$6a9<&LP_ F
qH)
)2 چىلسى كۇلۇبى 34 ياشلىق دىروگبا بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزۈشكە قوشۇلمىدى .. دىروگبامۇ بۇ پەسىل چىلسىنىڭ ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىن كىيىن سىتانفورىتتىن تازلىنىدىغىنىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىكى يەنە بىر زەردار كۇلۇب شاڭخەي شېىنخۇا كۇلۇبىمۇ كۆك ئارمىيەنىڭ بۇ دۇنيا دەرىجىلىك ھۇجۇمچىسىغا غايەت زور سوممىلىق توختام تەييارلاپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان بىر خەۋەرنى ئاشكارلىغان .
+})QT FV يەنى دىروگبا ئۆزى بارسىلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن . يەنى مۇشۇ پەسىل چىلسىدىكى توختامى توشقاندىن كىيىن ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە بارسىلوناغا قوشۇلۇپ ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى بارسىلونادا ئاخىرلاشتۇرغىسى بارلىقىنى ، ئەگەر بارسىلونا ئىككى يىللىق توختام تۈزۈشكە قوشۇلسا زاپاس ئەزا بولۇشقا رازى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن .
:)~l3:O ئىسپانىيە دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە : دىروگبا ئاللابۇرۇن بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى سۇبىسالىيتا بىلەن ئالاقىلاشقان . بۇ ئادەم بولسا بارسىلونانىڭ بۇ پەسىللىك ئادەم كىرگۈزۈش ھۇقۇقىنى تۇتىۋاتقان ئادەم بولۇپ ، بارسىلونا تەرەپ دىروگبانىڭ پوزىتسىيەسىگە ئاللا بۇرۇن ئىنكاس قايتۇرغان يەنى 1+1 توختام شەكلى بىلەن دىروگبانى قوبۇل قىلماقچى بولغان ... يەنى بىريىللىق رەسمى توختام ، كىيىنكى يىلى دىروگبانىڭ كۇلۇبتىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن يەنە بىر يىل توختام ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەرگەن . بارسىلونانىڭ كىيىنكى پەسىلدىكى ھۇجۇمچى كىرگۈزۈش پىلانى بولسا بىرىنچىسى ئارسىنالدىكى ۋان پېرىس ، ئىككىنچىسى بىربات رىقابەتنىڭ 9-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى .
|9jK-F6 دىروگبانىڭ كىيىنكى بېكىتى زادى قەيەر بولىدۇ ... ۋاقتى كەلگەندە كۆرەيلى .
VcrMlcnO k24I1DlR8 مەنبە:
http://sports.sina.com.cn/j/2012-05-02/14506046199.shtml[ بۇ يازمىنىپارتىزاندە2012-05-02 15:28قايتا تەھرىرل ]