x50ZwV&j ئارسېنال تېرنىرى ۋېنگىر ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئۇزغۇنلۇقنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچىغا نىسبەتەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە مادرېد ۋە بارسېلونا ھەل قىلغۇچقا كىرەلەيدىكەن.
avMre_@V مادرېد ۋە بايرېننىڭ مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن ۋېنگىرنىڭ كۆز قارىشى : مېنىڭچە مادرېد ھەل قىلغۇچقا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن بايرېننى شاللىشى ئىنتايىن تەسكە توختىشى مۇمكىن. مادرېد كوماندىسىنىڭ تېخنىكا ماسلىشىشچانلىقى ۋە بەدەن ساپاسى ئىنتايىن ياخشى. ئىككى كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىش نىسبىتى مادرېدنىڭ %60، بايرېننىڭ %40. بايرېن كوماندىسىمۇ مول تەجرىبىگە ئىگە، لېكى مادرېد مۇشۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق باشلانغاندىن بۇيان ئىنتايىن ياخشى بولغان مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاۋاتىدۇ.
OLJ|gunA# بارسېلونا ۋە چېلسىي: بارسېلونا بولسا مۇشۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدى چېمپىيون بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان كوماندىنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭمۇ %60 ھەتتا %65 ھەل قىلغۇچقا كىرىش ئېھتىمالى بار. لېكىن چېلسىي ئالدىنقى باسقۇچتا پايدىسىز ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ يەنىلا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرەلىدى، ئۇلار ھەم ئۆز مەيدانىدا رەقىبىگە پىسخىك ۋە بەدەن تىركىشىشى جەھەتتە بېسىم پەيدا قىلالايدۇ. تېررىي، لامپارد ۋە دېروگبالارنىڭ تەجرىبىسى ئىنتايىن مول. بارسېلونا بۇ رەقىبىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. بارسېلونانىڭمۇ يېتەرسىز تەرىپى بار، چېلسىي كوماندىسى ئىختىيارىي توپ ۋە بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئەكىلىشى مۇمكىن.
y(6*)~Dh يەنە ئىتتىپاق لوڭقىسىغا نىسبەتەن بېلباۋنى ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ دەپ قارايدىكەن
u3vw[k