ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كۆپچىلىك، ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك دىيارىمىز خوتەندە بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ، ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى، بىر بىردىن ياخشى بولىۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش، يىڭىلىقلار كۆپ بولىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا مەن تۈنۈگۈن باشلانغان يىڭى خوتەن بىرلەشمىسى ۋە يىڭىلىقلار ھەققىدە ھاياجان بىلەن ئازراق سۆزلىگۈم كەلدى.
بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ئەسلىدە قائىدە بويىچە ئەنئەنىۋىي نامدا «3-قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسى» دەپ ئاتىلىشى كېرەكتى، لىكىن بۇ قېتىمقى چوڭ ئۆزگىرىش، بۇ بىرلەشمىگە مەبلەغ سالىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان ساخاۋەتچى، ئوتيۈرەك پۇتبول مەستانىسى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ جۈملىدىن خوتەن پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسىسىسىنى قوشىدىغان بىر ساخاۋەتچى مەيدانغا چىقىپ ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ئاساسىدا ئىخۋان پۇتبول كولۇبىنى قۇردى ھەم بىرلەشمە ئۈچۈنمۇ مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تەسسىس قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسى «خوتەن ئىخۋان لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. (مۇبارەك بولسۇن) تۆۋەندە ئەمدى نەخ گەپ كوماندىلار ۋە قوللىغۇچى ئورۇنلار ھەققىدە بىلىشىمچە جۆيلۈپ باقاي. خوتەن ئىخۋان لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى!!!
كۆپچىلىككە مەلۇمكى خوتەندە توپا كۆپ ياغىدۇ، تىپىك مىسالى تۈنۈگۈن ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ توپا ياغقان بىر كۈن بولدى، ھەتتا موتسىكىلىتىم بىلەن ئۆرۈلۈپ كىتىشىمدىن ئەنسىرىدىم، 62 كىلو كىلىدىغان ئېغىرلىقىم تۈنۈگۈن بەلكىم 65 كىلوغا چىقتىمىكىن ھى ھى ھى لىكىن بۇ خىل ھاۋارايى پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزگە ۋە تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ مەدەت بولدى بولغاي، تۈنۈگۈنكى مۇسابىقە ۋە مەيدان كەيپىياتى ئالاھىدە ياخشى بولدى، كوماندىلار بىرخىل كىيىم بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان بولغاچ مەيدانمۇ ئىنتايىن كۆركەم تۈسكە كىردى. ئەمدى مۇسابىقە توغرۇلۇق كېلەيلى.
تۈنۈگۈن يەنى ئۈمۈد ئېيىنىڭ 29- كۈنى باشلانغان خوتەن ئىخۋان لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلار جەمئىي 12 بولۇپ ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقە ئوينايدۇ، كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:
خوتەن ھېيتگاھ كوماندىسى (ئەسلىدىكى ھېيتگاھ كوماندىسى، بىر يىڭى ئەزا تولۇقلاپتۇ، باشقا چوڭ ئۆزگەرمەپتۇ)
خوتەن جۇشقۇن كوماندىسى (بۇ يىڭى قوشۇلغان كوماندا بولۇپ ئەزالىرى ھەممىسى خىزمەتچى ئاساسەن چوڭلاركەن، ئەمدى ئۇلارنىڭ مۇشۇ يېشى، ئاشۇ بەدەن ساپاسى ھەم خىزمەت مۇھىتى، تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىقلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيداندىكى روھىي ھالىتى ئىنتايىن ياخشى، گەرچە تۈنۈگۈنكى نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ شۇنداق چىرايلىق، يەڭگىل ھەرىكەتلەر بىلەن، چاققان، چەبدەسلىك بىلەن ئوينىشى مىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى، سىلەرگە تاماشىبىنلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. تىنىڭلار سالامەت بولغاي ئەزىمەتلەر)
خوتەن ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى (ئەسلىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى، بىر ھۇجۇمچىسىدىن ئايرىلىپتۇ، ئىككى ئۈچ ئەزا تولۇقلىغاندەك تۇرىدۇ. باشقا چوڭ ئۆزگىرىش بولماپتۇ)
خوتەن ئىزباسار كوماندىسى (بۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان چىراي، ۋارتارى ئالماشقاندەك تۇرىدۇ)
خوتەن مىۋىزار كوماندىسى (بۇ ئەسلىدىكى ئىلچى كوماندىسى ئاساسىدا تولۇقلىنىپ، خوتەن مىۋىزار ئىچىملىكى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئاساسىدا تەشكىللەنگەن كوماندا، قارىغاندا خېلى تاللانغان چىراي، سەپىرالىق قىلماي ئوينىسا ياخشى نەتىجە يارىتىشى مۇمكىن)
قارقاش بىرنىيەت كوماندىسى (ئەزالىرى ياش بالىلاردىن تەشكىللەنگەن يىڭى قوشۇلغان كوماندا، قارىغاندا بۇلارمۇ خېلىلا سەپىرادەك تۇرىدۇ، كىچىكلىكىگە قارىغاندا چىرايلىق ئوينايدۇ بۇ يىگىتلەرمۇ، ئامەت تىلەيمەن ئۇكىلار)
قارقاش ۋارىس كوماندىسى (ئەسلىدىكى ۋارىس كوماندىسى بۇلارمۇ بىرە ئىككى تال ئادىمىنى ئالماشتۇرغاندەك ئەمما چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئەمما بۇلارنىڭ ۋارتارى شاش جۇمۇ، قول قويىمەن)
خوتەن ئىخۋان كولۇبى كوماندىسى (ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن خوتەندىكى بىر يەككە تىجارەتچى ساخاۋەتچى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئاساسىدا كۆچمە لوڭقا تەييارلىغان كوماندا، قېنى قاراپ باقايلى بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىرى تەييارلىغان لوڭقىنى ئۆزلىرى ئالالامدۇ ياكى تارتقۇزۇپ قويامدۇ؟ ھى ھى ھى)
خوتەن كائىنات ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى (ئەسلىدىكى ئۇدۇن كىتابخانىسى كوماندىسى ئەزالىرى ئاساسىدا ياخشى ھۇجۇمچىدىن ئىككىنى ئالماشتۇرۇپ تەشكىللەپتۇ، بىرى 1-ئوتتۇرا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسىكەن يەنە بىرىنى يىڭىدىن قوشۇپتۇ. نەتىجىسى يامان ئەمەس باشلاندىغۇ دەيمەن. بۇلارمۇ خوتەندىكى كائىنات ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئاساسىدا رەتلەنگەن كوماندا)
خوتەن ئۈمۈد كوماندىسى (بۇ 10 يىل ئىلگىرى مەن تونۇيدىغان مۇنەۋۋەر توپچىلار ئاساسىدا تەشكىللەنگەن يىڭىدىن قوشۇلغان كوماندىكەن، ئارلىقتا بىرمەزگىل پۇتبول ئوينىماي قويغانمۇ قانداق تۈنۈگۈن دېگەندەك ياخشى ئوينىيالمىغاندەك بىلىندى ماڭا، ئەمما تىگىدىن ئاساسى ياخشى باللا، تىرىشسىلا چوقۇم ياخشى نەتىجىلىك ئوينىيالايدۇ، سىلەرنى قوللايمەن دوستلار)
ئەزىمەتلەر كۇلۇبى خوتەن كوماندىسى (بۇ پۇتبول مۇنبىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى نىڭ خوتەن كوماندىسى بولۇپ ئاساسلىق ئەزالىرى ئەسلىدىكى ئىكرام كوماندىسى ئەزالىرى ئاساسىدا قەشقەردىن 3 پۇتبولچى قوشۇلۇپ قاتناشقان كوماندا قارىسام بۇلارمۇ يامان ئەمەس نەتىجىگە ئېرىشىدىغان چىراي، قەشقەردىن كەلگەن ئەزىمەتلەر ھەر ھەپتىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالىغان بولسا مۇسابىقە تېخىمۇ قىززىيدىكەنتۇق.)
ئۇدۇن كىتابخانىسى كوماندىسى (بۇلار ئەسلىدىكى ئۇدۇن كىتابخانىسى كوماندىسىدىكى بىرىنىڭ تەشكىللىگەن يىڭى ئەزالاردىن سەپلەنگەن يىڭى كوماندا بولۇپ بۇلارمۇ چىرايلىق ئوينايدۇ، تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىسىنى كۆرەلمىدىم جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغان بولغاچ، ئەمما بالىلارنى ئەركىن ئازادە ئېچىلىپ ئويناشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسا بۇلاردىمۇ ئۈمۈد زور)
شۇنداق قىلىپ كوماندىلار ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. كوماندىلاردا ئۆزگىرىش بوپ قالسا تىمىنى تەھرىرلىۋېتىمەن. چۈنكى مەن بىر تاماشىبىن خالاس، بىرلەشمىنىڭ ھېچقانداق ئەزاسى ياكى تەنھەركەتچىسى ۋە ياكى ھەيئەتلىرىدىن ئەمەس.
ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق خوتەن ئىخۋان لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئارلىقنى يىراق كۆرمەي (قارقاشتىن كەلگەن كوماندا ئىككى بوپتۇ)، خىزمەت ۋە ھەرخىل شارائىتلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاختىدىن قىممەتلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇسابىقە ئويناپ بىزلەرگە ياخشى بىر مۇسابىقە سوۋغا قىلىۋاتقان ھەرقايسى كوماندىلار ۋە تەشكىللىگەن جاپاكەش دوستلار، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق بىرلەشمىنى قوللىغان خوتەن يەرلىك پولوخانىسى، كائىنات ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى، مىۋىزار ئىچىملىك شىركىتى، ئۇدۇن كىتابخانىسى، بىلىشىمچە قارقاش بىرنىيەت كوماندىسىنىمۇ قوللىغان بىرە ئورۇن بارغۇ دەيمەن، شۇلارغا تاماشىبىنلار نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەم ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۇررا پۇتبولچى ئەزىمەتلەر!!!
بۇ ئىنتايىن مەنىلىك بىر جۈملە بولدى، چۈنكى مەن بۇ تېمىنى مەخسۇس مۇشۇ ئۈچ مۇنبەرگە يوللايمەن.