تېڭشۈن خەۋىرى: بارى PK شاۋكەت! شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ باھارى كەلدى!
.o%^'m"=D[ r,SnXjp@ تېڭشۈن خەۋىرى:
`i,_aFB| بۈگۈن ئوينالغان جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ خېڭدا كوماندىسى بىلەن يېشىل شەھەر كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ، شىنجاڭلىق ئىككى ئويغۇر توپچى بارى بىلەن شاۋكەت مەمەتېلىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈشى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
87!C@XlK_ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە بارى ، مىرەخمەتجان باشچىلىقىدىكى ئويغۇر توپچىلار كۇرۇنەرلىك كۆپيىشكە باشلىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ 1993-يىلى تۇغۇلغان يەنە بىر ئويغۇر شاكىچىك شاۋكەتنىڭ خېڭدا غا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشۈشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى. بۇ قېتىلىق مۇسابىقىدە خېڭدا باش تېرنىرى لى جاڭجۇ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئوينىلىدىغان ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش يۇزىسىدىن ،ئەسلىدىكى ئاساسلىق ئەزالارنى مەيدانغا چۈشۈرمەي، ياش ۋە سەپلەنمە ئەزالارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرشى ،شاۋكەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ ، بارى بىلەن يۈزمۇ-يۇز رىقابەتلىشىشىگە سەۋەبچى بولدى.
o 6 {\Zzp گەرچە بۇ مۇسابىقىدە ئىككەيلەننىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ، لىكىن شاۋكەتكە ئوخشاش تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ماھىر غا نىسبەتەن يەنىلا يامان ئەمەس بولدى دەپ ېيتىشقا بولىدۇ . بۇلۇپمۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە تېخىچە جىددىيلىشىشتىن خالى بولالمىغان شاۋكەتنىڭ ئارگىنتىنالىق داڭلىق ماھىر كوڭكا غا چىقىرىپ بەرگەن ھۇجۇم پېسى (گەرچە كوڭكا بۇ توپنى كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ)، شاۋكەتنىڭ شىنجاڭلىقلارغا خاس ئۆزگىچە پۇتبول تالانتىنى يەنە بىر نامايەن قىلدى.
1L7{p>;-dO جوڭگۇ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت پۇتبولچىللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ . شۇڭلاشقا بىز بارى ، مىرەخمەتجان ، شاۋكەت ، پىياۋچېڭ(چاۋشىيەن مىللىتىدىن) لارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت ماھىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى قوللىشىمىز ۋە ئۇلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن رىغبەتلەندۈرشىمىز كېرەك !