىرىمى ، تىلىۋىزىيەدە تارقىتىش ، ئىلان ھەققى قاتارلىق بولۇپ جەمئىي 17 مىليون فونىستىرلىڭ زىيان تارتقان .
"2'p
S
<| ئېنگىلانىد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ 1-ۋە 2 -بولغان كوماندىلىرىغا بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسى ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان بولۇپ 750مىڭ فونىستىرلىڭ ئەتراپىدا مۇكاپات بېرىلىدۇ ، ھەمدە ھەر ئىككىسىلا بىۋاستە ئوزغۇنلۇق ئويناش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ . لىكىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى كىلەر پەسىل ئوزغۇنلۇق ئوينىغاندا بىلەت كىرىمى ، ئىلان كىرىمى ، تېلىۋىزىيەدىن بىۋاستە تارقىتىش قاتارلىقلاردىن كىرگەن كىرىمنىڭ 40پىرسەنتىنى ئالالايدۇ . بىراق 2 -بولغان كوماندا مۇسابىقە جەريانىدا كىرگەن كىرىمنىڭ 30 پىرسەنتىنىلا ئالالايدۇ .. شۇنداق بولغاندا مانچىستىربىرلەشمىسى 2- بوپ قالغانلىق سەۋەبىدىن كىلەر قېتىمقى ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 5 مىليون فونىستىرلىڭ ئاز كىرىم قىلىدۇ .
dNL
V=v7