ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئالامەت، كۈنلىرىڭلار كارامەت ئۆتىۋاتقاندۇ تورداشلار؟!
;4:[kv@ BzXTHFMSy بىر بارسىلونا مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇزۇن بولغان مەن مۇشۇ بارسىلونا توغىرىلىق بىرەر تىما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككىلى، بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىپتى، ئانچە مۇنچە ئۇيەر بۇ يەردىن توپلىغان ماتىرياللار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بويىچە بىر نەرسە يېزىپ باقاي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىر يېزىپ باقاي، كۆڭلۈڭلىگە ياقسا ياققانچە، بولمىسا «ھە» دەپلا ئۆتكىزىۋىتەرسىلەر
5qL;@Y يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، يەنى گۇئاردىئولا بارسىلونا كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغاندىن بۇيان، بارسىلونا كوماندىسى يېڭى بىر ئالتۇن دەۋىرنى ياراتتى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا، جۈملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى داڭدار كوماندىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «بارسىلونا بۇرۇن قانداقراق بىر كۇلۇب بولغىيتى» دىگەن ئوي-خىياللار كېلىشى مۇمكىن . شۇڭا مەن بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىدىكى(巴萨梦之二队 دىگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي مۇشۇنداق ئېلىپ قويدۇم، كۆپچىلىك بولسا توغرا ئاتىلىشىنى دەپ بەرسەڭلا ئۆزگەرتىپ قويسام.

) ئەزالار ۋە شۇ چاغدىكى بارسىلونانىڭ نەتىجىلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ باققان بولسام(قىسقىچە)، ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئەسلەپ باقسا ۋە چۈشىنىپ باقسا دىگەن ئۈمىدتە.
M(|6YF7u ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، 2011-يىلى ئېتتونىڭ روسىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىرى بولغان رونالدىنخو، دېكو، ئېتتو قاتارلىق ئۈچەيلەن ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمىلەردىن ئايرىلدى، يەنى ئۇلارنىڭ سايىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىن بارا بارا ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. ھەمدە شاۋى، پۇيول، مېسسى قاتارلىق لاماسسىيا تەربىيىلەش بازىسىدىن چىققان بىر نەچچەيلەندىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بارسىلونانىڭ 2006-يىلى قوش چىمپىيون بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان توپچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىبۇرۇن بارسىلونادىن ئايرىلدى ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رونالدىنخو باشچىلىقىدىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاستا ئاستا ئەسلىنىشكە باشلىدى. رونالدىنخونىڭ خۇددى سېھىرگەردەك توپ ئوينىتىشلىرى، ئېتتونىڭ قاپلاندەك يۈگۈرۈشلىرى، دېكونىڭ قورال ياراق ئىسكىلاتىدەك ھۇجۇمچىلارغا توپ يەتكۈزۈپ بېرىشلىرى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ترىشچانلىقى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئېرشكەن شەرەپلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتەيلى.
M669G;w(K ئاساسلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرى:
a
!yBEpMo ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيونلىقى ئىككى قېتىم: (2004-05 مۇسابىقە پەسلى، 2005-06 مۇسابىقە پەسلى)
s}93nv*ez ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئىككى قېتىم:(2005-يىلى، 2006-يىلى)
0PdX>h.t ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى بىر قېتىم:(2005-2006 مۇسابىقە پەسلى)
[!S%nYs&8L +'"NKZ.>TT بارسىلونا كوماندىسىنىڭ 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى ئالغاندىكى خاتىرە سۈرىتى
zLSha\X vWZ?*0^ ``,q[| ئەمدى بارسىلونانىڭ شۇ چاغدىكى ئەزالىرىنى ئەسلەپ ۋە تونۇشۇپ چىقايلى.
We@wN: باش تېرىنىر:فىرانىك رىجېكارد
bmw"-W^U[
9@ 8)ZHf رىجېكارد 1962- يىلى 9- ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامۇستىردامدا تۇغۇلغان ، 1998-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا تېرىنىرلىق ھاياتىغا قەدەم قويغان، 2003-يىلىدىن2008-يىلى يازغىچە بارسىلونادا تېرىنىرلىق قىلغان، 2006- يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرىنىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
7KZ>x*o FfibR\dhY 1. ۋېكتور ۋالدېس (ۋارىتار)
86ml.VOR
rE4qPzL ۋالدېس 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسپانىيە بارسىلونادا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 183 سانتېمىتىر. ۋالدېس بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىدا يېتىشىپ چىققان بولۇپ، 2002-03- مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ھەمدە 2003-04-مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋارىتار ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، 2006-يىلىدىكى پارىژ بارسىلونا چۈش2- كوماندىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە ھەمدە ۋالدېسنىڭ بىر كېچىدىلا «پولات جەڭچى»گە ئايلانغانلىقىغا شاھىت بولدى، يەنى 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋالدېس ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بارسىلونانىڭ چىمپىيون بولۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئەڭ دەسلەپ ۋالدېسنىڭ بەزى مۇسابىقىدىكى سەۋەنلىكلىرى كۆپ بولغانلىقتىن ئىزچىل كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا ئۇچرايتتى،ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە يەتتى، ھازىرغىچە ئۇ تۆت قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى «ئەڭ ياخشى ۋارىتار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بەلكىم ئۇ ئەڭ ياخشى ۋارىتار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بارسىلونا پۇتبول سېستىمىسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ۋارىتار دەپ قاراشقا بولىدۇ.
jHM}({)- #yR@.&P 2. جۇلىيانو بېللەتتى (بېك)
ziG]BZ
m^Rf6O^ بېللەتتى 1976-يىلى6-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 179 سانتېمىتىر. بېللەتتى 2004-يىلى بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دەل مۇشۇ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بېللەتتىنىڭ توپ ئۇرىشى ئارقىلىق بارسىلونا ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلىپ ھېنرىنىڭ ئارسىنالدىكى بىردىن بىر ئارزۇسىنى بەربات قىلىپ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى، بېللەتتى كوماندىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى تۈپەيلىدىن 2007-يىلى چېلسى كۇلۇبىغا قېتىلدى، 2010-يىلىغا كەلگەندە چېلسى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ، ئۆز يۇرتى يەنى بىرازىلىيىدىكى فۇلۇمىنسى كۇلۇبىغا قېتىلدى، ئەمما يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالماي 2011-يىلى كۇلۇپ بىلەن توختامنى بىكار قىلدى، 2011-يىلى6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېللەتتى رەسمىي ھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرىلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، تولا يارىلىنىش بېللەتتىنى ئاخىرى مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا قىستاپ قويغانىدى.
jBnvu@K " pk2}]jx" 3. دىياگو موتتا (ئارقا بەل)
mp+lN:
%.n 7+ موتتا 1982-يىلى8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان، بىرازىلىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. بوي ئېگىزلىكى187 سانتېمىتىر. موتتا 1999-يىلى بارسىلونا ياشلار كوماندىسىغا قېتىلغان، 2001-02- مۇسابىقە پەسلى رەسمىي ھالدا بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسى ئەزاسى بولغان، شۇ جەرياندا ئۇ رونالدىنخو، دېكو لار بىلەن كۈچلۈك بولغان «بىرازىلىيە گوروھى»نى شەكىللەندۈرۈپ، بارسىلونا ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلغان. موتتا بارسىلونا كوماندىسىدا تۇرغان ئالتە مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي6 توپ ئۇرغان.
eWwI@ASaA 2007-يىلى ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2008-يىلى ئىتالىيە گىنوئا كوماندىسىغا قوشۇلغان،2009-يىلىغا كەلگەندە ئېنتىر مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغان ئۇ يەردە ئىككى يېرىم يىل تۇرغاندىن كېيىن 2012-يىلى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا فىرانسىيىنىڭ پارىژ گېرمان كوماندىسىغا قېتىلغان.
ziBg' ]U,f}T"e 4.رافائىل ماركىس (بېك)
~R\Z&oQ
4Js9"
ماركىس 1979-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مېكسىكىدا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 177 سانتېمىتىر. ماركىس 2003-يىلى يازدا بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان،ماركىسنى ئوتتۇرا بېكتىن ئارقا بەل قىلىپ ئۆزگەرتىشنى لىجېكاردنىڭ «ئەسەر»ى دىسەك بولىدۇ. 2004-05-مۇسابىقە پەسلىدە موتتا، ئېدىمىلسون قاتارلىقلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن يارىلىنىشى سەۋەبىدىن ماركىس تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەمدە ئۆز ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاپ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە 34 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇردى، شۇنداقلا بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيون بولۇشىغا كۈچ چىقاردى، تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى ماركىس 2009-يىلى بارسلونا كوماندىسى بىلەن بىراقلا ئالتە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ يېڭى بىر رىكورت ياراتتى. 2010-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى ئامىرىكا نىيويورك قىزىل كالا كوماندىسى ماركىسنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن يەتتە يىل كۈچ چىقارغان توپچى رەسمىي ھالدا بارسىلونادىن ئايرىلدى. om'DaG`A
yvz2eAXa
5.پۇيول (بېك) 7ZVW7%,zF
EO[UezuU
بارسىلونا كوماندا باشلىقى پۇيول 1978-يىلى4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيە رايۇنىدا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 179 سانتېمىتىر ، پۇيول 7 يېشىدىلا بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسى لاماسسىيەگە كىرگەن بولۇپ، كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا بارسىلونا ب كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرغان، 1999-يىلى10-ئاينىڭ2-كۈنى تۇنجى قېتىم بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ۋاكالەتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، بارا بارا ئۇ ئوڭ بېكلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان، كېيىنچە ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ئارقىلىق تىرىشىپ ئوتتۇرا بېك ئويناشقا كۆنگەن ھەمدە دۇنياۋىي ئوتتۇرا بېك بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 2003-04-مۇسابىقە پەسلى پۇيول بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچىنچى كوماندا باشلىقىلىققا تەيىنلەنگەن، 2004-05-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئۇ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بىرىنچى كوماندا باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە شۇ يىلى نوكامپۇدا لوڭقا كۆتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.2005-06-مۇسابىقە پەسلىدىمۇ پۇيول ئۆزىنىڭ رولىنى ئىنتايىن ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلىق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن، پۇيول چۈش2- ۋە ھازىرقى چۈش3-كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارسىلونانى ئىزچىل يېتەكلەپ ماڭماقتا. ;+/[