ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئالامەت، كۈنلىرىڭلار كارامەت ئۆتىۋاتقاندۇ تورداشلار؟! xbi\KT`~ zf8SpQ2~ بىر بارسىلونا مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇزۇن بولغان مەن مۇشۇ بارسىلونا توغىرىلىق بىرەر تىما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككىلى، بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىپتى، ئانچە مۇنچە ئۇيەر بۇ يەردىن توپلىغان ماتىرياللار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بويىچە بىر نەرسە يېزىپ باقاي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىر يېزىپ باقاي، كۆڭلۈڭلىگە ياقسا ياققانچە، بولمىسا «ھە» دەپلا ئۆتكىزىۋىتەرسىلەر rV\G/)xL يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، يەنى گۇئاردىئولا بارسىلونا كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغاندىن بۇيان، بارسىلونا كوماندىسى يېڭى بىر ئالتۇن دەۋىرنى ياراتتى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا، جۈملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى داڭدار كوماندىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «بارسىلونا بۇرۇن قانداقراق بىر كۇلۇب بولغىيتى» دىگەن ئوي-خىياللار كېلىشى مۇمكىن . شۇڭا مەن بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىدىكى(巴萨梦之二队 دىگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي مۇشۇنداق ئېلىپ قويدۇم، كۆپچىلىك بولسا توغرا ئاتىلىشىنى دەپ بەرسەڭلا ئۆزگەرتىپ قويسام. ) ئەزالار ۋە شۇ چاغدىكى بارسىلونانىڭ نەتىجىلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ باققان بولسام(قىسقىچە)، ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئەسلەپ باقسا ۋە چۈشىنىپ باقسا دىگەن ئۈمىدتە. bLS10^g5 ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، 2011-يىلى ئېتتونىڭ روسىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىرى بولغان رونالدىنخو، دېكو، ئېتتو قاتارلىق ئۈچەيلەن ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمىلەردىن ئايرىلدى، يەنى ئۇلارنىڭ سايىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىن بارا بارا ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. ھەمدە شاۋى، پۇيول، مېسسى قاتارلىق لاماسسىيا تەربىيىلەش بازىسىدىن چىققان بىر نەچچەيلەندىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بارسىلونانىڭ 2006-يىلى قوش چىمپىيون بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان توپچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىبۇرۇن بارسىلونادىن ئايرىلدى ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رونالدىنخو باشچىلىقىدىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاستا ئاستا ئەسلىنىشكە باشلىدى. رونالدىنخونىڭ خۇددى سېھىرگەردەك توپ ئوينىتىشلىرى، ئېتتونىڭ قاپلاندەك يۈگۈرۈشلىرى، دېكونىڭ قورال ياراق ئىسكىلاتىدەك ھۇجۇمچىلارغا توپ يەتكۈزۈپ بېرىشلىرى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ترىشچانلىقى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئېرشكەن شەرەپلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتەيلى. HY_>sD ئاساسلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرى: 9{3_2CIL ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيونلىقى ئىككى قېتىم: (2004-05 مۇسابىقە پەسلى، 2005-06 مۇسابىقە پەسلى) 'DXT7|Df ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئىككى قېتىم:(2005-يىلى، 2006-يىلى) 1.u^shc&| ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى بىر قېتىم:(2005-2006 مۇسابىقە پەسلى) MB:[: nX Q7e4MKy7
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى ئالغاندىكى خاتىرە سۈرىتى a~@f,b
w q|%+?j( Y,L[0% ئەمدى بارسىلونانىڭ شۇ چاغدىكى ئەزالىرىنى ئەسلەپ ۋە تونۇشۇپ چىقايلى. z9&j باش تېرىنىر:فىرانىك رىجېكارد P
L_9uwua.B~ رىجېكارد 1962- يىلى 9- ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامۇستىردامدا تۇغۇلغان ، 1998-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا تېرىنىرلىق ھاياتىغا قەدەم قويغان، 2003-يىلىدىن2008-يىلى يازغىچە بارسىلونادا تېرىنىرلىق قىلغان، 2006- يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرىنىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. F0&ubspt |