2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 2:30دە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى ( خوتەن تارماق كوماندىسى ) خوتەن كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان تاللاش مۇسابىقىسى ئوينىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى ئۈچۈن بىر نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى نۇقتا توپنى كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسىدىكى رۇزتوختى ئۇرۇپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 15مىنۇت بولغاندا ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى ئۈچۈنمۇ بىر نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى نۇقتا توپنى خۇدابەردى ئابابەكرى ئىنتايىن چىرايلىق ئۇرۇپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۈردى.
ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى ئارقا - ئارقىدىن كۈچلۈك ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ نۇمۇر پەرقىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى.
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە 1:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى شۇنداقلا ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىدىن ئادىل تۇرسۇنجاننىڭ پېسىنى قۇبۇل قىلىپ بىر توپ ئۇردى
كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ھۇجۇلارنى قىلغان بولسىمۇ
يەنىلا نەتىجىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى . چۈنكى ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىدىكى مىرئالىمجان مۇداپىيەنى بەك ياخشى قىلىپ بەرگەن ئىدى.
ئارقىدىن تۇرسۇنجان بىر توپ ئۇرۇپ ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى 3:1نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
كىيىن كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغاپ بىر توپ ئۇرۇپ پەرىقنى بىر توپقا چۈشۈردى.
كوماندىمىزنىڭ ۋاراتارى ئەنىۋەرنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولدى، خەتەرلىك توپلاردىن ئىككىنى توسۇۋالدى .
مۇسابىقە ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچقا ئۆتكەندە ئادىل يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 4:2 گە ئۆزگەرتتى. بۇ ۋاقىتتا مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى بەش مىنۇتلا قالغان ئىدى دەل شۇ پەيتتە خۇدا بەردى ئابابەكرى ئىنتايىن چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسى
5:2 گە ئۆزگۈرۈپ ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى)غەلبە قىلدى.
ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى) ھازىرغا قەدەر ئىككى مەيدان تاللاش مۇسابىقىسى ئوينىغان بولۇپ 1-مەيدان مۇسابىقىدە خوتەن جۇشقۇن كوماندىسى بىلەن 6:6 تەڭلىشىپ قېلىپ گۇرپا ئىچىدە بىر نۇمۇر بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان ئىدى
چۈنكى ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى تۇلۇق ئەمەس ئىدى ئاساسى جەھەتتىن سەپلىمە ئەزالار بىلەن ئوينىغان ئىدۇق
بۈگۈن كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسىنى 5:2نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ گۇرپا ئىچىدە 4 نۇمۇر بىلەن 1- ئورۇنغا ئۆتتۇق
ئاللاھ خالىسا ئەتىكى مۇسابىقىدىمۇ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈپ گۇرپا ئىچىدە بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىمىز.
2012-يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 3:30دە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى ) نىڭ يەنە بىرمەيدان تاللاش مۇسابىقىسى بار بۇ مۇسابىقە خوتەن قاراقاش كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدۇ
مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئورنى ( خوتەن شەھەر شورباغ چېلىشىش مەيدانى ) دوسلارنىڭ ۋاقتىدا بېرىپ ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبىغا
مەدەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سا ئەت 8دە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى (خوتەن تارماق كوماندىسى)
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئۇدا ئىككى قېتىم قولغا كەلتۈرگەن كۈچلۈك كوماندا
بۇ مۇسابىقىنى كۈچۈمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ياخشى ئوينايمىز .
مۇنبەردە بۇ خەۋەرنى كۆرگەن خوتەنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بېرىپ ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى ئۈچۈن
مەدەت بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز

شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ھازىر كوماندا ئىسمىنى ئىخۋان كوماندىسىغا ئۆزگەرتتى.
مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئورنى:( خوتەن شەھەر شورباغ چېلىشىش مەيدانى)