تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى --]

پۇتبول كۇلۇبى -> شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى -> تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

zakira 2012-05-02 15:59

            تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى b-pZrnZ!  
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پوتبول سۆيەر قېرىنداشلار  ، ماي بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن  تۇرپاندا ئۆتكۈزىلگەن 12-نۆۋەتلىك  « پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى » تەكلىپلىك پوتبول مۇسابىقىسى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگەچە  تۇرپان شەھەرلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپىدە  داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلدى . SMHQo/c r  
    مۇسابىقىگە شىمالىي شىنجاڭ بويىچە جەمى سەككىز كوماندا قاتناشتى . 1- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر - سىدىقجان ، دىلشاد . تېرنىر - يۈسەنجان ،سەيدۇللا  ،مەمەتئېلى . 2- قارماي «دولان » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر -جۈرئەت مەمەت ،ئەركىن . تېرنىر -شىرئەلى  ،نەمەت . 3- قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى  يېتەكچىلەر - مەمەت ئىسمايىل ، تېرنىر - ئىسكەندىر  4- قۇمۇل « جەسور » كوماندىسى ، يېتەكچى - قادىر ئايۇپ ، قادىر مەمەت ، ئادىلجان ئابلەت ، ئالىم خالىق ،مەمەتجان . تېرنىر -ئابلىمىت موسا . 5- ئۈرۈمچى  «ھۇررا » كوماندىسى ، يېتەكچى -ساتتار ئابدۇرېھىم ، تېرنىر -مىرزەكىم . 6- شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران « ئىزچىلار » بىرلەشمە كوماندىسى ، يېتەكچى - تۇرسۇن ئايۇپ ، رەيھانگۈل (Zakira) ، تېرنىر -  تۇرسۇنجان ، ئەنۋەر . 7- تۇرپان « بارمان » كوماندىسى ، يېتەكچىلەر - ئادىلجان ئابلىمىت ، تېرنىر -قېيۇم ئابلىم ، ئالىمجان . 8- تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى  ،يېتەكچىلەر -ياسىن مۇتەللىپ ، ئەخمەت سايىپ ، تېرنىر - ئابدىرېھىم ھىسامدىن . دىلمۇرات لىتىپ .   >TSPEvWc  
     مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇاسىمىغا ۋىلايەت  رەھبەرلىرىدىن ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرلىرى ، مائارىپ كومىتىتىنىڭ مەسوللىرى ،مەدەنىي تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسوللىرى  شەھەرلىك تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مەسئوللىرى بولۇپ رەھبىرى خادىملار تۇلۇق قاتناشتى ، مەيدان كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ سەرخىل نۇمىرلىرى ، پوتبولچىلارنىڭ  كۆتۈرەڭگۈ -روھلۇق  قەدەملەر بىلەن  سەھنە ئالدىدىن رەتلىك ئۆتۈشلىرى بىلەن باشلىنىپ ، ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار  ھەر بىر كوماندىغا مەدەت بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ  ياخشى تىلەكلىرىنى نامايەن قىلماقتا ئىدى . يىغىنغا شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشاد قېيۇم رىياسەتچىلىك قىلدى ، رەھبىرى يولداشلىرىمىزمۇ مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېچىلىشى ئۈچۈن يوليورۇق  بېرىپ ، بارلىق مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن  تۇنجى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى .   l*^J}oY  
        مۇسابىقە     ئا ، ب  گۇرۇپلار بويىچە  باشلاندى .   USgZ%xk2  
         ئا گۇرۇپپا                                             ب گۇرۇپپا   T b~|p_;o  
    1- ھۇررا كوماندىسى                             1- شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران« ئىزچىلار »  بىرلەشمە   v&t~0jX,  
                                                               كوماندىسى   yW:: `  
    2- تۇرپان « بارمان » كوماندىسى           2- قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى ;Du+C%  
   3- قۇمۇل « جەسور» كوماندىسى                3- قارماي « دولان » كوماندىسى #-76E  
  4- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى       4- تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى >eX&HSoy  
      بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىگە -   q18IqY*Lo  
    « ئىلى يۇلتۇزى » بىلەن ھۇررا ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ،بۇ كوماندا يېتەكچىلىرى ھۇررانىڭ ئىككى چوڭ سەركىسى بولۇپ ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلا بولسۇن تەنھەركەتچىلەر بولسۇن  نەتىجىگە بەكلا قىزىقىپ تۇراتتى .  « ئىلى يۇلتۇزى » نىڭ 5-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ،7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن ، قارشى تەرەپ ھۇررا دىن 27-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى نەتىجىسىدە مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . ھۇررا 2:1 ئىلى يۇلتۇزى . |wF_CZ*1  
     ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە -   MBy0Ky  
     قۇمۇل «جەسور » كوماندىسى  بىلەن ساھىپخان « بارمان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . !,D7L6N  
     «بارمان » كوماندىسىدىن 28-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى ، 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ، 7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى ، 29-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن قارشى تەرەپ «جەسور » كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى نەتىجىسىدە   ، « بارمان » 2:5 « جەسور »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   _v~c3y).  
      2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى  چۈشتىن بۇرۇن -   xJCMxt2Y  
     بىرىنچى مەيدان  ، « ئىزچىلار » كوماندىسى : تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى    نەتىجە 2:2 بولۇپ تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . ,1xX`:  
   ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ، قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى : قارماي دولان كوماندىسى . 4:1 نەتىجە . قارماي « دولان » كوماندىسىدىن 10-17- 7- 9- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، قارشى تەرەپ « يىلتىز » كوماندىسىدىن 7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  ، «دولان » 1:4 « يىلتىز » .   jA<(#lm;  
    چۈشتىن كېيىن  ، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە ، ھۇررا كوماندىسى بىلەن « جەسور « كوماندىسى ئوتتۇرسىدا . ھۇررا كوماندىسىدىن 17- نۇمىرنىڭ بەش توپ ئۇرىشى ،5- 19-7- 27- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن   ھۇررا 0:9  «جەسور »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   b&q!uFP  
    ئىككىنچى مەيدان ، « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى بىلەن تۇرپان « بارمان » كوماندىسى ، ئىلى يۇلتۇزىدىن 19- نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى ،7-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى قارشى تەرەپ « بارمان » نىڭ 28- 29- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن   « بارمان »  3:2 « ئىلى يۇلتۇزى »  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   /j7e q  
    ئۈچۈنچى مەيدان مۇسابىقە ، «ئىزچىلار  » كوماندىسى بىلەن قارماي « دولان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا باشلاندى ، «دولان » كوماندىسىدىن 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ چىرايلىق بىر توپ ئۇرىشى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .   U;SReWqU  
   2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى  ،   x9ll0Ht  
    چۈشتىن بۇرۇن ، Y-Iu&H+\  
  بىرىنچى مەيدان ، تۇرپان « ئىتتىپاق » كوماندىسى بىلەن قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ  ئىتتىپاق كوماندىسىنىڭ بىرقىسىم رەسمىيەتلىرى تۇلۇق بولمىغانلىقتىن  قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسىغا 3:0 ئۇتتۇردى دەپ يەكۈن چىقىرىلدى .   ]~a;tF>Fw  
   ئىككىنچى مەيدان ، ھۇررا كوماندىسى « بارمان » كوماندىسى ، ھۇررا كوماندىسىدىن 7- 26- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن 2:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى .   J9%I&lu/  
   چۈشتىن كېيىن -   hs*n?vxp3  
   بىرىنچى مەيدان ، « جەسور » كوامندىسى  « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئىلى يۇلتۇزىدىن 29-18-نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن « جەسور« كوماندىسىدىن 10-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن   » جەسور « 2:1 «ئىلى يۇلتۇزى» مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . 2|&SG3e+(I  
    ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ، « ئىزچىلار » كوماندىسى بىلەن قۇمۇل « يىلتىز » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولدى . «ئىزچىلار » كوماندىسىدىن 7- 6-26- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، 17-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ ئىككى توپ ئۇرىشى بىلەن 5:0 نەتىجىدە مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . g""Ep  
  ئۈچۈنچى مەيدان ، قارماي « دولان » بىلەن تۇرپان «ئىتتىپاق » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ 0:0 نەتىجىدە مۇسابىقە ئاخىرلشتى . av_ +M;G  
    نەتىجىدە   VB`% u=  
      ئا گۇرۇپپىدىن                                                        ب گۇرۇپپىدىن   /.~zk(-&h  
    1- غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى                        1- قارماي « دولان » كوماندىسى   Xc4zUEO9  
    2- ھۇررا كوماندىسى                                                  2-شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى بوران «ئىزچىلار » بىرلەشمە  كوماندى -!V{wD3,B  
                  قاتارلىق كوماندىلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى . "x nULQK  
      2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ، مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ ماھىرلار  جىددى ھالەتكە كىرگەن ئىدى . چۈشتىن بۇرۇن   y;(G%s1  
      1-مەيداندا      y(#6nG@S  
    غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى بىلەن « ئىزچىلار » كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈپ كەسكىن ئېلىشىشلار بىلەن «ئىلى يۇلتۇزى» كوماندىسىدىن 11-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  1:0 نەتىجە بىلەن « ئىلى يۇلتۇزى » ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . 7fXJP5j  
    2-مەيدان مۇسابىقە ،  ھۇررا كوماندىسى بىلەن قارماي « دولان » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، ۋەھشى ئېلىشىشلار بىلەن « دولان » كوماندىسىدىن 20-نۇمىرلىق ماھىر ( ئىچكىرى ئۆلكىدە توپ تېپىدۇ )  چىرايلىق ئىككى توپى ،10-نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن  3:0 نەتىجە بىلەن  « دولان » كوماندىسى ھۇررا كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى .   *aq"c9  
      چۈشتىن كېيىن   nB 0KDt_  
    1- مەيدان  -« ئىزچىلار » كوماندىسى بىلەن ھۇررا كوماندىسى 3- دەرىجىنى تالىشىدۇ ،  قالتىس كەسكىن ئېلىشىشلار بىلەن ھۇررا كوماندىسىدىن 7- نۇمىرلىق ماھىر  كېيىنكى يېرىم مەيداندا  بىر توپ ئۇرۇپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى .   EB@rIvUi,  
    2- مەيدان مۇسابىقە - قارماي «دولان » كوماندىسى بىلەن غۇلجا « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسى ئوتتۇرسىدا بولۇپ  پۈتۈن  مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى دىيىشكە بولىدۇ .   چۈنكى قارماي «دولان » كوماندىسىدىكى  20-نۇمىرلىق ۋەھشى ماھىر مەمەتجان تۇرسۇن بىلەن 77-نۇمىرلىق ماھىر قەيسەرجان قاتارلىق بۇ يىگىتلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مۇسابىقىسىنى تۈگۈتىپلا بۇ مۇسابىقە مەيدانىغا قاراپ يولغا چىققان ئىكەن . بۈگۈن ئۇلار ،  بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەۋىيىسىنىڭ نەچچە بالداق  يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ دىيىەلەيمىز .   J#q^CWN3R  
    غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندا ئەزالىرى نەچچە كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا  پۈتۈن تۇرپان خەلقىگە  ئىنتايىن ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى ، مەيداندا ئۇلار گويا يىلپىزغا ئوخشاش ، چاققان ھەركەتلىرى ،يۇقىرى سەۋىيىدىكى ماھارەتلىرى بىلەن پۈتۈن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى،بولۇپمۇ 11-نۇمىرلىق ماھىر خەمىت ئۆزىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى ۋە يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسىتىپ نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى ،مۇسابىقە كەسكىن بولىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار مەيدان سىزىقىغىچە كېلىپ ئۇنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي 100 يۈئەنلىك پۇللارنى ئۇنىڭغا ئاتاپ تاشلىغىلى تۇردى ، مانا بۇ ھەقىقى مەستانىلەرنى قايىل قىلغان مىنۇتلار ،مۇسابىقە جەريانىدا بۇ كوماندىنىڭ ئەڭ غول ئەزاسى 5-نۇمىرلىق ئەيساجان ئېغىر يارلاندى ھەم دەرھاللا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىلدى ،ئاساسى ۋارتامۇ قولىنى سۇندۇرۋالدى ،دېمەك بۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە «ئىلى يۇلتۇزى » ئەزالىرىدىن بەزىلىرى  مەيداندا بولمىسىمۇ ئۇلار قارماي « دولان » كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكىنىدىن ئىنتايىن خوشال ئىدى ،مۇنەۋۋەر بىر توپچىنى سىنايدىغان بۇ جەڭدە ، ھەقىقى ماھارەت ،چىدامچانلىق ،باتۇر قەيسەرلىك تەنھەركەتچىنى چېنىقتۇرىدىغان، ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بىردىن -بىر سەھنە ...   Z$B%V t  
     مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندىنىڭ رەتلىك تەرتىپلىك تىزىلىپ ئەتىراپتىكى بارلىق تاماشىبىنلارغا ، رەھبەرلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تازىم قىلىشىدىن كېيىنلا باشلاندى ، ھەر ئىككى تەرەپ ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولۇپ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى ،مەدەت بېرىشلەر داۋاملاشماقتا ،كەينى -كەينىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم ،مۇداپىئەلەر تاماشىبىنلارنى قايىل قىلماي قالمايتتى ،ۋارتارلارنىڭ چىرايلىق تۇتىۋالغان توپلىرى ،  ھەيييي  ئاللا ، ئاللا .. بۇنداق توپ  تېپىشنى تېلۋىزوردىنلا كۆرىمىزمىكىن دېسەك ، ھېلىقى مېسسى ، رونالدو دېگەن بالىلار ئەسلى بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزدىن ئۆگۈنىپ توپ تېپىپتىمۇ نىم !!!  .. مانا بۇ بىزگە يېقىنلا يەردە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى ئىدى ، ۋاي توپ كىردىىىىىىىىى ... « دولان »كوماندىسىدىن 77-نۇمىرلىق ماھىر بىر توپ ئۇردى ،گۈلدۇراس ئالقىشلار مەيداننى زىل -زىلىگە سالدى ھەر ئىككى تەرەپ كەينى كەينىدىن جىددى تاكتىكا تۈزۈپ توپ ئۇرغىلى تۇردى « ئىلى يۇلتۇزى » دىن 10- 4-نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، « دولان » كوماندىسىدىن 5- نۇمىرلىق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن 2:2 تەڭ نەتىجە ۋاقىت توشۇپ ئاخىرقى نوقتا توپ ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى ... « دولان » كوماندىسىنىڭ 15-5-2-20 -نۇمىرلىق ماھىرلىرىنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ، «ئىلى يۇلتۇزى » كوماندىسىدىن 19-11- نۇمىرلىق ماھىرلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە   قارماي «دولان » 4:6 غۇلجا« ئىلى يۇلتۇزى»  بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تاماملاندى . ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار ھەممىسى مەيدانغا قاراپ يۈگۈرىشتى ھەر ئىككى تەرەپ چولپانلىرىنى ئارىغا ئېلىپ ئىمزا قويدۇرىۋاتقان ، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى تالىشىپ كەينىگە كىرىۋېلىۋاتقان تاماشىبىنلار ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇ ياققا چاپاتتى ، نېمە دېگەن ھاياجانلىق مىنۇتلار ھە !!!  گەرچە « ئىلى يۇلتۇزى » كوماندا ئەزالىرىدىن ئاساسلىق نەچچە ئەزا يارلىنىپ مەيدانغا چۈشەلمىگەن بولسىمۇ  بۈگۈنكى مۇسابىقە جەريانىدا   « دولان » كوماندا ئەزالىرىغا ماسلىشىپ بەكلا چىرايلىق ئوينىدى ، ھەر ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ماھارەتلىكلا ئەمەس مەدەنيەت ساپاسىمۇ يۇقىرى ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق ، ئۇيغۇرۇمنىڭ لاياقەتلىك پەرزەنتى دىيىشكە بولىدۇ . بىزگە مەلۇم ، مەيداندا تېخنىكىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ ئۇ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن پۈتۈن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە ،ئۇنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ئۆز رولىنى كۆرسىتەلمەيدۇ .   A- J#$B  
    تۇرپان دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا مۇسابىقە ، نۇرغۇن كىچىك توپ مەستانىلىرىنى  بولۇپمۇ مېنىڭ « بوران » كوماندامدىكى ئەزىمەتلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ بۇ مۇسابىقىگە كەلگەن چولپان ئاكىلىرىدىن ئۆگۈنىپ ئۇيغۇر پوتبولچىلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە ، تىرىشىشقا ، سۇلماس قەتئى ئىرادە تىكلەش كېرەكلىكىنى تۇنىتتى .   +n$ruoRJh  
     بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە  نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ يىراق جايلاردىن كەلگەن يېتەكچىلىرىمىزگە ، تېرنىرلىرىمىزگە ، مۇنەۋۋەر توپچىلىرىمىزگە ئامانلىق تېلەش بىلەن سىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ قېتىمقىدەك ئېسىل روھىڭلار بىلەن شىنجاڭنىڭ پوتبولچىلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ! TKiYEh  
    سىلەردەك ئەزىمەتلەر بولغاچ چىملىق مەيدانلىرى مەڭگۈ كۆكۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ مەغرور ھالىتىنى نامايەن قىلالايدۇ !  
Z3=N= xY]  

تۇران 2012-05-02 17:07
    ئەسلى ئىسمىڭىز رەيھانگۈل ئىكەندە!   تىمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز!

miskinboy 2012-05-02 17:12
دولان كوماندىسىكى 20-نۇمۇرلىق ماھىر ئابدۇۋىلى ئۈزگەرتىلگەن ئىسمى [سالاھىدىن] ،خىنەن قۇرلۇش كوماندىسىدا توپ تىپدىغان،77-نۇمۇر ئىلھام گۇيجۇ ب دەرجىلىكتە توپ تىپىدىغان،ئۇ ئىكككەيلەن ئىچكىرىدىكى مۇسابىقىسىنى تۈگتىپلا،يرىم ھەل قىلغۇچ ،ۋە ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە ئۇلگىرىپ كەلگەن بولۇپ 2مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئىككەيلەن ھەقىقى ماھارەتلىرى ئارقىلىق مەيداندىكى بارلىق تۇپ خۇمارلارغا زوق ئاتا قىلدى،

makanim 2012-05-02 17:18
رەھمەت،بىزنى ئەڭ ئسېل بولغان مۇسابىىقە خەۋىرىدىن بەھرىمان قىلدىڭىز.....خۇددى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرىۋاتقاندەك تەسىر بەردىڭىز، رەھمەت.

miskinboy 2012-05-02 17:21
دولان كوماندىسى بىلەن ئىلى يۇلتۇزكوماندىللىرنىڭ مۇسابىقىسى جۇڭگۇدىكى دەرجىدىن تاشقىرى مۇسابىقدىنمۇ ناھايتى سەۋىيىلىك تاكتىكىلق،ئوينالدى

atesh 2012-05-02 17:22
ZSW`/}Dp;  
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر
2a:JtJLl  
دۆلەت بايرىقى گۇرۇپپىسى پاراتتىن ئۆتمەكتە
y :8Oc?  
رىپىرلار گۇرپپىسى پاراتتىن ئۆتمەكتە
ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسى
غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسى
)V*V  
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بوران ئىزچىلار كوماندىسى
قۇمۇل يىلتىز كوماندىسى
قۇمۇل جەسۇر كوماندىسى
قاراماي دولان كوماندىسى
تۇرپان ئىتتىپاق يالقۇن سودا شىركىتى كوماندىسى
تۇرپان بارمان كوماندىسى
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچى پەتتار قېيۇم ئەپەندى
رىپىرلار ۋەكىلى قەسەم سۆزى قىلماقتا
كەلگۈسىدىكى تۇرپان پۇتبول خانىشى ئەقىدەگە قاراماي دولان كۇلۇبى پۇتبول لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەكتە
كەلگۈسىدىكى تۇرپان پۇتبول خانىشى ئەقىدەگە قاراماي دولان كۇلۇبى پۇتبول لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەكتە
كوماندا يېتەكچىلىرىگە گۈل سوۋغا قىلىنىپ تەشەككۈرلەر بىلدۈرۈلدى
مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر توپ باشلاپ، مۇسابىقىنىڭ رەسمىىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى
VS ئۈرۈمچى ھۇررا)مۇسابىقە باشلاندى (غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى
مەستانىلەر
مەستانىلەر

atesh 2012-05-02 17:28
چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن قاراماي دولان كۇلۇبى
دولان كۇماندىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن بىرگە
ئىلى يۇلتۇزى كوماندا يېتەكچىسى ۋە ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسى يېتەكچىسى
كىچىك مەستانىلەر ئۆزىمىزنىڭ چولپانلىرىغا ئىمزا قويدۇرۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋېلىشتى
pO^PkX  
JHxy_<p/  
FeW}tKH  
aC\O'KcH  
ئېسىل مەرگەن تاھىر       ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسىدىن

چوكىنات 2012-05-02 17:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ateshدە2012-05-02 17:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : G$i)ELs  
چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن قاراماي دولان كۇلۇبى
دولان كۇلۇبى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىن ئورۇنلاشتۇرغان مۇناسىۋەتلەر ئەربابلار بىلەن بىرگە
ئىلى يۇلتۇزى كوماندا يېتەكچىسى ۋە ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسى يېتەكچىسى
كىچىك مەستانىلەر ئۆزىمىزنىڭ چولپانلىرىغا ئىمزا قويدۇرۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋېلىشتى
+n;nvf}(  
( 4L/I  
Q!1;xw~  
&[-(=43@  
   رەسىملىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . قارىغاندا غۇلجا كوماندىسى پاراتتىن ئۆتۈشكە كېچىكىپ قالغان ئوخشىمامدۇ...

hakanbuyuk420 2012-05-02 17:36
مۇشۇنداق  ئىسىل  مۇسابىقىنى  سىنغا  .ئېلۋالماي ۋاي   ئىسىتبىر  ئولتۇرۇپ  كۈرۋالغان  بولسام

atesh 2012-05-02 17:37
سەل توختاڭ، تېخى تەھرىرلەپ بولالمىغان ئىدىم.

qinikix 2012-05-02 18:04
سىن ھۆججىتى يۇقما قىرىندىشىم .ھەقىقەتەن بەك نوچى مۇسابىقە بولغان ئوخشايدۇ....ھىلىقى يارلىنپ ئۇرۇمچىگە %f1%9YH  
ئەكەتكەن يىگىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بارمۇ؟

atesh 2012-05-02 18:15
يارلىنىپ قايتقانلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ھازىرچە بىلەلمىدۇق، بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار. ={:a N)  
تۇرپاندىكى بىر ياش ئەزىمەتنىڭ بىلىكى چىقىپ كەتتى، ھازىر گىپىسلاقلىق، يەنە بىرىنىڭ ئۇشۇق سۆڭىكى دەز كېتىپتۇ، ئۇنىمۇ تېڭىپ قويدۇق. لېكىن روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلار.

مەستانە 2012-05-02 18:33
بەك ياخشى بولۇپتۇ،بەك داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپتۇ! مۇشۇنداق ئىسىل مۇسابىقىلەر توختاپ قالمىغاي،مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەن ساخاۋەتلىك قوللارغا دەرت كەلمىگەي. t/i I!}  
  سىڭلىمىز ئەقىدەنىڭ تىرىشىپ توپ تىپىىشىنى،شۇنداقلا ياخشى پۇرسەتكە ئىرىشىشىنى،كەلگۈسى پۇتبول ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان «ماتا»بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆمۈد قىلىمەن! _ >OP  
  ھاياجىنىمنى باسالماي جىق سۆزلەپ قويدۇم....           

salkin2011 2012-05-02 18:36
مۇشۇندا ياخشى مۇسابىقىگە نېمىشقا بىزنىڭ ئەزمەتلەر پۇتبول كوماندىسى قاتنىشالمايدۇ كوماندىنى زادى نىمىگە قۇرغان!

radar 2012-05-02 18:53
ھەرقايسى كۇماندىلارنىڭ ئاساسلىق 11ئەزاسى،ياكى ھەممە ئەزا بىرلىكتە چۈشكەن رەسىملەر بولسا يوللاپ قويساڭلار پايدىلىنىش قىممىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان بولاتتى.

دىلكەش 2012-05-02 19:16
غۇلجىنىڭ ئاساسەن ئىلگرىكى چولپان كوماندىسىنىڭ باللىرى ئوخشايدۇ ، ھۈسەنجىكام بىلەن دىلشاتكام ئاپارغان ئوخشىمامدۇ ..... ھەممىسىنى ئاساسەن تونۇغۇدەكمەن ،ئانچە مۇنچەتوپ تىپىشكەن بالىلار ھەم مەھەللەمدىكى بىرقانچە ئىنىممۇ باركەن ..... Jz8P':6[  
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداقلا ساھىپخانا تۇرپان شەھىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

isimsiz 2012-05-02 19:55
مىنىڭچە بۇ دىيارىمىزدىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق مۇسابىقە بوپتۇ. 1j2U,_-  
مەيدان ھازىرلىغان ساھىپخان كوماندا ۋە باشقا مۇسابىقىغە قاتناشقان كوماندىلارنى تەبرىكلەيمەن. 49 FP&NgK  
يارلانغان بالىلارنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

bangbax 2012-05-02 20:15
مۇنبەر كوماندىمىزمۇ مۇشۇنداق مۇسابىلەردە ئۆزىنى كۆرسەتسە بۇلاتتى .  

ronaldo10 2012-05-02 20:34
مەن ئۆزۈم غۇلجىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىدىم ، ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسىنىڭ 17 - نۇمۇرلۇق ئەزاسى . #8jiz+1 _  
گۇرۇپتىن 9 نۇمۇر بىلەن 1 - بولۇپ چىقتۇق ، يىرىم ھەل قىلغۇچتا 1 دە 0 ئىزچىلارنى شاللىدۇق . /CALX wL  
ھەل قىلغۇچتا قاراماي بىلەن 2 دە 2 تەڭلىشىپ قىلىپ رەھىمسىز نۇقتا توپ جىڭىدە 4 دە 2 ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چىمپىئونلۇقتىن قۇرۇق قالدۇق    

ۋىروس 2012-05-02 20:51
مېسسى رونالدولىمۇ توپ تىپىشنى بىزنىڭ باللىدىن ئۆگەنگەن ئوخشايدۇ   مۇنۇ گەپ پىچەت چىقىپتۇ  قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر ...

ronaldo10 2012-05-02 21:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى دىلكەشدە2012-05-02 19:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : V~jp  
غۇلجىنىڭ ئاساسەن ئىلگرىكى چولپان كوماندىسىنىڭ باللىرى ئوخشايدۇ ، ھۈسەنجىكام بىلەن دىلشاتكام ئاپارغان ئوخشىمامدۇ ..... ھەممىسىنى ئاساسەن تونۇغۇدەكمەن ،ئانچە مۇنچەتوپ تىپىشكەن بالىلار ھەم مەھەللەمدىكى بىرقانچە ئىنىممۇ باركەن ..... FD!8o  
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداقلا ساھىپخانا تۇرپان شەھىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . )cL(()N  
Xm<_!=  
ئاساسەن شۇ چولپاننىڭ باللىرى ، بىزگە ئوخشاش ئارا يولدا قىتىۋالغانلاردىن بىر قانچىمىز بار ^6{op3R_  
تىرىنىر مەمەتئىلىكام ، سەيدۇللامكام ، سۈسەنجىكام ، دىلشاتكام بار . k(7Q\JKE  
يەنە بىزنى قوللىغان سىدىقجىكام   }oiNgs/N  
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى . y:Gn58\o  
يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قاراماي كوماندىسىدا جۇڭچاۇ ئويناۋاتقانلاردىن ئابدىۋەلى بىلەن ئىلھام پەيدا بولۇپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىز ھەل قىلغۇچتا قارامايغا نۇقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ قويدۇق

ئەلبارىس 2012-05-02 21:08
مانا مۇسابىقە دىگەن. سىن ھۆججىتىنى بولسىمۇ بىر كۆرگەن بولساق بەك ياخشى بولاتتىكەن. ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە قارىغاندا دەششەت مۇسابىقە بولغان چىراي...........  ھۇررا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى!!!!!!!!! NNr6~m)3v  
F7j/Zuj  
تېما ئىگىسىگە رەھمەت...

ئىناق 2012-05-02 21:14
ياخشى ..........................................

ئوسكار 2012-05-02 21:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى ronaldo10دە2012-05-02 21:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : #L+:MA7H  
jci,]*X4  
ئاساسەن شۇ چولپاننىڭ باللىرى ، بىزگە ئوخشاش ئارا يولدا قىتىۋالغانلاردىن بىر قانچىمىز بار CKK}Z;~:  
تىرىنىر مەمەتئىلىكام ، سەيدۇللامكام ، سۈسەنجىكام ، دىلشاتكام بار . u>:(MARsR  
يەنە بىزنى قوللىغان سىدىقجىكام   gHstdp_3  
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى . \z0HHCn'"  
....... ?BfE*I$\h  
{JP q. A  
نەدە سەن...قايتىپ كەلدىڭما،،،،،ياتىقىڭغا كىرسەم يوق.،..غىپپىدە نەلەرگە تىكۋەتتىڭ..

zakira 2012-05-02 21:29
  قېپ قالغان رەسىملەرنى تولۇقلاپ يوللاپ قويىمەن .

fiko 2012-05-02 21:33
بەك ئەھمىيەتلىك مۇسابىقە بوپتۇ. , [|aWT%9  
zd=O;T;.  
پۇتبول سۆيەر ساخاۋەتچى كارخانىچىلىرىمىزغا رەخمەت ،سودىسى تېخىمۇ روناق تاپسۇن!! O9sEaVX  
2]5{Xmmo9  
مۇشۇندا كارخانىچىلىرىمىز جىقراق چىقسا 》ب《 دەرىجىلىككە ئوخشاش جەنۇب ۋە شىمالى شىنجاڭ بۇيىچە گۇرپىغا بۆلۈنۈپ چىمپىيونلىقنى تالاشقان بولسا بەك ياخشى بولاتتىدە لېكىن....

humarim~putbol 2012-05-02 22:07
كوماندا يىتەكچىلىرىگە گۇل سوۋغا قىلغان رەسىمدىكى ئايال سىزغۇ دەيمەن؟ مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان   پەتتار ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرى تىخىمۇ روناق  تاپقاي.

پارتىزان 2012-05-02 22:20
ھەقىقەتەن ئېسىل مۇسابىقە بوپتۇ !     ]4l2jY  
رەيھانگۈل ھەدىمىزگە بولغان ھۆرمىتىم يەنە بىر ھەسسە ئاشتى       E~%n-A  
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مانا مۇشۇنداق ئەمىلى ئىشلار كۆپ بولسا ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ !   l6/VJ~(}'  
جاپا چەكتىڭلار !   رەخمەت سىلەرگە  

گېرمان 2012-05-03 00:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى ئوسكاردە2012-05-02 21:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ${f<}  
z`{sD]  
نەدە سەن...قايتىپ كەلدىڭما،،،،،ياتىقىڭغا كىرسەم يوق.،..غىپپىدە نەلەرگە تىكۋەتتىڭ.. }y(t')=9  
b>ai"!  
ما بالىنى، توي قىلغىلى بىر كۈن بۇلا- بولمايلا مۇنبەرگە كىرىۋالغىنىنى

kuyaxoghli 2012-05-03 00:51
ئېسىل مۇسابىقە بوپتۇ...بەك ئەپسۇس خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرەلمىدىم..

گېرمان 2012-05-03 00:52
مۇشۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنى ئىچكىرىدىكىلەرمۇ كۈرۈپ كۆزىنى ئېچىلۋالسا بۇلاتتى

realmadridclub 2012-05-03 01:28
ياخشى بۇپتۇ...  

arean418 2012-05-03 02:01
رەسىملىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

adidas777 2012-05-03 03:10
بەك ئىسسىل مۇسابىقە بوپتۇ ...............بۇندىن كىيىنمۇ....................!!!!!!!!!!!!! FGVw=G{r  
777

tagderem 2012-05-03 05:49
ما تېمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار ھوي !   4A+g-{d  
g#(+:^3'  
تۇرپان خەلىقىگە رەھمەت ، سىزگىمۇ ھەم ، نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ كۆرگەندەك بولدۇم  ،ساھىپخانا كومانداڭلارمۇ ياخشى ئويناپتىكەن ، دولان بىلەنمۇ تەڭلىشىپ ، لىكىن ئاشۇ ئوينالمىغان بىر مەيدان سەۋەپلىك گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئوخشايدۇ .   +mjwX?yF  
ھۈسەنكام ئىسىل ئادەم جۇمۇ  ، ئىلى كوماندىسى شىنجاڭنىڭ مادىرىتى   قارماي كوماندىسىغا مۇبارەك بولغاي ! )VQ[}iT  
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن .  مۇنبەردە قارمايلىق باللار بارمۇ يوق شىنجاڭ بويىچە قارماينىڭ پوتبۇل تەرەقىياتى ئەڭ تېز بولۋاتىدۇ .
EY]H*WJJ  
.4]XR/I$  
ئوسكار ئادووش ،  خوتۇن ئاپسىلىدە   چاقىرىپمۇ قويمىغىنىڭنى قاراۋوي

zakira 2012-05-03 08:43
ھەئە ، شۇنداق مەن بولىمەن ... بۇ قېتم مەن يالغۇز بىر ئايال ئىكەنمەن ، كېلەر قېتىمقى گۈل چاينى قۇمۇل ئالدى ئاللا خالىسا توپچى ۋە مەستانىلەر بىلەن قۇمۇلدا كۆرۈشىمىز !!

noyear 2012-05-03 09:51
بەك قىزىغان مۇسابىقىلەرنى كۆرەلمەپتۇقتە. ھەي ئىسىت.

tarkoqa 2012-05-03 10:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 35قەۋەتتىكى zakiraدە2012-05-03 08:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 回 26楼(humarim~putbol) 的帖子 : ?3LV$S)U  
ھەئە ، شۇنداق مەن بولىمەن ... بۇ قېتم مەن يالغۇز بىر ئايال ئىكەنمەن ، كېلەر قېتىمقى گۈل چاينى قۇمۇل ئالدى ئاللا خالىسا توپچى ۋە مەستانىلەر بىلەن قۇمۇلدا كۆرۈشىمىز !! WSF$xC /~  
C 
oQ Vm)Bn'R  
ئەمدى قاچان باشلىندۇ      

tarkoqa 2012-05-03 10:15
تۇرپان شۇنچە كىچىك بولسىمۇ  نۇرغۇن چوڭ ۋىلاياتلەرگە ئۈلگە بولدى  گەرچە مۇكاپات سوممىسى ئاز بولسىمۇ  لىكىن ئەھمىيتى زور  بىر ياخشى پالىيەت بولدى دەپ قارايمەن   بۇنىڭدىن كىينمۇ كۆپرەك مۇسابقىلەر ئۈتكۈزۈلسە ياخشى بۇلاتتى   مەسلەن مەركىزىمىز ئۈرۈمچىدە دىگەندەك    ئۈرۈمچى بىر باش بۇپ  چوڭ  بىر   مۇسابىقە ئۈتكۈزگەن بولسا ھەي   نىمدىگەن ياخشى بۇلەتتى ھە  

aguyro 2012-05-03 12:22
بەك  قىزىغان  ئۇخشايدۇ  بۇنىڭ  يۇرۇت2  بۇلۇپ  قاپتىدە

dilmurat. 2012-05-03 12:57
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بەك قىززىپتۇ

ئوسكار 2012-05-03 18:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى گېرماندە2012-05-03 00:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : y$|O E%S  
K+U0YMRmz  
ما بالىنى، توي قىلغىلى بىر كۈن بۇلا- بولمايلا مۇنبەرگە كىرىۋالغىنىنى N u}Zsb|{  
A^pRHbRq  
  كۈلۈپ يېتۋاپتىمەن....ۋاي مەن ئەمەس.مۇزات توي قىلدى..

ئوسكار 2012-05-03 18:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى tagderemدە2012-05-03 05:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ZA6)@Mn  
ما تېمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار ھوي !   :[.**,0R  
gX!-s*{E  
تۇرپان خەلىقىگە رەھمەت ، سىزگىمۇ ھەم ، نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ كۆرگەندەك بولدۇم  ،ساھىپخانا كومانداڭلارمۇ ياخشى ئويناپتىكەن ، دولان بىلەنمۇ تەڭلىشىپ ، لىكىن ئاشۇ ئوينالمىغان بىر مەيدان سەۋەپلىك گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئوخشايدۇ .   <#F@OU  
ھۈسەنكام ئىسىل ئادەم جۇمۇ  ، ئىلى كوماندىسى شىنجاڭنىڭ مادىرىتى   قارماي كوماندىسىغا مۇبارەك بولغاي ! GEUC 
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن .  مۇنبەردە قارمايلىق باللار بارمۇ يوق شىنجاڭ بويىچە قارماينىڭ پوتبۇل تەرەقىياتى ئەڭ تېز بولۋاتىدۇ .
4Bz:n  
....... 6#(==}Sm+  
V3 
ۋاي مەن ئەمەس  دەيمەن،..بولمىسا باغاق ئەۋەتمەمتىم ..

atesh 2012-05-03 19:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى tagderemدە2012-05-03 05:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : :8A+2ra&  
ما تېمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار ھوي !   6pt_cpbR  
tS'lJu  
تۇرپان خەلىقىگە رەھمەت ، سىزگىمۇ ھەم ، نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ كۆرگەندەك بولدۇم  ،ساھىپخانا كومانداڭلارمۇ ياخشى ئويناپتىكەن ، دولان بىلەنمۇ تەڭلىشىپ ، لىكىن ئاشۇ ئوينالمىغان بىر مەيدان سەۋەپلىك گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئوخشايدۇ .   r ]DiB:.  
ھۈسەنكام ئىسىل ئادەم جۇمۇ  ، ئىلى كوماندىسى شىنجاڭنىڭ مادىرىتى   قارماي كوماندىسىغا مۇبارەك بولغاي ! Ts 5)r(  
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن .  مۇنبەردە قارمايلىق باللار بارمۇ يوق شىنجاڭ بويىچە قارماينىڭ پوتبۇل تەرەقىياتى ئەڭ تېز بولۋاتىدۇ .
>cu%Cs=m  
....... ;c(a)_1  
9DxHdpOk  
ئۇنىڭ نېمىسىنى دەي قېرىندىشىم، قۇمۇل تەرەپنىڭ بەك چىڭ تۇرىۋالمىغان بولسا بەلكىم گۇرۇپپىدىن چىقىپ، ھېچ بولمىغاندا يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا باراتتى.

tagderem 2012-05-03 20:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 42قەۋەتتىكى ئوسكاردە2012-05-03 18:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : S* h52li  
*$tXm4 O[  
ۋاي مەن ئەمەس  دەيمەن،..بولمىسا باغاق ئەۋەتمەمتىم .. KII{GDR]  
%( )d$.F  
ھەي تاڭەي جۇمۇ ، سەل گۇمانلىنىپ قالدىم .  ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قالدىڭ ، ئانچە مۇنچە ‹‹دىپۇش››لانىڭ سورىقى چىقىۋاتقان بولسا ، سەن گۇينى قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ  ،  تۆت ئادەمنى چاقىرىپلا  

ankar528 2012-05-03 21:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى ronaldo10دە2012-05-02 20:34يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : mN-O{k0\  
مەن ئۆزۈم غۇلجىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىدىم ، ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسىنىڭ 17 - نۇمۇرلۇق ئەزاسى . !bzWgD7j  
گۇرۇپتىن 9 نۇمۇر بىلەن 1 - بولۇپ چىقتۇق ، يىرىم ھەل قىلغۇچتا 1 دە 0 ئىزچىلارنى شاللىدۇق . WiH8j$;xu  
ھەل قىلغۇچتا قاراماي بىلەن 2 دە 2 تەڭلىشىپ قىلىپ رەھىمسىز نۇقتا توپ جىڭىدە 4 دە 2 ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چىمپىئونلۇقتىن قۇرۇق قالدۇق     #0) TS  
JQLQS  
 
C!_=L?QT^  
5> dA7j^v  
شۇنى دەيمەن قارىسام سىز تۇرىسىز رەسىمدە ، ;+DMv5A "  
قانداق بولۇپ غۇلجىغا ۋاكالىتەن ئويناپ قالدىڭىز .

ankar528 2012-05-03 21:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى miskinboyدە2012-05-02 17:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : >7?Lq 
دولان كوماندىسى بىلەن ئىلى يۇلتۇزكوماندىللىرنىڭ مۇسابىقىسى جۇڭگۇدىكى دەرجىدىن تاشقىرى مۇسابىقدىنمۇ ناھايتى سەۋىيىلىك تاكتىكىلق،ئوينالدى Y3V2}  
ee<'j~{A  
3nq4Y'  
I_c?Ky8J_|  
سىلىمۇ مۇسابىقە كۆرگىلى كىتىپتىكەنسىلە دە ئەسلى

ankar528 2012-05-03 21:25
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 35قەۋەتتىكى zakiraدە2012-05-03 08:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 回 26楼(humarim~putbol) 的帖子 : 7eyx cr;z  
ھەئە ، شۇنداق مەن بولىمەن ... بۇ قېتم مەن يالغۇز بىر ئايال ئىكەنمەن ، كېلەر قېتىمقى گۈل چاينى قۇمۇل ئالدى ئاللا خالىسا توپچى ۋە مەستانىلەر بىلەن قۇمۇلدا كۆرۈشىمىز !! RA:3ZV  
82w=t  
9:CM#N~?o  
b[my5O l  
كىلەر قىتىملىق مۇسابىقە قاچان بولىدىغان بولدى .

sultan 2012-05-03 21:37
ئابدۇۋەلى ۋە ئىلھام ئۈلگۈرۈپلا كەپتۇدە... ئەتە ئۆگۈن يەنە مۇسابىقىلىرى بار

miskinboy 2012-05-04 00:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى ankar528دە2012-05-03 21:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : C`r{B.t`GT  
*_CzCl^   
IH$ZPux  
dE ]yb|Ld  
سىلىمۇ مۇسابىقە كۆرگىلى كىتىپتىكەنسىلە دە ئەسلى x{#W84  
QeNN*@ ='i  
ئۈرۈچىدە تۇرۇپ ئۇنداق مۇسابىقىلەرنى كۈرۈشتىن مەھرۇم قالمىزما،


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- تۇرپان دىيارىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.073829 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us