5- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇسابىقە كۆرىدىغانلارغا تەكلىپ
شىئەن، شىنىڭدىكى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە ئەھۋالىدىن ئاساسىي جەھەتتىن سۈرەتلىك، ھەرىكەتلىك خەۋەر تاپتۇق، شىئەن، شىنىڭدا ئىمكانىيەت شۇنچىلىك بولغاندىكىن بۇ بالىلارمۇ ئىمكانىيتىنىڭ يار بېرىشىچە خەۋەر يوللاپتۇ. بارالىغانلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مەدەت بېرىپتۇ. رەھمەت.
ئەمدىكى مۇسابىقە ئۆز دىيارىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەخ مەيداندا كۆرگىسى بار، لىكىن بۇنىڭغا ھەممە ئادەمنىڭ ئىمكانىيىتى يوق. شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى پەقەت نەچچە سىكۇنتلىق خەۋەر بېرىپ قويىدۇ، ئېھتىمال. بولسا نەخ مەيداندىن بېرىلگەن تەپسىلى ئەھۋالىنى كۆرسەك بولاتتى. ئۇيغۇرچىلىقتا بۇنىڭغا مۈمكىنچىلىك يوق ئېھتىمال.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھەققىدىكى تەشۋىقات ھەر قايسى تور بىكەتلىرىدە ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەممە ھەۋەسكارلار 12- چىسلانى ساناپ ئولتۇرىمىز. شۇڭا تەكلىپىم:
1. بارالىغان بالىلارنىڭ كىيىمگە كۈچەش بىلەن بىللە، ئائىلىدە، ئىدارىدا، دوستلاردا بار ئىقتدارى ياخشىراق فوتو ئاپارات، تىلىكامىرا، ئۈچ پۇتلۇق جازا ئېلىۋىلىپ، مۈمكىن بولسا ھەر كىم ئۆز ئالدىغا بىر نۇقتىدىن ئېلىۋەرمەي، بىرلىشىپ، تۆت- بەش نۇقتىدىن ئېلىپ كىرىشتۈرۈپ، يوللىۋەتسەڭلار.
2. خاتىرە، قەلەم ئېلىۋىلىپ، ئەھۋالدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ياخشىراق يازىدىغان بالىلار يېزىپ تەھرىرلەپ، يوللىۋەتسەڭلار. ھەممە ئادەم پۇتبول تور بىكىتىگە كىرمىگەندىكىن، ئالدىنقى قېتىملاردا ھەر كىم ئۆزى خالىغان بىكەتتە بار خەۋەرلەرنى كۆرگەچكە، تەپسىلى ئەھۋالنى بىلىپ بولغىچە 2-3 كۈن كەتتى. تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى قىلالمىغان ئىشنى ئۆزىمىزمۇ قىلالايمىز.
3. تورداشلارنىڭ ھەر قېتىمقى مۇسابىقە ئەھۋالىنى يىغىپ ساقلاپ ئارخىپلاشتۇرۇپ قۇيۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. نەچچە يىللاردىن كىيىن تارىخقا، پاكىتقا ئايلىنىدۇ.
تۈنۈگۈن ئېسىمگە كەلمەپتۇ. بولسا سىمسىز تورغا چىقىدىغانلار خاتىرە كومپيۇتىردىن بىرنى ئېلىۋىلىپ نەخ مەيداندا ئۇدۇللۇق سۈرەت، يازمىچە خەۋەرنى
تەھرىرلەش ھالىتىدە تورغا يوللاۋەرسەڭلار. يەنە بىرى كومپيۇتىر ئالدىدا شۇ كۈنى ئولتۇرالايدىغان باشقۇرغۇچىلاردىن بىرىگە ئەھۋاللارنى تىلىفوندا
يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار باشقۇرغۇچى تورغا چىقىرىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ
[ بۇ يازمىنىdilkashدە2012-05-07 18:52قايتا تەھرىرلى ]