ئەنگىلىيە بىلەن ئارگىنتىنا ئارىسىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى (ئەنگىلىيە فوكلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىغا 30 يىل بولغان كۈن، ئەنگىلىيە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، باش ۋەزىر كامىرون شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ فوكلاند تاقىم ئاراللىرى ۋە بۇ ئاراللاردىكى ئاھالىلەرگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى. W3h{5\d!
كامىرون باياناتىدا: بۈگۈن مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەنگىلىيە، ئارگىنتىنا ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك دىدى. ئۇ فوكلاند تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: ‿بىز بىر مەيدان ناھەق ئۇرۇشنى ھەققانىي ئۇرۇشقا ئايلاندۇرالىغانلىقىمىزدىن خوشالمىز، فوكلاند ئارىلىدىكى خەلقمۇ ئۆزلىرى ياراتقان ئاۋات ھەم خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن پەخىرلىنىدۇ، ئەنگىلىيە فوكلاند ئاراللىرىدىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قەتئى قوللايدۇ. بۇ بىزنىڭ 30 يىل بۇرۇن قوللانغان تۈپ پىرىنسىپىمىز، شۇنداقلا، بۈگۈن ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى كەسكىن ھالدا قايتا تەكىتلىشىمىزدىكى مىزانىمىز.‿BR> ئەنگىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەنگىلىيىلىك كونا ئەسكەرلەر ھەم ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كراۋفوردتىكى ئەنگىلىيە دۆلەتلىك ئۆسۈملۈكلەر خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، پائالىيەتتە، بىر تال شام ئۇدا 74 كۈن ياندۇرۇلۇپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا سىمۇۋول قىلىندى ھەم ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەر خاتىرىلەندى. s7(I
1982- يىلى 2- ئاپرىل مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغان بولۇپ، ئۇرۇشتا جەمئى 255 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرى ۋە 650 نەپەر ئارگىنتىنا ئەسكىرى قۇربان بولغان، ئۇرۇش ئەنگىلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئارگىنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. Wb7z&vj
ئەنگىلىيە، ئارگىنتىنا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش- تارتىشىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا نېفىتلىك ۋە گازلىقلارنىڭ ئېچىلىشى تالاش- تارتىشنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ يىل فىۋرالنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليام مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ 6 ھەپتە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىدى، ئارگىنتىنا بۇنى ‿ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى‿دىدى. مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، ئارگىنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنامۇ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەم ئارگىنتىنادىمۇ ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.