6}aIb .j ?8
cgQf$ گەرچە كوئېنتراۋ بۇ يىل ياز 30 مىليۇن ياۋرولۇق ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يۆتكىلىش باھاسى بىلەن بېنفىكا كۇلۇبىدىن خان جەمەتى مادرېد كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كۇلۇبنىڭ يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ توپچى مارسېللونىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاساسلىق ئورۇنغا چىقالمىدى. ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدەمەيدانغا چىقىش پۈرسىتى 30مىليۇن باھاغا لايىق بولغۇدەك كۆپ ئەمەس .بەزىدە مۇرىنىئۇ ئۇنى ھەتتا ئارقا بەل ئورنىدا ئىشلەتتى. كوئېنترانىڭ خان جەمەتى مادرېدتىكى ئەھۋالىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەنگلىيە دەرىجىدىن بىرلەشمىسىدىكى باي كۇلۇب مانچېستېر شەھرى بۇ پورتوگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسىنى سېتىۋېلىش ئويىغا كېلىپ قالدى.
%3L4&W_T ;\P\0pI50 «ئاس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەنچىنى قول ئاستىدىكى ئوڭ، سول بېكلەردىن تازا رازى ئەمەس بولۇپ، بۇ بېكلەرنىڭ ئىپادىسى مەنچىنىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي قالدى، شۇڭلاشقا مەنچىنى كۇلۇبنىڭ كوئېنترانى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىشكە توغرا كەلسە، «ئاس گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا تەخمىنەن35 مىليۇن ياۋرو بولىدىكەن.
#nQZ/[| +|#lUXC 35 مىليۇن ياۋرو خان جەمەتى مادرېد ئۈچۈن شەك شۈبھىسىزكى خېلىلا قىزىقتۇرىدىغان پۇل، ئىشقىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن كوئېنترادىن 5 مىليۇن ياۋرو يۆتكىلىش پايدىسى تاپالايدۇ، بىراق مانچېستېر شەھرى تەرەپكە ئېنىقكى مورىنىئو ئەينى چاغدا كوئېنترانى ئارزۇلاپ سېتىۋالغان، شۇڭلاشقا خان جەمەتى مادرېدتىن بۇ ماھىرنى سېتىۋېلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
Ga5O&`h ]8)nIT^EP ئەگەر كوئېنترانى سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمىسا، مانچېستېر شەھرى تەبىئىيلا Bپىلاننى تۈزۈپ چىقىدۇ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەنچىنى ھازىر بارسېلوناغا كۈچ قوشۇۋاتقان برازىلىيە ماھىرى ئادرېيانو 20 مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، مەنچىنىنىڭ قارىشىچە، ئوڭ ۋە سول يوللاردا ئوخشاشلا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولغاچقا مانچېستېر شەھرىنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئەسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىكەن.
[ بۇ يازمىنىtottiدە2012-04-13 23:38قايتا تەھرىرلىدى ]