سىز بۇ تېمىنىڭ 1978 - ئوقۇرمىنى
تېما: تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن

UID: 9557
جەۋھەر: 1
يازما: 62
شۆھرەت: 243 نۇمۇر
پۇل: 100173 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 37(سائەت)
تىزىملاش: 2011-09-06
ئاخىرقى: 2012-05-26
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 15:59

تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما چوكىنات تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-05-02)
            تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى NWESP U):w  
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پوتبول سۆيەر قېرىنداشلار  ، ماي بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن  تۇرپاندا ئۆتكۈزىلگەن 12-نۆۋەتلىك  « پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى » تەكلىپلىك پوتبول مۇسابىقىسى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگەچە  تۇرپان شەھەرلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپىدە  داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلدى . k 9R4Y\8P  
    مۇسابىقىگە شىمالىي شىنجاڭ بويىچە جەمى سەككىز كوماندا قاتناشتى . 1- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر - سىدىقجان ، دىلشاد . تېرنىر - يۈسەنجان ،سەيدۇللا  ،مەمەتئېلى . 2- قارماي «دولان » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر -جۈرئەت مەمەت ،ئەركىن . تېرنىر -شىرئەلى  ،نەمەت . 3- قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى  يېتەكچىلەر - مەمەت ئىسمايىل ، تېرنىر - ئىسكەندىر  4- قۇمۇل « جەسور » كوماندىسى ، يېتەكچى - قادىر ئايۇپ ، قادىر مەمەت ، ئادىلجان ئابلەت ، ئالىم خالىق ،مەمەتجان . تېرنىر -ئابلىمىت موسا . 5- ئۈرۈمچى  «ھۇررا » كوماندىسى ، يېتەكچى -ساتتار ئابدۇرېھىم ، تېرنىر -مىرزەكىم . 6- شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران « ئىزچىلار » بىرلەشمە كوماندىسى ، يېتەكچى - تۇرسۇن ئايۇپ ، رەيھانگۈل (Zakira) ، تېرنىر -  تۇرسۇنجان ، ئەنۋەر . 7- تۇرپان « بارمان » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر - ئادىلجان ئابلىمىت ، تېرنىر -قېيۇم ئابلىم ، ئالىمجان . 8- تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى  ،يېتەكچىلەر -ياسىن مۇتەللىپ ، ئەخمەت سايىپ ، تېرنىر - ئابدىرېھىم ھىسامدىن . دىلمۇرات لىتىپ .   KK4`l}Fk:n  
     مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇاسىمىغا ۋىلايەت  رەھبەرلىرىدىن ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرلىرى ، مائارىپ كومىتىتىنىڭ مەسوللىرى ،مەدەنىي تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسوللىرى  شەھەرلىك تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مەسئوللىرى بولۇپ رەھبىرى خادىملار تۇلۇق قاتناشتى ، مەيدان كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ سەرخىل نۇمىرلىرى ، پوتبولچىلارنىڭ  كۆتۈرەڭگۈ -روھلۇق  قەدەملەر بىلەن  سەھنە ئالدىدىن رەتلىك ئۆتۈشلىرى بىلەن باشلىنىپ ، ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار  ھەر بىر كوماندىغا مەدەت بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ  ياخشى تىلەكلىرىنى نامايەن قىلماقتا ئىدى . يىغىنغا شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشاد قېيۇم رىياسەتچىلىك قىلدى ، رەھبىرى يولداشلىرىمىزمۇ مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېچىلىشى ئۈچۈن يوليورۇق  بېرىپ ، بارلىق مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن  تۇنجى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى .   }"H,h)T  
        مۇسابىقە     ئا ، ب  گۇرۇپلار بويىچە  باشلاندى .   3pROf#M  
         ئا گۇرۇپپا                                             ب گۇرۇپپا   Y5Bo|*b  
    1- ھۇررا كوماندىسى                             1- شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران« ئىزچىلار »  بىرلەشمە   Et_bH%0  
                                                               كوماندىسى   ;8&3 dm]  
    2- تۇرپان « بارمان » كوماندىسى           2- قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى r +i($ jMs  
   3- قۇمۇل « جەسور» كوماندىسى                3- قارماي « دولان » كوماندىسى re?,Wext\  
  4- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى       4- تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى ^mDe08. %b  
      بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىگە -   8W(*~}ydYY  
    « ئىلى يۇلتۇزى » بىلەن ھۇررا ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ،بۇ كوماندا يېتەكچىلىرى ھۇررانىڭ ئىككى چوڭ سەركىسى بولۇپ ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلا بولسۇن تەنھەركەتچىلەر بولسۇن  نەتىجىگە بەكلا قىزىقىپ تۇراتتى .  « ئىلى يۇلتۇزى » نىڭ 5-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ،7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن ، قارشى تەرەپ ھۇررا دىن 27-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى نەتىجىسىدە مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . ھۇررا 2:1 ئىلى يۇلتۇزى . [({nj`  
     ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە -   \ZFGw&yN  
     قۇمۇل «جەسور » كوماندىسى  بىلەن ساھىپخان « بارمان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . ]=I@1B;_m  
     «بارمان » كوماندىسىدىن 28-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى ، 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ، 7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ، 29-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن قارشى تەرەپ «جەسور » كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى نەتىجىسىدە   ، « بارمان » 2:5 « جەسور »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   AF{\6 
      2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى  چۈشتىن بۇرۇن -   sfH_5 #w  
     بىرىنچى مەيدان  ، « ئىزچىلار » كوماندىسى : تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى    نەتىجە 2:2 بولۇپ تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . @)+ AaC#-  
   ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ، قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى : قارماي دولان كوماندىسى . 4:1 نەتىجە . قارماي « دولان » كوماندىسىدىن 10-17- 7- 9- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، قارشى تەرەپ « يىلتىز » كوماندىسىدىن 7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  ، «دولان » 1:4 « يىلتىز » .   >gQ>1Bwvi  
    چۈشتىن كېيىن  ، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە ، ھۇررا كوماندىسى بىلەن « جەسور « كوماندىسى ئوتتۇرسىدا . ھۇررا كوماندىسىدىن 17- نۇمىرنىڭ بەش توپ ئۇرىشى ،5- 19-7- 27- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن   ھۇررا 0:9  «جەسور »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   O^PKn_OJ  
    ئىككىنچى مەيدان ، « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى بىلەن تۇرپان « بارمان » كوماندىسى ، ئىلى يۇلتۇزىدىن 19- نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى ،7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى قارشى تەرەپ « بارمان » نىڭ 28- 29- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن   « بارمان »  3:2 « ئىلى يۇلتۇزى »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   x^qVw5{n  
    ئۈچۈنچى مەيدان مۇسابىقە ، «ئىزچىلار  » كوماندىسى بىلەن قارماي « دولان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا باشلاندى ، «دولان » كوماندىسىدىن 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ چىرايلىق بىر توپ ئۇرىشى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   !.$I["/=  
   2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى  ،   ;]puq  
    چۈشتىن بۇرۇن ، jwe*(k]z  
  بىرىنچى مەيدان ، تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى بىلەن قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ  ئىتتىپاق كوماندىسىنىڭ بىرقىسىم رەسمىيەتلىرى تۇلۇق بولمىغانلىقتىن  قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسىغا 3:0 ئۇتتۇردى دەپ يەكۈن چىقىرىلدى .   g9pZ\$J&  
   ئىككىنچى مەيدان ، ھۇررا كوماندىسى « بارمان » كوماندىسى ، ھۇررا كوماندىسىدىن 7- 26- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن 2:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى .   $p8xEcQdU#  
   چۈشتىن كېيىن -   T"Y+m-<%  
   بىرىنچى مەيدان ، « جەسور » كوامندىسى  « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئىلى يۇلتۇزىدىن 29-18-نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن « جەسور« كوماندىسىدىن 10-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن   » جەسور « 2:1 «ئىلى يۇلتۇزى» مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . iU918!!N   
    ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ، « ئىزچىلار » كوماندىسى بىلەن قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولدى . «ئىزچىلار » كوماندىسىدىن 7- 6-26- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، 17-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى بىلەن 5:0 نەتىجىدە مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . ^0 )g/`H^>  
  ئۈچۈنچى مەيدان ، قارماي « دولان » بىلەن تۇرپان «ئىتتىپاق » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ 0:0 نەتىجىدە مۇسابىقە ئاخىرلشتى . Jrf=@m\dk  
    نەتىجىدە   + J{IRyBc  
      ئا گۇرۇپپىدىن                                                        ب گۇرۇپپىدىن   ,pfG  
    1- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى                        1- قارماي « دولان » كوماندىسى   ssA`I 
    2- ھۇررا كوماندىسى                                                  2-شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران «ئىزچىلار » بىرلەشمە  كوماندى !TH) +zi  
                  قاتارلىق كوماندىلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى . hag$GX'2k  
      2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ، مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ ماھىرلار  جىددى ھالەتكە كىرگەن ئىدى . چۈشتىن بۇرۇن   TqQB@-!  
      1-مەيداندا     j_[tu!~  
    غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى بىلەن « ئىزچىلار » كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈپ كەسكىن ئېلىشىشلار بىلەن «ئىلى يۇلتۇزى» كوماندىسىدىن 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  1:0 نەتىجە بىلەن « ئىلى يۇلتۇزى » ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . **0~K";\  
    2-مەيدان مۇسابىقە ،  ھۇررا كوماندىسى بىلەن قارماي « دولان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، ۋەھشى ئېلىشىشلار بىلەن « دولان » كوماندىسىدىن 20-نۇمىرلىق ماھىر ( ئىچكىرى ئۆلكىدە توپ تېپىدۇ )  چىرايلىق ئىككى توپى ،10-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  3:0 نەتىجە بىلەن  « دولان » كوماندىسى ھۇررا كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى .   AN m d!  
      چۈشتىن كېيىن   zk+9'r`-D  
    1- مەيدان  -« ئىزچىلار » كوماندىسى بىلەن ھۇررا كوماندىسى 3- دەرىجىنى تالىشىدۇ ،  قالتىس كەسكىن ئېلىشىشلار بىلەن ھۇررا كوماندىسىدىن 7- نۇمىرلىق ماھىر  كېيىنكى يېرىم مەيداندا  بىر توپ ئۇرۇپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى .   2.y-48Nz  
    2- مەيدان مۇسابىقە - قارماي «دولان » كوماندىسى بىلەن غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ  پۈتۈن  مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى دىيىشكە بولىدۇ .   چۈنكى قارماي «دولان » كوماندىسىدىكى  20-نۇمىرلىق ۋەھشى ماھىر مەمەتجان تۇرسۇن بىلەن 77-نۇمىرلىق ماھىر قەيسەرجان قاتارلىق بۇ يىگىتلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مۇسابىقىسىنى تۈگۈتىپلا بۇ مۇسابىقە مەيدانىغا قاراپ يولغا چىققان ئىكەن . بۈگۈن ئۇلار ،  بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەۋىيىسىنىڭ نەچچە بالداق  يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ دىيىەلەيمىز .   nF:4}qy\  
    غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندا ئەزالىرى نەچچە كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا  پۈتۈن تۇرپان خەلقىگە  ئىنتايىن ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى ، مەيداندا ئۇلار گويا يىلپىزغا ئوخشاش ، چاققان ھەركەتلىرى ،يۇقىرى سەۋىيىدىكى ماھارەتلىرى بىلەن پۈتۈن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى،بولۇپمۇ 11-نۇمىرلىق ماھىر خەمىت ئۆزىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى ۋە يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسىتىپ نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى ،مۇسابىقە كەسكىن بولىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار مەيدان سىزىقىغىچە كېلىپ ئۇنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي 100 يۈئەنلىك پۇللارنى ئۇنىڭغا ئاتاپ تاشلىغىلى تۇردى ، مانا بۇ ھەقىقى مەستانىلەرنى قايىل قىلغان مىنۇتلار ،مۇسابىقە جەريانىدا بۇ كوماندىنىڭ ئەڭ غول ئەزاسى 5-نۇمىرلىق ئەيساجان ئېغىر يارلاندى ھەم دەرھاللا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىلدى ،ئاساسى ۋارتامۇ قولىنى سۇندۇرۋالدى ،دېمەك بۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە «ئىلى يۇلتۇزى » ئەزالىرىدىن بەزىلىرى  مەيداندا بولمىسىمۇ ئۇلار قارماي « دولان » كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكىنىدىن ئىنتايىن خوشال ئىدى ،مۇنەۋۋەر بىر توپچىنى سىنايدىغان بۇ جەڭدە ، ھەقىقى ماھارەت ،چىدامچانلىق ،باتۇر قەيسەرلىك تەنھەركەتچىنى چېنىقتۇرىدىغان، ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بىردىن -بىر سەھنە ...   lFj]4  
     مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندىنىڭ رەتلىك تەرتىپلىك تىزىلىپ ئەتىراپتىكى بارلىق تاماشىبىنلارغا ، رەھبەرلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تازىم قىلىشىدىن كېيىنلا باشلاندى ، ھەر ئىككى تەرەپ ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولۇپ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى ،مەدەت بېرىشلەر داۋاملاشماقتا ،كەينى -كەينىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم ،مۇداپىئەلەر تاماشىبىنلارنى قايىل قىلماي قالمايتتى ،ۋارتارلارنىڭ چىرايلىق تۇتىۋالغان توپلىرى ،  ھەيييي  ئاللا ، ئاللا .. بۇنداق توپ  تېپىشنى تېلۋىزوردىنلا كۆرىمىزمىكىن دېسەك ، ھېلىقى مېسسى ، رونالدو دېگەن بالىلار ئەسلى بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزدىن ئۆگۈنىپ توپ تېپىپتىمۇ نىم !!!  .. مانا بۇ بىزگە يېقىنلا يەردە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى ئىدى ، ۋاي توپ كىردىىىىىىىىى ... « دولان »كوماندىسىدىن 77-نۇمىرلىق ماھىر بىر توپ ئۇردى ،گۈلدۇراس ئالقىشلار مەيداننى زىل -زىلىگە سالدى ھەر ئىككى تەرەپ كەينى كەينىدىن جىددى تاكتىكا تۈزۈپ توپ ئۇرغىلى تۇردى « ئىلى يۇلتۇزى » دىن 10- 4-نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، « دولان » كوماندىسىدىن 5- نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن 2:2 تەڭ نەتىجە ۋاقىت توشۇپ ئاخىرقى نوقتا توپ ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى ... « دولان » كوماندىسىنىڭ 15-5-2-20 -نۇمىرلىق ماھىرلىرىنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسىدىن 19-11- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە   قارماي «دولان » 4:6 غۇلجا« ئىلى يۇلتۇزى»  بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تاماملاندى . ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار ھەممىسى مەيدانغا قاراپ يۈگۈرىشتى ھەر ئىككى تەرەپ چولپانلىرىنى ئارىغا ئېلىپ ئىمزا قويدۇرىۋاتقان ، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى تالىشىپ كەينىگە كىرىۋېلىۋاتقان تاماشىبىنلار ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇ ياققا چاپاتتى ، نېمە دېگەن ھاياجانلىق مىنۇتلار ھە !!!  گەرچە « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندا ئەزالىرىدىن ئاساسلىق نەچچە ئەزا يارلىنىپ مەيدانغا چۈشەلمىگەن بولسىمۇ  بۈگۈنكى مۇسابىقە جەريانىدا   « دولان » كوماندا ئەزالىرىغا ماسلىشىپ بەكلا چىرايلىق ئوينىدى ، ھەر ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ماھارەتلىكلا ئەمەس مەدەنيەت ساپاسىمۇ يۇقىرى ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق ، ئۇيغۇرۇمنىڭ لاياقەتلىك پەرزەنتى دىيىشكە بولىدۇ . بىزگە مەلۇم ، مەيداندا تېخنىكىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ ئۇ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن پۈتۈن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە ،ئۇنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ئۆز رولىنى كۆرسىتەلمەيدۇ .   G _tCmu\  
    تۇرپان دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا مۇسابىقە ، نۇرغۇن كىچىك توپ مەستانىلىرىنى  بولۇپمۇ مېنىڭ « بوران » كوماندامدىكى ئەزىمەتلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ بۇ مۇسابىقىگە كەلگەن چولپان ئاكىلىرىدىن ئۆگۈنىپ ئۇيغۇر پوتبولچىلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە ، تىرىشىشقا ، سۇلماس قەتئى ئىرادە تىكلەش كېرەكلىكىنى تۇنىتتى .   ttQGoUkj  
     بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە  نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ يىراق جايلاردىن كەلگەن يېتەكچىلىرىمىزگە ، تېرنىرلىرىمىزگە ، مۇنەۋۋەر توپچىلىرىمىزگە ئامانلىق تېلەش بىلەن سىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ قېتىمقىدەك ئېسىل روھىڭلار بىلەن شىنجاڭنىڭ پوتبولچىلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ! 8W7J3{d  
    سىلەردەك ئەزىمەتلەر بولغاچ چىملىق مەيدانلىرى مەڭگۈ كۆكۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ مەغرور ھالىتىنى نامايەن قىلالايدۇ !  
Lb-OsKU  
ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن !!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10417
جەۋھەر: 0
يازما: 35
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-25
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 17:22

$~)SCbL^5  
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر
z$sGv19pB  
دۆلەت بايرىقى گۇرۇپپىسى پاراتتىن ئۆتمەكتە
=_^X3z0  
رىپىرلار گۇرپپىسى پاراتتىن ئۆتمەكتە
ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسى
غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسى
!)$Zp\Sg  
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بوران ئىزچىلار كوماندىسى
قۇمۇل يىلتىز كوماندىسى
قۇمۇل جەسۇر كوماندىسى
قاراماي دولان كوماندىسى
تۇرپان ئىتتىپاق يالقۇن سودا شىركىتى كوماندىسى
تۇرپان بارمان كوماندىسى
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچى پەتتار قېيۇم ئەپەندى
رىپىرلار ۋەكىلى قەسەم سۆزى قىلماقتا
كەلگۈسىدىكى تۇرپان پۇتبول خانىشى ئەقىدەگە قاراماي دولان كۇلۇبى پۇتبول لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەكتە
كەلگۈسىدىكى تۇرپان پۇتبول خانىشى ئەقىدەگە قاراماي دولان كۇلۇبى پۇتبول لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەكتە
كوماندا يېتەكچىلىرىگە گۈل سوۋغا قىلىنىپ تەشەككۈرلەر بىلدۈرۈلدى
مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر توپ باشلاپ، مۇسابىقىنىڭ رەسمىىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى
VS ئۈرۈمچى ھۇررا)مۇسابىقە باشلاندى (غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى
مەستانىلەر
مەستانىلەر
[ بۇ يازمىنىateshدە2012-05-02 17:42قايتا تەھرىرلىدى ]
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10417
جەۋھەر: 0
يازما: 35
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-25
2  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 17:28

چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن قاراماي دولان كۇلۇبى
دولان كۇماندىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن بىرگە
ئىلى يۇلتۇزى كوماندا يېتەكچىسى ۋە ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسى يېتەكچىسى
كىچىك مەستانىلەر ئۆزىمىزنىڭ چولپانلىرىغا ئىمزا قويدۇرۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋېلىشتى
`@%LzeGz  
y>LBl]  
I 6O  
H*6W q  
ئېسىل مەرگەن تاھىر       ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسىدىن
[ بۇ يازمىنىateshدە2012-05-02 17:46قايتا تەھرىرلىدى ]
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10417
جەۋھەر: 0
يازما: 35
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-25
3  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 17:37

سەل توختاڭ، تېخى تەھرىرلەپ بولالمىغان ئىدىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10417
جەۋھەر: 0
يازما: 35
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-25
4  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 18:15

يارلىنىپ قايتقانلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ھازىرچە بىلەلمىدۇق، بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار. d0D] Q  
تۇرپاندىكى بىر ياش ئەزىمەتنىڭ بىلىكى چىقىپ كەتتى، ھازىر گىپىسلاقلىق، يەنە بىرىنىڭ ئۇشۇق سۆڭىكى دەز كېتىپتۇ، ئۇنىمۇ تېڭىپ قويدۇق. لېكىن روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلار.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10417
جەۋھەر: 0
يازما: 35
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-25
5  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-03 19:18

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى tagderemدە2012-05-03 05:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 7 yba04D)  
ما تېمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار ھوي !   m9A!D  
,1##p77.  
تۇرپان خەلىقىگە رەھمەت ، سىزگىمۇ ھەم ، نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ كۆرگەندەك بولدۇم  ،ساھىپخانا كومانداڭلارمۇ ياخشى ئويناپتىكەن ، دولان بىلەنمۇ تەڭلىشىپ ، لىكىن ئاشۇ ئوينالمىغان بىر مەيدان سەۋەپلىك گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئوخشايدۇ .   BCcjK6'  
ھۈسەنكام ئىسىل ئادەم جۇمۇ  ، ئىلى كوماندىسى شىنجاڭنىڭ مادىرىتى   قارماي كوماندىسىغا مۇبارەك بولغاي ! @fV9 S"TcM  
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن .  مۇنبەردە قارمايلىق باللار بارمۇ يوق شىنجاڭ بويىچە قارماينىڭ پوتبۇل تەرەقىياتى ئەڭ تېز بولۋاتىدۇ .
2"S}bfrX  
....... ,=mS,r7  
xp9pl[l  
ئۇنىڭ نېمىسىنى دەي قېرىندىشىم، قۇمۇل تەرەپنىڭ بەك چىڭ تۇرىۋالمىغان بولسا بەلكىم گۇرۇپپىدىن چىقىپ، ھېچ بولمىغاندا يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا باراتتى.