ئەسسالام ئەلەيكۇم كۆپچىلىك :
مەن 10نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەزھەر لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغىرسىدا تىما يوللىغان ئىدىم . ئالدىراشچىلىقتا نەتجىسنى يوللىمىغان . ئەمدى يوللاپ قويدۇم .
ئاۋال بۇ مۇسابىقە توغىرسىدا ئازراق توختىلاي ، بۇ مۇسابىقە 3يىل ئاۋال باشلانغان بۇلۇپ ، ھەر يىلى نورۇزدا شاڭىخەيدىكى مەكتەپلەر ئارا ئوينىلدۇ . شىنجاڭلىق باللار بىر قەدەر كۆپ بولغان مەكتەپلەر قاتنىشىدۇ . چۈنكى بۇ ‹نۇرۇز بايرىمى›نى كۈتۋېلىش يۈزسىدىن ئوينالغاچ شىنجاڭلىق باللارنى ئاساس قىلغان . 1-قېتىملىق مۇسابىقە توڭجى ئۇنۋېرسىتىتدا ئۆتكۈزلۈپ ،ئۆزى چېمپىيۇن بولغان . 2-قېتىملىقى خۇادوڭ تەبىئي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتىتدا ئۆتكۈزلۈپ فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى چېمپىيۇن بولغان . شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تەلەيلىك چەكنى تارتىپ شەرەپ بىلەن 3-قېتىملىقنى ئۆز مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈش شەرپىگە ئىرىشكەن ئىدۇق . بۇ قېتىم مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرلغانلقتىن خەۋەر تاپقان شاڭخەيدىكى ئەزھەر رېستۇراننىڭ خۇجاينى ئەزمەتجان ئاكىمىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، مۇسابىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى . يەنى مۇسابىقىگە قاتناشقان سەككىز كوماندىنىڭ كىيمى (تەخمىنەن 4000 يۈئەن ئەتراپىدا) ، لوڭقا ۋە چىمپىيۇن ئەزالار ئۈچۈن مىدال (10 دانە) نى ياردەم قىلىپ ، بىزنىڭ بۇ مۇسابىقىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزشىمىز ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارتىپ بەردى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزمەتجان ئاكىمىزنىڭ ئىشىغا ئوڭوشلۇق ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز !!!ئاللاھ ئىشلىرىنى ئوڭوشلىق قىلغاي ، ئىشلىرى تېخىمۇ رۇناق تاپقاي . ھەمدە ئەزمەتجان ئاكىمىز ۋە ئەزمەتجان ئاكىمىزغا ئوخشاش ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق تۈردە قوللاپ بىرشىنى داۋاملىق ئۈمۇت قىلمىز!!!! يەنە مۇسابىقە كىيمى ، لوڭقا ۋە مىدال ئېلىش جەريانىدا يېقىندىن ياردەمدە بولغان قاتناش ئۇنۋېرسىتتىدىكى زاكىرجانغا رەھمەت ئېيتىمىز!!!!! [
color=#00ffff]يەنە مەكتىپىمزدىكى يەككە تىجارەتچى ئەزمەتجان ئۇكىمىزمۇ (ساۋاقدىشمىز) ئاز تولا ياردەم قىلىپ ، چىمپىيۇن كوماندا ئۈچۈن ئازراق مۇكاپات بۇيۇمى تارقاتتى ، بۇ ساۋاقدىشمىزغىمۇ رەھمەت ئېيتىمىز !!! شۇنداقلا مۇسابىقە جەريانىدا بىزنى قوللاپ، ئارقا سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ بەرگەن مەكتىپىمىزنىڭ قىزلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز!!!
ئەزھەر لوڭقىسى 
قاتناشقان كوماندىلار
1. خۇادوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتتى
2.شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتتى
3.تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى
4. ئەزھەر كوماندىسى (ياردەم قىلغان ئۇرۇن بىر كوماندا تەشكىللەپ قاتناشقان)
5.قاتناش ئۇنۋېرسىتتى
6.سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى (4مەكتەپ بىرلەشكەن)
7.خۇادوڭ تەبىئي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتتى
8.شاڭخەي ئۇنۋېرسىتتى
مۇسابىقە شاللاش شەكلىدە ئېلىىپ بېرىلدى
نەتىجە
4كۈچلۈككە كىرىش
خۇادوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتتى 2-0 شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتتى
ئەزھەر كوماندىسى 1-2
تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى 2-2 قاتناش ئۇنۋېرسىتتى
(نۇقتا توپتا سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى 4-2 قاتناش ئۇنۋېرسىتتى)
خۇادوڭ تەبىئي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتتى 6-0 شاڭخەي ئۇنۋېرسىتتى
يېرىم ھەل قىلغۇچ
خۇادوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتتى 1-3
سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى 1-1 خۇادوڭ تەبىئي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتتى
(نۇقتا توپ تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى 2-1 خۇادوڭ تەبىئي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتتى )
ھەل قىلغۇچ
تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى 2-2 سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى
نۇقتا توپ تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى 1-3
سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەڭ قىززىق نوقتا بولدى . سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى ئاۋال بىر توپ ئۇردى ، ئارقىدن تۇڭجى ئۇنۋېرسىتتى 2 توپ قايتۇرۋېلىپ ئۈستۈنلىككە ئۆتتى ، مۇسابىقە تۈگەشكە 5 مىنۇتچە قالغاندا سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى بىر قايتۇرۋېلىپ تەڭلىشىپ، رەھمىسىز نۇقتا توپقا كىردى ۋە ۋاراتانىڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن سۇڭجىياڭ بىرلەشمە كوماندىسى 3-قېتىملىق نورۇزلۇق مۇسابىقە ‹ ئەزھەر لوڭقسى› نىڭ شاھىدى بولدى .
قاتناش ئۇنۋېرسىتتى كىينكى قېتىملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدى .
تۆۋەندە نەزرىڭلا فىلەشتە بۇلسۇن . مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئازراق جەريان بىلەن چىمپىيونلقتىكى رەھىمسىز نۇقتا توپ جىڭى
مۇسابىقە رەسىملىرى
بىزنىڭ كوماندىمىز

ئەزھەر كوماندىسى



بىزنىڭ مېىىسسى ، بوي پاكا ، ئەمما بىزنىڭ بىرنىچى توپمىزنى مۇشۇ بالا كاللا بىلەن ئۇرۇپ قويدى

كوماندا ئەزالىرىمىز بىلەن توپ مەستانلىرىمىز خاتىرە سۈرەتتە
شاڭخەيدىكى باللار ما تىمىغا ئنكاس يېىزىپ قۇيۇڭلا ، بىزمۇ يىغىلايلى!!! باشلىقلار ما تىمىنى چوققىلاپ قويساڭلار[ بۇ يازمىنىبۈركۈتدە2012-04-09 22:12قايتا تەھرىرلىد ]