بارسىلونانى ئىسپانلار باش كۆتەگىلى قويمىغان دەۋىرلەر ئىكەن. ھازىر ئوخشىمايدۇ ئەسكەرلىرنى مەيدانغا ئەكىرىپ ھەيۋە قىلىپ ئوينىيالمايدۇ. مادىرت ئەينى ۋاقىتتابارسىلونا بىلەن تەڭسىز رىقابەتلەشكەن. ئۇ چاغلاردا ئادەم سېتىۋىلىش ئىشلىردىمۇ مادىرتقا يان بېسىش ئىشلىرى ناھايتى ئېغىر. دىستىفانومۇ ئەسلى بارسىلونا بايقاپ سېتىۋلىشقا ئاز قالغاندا مادىرت ئارلىشىپ سودىنى بۇزغان. شۇنىڭ بىلەن بارسىلونا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىگە ئەرز سۇنغان. پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىمۇ ئىسپانلار تۈزۈلگەن بولغانتىكىن مادىرتقا يان بېسىپ دىستىفانونى بىر يىل مادىرتتا بىر يىل بارسىلونادا توپ ئوينايدۇ دەپ مۇجمەل ھۆكۈم چىقىرىپ بارسىلونانى چىكىنىپ چىقىشقا زورلىغان. مادىرت ئۇ چاغلاردا ئۇدا 5 يىل لوڭقا ئالالىغان بولسىمۇ ھازىرقىدەك پۇتبۇل ھەركىتى ھەممە تەنھەركەتنىڭ سەركىسى بولغان ۋاقىتتا ھەل قىلغۇچقىمۇ كىرەلماۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر ئەينە ۋاقىتقا ئوخشىمايدۇ . مادىرت سامان يول جەڭ كېمىسنى ئىككى قېتىم قۇرۇپمۇ بىر قېتىممۇ لوڭقا ئالالمىدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەڭگۈ پۇتبۇل مەيدانىدا بولسىمۇ ئېزلگۈچىلەردىن دەككىسنى يەپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ھەرگىزمۇ قېرىنداش دوسلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئەمەس . توغرا چۈ شۈنۈڭلار سەل ھاياجانلىنىپ قالغاندىمەن.