bGK
*1FlH تېما ماۋزۇسىنى ئانداق قويۇپ قويسام يۈگىرەپ كىردىڭلا ھەقىچان
:D-D+x x;E/
rwP)TJh" Dykh|" بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 9 -كۈنى سەھەردە ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېنگىلانىدنىڭ ئىككى زەردارى بولغان چىلسى بىلەن لېۋىرپول ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . لېۋىرپول ساھىبخان ھالەتتە ئەنفېرىد مەيدانىدا چىلسىنى كۈتىۋالىدۇ . بۇ قېتىمقىسى ئىككى كوماندىنىڭ بۇ پەسىلدىكى 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ توررس ئالدىنقى پەسىل لېۋىرپولدىن چىلسىغا يۆتكەلگەندىن كىيىن تۇنجى قېتىم لېۋىرپولنىڭ رەقىبى سۈپىتىدە ئەنفېردتا مەيدانغا چۈشىدۇ ! بۇ قېتىقى مۇسابىقە توررس ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ سىناق بولۇپ ، دىماتىئو مۇ توررىسىنى ئاساسلىق قىلىپ مەيدانغا چىقارماقچى . چىلسى كوماندىسى ھازىر رەت تەرتىپتە 4-ئورۇندا تۇرىۋاتقان توتىنخام كوماندىسىدىن بىر مەيدان كام ئوينىغان شارائىتتا 5 نومۇر كەينىدە قالدى .. شۇنداقلا 4-لىك ئورنىغا چىقىپ ئوزغانلىق مۇسابىقىسى ئويناش پۇرسىتى ئاساسەن يوغان قۇلاقنى كۆتۈرۈشكە باغلىق بوپ قالدى .. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىماتىئو ئالدىنقى قېتىم لېۋىرپول بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن دىروگبا ، چېخ قاتارلىق توھپىكار ئەزالارنى ئارام ئېلىشقا قويىۋەتكەن بولۇپ .. ھۇجۇم سېپىغا توررىس بىلەن سىتۇلىچنى چىقارماقچى . لامپارد ، ئاشلى كول قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار ئاساسەن مەيدانغا توللۇق چىقىدۇ . چېخنىڭ ئورنىغا 2-نومۇرلۇق قاپقىچى شىرالىئو چۈشىدۇ . ئالدىنقى قېتىملىق لېۋىرپول بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچتا توررىس ئورۇندۇقتا 90 مىنۇت توللۇق ئارام ئالغان . بۇ قېتىقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە توررىس لېۋىرپولنىڭ رەقىبى سۈپىتىدە ئەنفىردتا مەيدانغا چىقماقچى ھەمدە چىلسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ساھىبخان مەيدانى بولغان ئەنفېردتا لېۋىرپول كوماندىسىدىكى سەبداشلىرى ۋە لېۋىرپول مەستانىلىرىغا قارشى ھالەتتە مۇسابىقە ئوينايدۇ . توررىس لېۋىرپولدا تۇرغان 3يېرىم يىل جەريانىدا 142 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 81 توپ ئۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە 8 قېتىم چىلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشۈپ 7 توپ ئۇرغان

. چىلسىغا يۆتكىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى ئۇچرىشىشتا چىلسى كوماندىسىغا 2 توپ ئۇرۇپ شەپكە كەيگەن . ئەمدى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە توررىس ئەنفىردتا لېۋىرپول كوماندىسىغا توپ ئۇرالامدۇ يوق ؟ ئەنفىردتىكى مەستانىلەر توررىسنى قانداراق كۈتىۋالىدۇ ؟ بۇ مۇشۇ قېتىقى ئۇچرىشىشتىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا
r^<,f[yH
fR'!p: ~ Q#Zazvk JehanF[ مەنبە:
http://sports.163.com/12/0508/08/80VGFC2I00051CCL.html