s{`r$:! ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا مەشقاۋۇلى گۇئادىئولا توپچىلىرىغا بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىپ ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى باھالايدىغان، ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ماختايدىغان ئادىتى بار. لېكىن ئىسپانىيىدىكى مەلۇم بىر پروگراممىدا ئالدىنقى كۈنىدىكى دۆلەت دېربىسىدىن كېيىن گۇئادىئولانىڭ تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ئىش ھەققىدە توپچىلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
l"b
78n دېربىدىن 5 سائەت بۇرۇنلا گۇئادىئولانىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ سەپ شەكلى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن، ھەتتا قول ئاستىدىكى توپچىلىرى بىلىشتىن بۇرۇنلا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ماكا تېلېۋېزىيىسى ئالدىنئالا بارسېلونانىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان، لېكى ئۇلار پەقەت بارسېلونانىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى مەشىقتىكى شەكلىگە ئاساسەن پەرەز قىلغان، لېكىن بارسېلونانىڭ چۈشتىكى نوكامپودىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مەشقى بولسا يېپىق ھالەتتە ئىدى. كېيىن Punto Pelota پروگراممىسمۇ تياگو بىلەن تېللونىڭ ئاساسلىق ئەزا بولىدىغانلىقى، پېك بىلەن فابرېگاسنىڭ زاپاس بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
LnrR#fF]Z مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك گۇئادىئولا بارسېلونانىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن بەك ئۈمىدسىزلەنگەن، گۇئادىئولا بولسا ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەيتىگىچە ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدىغان تېرنىر. مۇشۇنداق بولغاندا مادرېد تېرنىرى مۇرىنىئونىڭ بارسېلوناغا تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشىگە 5 سائەت يېتەرلىك ۋاقىت بولغان بولىدۇ.
[
o3}K ھازىر گۇئادىئولا كىمنىڭ بۇنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ تاپقاندىن كېيىن قانداق قىلىدىغىنى ئېنىق ئەمەس.
}T4"#'` مەنبە :
http://bbs.hupu.com/3569609.html[ بۇ يازمىنىكۆك بۆرەدە2012-04-23 20:54قايتا تەھرىرل ]