
2012-يىلى 4- ئاينىڭ 22-كۈنى ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى) شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.ھەر ئىككى تەرەپ تەنھەرىكەتچىلىرى مەيدان ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ساقلىدى. مۇسابىقە باشتىن ئاخىرى مۇسابىقە ئىككىنچى دوسلۇق بىرىنچى دىگەن شۇ ئار ئاستىدا ئوينالدى
ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى توغرىسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتەي
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئۇدا ئىككى قېتىم قولغا كەلتۈرگەن خوتەندىكى ھۆكۈمران كوماندا ھىساپلىنىدۇ . بۈگۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ ئەكرەم ئىسىملىك ئاساسلىق ئەزاسىدىن بىرسى يوق
قالغان ئەزالىرى تۇلۇق قاتناشتى .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن ئەزالار تۆۋەندىكىچە
ئابلەت ، ئېزىز ، ئابلىمىت ، ئابدۇرسۇل ، شىرىپ قاتارلىقلار
كىيىن ئالمىشىپ چىققان ئەزالىرى خوتەن جەنكۇنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرىدىن ئېرشات قاتارلىقلار
ئەسكەرتىش : شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى كوماندا ئىسمىنى(ئىخۋان) كوماندىسىغا ئۆزگەرتتى.
ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىدىن ئاسالىق ئەزا سۈپىدە مەيدانغا چۈشكەن ئەزالار تۈۋەندىكىچە
خۇدا بەردى ئابابەكرى ، مىرئالىمجان ، ئادىلجان ، تۇرسۇنجان ياسىن ، دىلمۇرات قاتارلىقلار
كىيىن ئالمىشىپ چىققان ئەزالىرى ئەنۋەر ، مەمەتجان قاتارلىقلار
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئەنۋەر كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئالمىشىپ چىقىپ نۇقتا توپ جېڭىدە بىر توپ توسىۋالدى.
ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىدىنمۇ تۇرغۇن ، ھېبىبۇللا قاتارلىق غوللۇق ئەزالار بۈگۈنكى مۇسابىقىگە قاتنىشالماي قالدى.
مۇسابىقە شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە رەسمى باشلاندى
مۇسابىقە باشلىنىپ 9مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ ، ۋارتار ئالدىدا ئىنتايىن چىرايلىق پاسلىشىپ مۇسابىقىدىكى تۇنجى نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى مۇشۇنداق جىددىچىلىكتە سول قانات ھۇجۇمچىمىز تۇرسۇنجان ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 10مىنۇت قالغاندا سەپلىمە ئەزايىمىز مەمەتجان ئادىلجاننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى .
ئەزىمەتلىرىمىز ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم تەشكىللەپ خۇدا بەردى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىدىغانغا 6مىنۇت قالغاندا تۇرسۇنجان مىرئالىمجاننىڭ چىرايلىق يەتكۈزۈپ بەرگەن پېسىنى قۇبۇل قىلىپ بىر توپ ئۇرىۋەتتى.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىددەتلىك ھۇجۇملارنى تەشكىللەپ ئارقا -ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بىر مىنۇت قالغاندا ھۇجۇمچىمىز خۇدا بەردى ئىھتىياتسىزلىقتىن خائىن توپتىن بىر نى ئۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئۈچكە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مەيداندىكى بەش نەپەر پۇتبولچىمىزنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى بولۇپمۇ خۇدا بەردى نىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا كوماندىمىز ئەزالىرى چۇقۇم ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى بۈلدۈردى
شۇنداقلا خۇدا بەردى ئابابەكرى قىسقىچە كوماندا ئەزالىرغا سۆز قىلدى.
كوماندا ئەزالىرى 10 مىنۇت دەم ئېلىپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلدى.
كيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئادىلجان مەمەتجاننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى .
ۋارتتا ئەنۋەرمۇ دىلمۇرات بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشتى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى تىز سۈرئەتلىك ھۇجۇمى بىلەن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 5:3كە ئۆزگەرتتى
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ بىرقانچە توپى ۋارتار تۆرىگىگە تىگىپ يېنىپ كەتتى .
مۇسابىقە ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 6:3كە ئۆزگەرتتى .
دەل شۇ پەيتتە كوماندىمىز ئەزاسى ئادىلجان ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن خوتەننىڭ داڭلىق قاپقىچىسى ئابلىمىتنى ئالداپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇرۇۋەتتى ، شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئابلىمىت ئالدىنقى نۆۋەتلىك خوتەن بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار بولۇپ باھالانغانئىدى ئۇ مۇ نەۋۋەر ۋارتاردىگەن نامىغا يارىشا خەتەرلىك تېپىلگەن بىر قانچە توپلارنى توسۇۋالدى.
كوماندىمىز ئەزالىرى ئاجايىپ يۈكسەك غەيرەتكە كېلىپ يەنە بىر توپ ئۇردى بۇ توپنى دەل ئادىلجان ئۇرغان ئىدى شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە نەتىجىسى 6:5كە ئۆزگەردى .
كىيىمكى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىدىغانغا 7 مىنۇت قالغاندا ئادىلجان يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قالپاق كېيدى شۇنداقلا مەيداندىكى ئەزىمەتلىرىمىزنى ئالەمچە خوشاللىقتىن بەھرىمان قىلدى.
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 6:6 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. بەش مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتىدا كوماندا ئەزالىرى جىددىلىك بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ھەممەيلەننىڭ يېنىپ ئوينىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
قوشۇپ بىرىلگەن 10مىنۇت ۋاقىتتا مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولدى ھەر ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى . شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ بىرقانچە توپى تۆرۈك سوقتى
كوماندىمىز ئەزاسى خۇدابەردى ئابابەكرىنىڭمۇ بىر توپى تۆرۈككە تەگدى شۇنداق قىلىپ قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدىنىدا نۇمۇر پەرقى ئۆزگەرمىدى.
قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدىنىدا شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى يۇقۇرى كوماندا سەۋىيەسى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ
مۇسابىقە نەتىجىسىنى 6:7گە ئۆزگەرتتى شۇنداقلا ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.
بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ تېخنىكىلىق كىرگەن توپ قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدانى ئاخىرلاشقىلى بىر مىنۇتلا قالغاندا كوماندىمىز
ئەزاسى ئادىلجان تەرىپىدىن كىر گۈزۈلدى.
بۇ توپنى مۇداپىيەچىمىز مىرئالىمجان تۇرسۇنجانغا يەتكۈزۈپ بەردى تۇرسۇنجان ئەپچىللىك بىلەن خۇدا بەردىگە بەردى خۇدا بەردى ۋارتار ئالدىدىكى ئادىلغا پاس بەرگەندىن كىيىن بۇ توپ ئادىلجان تەرىپىدىن قاپقىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە نەتىجىسى 7:7 بولغاچقا نۇقتاتوپ باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق.
نۇقتا توپ رىپىرلار مەسلەھەتلەشكەندىن كىيىن ھەر ئىككىلى تەرەپتىن ئۈچتىن ئادەم تېپىدىغان قىلىپ بىكىتىلدى.
ئالدى بىلەن كوماندىمىز ئەزاسى خۇدا بەردى بىر نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزەلمەي قالدى
كىيىن ئۇچۇر تورى كوماندىسى بىر توپنى تۆرۈككە تەپتى مىر ئالىمجان بىر نۇقتا توپنى چىرايلىق ئۇرىۋەتتى
ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ يەنە بىر نۇقتا توپىنى ۋارتار ئەنىۋەر توسىۋىلىپ غەلبە قىلىشىمىزغا چوڭ تۆھپە كۆرسەتتى
تۇرسۇنجان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى ئۇرۇپ ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى(خوتەن تارماق كوماندىسى)نۇقتا توپ جېڭىدە 2:0نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشتىن ئاخىرى بەك كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى شۇنداقلا بۈگۈنكى مۇسابىقىگە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى ) دىن قاتناشقان يەتتە نەپەر ئەزانىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. بولۇپمۇ مىرئالىمجاننىڭ پولاتتەك مۇداپىيەسى

شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسىنىڭ بىز بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسا بىقىسى ئويناپ بەرگەنلىكىگە شۇنداقلا مۇسابىقە ئىككىنچى دوسلۇق بىرىنچى دىگەن شۇئارنى دائىم تەكىتلەپ تۇرغىنىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ... رەھمەت

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر مەيدان ئۇنتۇلغۇسىز مۇسابىقە بولدى ئەزىمەتلەر داۋاملىق ئالغا !!!
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى داۋاملىق ئالغا !!!!!
[ بۇ يازمىنىdilmurat.دە2012-04-26 13:55قايتا تەھرىر ]